مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2363|ئىنكاس: 28

جەننەتنىڭ ئىشىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22525
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 9617
تۆھپە نۇمۇرى: 326
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 12:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

jannat.jpg



جەننەتنىڭ ئىشىكى



ئابدۇرېھىم ئابلەتخان




بۇ توقۇلما ئەمەس. ھەقىقى بولغان ئىشلار.

بىرنەچچە يىل بۇرۇن بىر بوۋاي بىلەن ئىككى كۈن بىللە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. دەسلەپتە بوۋاينىڭ خاتىرىسى شۇنداق كۈچلۈك ئىدى. بالا چاغلىرىدىكى ئىشلارنىمۇ خۇددى بايىلا يۈز بەرگەندەك ئوچۇق سۆزلەپ بېرەتتى. ئەمما بەزىدە ھېلىلا قىلغان ئىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. تۇنجى كۈنى بوۋاينىڭ نېرۋىسىدا سەل مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمما ئەتىسىگىچە بوۋاينىڭ روھىي ھالىتىنىڭ مەندىنمۇ ياخشىلىقىغا ھەيران قالدىم.

ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شۇ يۇرتقا يەنە بېرىپ قالدىم. ھېلىقى بوۋاي يادىمغا كەلدى. ئەھۋال سوراي دەپ ئۆيىگە باردىم. بىراق بوۋاي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ بوۋاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى بەزى ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم. بالىلىرىغا مەن ئىلگىرى بوۋايدىن ئاڭلىغانلىرىم بىلەن ئۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ قايتىدىن سۆزلەپ بەردىم. ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. شۇ كۈنى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. چىرايلىق ۋە ئازادە ئولتۇردۇق. كەچكىچە بوۋاينىڭ ۋە باشقا بوۋايلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى سۆزلەندى.

ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە نىمىشقىدۇر شۇ ۋاقىتتىكى پاراڭلارنى سىلەرگىمۇ سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم.

.......بىر بالا دادىسى بىلەن ياشايدىكەن. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بالىنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆيى يازدىمۇ قىشتەك سوغۇق بىلىدىكەن.
بالا پەقەت ھەر ئاخشىمى دادىسى بىلەن ئۇخلاشقا ياتقاندا ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ قالىدىكەن .

بالا دادىسى ئېتىزغا كەتكەندە ئاپىسىدىن قالغان دوپپىنى كىيىۋېلىپ ھويلىدا ئوينايدىكەن. تام تۈۋىدە كېتىۋاتقان چۈمۈلىلەرنىڭ ئالدىنى توساپ، ياكى ئۇلارغا توپا ياغدۇرۇپ ئوينايدىكەن. سوقما تامنىڭ يېرىقلىرىغا پۈدەيدىكەن. ياكى كىچىك ياغاچلارنى تىقىپ كولاپ باقىدىكەن.   

بەزىدە سىرتتىن بالىلارنىڭ خوشال سۈرەنلىرى ئاڭلىنىپ قالىدىكەن.  بالا كونا ئىشىكنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ ئىشىك يېرىقلىرىدىن سىرتقا قاراپ كېتىدىكەن. سىرتتىكى بالىلار ئويۇننىڭ قىززىقلىقىدا ئىشىك يوچۇقىدىن ئۆزلىرىگە ماراپ قاراۋاتقان بىر جۈپ قارا كۆزنى سەزمەيدىكەن.

بالا پىشانىسىنى ئىشىككە تىرىگىنىچە يېرىقتىن سىرتقا قاراپ تۇرىۋېرىدىكەن. بىر سائەت، ئىككى سائەت شۇنداق قارايدىكەن. بىر چاغلاردا سىرتتىكى بالىلار ئويۇنلىرىنى تۈگۈتۈپ تارقاپ كېتىدىكەن. ئەمما بالا، بوش قالغان كوچىغا قاراپ تۇرىۋېرىدىكەن. تۇرىۋېرىپ پىشانىسى كۆيۈشۈپ ئاغرىيدىكەن. شۇندىلا بالا ياغاچقا تېگىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پىشانىسىنى سىلىغىنىچە ئىشىككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدىكەن.
بىچارە بالا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسى يوقكەن.

كۆز باغلانغاندا دادىسى ئېتىزدىن قايتىپ كېلىدىكەن. ئالدىراپ يۈز-قوللىرىنى يۇيۇپلا بالىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن. بالىنى جىق يىيىشكە زورلاپ ئۆزى بالىسىدىنمۇ ئاز يەيدىكەن. بالا تاماقنى چېچىپ قويسا دادىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىكەن. ئۇنى تاماق يىگەندە تىزلىنىپ تىك ئولتۇرۇپ يىيىشكە مەجبۇرلايدىكەن. دادىسىنىڭ دىيىشىچە شۇنداق ئولتۇرسا چوڭ بولغاندىمۇ تىك ئولتۇرىدىغان ئادەم بولىدىكەن. رىسقى بار ئادەم بولىدىكەن.

بەزىدە دادىسى تاماق يەۋاتقان بالىسىغا قاراپ جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. بالا دادىسىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ بېشىنى كۆتۈرسە دادىسى بالىسىدىن كۆزىنى ئەپقېچىپ باشقا ياققا قارىۋالىدىكەن.

