مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1495|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94942
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2013-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 12:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قۇرۇلدى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىياللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈملۈك بىرىكمىسى ئەۋرىشكىسى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان. تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ زامانىۋى ۋە قەدىمىي رېتسېپلىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئوخشاشمىغان بۆلەكلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىلارنى تەييارلاپ ياساش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق رەقەملەشتۈرۈپ خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كەسكىن رىقابەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى دورا ماتېرىياللىرى، داۋالاش رېتسېپلىرى، كېسەللىك قاتارلىق يەتتە خىل تارماق سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا ئايرىلغان. ھاجەتمەنلەر كومپيۇتېرغا ئۆسۈملۈك نامى، رەت نومۇرى، قۇرۇلما شەكلى، مولېكۇلا فورمۇلاسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شىن شۆلېي بۇ سىستېمىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سىستېمىدا نەچچە يۈز خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىيالى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە دورىلىق قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش، باھالاش، بىرىكمىلىرىنى ئايرىپ ئېلىش، خىمىيىۋى سېلىشتۇرما بۇيۇملىرىنى تەييارلاش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىر بۇ سىستېمىغا 3000 خىلدەك ئۆسۈملۈكنىڭ تەركىبىگە دائىر ئۇچۇر، 1000 خىل بىرىكمىنىڭ يەككە تەن ئۇچۇرى، جۈملىدىن كېلىش مەنبەسى، تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە ماس فىزىكا - خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلدى. يەتتە خىل ئۆلچەملىك ئەۋرىشكە دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئېتىراب قىلىشىغا ئېرىشتى.

    ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرچىلىكىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مېنېرال ماددىلار بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەل داۋالاش جەھەتتە مول ئەمەلىي تەجرىبە ۋە تېخنىكا توپلانغان، شۇنداقلا ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دورىگەرلىك ئىلمى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى تېرە كېسىلى، يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلى، قەنت كېسىلىگە ئۆزگىچە شىپا بولىدۇ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى تەننەرخى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي تەبئىي بولغاچقا، بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر: بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى تەتقىقاتچىلىرىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېيىشتى.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 09:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق ئىدى.ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتى سەل ئاستا.ھەممىمىز ئۇنى قوغدىشىمىز،قوللىشىمىز،گۈللەندۈرشىمىز كېرەك

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80084
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3817
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 09:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتۇ ،بولسا تېخىمۇ گۈللەنگەي مىللىي تىبابىتىمڭز!!

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 09:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ ئۇيغۇر  تىلمىزغا ئوخشاش كۆڭۈل  بۈلشىمىزگە مۇھتاج  !!!! 

بىز بولساقمۇ   ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ دورىللىرنى ئىشلىتەيلى....  زۇكام جەۋھىرىگە ئوخشاش دورىلارنى .

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 10:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ... ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىىچە نەسلىنىڭ داۋلىشىدا بىر كىشلىك رول ئويناپ  كەلدى....  ئۇيغۇر تىبابىتى ئەمىليەتتە بىر ئۆلمەس ھەقىقىەت ،،  ئۇ ئىنسانىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتىنى ساغلام داۋملاشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ....

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3544 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 11:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئۇنۇم بىرىشى تولىمۇ ياخشى. مەن بۇ دورىلارنى كۆپ ئىچىمەن. يىقىندىن بۇيان قوللىرىمنىڭ بوغۇملىرى بەكلا سىقىراپ ئاغىرىپ يەنە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىمەن. ئەگەر تورداشلار بىلسە ماڭا يەنە قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەم بولىدۇ دەپ بەرگەن بولسا.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 07:13:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بولۇپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 10:37:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بولۇپتۇ

دوسلار يا خشڭمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4481
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 10:52:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 01:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش