پۇل خەجلەش پۇل تېپىشتىن قىيىن
بۇ گەپ سەل غەلىتە ئاڭلىنىۋاتامدۇ ؟ ئەتراپىمىزنى كۈزىتىدىغان بولساق مۇنداق غەلىتە بىر ئەھۋالنى بايقايمىز ، دائىم مەرتلىك بىلەن پۇل خەجلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ، بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ،ئەكسىچە ھەر قېتىم پۇل تۆلەيدىغان چاغدا فورتمالىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ياكى تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قالىدىغانلارنىڭ يەنىلا نامراتلىقتا ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز .
پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسىرى باي بولىدۇ .ئەكسىچە پۇل خەجلەشكە قىيالمايدىغانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانماي ئۆتۈپ كىتىدۇ . گەرچە مۇتلەق شۇنداق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ كۆپ قىسىم ئەھۋالدا شۇنداق بولىدۇ .
ئەگەر پۇلىڭىز بار بولۇپ ئۇنى خەجلىمىسىڭىز ، ئۇ پەقەت بانكا ھېسابىدىكى بىر قاتار سان ياكى بىخەتەر ئىشكابتىكى بىر دۆۋە قەغەز خالاس .نۆۋەتتە بازار تېپىۋاتقان بېيىش دەستۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىزگە پۇلنى قانداق تېپىشنى ئۆگىتىدۇ . پۇل خەجلەشنى مەخسۇس ئۆگىنىدىغانلارمۇ يوى دىيەرلىك . چۈنكى بۇنداق دىسەك بەزىلەر ، پۇل خەجلەشنىمۇ ئۆگىنىش كىتەمدۇ ، ئەگەر خەجلەپ بولالمىغان بولساڭ ماڭا بەرسەڭ ، قانچە كۆپ بولسىمۇ خەجلەپ تۈگىتىۋىتەلەيمەن دىيىشى ئىنىق ، لېكىن بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان پۇل خەجلەش ، پەقەت ئىستىمال پائالىيىتى ئەمەس بەلكى مەبلەغ سېلىش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ .
بىز بۇ پۇلنى قايەرگە خەجلەش كىرەك؟ قانداق خەجلەش كىرەك ؟ بۇ خەجلەشنىڭ قىممىتى بارمۇ يوق ؟ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ئېلىپ كىلەلىدىمۇ يوق ؟ بەخىت تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەمدۇ يوق ؟ دىگەننى ئويلىشىشىمىز كىرەك .
شۇنىڭ ئۇچۈن پۇل خەجلەشنى ئۆگىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر.بايلار پۇل خەجلەشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىككىلەنمەي چىقىم قىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەتلا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت بولۇپلا قالماي بەلكى كىيىنكى ھوسۇل بولىدۇ . ئۇلار پۇلنى قانچە كۆپ خەجلىگەنسىرى پۇل تېپىشقا تېخمۇ ئېتىياجلىق بولىدۇ ،ئۇلارنىڭ پۇل تاپىدىغان يوللىرى ،ئامال چارىللىرى ،كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى بارغانسىرى كېڭىيىدۇ .
نامراتلار بولسا دائىم يىتەرلىك پۇل تېپىپ بولۇپ ئاندىن خەجلەش كىرەك دەپ ئويلايدۇ .يىمەي –ئىچمەي ، جاپالىق ئىشلەپ پۇل يىغىدۇ ، ئاندىن جەمىئەتتىكى نۇرغۇن نامراتلار مېڭىپ كۆنگەن يول بويىچە ئۆي سالىدۇ ، ئۆي ئالىدۇ ، پەرزەنتلىك بولىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە ئىېھتىياتچان بولۇشنى، ئۆزى ماڭغان يولدىن مېڭىشنى ئۆگىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانماي ئەكسىچە يەنە بىر ئەۋلاد نامراتلار قوشۇنى كۆپىيىدۇ .
شۇ ئىسىمىزدە بولۇشى كىرەككى ، خەجلىگەن پۇلىمىز ئىجتىمائى مۇناسىۋىتىمزنى ،سالامەتلىكىمىزنى ياخشىلاشقا ، بىلىمىمىزنى يىڭىلاشقا ،ھۈنەر ئۈگىنىشكە ،ياكى كىيىن ئالىدىغان پايدىغا مەبلەغ سېلىش بولسا ، ئۇنداقتا بىز پۇلنى دەل جايىغا خەجلىگەن بولىمىز .
مەنبە : ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 09:00 AM