ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى ۋە ھەركەت شەكلىنىڭ ساقلىنىشى
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەريىسى زەررىچە ،جىسىم ۋە بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس ۋە ۋەزىپە قىلىدۇ.ھازىرغىچە كەلگەن فىزىكا فىزىكىلىق ئالەمنى شەكىل نۇقتىسىدىن سىستىمىلىق ۋە چوڭقۇر ئىزدەنمىدى .
ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىم مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولۇپلا قالماي ھەرقانداق ھەركەت مۇئەييەن ھەركەت شەكلىدەئىپادىلىنىدۇ.ھەركەت شەكلىدىن مۇستەسنا ھەركەت مىقدارى ئۇقۇمىنى ۋە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.يەنى، بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ۋە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل ھەركەت شەكلىنى شەرىت قىلىدۇ.دىمەك، ئۇز نۇۋىتىدە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى ھەركەت شەكلىنىڭ ساقلىنىشى دەپمۇ چۈشۆنۆشكە بولىدۇ.
شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا سىممىتىرىيىلىكنىڭ ساقلىنىشى ۋە بۇزۇلۇشى شەكىلنىڭ ساقلىنىشى ۋە بۇزۇلۇشى بىلەن زىچ ئالاقىدار ئۇقۇم.فىزىكا ئەڭ ئۇمۇمى قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.ئومۇمىلىقتا سىمىتىرىيىلىك ساقلىنىدۇ.
ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئۇنى بارلىق ھالەتلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.ئىنىرىتسىيە قانۇنى يەنە ئۇز نۇۋىتىدە شەكىل ئىنىرىتسىيسىدىن ئىبارەت.
يەنە شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۆشكە بولىدۇكى، فىزىكىدىكى سىپىن ئۇقۇمى ھەركەت شەكلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم،ھەركەت شەكلىدىن مۇستەسنا تۇرۇپ سىپىن ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.
يەنە شۇنى ئۆزۆل-كېسىل مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،«دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت»زەرىچىنىڭ ھەركەت شەكلى.شەكىل ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا دولقۇن ئۇقۇمىنى ھەرگىز تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.
دولقۇن گىراپىكى
فىزىكىلىق ئالەمنى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش يەنە بىزگە بىئولۇگىيىلىك ئىرسىيەت ئۇقۇمىنى شەرىتلىك ھالدا بىر پۇتۇن ئالەمگە كېڭەيتىشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ.شەكىل ئىرسىيىتى بىئولۇگىيەدىكى مۇھىم ئۇقۇملارنىڭ بىرى.فىزىكىلىق ئالەم مەيلى ماكرۇ ياكى مىكرۇ نۇقتىدىن ئىتايلى ئىزچىل ھالدا شەكىل دەۋرىلىگىنى ئىپادىلەيدۇ.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئىرسىيەت يالغۇز بىئولۇگىيىلىك دۇنيانىڭ پاتىنتى ئەمەس.شار شەكىللىك ئىلىكتىرۇن بىلەن مۇتلەق كۇپ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكىل نۇقتىسىدىن ئوخشاشلىغى سۇزىمىزنىڭ دەلىلى.شەكىل ساقلىنىدۇ ۋە دەۋرى بولىدۇ.
DNA双螺旋结构
DNAمودىلى
ئىرسىيەت شېفىرىنىڭ تەركىپلىگۇچىلىرى قوش بۇرمىسىمان تىرايىكتۇرىيە بۇيىچە تىزىلغانلىغى ھەممىمىزگە مەلۇم.ھالبۇكى بۇ خىل قوش بۇرمىسىمان،تاق بۇرمىسىمان،كۇپ بۇرمىسىمان سېفرال تىرايىكتۇرىيەلەرنى كېڭىيىۋاتقان ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتىدە كۇپلەپ ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىن باشقا،مۇئەييەن يۇنۇلۇشكە قاراپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان ئاتۇمنىڭ ئىلىكتىرۇنلىرىنىڭ ھەركىتىنىڭ ئىزى, ئۇزى بىسىپ ئۇتكەن بۇشلۇقتا ھامان ئەشۇنداق بۇرمىسىمان تىرايىكتۇرىيە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
خۇددى تەبىئەت دۇنياسىدا ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇت دەپ قارالغىنىدەك،تەبىئەت دۇنياسىدا يەنەئاساسى ھەركەت شەكىللىرى مەۋجۇت دەپ قاراشقا بولىدۇ.چۈنكى زەررىچە ۋە ھەركەت(ماددا ۋە ھەركەت)بىر-بىرسىدىن ئەسلا ئايرىلالمايدىغان ئوبىكتىپ رىياللىق.ھەركەت شەكىللىرىنى تۇرلەرگە ئايرىشتا ئىلىمنتار ھەركەت شەكلى، ھاسىلى ھەركەت شەكلى قاتارلىق ئۇقۇملارنى تۇرغۇزۇش زۇرۇردەك قىلىدۇ.
http://tieba.baidu.com/photo/p?kw=%BB%F4%C7%F1%D2%BB%D6%D0&flux=1&tid=2123352697&pic_id=a9d3fd1f4134970a8fabd01c94cad1c8a7865d2d&pn=1&fp=2&see_lz=1
قوياش سىستىمىسىدىكى بىر قىسىم پىلانىتلارنىڭ سامان يولىدىكى ھەركەت شەكلى
http://tieba.baidu.com/p/2123352697
يۇقۇرقى سۇرەتلەردىن قارىغاندا سىفرال تىرايىكتۇرىيە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسى ھەركەت شەكلىدەك قىلىدۇ.يۇقۇرقىدەك شەكىل «دۇلقۇنلۇق خۇسۇسىيەت»نىڭ ئوبرازلىرىنى ئۇزىدە ھازىرلىغان بولۇپ ،بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
دىمەك مەيلى ھاياتلىق دۇنياسى ياكى غەيرى ھاياتلىق دۇنياسى بولسۇن _ ئۇلار ئۇرتاق ئەمەل قىلىدىغان تۇپ قانۇنىيەتلەر بار.بۇ تۇپ قانۇنىيەتلەر ئىچىدىكىئاساسى ھەركەت شەكىللىرىمۇ ھەر ئىككى دۇنيائۇچۈن ئورتاق.بۇ نۇقتىدىكى ئىزدىنىشلەر بىزنى ئالەمنىڭ بىر پۇتۇنلىگىىنى دەلىللەيدىغان نۇرغۇن گۇزەل مەنزىرە ۋە نەتىجىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى،شەكىل نەزەريىسىنىڭ «كىرىشتۇرمە تەتقىقات»تەشەببۇسى ھەرئىككى دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئەۋزەللىككە ئىگە.
ھەركەت مىقدارى ھەركەت شەكلىدىن كەلتۇرۇلۆپ چىقىرىلىدىغان مىقدار،ھەركەت شەكلى ساقلانمايدۇ دەپ قارالسا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تورغۇزغىلى ئەسلا بولمايدۇ.ئۇزۇل-كېسىل ئېتىشقا بولىدۇكى ،ھەركەت شەكلى ساقلىنىدۇ.
يەنە شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى،فىزىكىلىق ئالەم كەم دىگەندىمۇ سىزىقلىق ۋە بۇلۇڭلۇق ھەركەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاساسى ھەركەت شەكلىنىڭ دەۋرى قىلىشى ,نۇۋەتلىشىپ كېلىشى ، مىقدارلىرىدا پەرىق بولسىمۇ شەكىل جەھەتتىن پارالىل،ماس قەدەملىك يۇزبىرىشى بىلەن ھازىرقى رىياللىغىغا ئىرىشكەن.بىرلا خىل ھەركەت شەكلى بار دەپ قارالسا تۇرغۇن ئالەم شەكىللەنگەن بولاتتى.ھالبۇكى،نۇۋەتتىكى ئىلىم - پەن ۋە تەجىربە،كۆزۆتۈش نەتىجىلىرى بۇنداق تۇرغۇن ئالەمنى قوللىمايدۇ.بىز ھازىر ئاتۇمدىكى ئىلىكتىرۇن ۋە يەرشارىنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتنىشىدىغانلىغىنى بىلىمىز،يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگەئۇلارنىڭ فىزىكىلىق ئالەمنىڭ كېڭىيىش ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقانلىغىنىمۇ بىلىمىز.بۇ پاكىتلار نىيوتۇننىڭ بىرىنجى قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىملىغىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
بۇ , ئالەمنى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىقى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى دەڭسەپ كۇرۇدىغان ئاددى بىر يازما.بۇ تەشەببۇسقا تۇتۇلىدىغان تەنقىدى نەزەرلەر شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرىش قودرىتىنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت!.
2013.5.12