|
|
|
|
ھۆكۈمەت ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن ھاراق ئىچىدىغان كەنىت كادىرى
ۋۇۋېي ناھىيەلىك ج خ قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا ، 2013- يىل 4-ئاينڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە قاتناش ساقچىلىرى شىياڭئەن بازىرىدا B789XX نومۇرلۇق يېشىل رەڭلىك موتسېكلىت مىنگەن40 ياشلاردىكى بىر ئەرنىڭ ھاراق ئىچىپ ، مەسىت بوپ قالغانلىقىنى سېزىپ ئۇنى توسقان.
يولۇچى دەسلەپ ھاراق ئىچكەنلىكىنى تەن ئالماي تۇرىۋالغان . بەدەندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈشتە ئۇياقنىڭ راستىنلا ھاراق ئىچكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن ئەسلىدە بىر كەنىت كادىرى بولغان بۇ موتسېكلىتلىق ئەر ئاخىر قىلچە ھېيىقماستىن شۇ كۈنى چۈشتە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر كەنىت ئاھالىسى بىلەن ھاراق ئىچكەنلىكىنى ، بۇنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق ئىش ئىكىنلىكىنى ؛ مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۆزىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.
http://v.ifeng.com/news/society/ ... -b7ab19c4f007.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-13 11:15 AM
|
|
|
|
|
|