دادىسى ئۇخلايدىغان چاغدا بالىسىغا قېلىنراق يوتقاننى يېپىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ چاپىنىنىمۇ يېپىپ قويىدىكەن. ئۆزى بولسا تىتىلىپ مازلىرى ئۇ يەر بۇ يەرگە توپلۇنۇپ قالغان (ئەمما دادىسىنىڭ دىيىشىچە بەكلا ئىسسىق)كونا يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلايدىكەن. دادىسىنىڭ ياستۇقى پەس بولغاچقا بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى يۆگىكىنى ياستۇقنىڭ ئۈستىگە قاتلاپ قويۇپ ياتىدىكەن. بالا دادىسىنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاچ ئۇخلاپ قالىدىكەن.
سىز يېرىل تېشىم دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟

بۇ بالىمۇ چۆچەكتىكى يىتىم قىزدەك يىراقلارغا بېرىپ بىرەر تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشنى ئويلىمايدىكەن.  ئۇنداق قىلسا دادىسىنىڭ ھەر ئاخشىمى سوغۇق ئۆيدە تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.  
سىز ئابىھايات دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟

بالا ئابىھاياتنى ئۆزى ئىچمەيدىكەن. ئابىھايات بىلەن ئاپىسىنى قايتۇرۇپ كەلسە چىرايلىق يوتقان ۋە بىر ياستۇق تىكىپ بېرىدىكەن. شۇ چاغدا بالا يېڭى يوتقاننى دادىسىغا يېپىپ قويىدىكەن. ھەر ئەتىگىنى دادىسىنىڭ چاينى قاينىتىپ بولالماي ئوچاقتىكى ئوتۇننى توختىماي پۇدىشىگە ئىچى ئاغرىيدىكەن. ئەگەر ئاپىسى بولسا ئۇلار ئويغانغاندا چاي تەييار بولۇپ تۇرىدىكەن.
ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسى ئەمدى كەلمەيدىكەن. نىمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنى بالا بىلمەيدىكەن. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ يۆگەكنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن ياستۇق قىلىۋالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەگەر دادىسى بالىسنى يېنىغا ئېلىپ پۇراپ ياتسا بالىنىڭ چوڭ بولغاندا ئەركە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئەمما بالا بۇلارنى بىلمەيدىكەن. "دادامنىڭ ياستۇقى پەس" دەپ ئويلايدىكەن.

بەزىدە دادىسىنىڭ يانچۇغىدىن بىرەر تال ئالما ياكى كەمپىتتەك نەرسىلەرمۇ چىقىپ قالىدىكەن. ئەمما دادىسى ئۇنداق نەرسىلەرنى يىيەلمەيدىكەن. ئۇلارنى يىسە چىشى ئاغرىيدىكەن. شۇڭا بالىسىلا يىيەلەيدىكەن.بالا بارا-بارا چوڭ بولۇپتۇ.

دادىسىغا ئوخشايدىغان جىمجىت ھويلىدا، ئانىسىنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاسماننىڭ تېگىدە ئەشۇنداق چوڭ بولۇپتۇ.

بالا مەكتەپكە بېرىپتۇ.

دادىسى ھەر كۈنى ئېتىزغا بېرىپتۇ.

ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەتتىگىنى ئايرىلىدىكەن. كەچقۇرۇن بولغاندا كۆرۈشىدىكەن. دادىسى يۈز-كۆزلىرىنى قارا-ئالا بوياپ يۈرۈپ ئەتكەن تاماقنى بىللە يەيدىكەن. بالا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن. دادىسى ئوچاقنىڭ ئالدىدا خىيال سۈرگىنىچە ئولتۇرىدىكەن. بەزىدە بالا تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بولالماي شىرەگە بېشىنى قويغىنىچە ئۇخلاپ قالىدىكەن. دادىسى ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. قاراپ كېتىدىكەن. بىر چاغدا بېشىنى يانغا قىلىۋالىدىكەن. ئاندىن ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويىدىكەن.

بالىنىڭ شىرەگە يېيىلىپ كەتكەن كىتاپلىرىنى، دەپتەرلىرىنى رەتلەيدىكەن. كەتمەن چېپىپ، كەتمەننىڭ سېپىدەك سىلىق ۋە قاتتىق بولۇپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن كىتاپ ۋاراقلىرىنى شۆرلەيدىكەن. كىتاپ بەتلىرىدىكى رەتلىك تىزىلغان قۇرلارغا ئۇزۇنغىچە قاراپ كېتىدىكەن. ئەشۇ رەتلىك قۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ياخشى بىرنەرسە چىقىپ كېلىدىغاندەك بىلىنىدىكەن. يۈزىدىكى قورۇقلار يېشىلىپ، چىرايى ئېچىلىپ قالىدىكەن. ئۇخلاۋاتقان بالىسىغا قارايدىكەن. قولىنى بالىنىڭ يوتقىنىغا تىقىپ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېھتىيات بىلەن سىلاپ قويىدىكەن.

شۇنداق قىلىپ جىمجىت ھويلا، جىمجىت ئاتا-بالا بىللە ياشاپ ئوننەچچە يىل ئۆتۈپتۇ. بالا مەكتەپنى تۈگىتىپتۇ. ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ.

