2013-يىللىق شىنجاڭ مەمۇرىيلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتى باشلاندى، بۇ قېتىم ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە جەمئىي 7760 نەپەر مەمۇرىي قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. تېزىملىتىش شەرتلىرى: قىسقارتىلدى
2. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
تېزىملىتىش، پۇل تۆلەش ۋاقتى:
توردا تېزىملىتىش ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 كىچە؛
نەق مەيداندا سالاھىيەت بېكىتىش: 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 كىچە؛
پۇل تۆلەش ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 28-كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 كىچە؛
پۇل تۆلەش ئۇسۇلى: توردا تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ
يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى
يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 8 يېرىمدە
سالاھىيەت بېكىتىش ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە
يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگخچە
بەدەن ئىقتىدارىنى سىناش: 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلىنىدۇ
سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىنلا قوبۇل قىلىنغانلار ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.
قوبۇل قىلىنىش رەت-تەرتىپى: قىسقارتىلدى
ھەق ئىلىش ئۆلچىمى:
تېزىملىتىش ھەققى 15 يۈەن، يېزىقچە ئىمتىھان ھەربىر پەن 40 يۈەن
يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ھەققى : 40 يۈەن
سالامەتلىك تەكشۈرتىش ھەققى دوختۇرخانا ئۆلچىمى بويىچە ئىلىنىدۇ.
يېزىقچە ئىمتىھان:
«بايان ۋە مۇھاكىمە»، «،مەمۇرىي كەسپى ئىقتىدارىنى سىناش»
سوت مەھكىمىسى، قانۇن ياردەمچىسى، تەپتىش ۋە شۇنىڭغا ئائىت ئورۇنلارغا تېزىملاتقۇچىلار يەنە «قانۇن كەسپىدىن ئاساس» دىن ئىمتىھان بىرىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئالاھىدە ساقچى، ئورمان ساقچىسى ۋە سوت، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدىلىيە ساقچىسى ئورنىغا تېزىملاتقۇچىلار يەنە «جامائەت خەۋىپسىزلىكى بىلىملىرىدىن ئاساس» دىن ئىمتىھان بىرىدۇ
ئۇيغۇرچە ئىمتىھان بىرىدىغانلار يەنە «خەنزۇتىلىدىن ئاساس» دىن ئىمتىھان بىرىدۇ، بۇ نەتىجە يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلمايدۇ، بىر تۇتاش نۇمۇر سېزىقى بېكىتىلىدۇ. خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن 6-دەرىجىدىن يۇقىرى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلى سىناش ئىمتىھانىدىن 3-ئا دەرىجىدىن ئۆتكەنلەر يۇقارقى ئىمتىھاننى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
يېزىقچە ئىمتىھانغا نۇمۇر قوشۇش سىياسىتى:
ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلىدا ئىمتىھان بەرسە 10 نۇمۇر قوشۇلىدۇ.
ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى:
ئۇچۇرلار بىر تۇتاش ھالدا تورغا ئېلان قىلىنىدۇ، توردا ئىمتىھانغا تېزىملىتىش ئادرىسى: شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھانى تورى
نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ئادرىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق كادىرلار نازارىتى توربېكىتى، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توربېكىتى، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھانى توربېكىتى ۋە جايلاردىكى تەشكىل ۋە ھۆكۈمەت توربېكىتىدە ئېلان قىلنىدۇ.
ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا تورداشلارنىڭ يۇقارقى توربېكەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى ئەسلى ئۇچۇردىن كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ستۇدېنتلار ئۇچۇر تورى
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=15503