ئەمدى بالا دادىسى بىلەن ئېتىزدا ئىشلەيدىكەن. ئەتتىگىنى تەڭ ئېتىزغا بېرىپ، ئاخشىمى تەڭ قايتىپ كېلىدىكەن.

بالا شۇ چاغدا ئاپتاپنىڭ قانچىلىك قىززىقلىقىنى، ئۇيقۇنىڭ قانچىلىك تاتلىقلىقىنى، قول-پۇتلارنىڭ قانچىلىك ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بىلگەنلىرى يەنە كۆپۈيۈپتۇ. بالا ياخشى بالىكەن. باشقا بالىلاردەك ئىشتىن قاچمايدىكەن. ئىككىسى شۇنداق ياشايدىكەن.

ئەمما بالا ھارغىن ئىكەن. ئۆزگەرمەس كۈنلەر، ئۆزگەرمەس تاماق ۋە تۈگىمەس ئۇششاق ئەمگەكلەر ئۇنى دادىسىغا ئوخشاش جىمغۇر قىلىشقا باشلاپتۇ.

بالا دادىسىغا قارايدىكەن. سەل دۈمچەك گەۋدىسى بىلەن ھەركەت قىلغاندا پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان ئىشتان-چاپىنىغا يىراقتىن، بەزىدە يەرنىڭ تېگىدىن بىلىندۈرمەي قارايدىكەن.

دادىسى نىمىشقىكىن ھېرىمايدىكەن. ئىشلەۋېرىدىكەن. بالا بىر نەرسىگە ھەيرانكەن. دادىسىنىڭ نىمىشقا ھېرىمايدىغانلىقىغا ھەيران قالىدىكەن. قۇرۇتتەك توختىماي مىدىراپ تۇرىشىغا ھەيرانكەن.   دادىسىنىڭ ئۆزىنى بىلگەندىن تارتىپ ئۆزگەرمەي تۇرغان سەل دۈمچەك گەۋدىسى بىلەن مەڭگۈ كونىرىمايدىغان بىر قۇر كىيىمىگە ھەيران قالىدىكەن. توختىماي ئىشلەيدىغان بۇ ئادەمگە ھەيرانكەن.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالا زېرىكىشكە باشلاپتۇ.

بالا زېرىككەن بىلەن زېرىكمەيدىغان يەرنى بىلمەيدىكەن. ئۇ تەڭتۈشلىرى ئارىسىغا يۈرەكلىك كىرەلمەيدىكەن. ئادەم توپلاشقان سورۇنلارغا بارغۇسى كەلمەيدىكەن. راستىنى ئېيتقاندا بارغۇسى كەلسىمۇ ئەيمىنىدىكەن. قورۇنىدىكەن. دادىسى بالىسىدىن باشقا تۇققان-بۇرادىرى يوقتەك ياشاپتىكەن. ئەمدى بالىسىمۇ دۇنيادا دادىسىدىن باشقا ئادەم يوقتەك ياشايدىكەن. تەڭتۇشلىرى دادىسى ياكى باشقا تۇققانلىرىغا ئەگىشىپ ھەر-خىل كەسپلەرنى قىلىدىكەن. بەزىلىرى موتوت ھەتتا ماشىنا ھەيدەيدىكەن. ئالى مەكتەپكە كەتكەن ساۋاقداشلىرى تەتىل قىلىپ كېلىدىكەن. يوللاردا ئۇچۇرۇشۇپ قالسا بالا ھودۇقۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەيدىكەن.

بالا باشقىلارنىڭ "نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟" دىگەن سوئالىدىن خىجىل بولىدىكەن. يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ " سىز كىمنىڭ بالىسى ؟ " دەپ سورىشىدىن قورقىدىكەن. نىمىشقىدۇر دادىسىنىڭ ئىسمىنى دىيىشتىن قاچىدىكەن. چۈنكى بالىغا باشقىلار بۇنداق سوئالنى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن سوراۋاتقاندەك بىلىدىكەن. بالا دادىسىدىن نومۇس قىلىدىكەن. شۇنداق چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئاپىسى يوقلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن.

بالىنىڭ خىيالىغا، دەرۋازىنىڭ يېرىقلىرىدىن سىرتقا قاراۋاتقان بىر كىچىك بالا كېلىدىكەن. كىچىك بالىنىڭ قارا كۆزلىرى ياش يۇقى ئىكەن. بۇلارنى ئويلاپ بۇ بالىنىڭمۇ كۆزىگە ئىسسىق ياش كېلىدىكەن.

بالا دادىسىنىڭ باشقىلارنىڭ دادىسىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن. ئۇ پەقەت ئېتىزدا ئىشلەشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىكەن. بالىسى ئۈچۈن يول مېڭىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالمايدىكەن. ياكى پۇل چىقىرىپ بىرەر دۇكان ئېچىپ بېرەلمەيدىكەن. بالا بۇلارنى ئويلايدىغان بوپتۇ. ئۇ چوڭ بوپتۇ. چوڭ بولغاندىلا دادىسنىڭ ئەسكى ئۆيىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقلىقىنى بىلىپتۇ.  

بالا شۇ ياشقا كەلگەندىلا دادىسىنىڭ بەكلا يارىماس ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ. دادىسىدىن، جىمجىت ھويلىسىدىن زېرىكىپتۇ.  
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى دۇيجاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇنۇڭ  قولىنى قايرىۋېتىپتۇ. ئۆزىنىڭ بولسا بۇرنى قاناپتۇ. دادىسى بىر رەھبەرنى يارىلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ.

يېزىدىكى ساقچىلار دادىسىنى ئالغىلى كەپتۇ. دادىسى بالىنى ھويلىغا چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۆيدىن دادىسىنىڭ يالۋۇرغان ئاۋازى بىلەن ساقچىلارنىڭ كەسكىن قوپال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپتۇ.

بىر چاغدا ساقچىلار دادىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ. بالا ھويلىدا ئىكەن. دادىسى ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، بالىسىغا قاراپتۇ. كۆزىنىڭ ئىچىدە ھەممە نەرسىنى سۈمۈرۈپ تاشلايدىغان بىر تەشنالىق بىلىنىپ تۇرىدىكەن. دادىسىنىڭ ئىككى پۇتى نىمىشقىدۇر ئوڭلاپ ماڭالمايدىكەن. سەنتۈرۈلىدىكەن. دۈشكەللەپ ماڭغان ساقچىلارغا، پىچىرلىشىۋاتقان خوشنىلارغا.....قارىمايدىكەن. ئوغلىغا قارايدىكەن. بولىۋاتقان ئىشلارغا ھاڭۋېقىپ قالغان ئوغلىغا قارايدىكەن. بالىسى شۇ چاغدا دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان دادىسىنىڭ كۆزىدىن ئېتىلىپ چىققان ياشنى كۆرۈپ قاپتۇ. بالا دادىسىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەن.

لاتا پىكاپ دادىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بالا دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىۋالغان ئادەملەردىن نومۇس قىلىپتۇ. يەرگە كىرگۈدەك بوپتۇ. پىكاپ قاچانلاردا كەتتى ؟ يىغىلىۋالغان خوشنىلار قاچان تارقاپ كەتتى؟ ....بۇلارنى بىلمەيدىكەن.

كېيىن بالا خوشنىلارنىڭ پاراڭلىرىدىن بىلىشىچە دۇيجاڭ ئەزالارغا يىغىن ئېچىۋېتىپ دادىسىغا " ھەي يارىماس، ئاۋۇ يارىماس ئوغلۇڭ بىلەن قەرزىڭنى قاچان تۆلەپ بولىسەن" دەپتىكەن. دۇيجاڭنىڭ دىگىنى شۇ گەپكەن. بالىنىڭ دادىسى غالجىر ئىتقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن بۇنىڭدىن ئېغىر گەپلەرگە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ شۇ كۈنى نىمە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەپتۇ.  

شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ دادىسى كىچىككىنە ئىشقا ساراڭلىق قىلىپ جىنايەتچى بولۇپتۇ. مانا ئەمدى بالا يالغۇز قاپتۇ.

يا دادىسنىڭ تايىنى يوق، ياكى ئاپىسى يوق، باشقىلار ئالدىدا ماختانغىدەك ھېچنىمىسى يوق بالىلارنىڭ ئەزەلدىنلا دوستلىرى بولمايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى قاتارغا قوشۇۋالسىمۇ پەقەت مازاق قىلىپ ئويناش ئۈچۈنلا قوشۇۋالىدىكەن.

ئەمدىلىكتە بالا تېخىمۇ يالغۇز قاپتۇ.

بوران ئۇچۇپ تۇرغان ھويلا، يىغىلماي تاشلاپ قويۇلغان يوتقان-كۆرپە، شىرەنىڭ ئۈستىدىكى پارچە-پۇرات نان ۋە رەتسىز چىنە-قاچىلارنىڭ ئارىسىدا مىدىراپ يۈرگەن بىر يالغۇز بالا قاپتۇ.

شۇندىن كېيىن بالا دادىسىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇنى ئەتراپتىكىلەر تېخىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

بالا دادىسىنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈشتىن خىجىل بولىدىكەن. دادىسىغا ئۆچ بولغاچقا سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ خالىمايدىكەن.


ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپتۇ.

ئىسسىق ئۆي بىلەن ئىسسىق تاماقنى يېرىم يىل  كۆرمىگەن بالىغا بىر ئىسسىق چىراي ئادەم ئۇچراپتۇ. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ يۇرتىدا مۇساپىر بولۇپ قالغان بالىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ ئادەم قۇرۇق ئۈزۈم تىجارىتى قىلىدىكەن. ئىچكىرىدە بۇ بالىغا ئوخشاش بىرنەچچە بالىنى پارچە قۇرۇق ئۈزۈم ساتتۇرىدىكەن. بۇ بالىلار ھەر كۈنى ئۇ ئادەم ئېلىپ بەرگەن ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتكە ئۈزۈملەرنى تولدۇرۇپ شەھەر كوچىلىرىدا، بازار دوقمۇشلىرىدا ئايلىنىپ ئۈزۈم ساتىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق بىلەن ئىسسىق ياتاق بار ئىكەن. ئۇلار بىر قىش شۇنداق ئۈزۈم سېتىپتۇ. يازغا يېققىن ساتىدىغان ئۈزۈم تۈگەپتۇ. ھېلىقى ئادەم بىلەن قالغان بالىلار يۇرتقا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىپتۇ. بىراق بالا ئۆزىنى، دادىسىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ شەھەردىن ئايرىلىشنى خالىماپتۇ. ئۇ ئۈزۈم سېتىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان بىرنەچچە يانچۇقچى بالىلار بىلەن شۇ شەھەردە قاپتۇ. ئۇ شەھەردىن باشقا شەھەرلەرگىمۇ بېرىپتۇ. ئۇلار بىر شەھەردە ھەپتە كۈنمۇ تۇرمايدىكەن. توختىماي شەھەر ئايلىنىدىكەن. مەھەلىسىنىمۇ تولۇق ئايلىنىپ باقمىغان بۇ بالا توختىماي شەھەر ئايلىنىشقا ئامراق بولۇپ قاپتۇ. كىچىك چېغىدا بىر قاچا لەڭپۇڭمۇ يەپ باقمىغان بالا شېرىكلىرى بىلەن ئىسىل تاماقلارنى، رەڭدار سورۇنلارنى بىللە كۆرۈشكە ئامراق بولۇپ قاپتۇ.

ئەمما ھەر كۈنىلا بۇنداق بولىۋەرمەيدىكەن. ساقچىلارغا تۇتۇلۇپمۇ قالىدىكەن. ئەمما ھازىرقى بالا دادىسى قولغا ئېلىنغان چاغدىكى بالا ئەمەسكەن. ئۇنچىلىك قورقۇپ-تىترەپ كەتمەيدىكەن. بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈككەن.

شۇنداق قىلىپ بەش يىل جەرياندا گاھىدا ھەيۋەتلىك مېھمانخانىلاردا، ئېسىل تاماقخانىلاردا، يەنە گاھىدا پەلەمپەي ئاستىلىرىدا، ئەخلەتخانىلاردا يېتىپتۇ. شۇنداق چاغلاردا ئۆيىنى ۋە دادىسىنى ئەسلەپ قويىدىكەن. ئەمما يەنىلا يۇرتىغا قايتقۇسى كەلمەيدىكەن. دادىسى بىلەن يەنە بۇرۇنقىدەك بىللە ياشاشتىن قورقىدىكەن.

كىچىك شەھەرلەردە، ئىسسىق-سوغۇقلاردا، ئاچلىق ۋە توقلۇق بىلەن چۆگۈلەپ يۈرگەن بالا بىر كۈنى شۇ شەھەردىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ قاپتۇ. ئاشخانە خوجايىنى ياخشى ئادەمكەن. بالىنىمۇ "ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىكەنسەن" دەپتۇ. بالىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن دادىسىنىڭ ياخشى گېپىنى ئاڭلىشىكەن. ئەمما ئاشخانە خوجايىنى دادىسىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەيدىكەن. بىراق ئاشپەز يەنىلا ياخشى ئادەمكەن. گېپى جىقكەن. بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ. توختىماي پاراڭلىشىدىكەن. چاخچاق قىلىپ كۈلدۈرىدىكەن.

بالا شۇنداق ئىشلەپ يۈرۈپ ئۇستا ئاشپەز بولۇپ، ئاشخانىنى ئۆزى باشقۇرغىدەك بوپتۇ.

ئاشپەز ئۇستام ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزىنى بالىغا بېرىپتۇ. ئۇلار ئىككى بالىلىق بوپتۇ. بۇرۇنقى بىر ئاشخانىسى كېيىن ئۈچ بوپتۇ. نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەللىك ياشقا يېقىنلاپ قالغان نەۋرىلىك بولغان چوڭ ئادەم بوپتۇ.

ئۇ شۇ يېشىغا قەدەر يۇرتى ياكى دادىسى توغرىلىق بىرەر خەۋەر ئاڭلىماپتۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەپتۇ. ئۇ ئەسلىمىلەردىن قېچىپتۇ. چۈنكى دادىسى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختانغۇدەك ئادەم ئەمەسكەن. شۇڭا، پۇل تاپىدىغان ئاشخانىلىرى ۋە خوتۇن-بالىلىرىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقتەك ياشاپتۇ.

بالىلىقى، ھېلىقى ھويلىسى ۋە جىمغۇر دادىسى......ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.

يېشى چوڭلىغانچە بوۋاينىڭ ئايالى بىلەن بالىلىرى يۇرتقا قايتىپ كېتىشنى سۆزلىشىدىغان بوپتۇ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ شەھەر نىمىلا قىلمىسۇن ئۆزىنىڭ يۇرتى ئەمەسكەن. ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا قەدەر بۇ شەھەردىلا ياشاپ ئۆتكىلى بولمايدىكەن. ئادەم دىگەننىڭ ئۆلۈك-تىرىكى بولىدىكەن. ھەممە ئىش ئەشۇ يىراقتىكى يۇرتتا، خولۇم-خوشنىلار ئارىسىدا ياخشىكەن. توپىلىق بولسىمۇ، ئەسكى بولسىمۇ يەنىلا يۇرت ياخشىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر بوۋىسىنىمۇ كۆرۈشى كېرەككەن. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى كېرەككەن......

كۈندە شۇ پاراڭ بوپتۇ. نەۋرىسى قاچان يۇرتقا ماڭىدىغانلىقىنى ھەر كۈنى بوۋايدىن سوراپتۇ. ھەر كۈنى سوراۋېرىپتۇ. ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ قانداقراق ئادەملىكىنى، كىمگە ئوخشايدىغانلىقىنى، ساقىلىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقىنى توختىماي سورايدىكەن. بوۋاي نەۋرىسىگە ئامراقكەن.

نەۋرىسى ئەشۇنداق سوراۋېرىپ بوۋاينى ئۆزگەرتىپتۇ. يۇرتىنى، دادىسىنى ئويلايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. كىچىك بالا دىگەن ئاجايىپ نەرسە. ئۇ يا ئۆچمەيدۇ. ياكى لاۋۇلداپ سېنى كۈل قىلىۋەتمەيدۇ. ئادەمگە ئىسسىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. نەۋرىسىنىڭ كۈندە ئەشۇنداق ئىسسىق ئۆتكۈزىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ يىراقتىكى يۇرتىغا ۋە ئۇ يەردىكى نامەلۇم بوۋىسىغا بولغان قىزىقىشى كۈچۈيۈپتۇ.

بوۋاي يۇرتىغا قايتىشنى ئويلاپتۇ.

ئۇلار يۇرتقا كەلگەندە بوۋاي ھېچيەرنى تونىيالماپتۇ. كىراچىلاردىن سوراپ يۈرۈپ مەھەلىسىگە كەپتۇ. بىراق بۇ مەھەلە ئۇنىڭ مەھەلىسى ئەمەسكەن. بوۋاي ئېسىدە قالغان مەھەلىسىنى، ئۆيىنى تاپالماپتۇ. ئەتراپتىكىلەردىن سۈرۈشتۈرسە كونا مەھەلىلەرگە يېڭى ئولتۇراق جايلار چۈشكەن ئىكەن. ئۇلار ئامالسىز مېھمانخانىغا چۈشۈپتۇ.

بوۋاي ناھايىتىمۇ تەستە ئىلگىركى خوشنىلىرىدىن بىرىنى تېپىپتۇ. خوشنىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئىچكىرىگە كېتىپ ئىككىنچى يىلى دادىسى تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇ كۈندە ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ھويلىسىدا كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىكەن. ئېتىزنىمۇ باشقىلارغا كۆتۈرە بېرىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئىشى پەقەت كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشكەن. ئۇ خوشنىلار بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەكلا بېرىش-كېلىش قىلمايدىكەن.   
قىشنىڭ بىر كۈنى خوشنىلار ئۇنىڭ ئېتىز تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ كۈنى دادىسىنى قەبرىستان تەرەپتە كۆرگەنلەرمۇ بارئىكەن. بەلكىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارغان ئوخشايدۇ. بۇ خوشنىلارنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنى بولۇپ قاپتۇ.

كېيىن دادىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە ھويلىدىمۇ كۆرۈنمىگەچكە خوشنىلار ئەنسىرەپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرسە كاڭدا سېلىنغان ئىككى يوتقان بار ئىكەن. يېڭىراقىدا ھېچكىم يوقكەن. دادىسى كونا يوتقاننى يېپىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن.

خوشنىلار ئۇنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىككە قويۇپتۇ. ئۇنىڭدىن ھېچ بىر ئىقتىساد قالمىغان بولمىغاچقا ئۆيىنى بىرىگە سېتىپ يەرلىككە قويۇپ، نەزىرلىرىنى قىلىپتۇ.
بالىنىڭ دادىسى شۇنداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بالىغا ئىلگىرى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگەندەك ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ بىرەر مىراس قالدۇرالماپتۇ. ھەتتا بالىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى كىچىككىنە ھويلىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ.......

ئۇ يۇرتىدىن يەر-جاي سېتىۋېلىپتۇ. ئېسىل قورا-جايلار سالدۇرۇپتۇ. ئىلگىركى خوشنىلار بىلەن ئىزدىشىپتۇ. ھال-ئەھۋال سوراپ ئۆتۈشۈپتۇ. يېزىلاردىكى بىر نەچچە كونا مەكتەپنى قايتىدىن يېڭىلاپ بېرىپتۇ. يول ياسىتىپ، كۆرۈكلەر ساپتۇ. ئاجىزلارنىڭ، يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ........ئۇ شۇ يۇرتتىكى كاتتا جامائەت ئەربابى بولۇپتۇ.


ئەمما يەنىلا بالىلىق چاغلىرىدىكىدەك خوشال بولالماپتۇ. داۋاملىق ئىچىنى بىر ھەسرەت تاتىلاپ ئۇنى خوشال قىلماپتۇ.  
بىر كېچىسى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى ئىلگىركى ئەسكى ئويىدە دادىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ. ئالدىراپ چىراقنى ياندۇرسا يەنىلا ھازىرقى ياسىداق ئۆيىدە مامۇق يوتقاندا ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئىلگىركى بالا ھازىرقى بوۋاي "دادا !" دىگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .ئايالى بالىلىرى نەۋرىلىرى يىغىلىپتۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ ھالەتكە ھەيران قاپتۇ. سەۋەبىنى سوراپتۇ. بوۋاي ئېسەدەيدىكەن. گەپ قىلمايدىكەن. دوختۇرلارنى چاقىرىپتۇ. ئەمما ھېچكىم بىلەلمەپتۇ.

بوۋاي شۇندىن كېيىن كۈندىزى خىيال بىلەنلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كېچىسى بولسا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ياتىدىكەن. چىراقنى كېچىدە يېقىشقا يول قويمايدىكەن. ئۇنىڭ كېچىدە "دادا" دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بالىلار چىراقنى ياقسا ئۇلارنى تىللايدىكەن....كېيىنچە بالىلىرى كېچىدە ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىسىمۇ چىراقنى يېقىشتىن قورقۇپ ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇردىغان بولۇپتۇ. ئاستا-ئاستا بوۋاينىڭ ساراڭلىقىغا كۆنۈپ كارى بولمايدىغان بوپتۇ.
دوختۇرلار بوۋايغا "مىڭڭە يىگىلەش" دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ.

قىززىق يېرى مىڭڭە يىگىلەشكە گىرىپتار بولغان بۇ بوۋاينىڭ يەنە بىر كېسىلى بار ئىكەن. ئۇ توختىماي سەدىقە بېرىدىكەن. خۇددى ھەممە نىمىسىنى ھەتتا ئامال بولسا ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنىنىمۇ سەدىقە قىلىدىغاندەك توختىماي سەدىقە قىلىدىكەن.  
بوۋاي كۈنلىرىنى خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن. ئاخشىمى بولسا يالغۇز يېتىشقا ئامراقكەن.  شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن، دادىسىدىن قالغان ئەسلىمىلەرنى ئىزدەيدىكەن. ھويلىسىدا ئويناپ ئولتۇرغانلىرىنى، دادىسىنىڭ تاماق ئېتىش ئۈچۈن يانمايۋاتقان ئوتنى پۈدەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەيدىكەن . دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە تاپالمايدىغان ئىلگىركى ھويلىسىنى، ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسماننى، ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپنى خىيالىدىلا كۆرەلەيدىكەن. كۆزىنى يۇمسا، ئۆزىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن ياستۇق قىلىۋالغان دادىسىنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاندەك بولىدىكەن. بوۋاينىڭ بەختى كېچە-كۈندۈز خىيال سۈرۈشكەن.

يۇۋاش دادىسىنىڭ دۇيجاڭنى نىمىشقا ئۇرغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن. دادىسىنىڭ نەزىرىدە ئوغلى ھاياتىدىكى تېغى ئىكەن. تەنھالىقتىكى ھەمراھىكەن. پىلىلداپ يېنىۋاتقان كۆڭلىنىڭ ئوتىكەن. كۆزى كۆرگەن، كۆڭلى سۇ ئىچكەن بىردىن-بىر ھەمراھىكەن. شۇڭا ئوغلىنى تىللىغانلىقى دادىغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىكەن.
بوۋاي كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.

بالىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراشكەن. بوۋاي بىلەن كۆپ پاراڭلاشمايدىكەن. چۈنكى بوۋاي چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئەمما ھەممىسى بوۋايغا كۆيۈنىدىكەن.

بوۋاي مەسئۇلىيەتنى بىلمەيدىكەن. چۈنكى دادىسىغا مەسئۇل بولماپتىكەن. تۇققانلىرى بوۋايغا مېھرىبانلىق قىلىدىكەن. بۇ ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەت ئىكەن. بوۋاي مەسئۇلىيەتكە مۇھتاج ئەمەسكەن. ساناقلىق مىنۇتلىرىدا بولسىمۇ بىر نەرسىگە ئېرىشىشنى ئىزدەيدىكەن. ئەمما ئۇ نەرسە مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئۇ مەسئۇلىيەت ئەمەس ئىكەن.

مەيلى بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدىكەن.

ئەمما بوۋاينىڭ كىيىملىرىنى دادىسى يۆگىكىنى پۇرىغاندەك پۇرىمايدىكەن. پۇتلىرىنى دادىسى سىلىغاندەك سىلىمايدىكەن. بوۋاينىڭ چىرايىغا دادىسى قارىغاندەك مۇھەببەت بىلەن قارىمايدىكەن. بىراق دادىسى بىر قېتىممۇ بالىسىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيتىپ باقماپتىكەن.

بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلاردا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ دادىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. ئەشۇ ئاددى تۇرمۇشنىڭ نامرات قەۋەتلىرىگە چىلىشىپ تۇرغان مۇھەببەتنى، كۆزلەرنى جەلپ قىلغۇدەك داغ-دۇغىدىن خالى جىمجىت مۇھەببەتنى ھېس قىلىپتۇ.

بوۋاي بۇ مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجرانغا ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىپتۇ.
بوۋاي قىينىلىدىكەن. بىرەر قېتىم بولسىمۇ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ " جېنىم دادا ! يالغۇز دادا ! مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن " دىيەلمىگەنلىكىگە، سەكرات پەيتىدە يالغۇز دادىسىنىڭ ئورۇق قوللىرىنى تۇتۇپ ئىلگىرى سۆيۈپ باقمىغان ئورۇق يۈزلىرىگە قانغۇدەك سۆيۈپ ھەمرا بولالمىغانلىقىغا، ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئېلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئۇزۇتۇپ قويالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىكەن.

ھاياتىدىكى پۇشايمىنى پەقەت مۇشۇكەن.

ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا دادىسىنىڭ ئۆزىدىن تۈمەنمىڭ رازى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئالەمنىمۇ، ھەتتا جېنىنىمۇ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

دادىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن چاغدىكى قىياپىتى بوۋاينى ئۇۋۇلاپ تاشلايدىكەن. دادىسىنىڭ كۆزىدىكى شۇ نەچچە تامچە ياش كەلكۈنگە ئايلىنىپ بوۋاينى تۇنجۇقتۇرىدىكەن. دادىسىنىڭ "ئوغلۇم مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن" دەپ كەتكەنلىكىگە، نامرات تاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم ماڭمىغانلىقىغا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىلا ئەمەس، ئۆلگەندىمۇ يالغۇز قالغانلىقىغا ئۈنسىز يىغلايدىكەن.
بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دادىسىدەك ياتالماپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا دادىسىنىڭ كونا يوتقىنى يوق ئىكەن. دادىسى بولسا بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ، ئوغلىنىڭ يوتقىنىغا قارىغىنىچە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئەمما بوۋاينىڭ پۇرىغىدەك ھېچنىمىسى قالماپتۇ. قارىغۇدەك ھېچنىمىسى قالماپتۇ. پەقەت ئاخىرقى دەملەردە بالىلىقتا قالغان مۇھەببەتنىڭ ئارزۇسىلا قاپتۇ. ھەسرىتىلا قاپتۇ. شۇنداق مۇھەببەتلىك ھەسرەتلەر بىلەن ئاخىرى بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .
يۇرتتىكىلەر ئۇنى داغدۇغا بىلەن كاتتا ئۇزۇتۇپتۇ. نامىزىغا مىڭلىغان ئادەملەر قاتنىشىپتۇ. ئۇنىڭ ئەلگە قىلغان خىزمەتلىرىنى باھالاپ "كاتتا ئادەمتى !" دىيىشىپتۇ.  
ئەمما بوۋاي ئاخىرقى تىنىقىدا دادىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ. قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى دادىسىغا بېغىشلاپتۇ. نەزىر-سەدىقىلەر قىلىپ ياش كەتكەن مەزلۇم ئانىسى ۋە يالغۇز كەتكەن بىچارە دادىسى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكىدە ئۇچۇرۇشۇپ قېلىشنى، ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر نەچچە قەدەم بولسىمۇ مېڭىۋېلىشنى خۇدادىن تىلەپتۇ.  



قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈزۈتىلدى.

Abdurehim ablethan


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurehim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 01:22 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 100 تىمىڭىزنى يەنە كۆرگىن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4120
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ياشلىرىمنى تۇختىتالماي قالدىم يىقىندىن بۇيان بەكلا ياخشى ئەسەرلەرنى يوللا ۋاتسىز رەھمەت تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىگەي

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇۋېتىپ كۆزلىرىمگە ياش ئولاشتى .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 02:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن تەسىرلەنمىگەن ئادەمگە مەن چورتلا كاللىسىنىڭ دەردى بار دەپ دىئاگىنوز قويىمەن!

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4067 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 02:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقى ۋەقەلمكەن ..راس تەسرلىكەن ...ئادەمگە بىر نەرسدىن قاتتىق ئازار يىگەندە ئادەم ئۆزىنى ئۆزدىكى ئىقتدارىنى بايقيالامدكىن دەيمەن ..ئەگەر بۇ بۇۋايدا باللىقتىكىشۇ ئۆچلۈك بولمغان بولسا بۇنچە كاتتا ئادەمگە ئايلىنالماستى .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30493
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3451 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 04:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىدا مۇشۇنداق ياخشى بىر تىمىنى كۆگۈنۈمدىن خۇشالمەن ،  
بەك تەسىرلىككەن يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3629
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 657 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 04:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ۋەقە ئىكەن . تىما ئىگسىگە  رەھمەت!!!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6867
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 06:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھشەت520 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 02:26 PM
بۇنىڭدىن تەسىرلەنمىگەن ئادەمگە مەن چورتلا كاللىسىنىڭ  ...

سىز مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ نېرۋا توختۇرىما ؟ شۇنداق بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى ، چۈنكى  يىقىندىن بىرى مۇنبەردە نېرۋا كىسەللىرى بەك كۆپۈيۈپ كەتتى ، بولسا مۇشۇ نېرۋىلارغا ساخاۋەت قوللىرىڭىزدا بىر ياردەم قىلىپ قويغان بولسىڭىز !!! مىسرانىم ئەھلى سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بۇلاتتى ...

ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 07:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 06:13 PM
سىز مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ نېرۋا توختۇرىما ؟  شۇنداق  ...

مەن كەسپىي ئەمەس،، سىز  يەنىلا  مۇدىر ۋىراچلاردىن  سوراپ  كۆرۈڭ!

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90660
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 07:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.........راستىنلا ھاياتلىقتا ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز ،ئولگەندىكىن شۇنداق پۇشايمان قىلىمىزكەن .شۇڭا ھاياتلىقىمىزدا چوڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ .دۇئا ئېلىشقا تىرىشايلى قىرىنداشلار.رەخمەت تۇرداش تىمىڭىز بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش