مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14767|ئىنكاس: 166

ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخسنى بىلەمسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامىرىكىلىك ئالىم مېخائىل خارت ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بۇيىچە رەتكە تىزىلغان «100مەشھۇر شەخس» دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا بۈگۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يۈز مەشھۇر شەخسنى تەرتىپكە تىزىپ چىققان. تارىخىي تەرەققىياتنى قىسمەن ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس، ئەمما ئايرىم شەخسلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايدۇ. مەنمۇ مېخائىل خارتنىڭ رەتكە تىزىش پىرىنسىپى بۇيىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇزۇن بولغان ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرلاشقان دەپ قارالغان تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن 10مەشھۇر رىئال شەخسنى ئۆزەمنىڭ بىلىشىمچە رەتكە تىزىپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قارىشى بويىچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى 10 مەشھۇر كىشىنىڭ رەت تەرتىپى بۇيىچە بىر تىزىملىك (ئىسىملىك) تۈزۈپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

1.سۇتۇق بۇغراخان
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، دىنىي ئالىم، سىياسىيۇن، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە. سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان.ئۇنى بىرىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشماقتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

2 .ئاپاق خوجا
ئاپاق خوجا (1626-1693) نىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خوجا بولۇپ، قۇمۇلغا نەمەنگاندىن كېلىپ يەرلىكلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان تاجىك دىنىي روھانىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان جاھالەتنىڭ پىر-ئۇستازى. ئۇنى ئىككىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى بەش يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى چوقۇم دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلار بۈگۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالمىغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ چوقۇم باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇ بولمىغان بولسا …

3.ئامانىساخان
ئامانىساخان (1534_1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس، سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىتخاننىڭ خانىشى. ئۇ ئوردىدا ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا باش بولغان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قېلىشىنى ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنى ئۈچىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇ قېلىپلاشتۇرغان ۋە رەتلىگەن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى (كۆڭۈل ئېچىش)پائالىيەتلىرىدە 500 يىلدىن بېرى ئۆزۈنىڭ رولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

4 .بىلگە كۆل قادىرخان
بىلگە قادىرخان تارىختا 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن فارابى، مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇ مىلادى880-يىلى بالاساغۇن شەھىرىدىكى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى (سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى) بازىر تېكىنگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان «ئارسلانخان» دېگەن نامنى بېرىپ، بالاساغۇن شەھىرىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى تاپشۇرغان. كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە پەقەت ياغما ئورۇقىنىڭلا ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان
«بۇغراخان» دېگەن نامنى بېرىپ، تالاس شەھىرىنى باشقۇرۇش ھوقوىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئۇنى تۆتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 300 يىلغا يېقىنلىشىدۇ.

5.سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان (1490-1533) شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەتخاننىڭ 3-ئوغلى بولۇپ تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى يېڭىسىار، قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىپ ئابابەكرىنى يوقۇتۇپ،9 -ئاينىڭ 3-كۈنى دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن تارىختا 168 يىل داۋاملاشقان يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ۋە ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ زېمىننى كېڭەيتكەن. ئۇنى بەشىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيىتىگە 160 يىلغا يېقىن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىل جەريانىدىكى كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىغان.

6. ئابدۇللا روزىباقىيېف
ئابدۇللا روزىباقىيېف (1897-1938) 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر سىياسىئون ۋە جامائەت ئەربابى، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىسى. ئۇ 1921-يىلى6- ئاينىڭ 21 – كۈنى تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ نامنى تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتە شەھەرلىك،
خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنى ئالتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن (گەرچە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار روسىيىنىڭ تۈركلەرنى پارچىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن بولسىمۇ )بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاۋال يەتتە سۇ رايۇنىدا، كېيىن سوۋېتتا ئوقۇغان زىيالىيلار ئارقىلىق رايۇنمىزدا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.

7.بۇقا تېكىن
بۇقا تېكىن (بەزى ماتېرياللاردا بۆگۈ تېكىن دەپمۇ ئېلىنغان) بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر ۋە باسمىل قەبلىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، مىلادى 866-يىلى تۈبۈتلەرنىڭ ئىلكىدىكى بەشبالىق، رومچە، قۇچۇ شەھەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، بۇ جايدا يېڭى بىر ئۇيغۇر خانلىقى-ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ئۇنى يەتتىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇيغۇر نامىنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ كەلگەن ھەم تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن،قەدىمقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈندۇر.

8.كۆل بىلگەخان
كۆل بىلگەخان ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، تارىختا يۈز يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپاچىسى. ئۇنى سەككىزىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ 7-، 8-ئەسەرلەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە شۇنچە كەڭرى زېمىنلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ يۈز يىلغا يېقىن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.

9.ئەخمەتجان قاسىمى
ئەخمەتجان قاسىمى (1914-1949) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى. ئۇنى توققۇزىنچى رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن قان كېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ، ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان، غەلىبە مېۋىسىگە قول يېتەيلا دەپ قالغان، دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا، پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىزدىمەكچى بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، بۇ ئىنقىلاپنى، قىستۇرما كۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

10.خوجىنىياز ھاجى
خوجىنىياز ھاجى (1889-1938) 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ، ۋاقتى ئۇزۇن ۋە غەلبىسى نىسبەتەن زور بولغان قومۇلدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى. ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشۈمدىكى سەۋەب، خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ نىسبىي غەلبىسى ۋە ھاجىمنىڭ مۇئاۋېن رەئىس بولغان چاغدىكى كۈچىشى بىلەن ئۇيغۇرلار (ۋاقىتلىق بولسىمۇ) مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى نۇرغۇن سوۋىت ئىتتىپاقىدا ۋە رايۇنمىزدا ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىز ئەمىليەتتە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئارزۇسىنىڭ مەھسۇلى. مەن خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان 30-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى 40 -يىللاردىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدىن زور دەپ قارايمەن.

مەنبە؛كۇچا تورى


دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپاف خوجىنى مەشھۇر دەمدۇق؟

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 10:32 PM
ئاپاف خوجىنى مەشھۇر دەمدۇق؟

مەشھۇر دېگەنلىك چوقۇم ياخشى ئوبرازدىكى ئادەم دېگەنلىك ئەمەس، بىر قەۋمنىڭ تارىخىغا، ئىدېئولوگىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2899 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنيەت چىكىنىش ھادىسىسىنى ھەم تەرەقىيات توسالغۇسىنى غوجا ئاپاققا ئارتىپ قويغان گەپما؟ توۋا . غوجا ئاپاقنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا قالايمىقان باھا بەرمەيلى. قېرى خۇتۇن جېنىدا ئۆزىگە قىزىل كىيىمنىڭ ياراشمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. سىلەر تارىخى ماتىرياللاردىن ئۇنۇملۇك پايدىلانماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا قالايمىقان باھا بەرمەسلىكىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89178
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاماننىساخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخان بولمىغان بولسا 12 مۇقامنى ھەرگىز رەتلەپ چىقالمايتتى. مېنىڭچە ئاماننىساخاننى ئۇ ئورۇنغا تىزماي، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى تىزىش كېرەك. 12 مۇقامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئىقتىسادى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتىغا ياخشى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەلىدىمۇ-يوق؟ بۇلارنى ياخشى ئويلاپ ئاندىن ئاماننىساخاننى تىزساقمۇ ئۈلگىرەتتۇق. بۇ ئون مەشھۇر شەخىسنى ئاشۇنداق تەرتىپتە تىزىشنىڭ ھۆكۈمى، ئاساسلىندىغان پىرىنسىپ قاتارلىقلار ئېنىق ئەمەسكەن. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىغا مەن قايىل. مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىلارغا ئورۇن بېرىلمەي، نەدىكى ئاماننىساخانغا ئورۇن بېرىلگەنلىكى مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى. 12 مۇقامنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، «ئۇيغۇرلار سەنئەت مىللىتى» دېگەن قالپاقنى بېشىمىزغا ئاسانلا كەيدۈرۈشكە بەك چوڭ ياردىمى بولدى. لېكىن بىز سەنئەت مىللىتى ئەمەس ئىلىم-پەن مىللىتى ئىدۇق. مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ئەلشىر نەۋائى، ئىبىن سىنا دېگەنلەر بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. قاچاندىن بۇيان سەنئەت مىللىتى بولۇپ قالدۇقكىن-تاڭ؟

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زۇلئاي + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
karawan + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
abdulahad7 + 12 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 32   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1431
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .
مەن ماۋۇنى قىستۇرۇپ قوياي تېمىڭىزغا :
مىلادىيەدىن بۇرۇن .
3500 - يىللىرى
سۇمېرلار يېزىق ئىجات قىلغان
مېنېس مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن
300 - يىللىرى
ئوتتۇرا شەرىقتە برونزا قوراللار دەۋرى باشلانغان
كۇفۇ
ئەڭ چوڭ ئېھرام ياسالغان
2500 - يىللىرى
ئاكاد پادىشاھى سارگون سۇمېرلارنى بويسۇندۇرغان
2000 - يىللىرى
تۇنجى ھەرپ بارىلىققا كەلگەن ( كانان يېزىقى ؟ )
خاممۇرابى قانۇنى
1500 - يىللىرى
ئامېنخوتىپ IV
مىسىردىن چىقىش
مۇسا ئەلەيھىسسالام
تۆمۈر قوراللار ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن
ترويا ئۇرۇشى
1000 - پادىشاھ داۋىد ئېروسالىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان
گومېر ، ئىيسا
600 - يىللىرى
جۇڭگودا تۆمۈر قوراللار دەۋرى باشلانغان
زورو ئاستېر
بابىلونلۇقلار جۇدىينى بويسۇندۇرغان
سولوموننىڭ ئىلاھ ئوردىسى  ۋەيران قىلىۋېتىلگەن
ماخاۋىرا
پىرىسسىيىنىڭ ئىمپىراتورى كىرۇس بابىلون پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان
بۇددا ( ساكيامونى )
500 - يىللىرى
كۇڭزى
مارافون ئۇرۇشى
ئېغىر ساۋۇتلارنى كىيگەن پىيادە ئەسكەرلەر ئارمىيىدە ئۇمۇملىشىشقا باشلىغان
سوفۇكلېس ( قەدىمكى يۇناننىڭ ئۈچ چوڭ تىراگېدىيىچىسىنىڭ بىر )
پىرىكلى
ھېرودوت
ھىپپوكرات
دېمېترى  
400 يىللىرى
سوقرات ئالەمدىن ئۆتكەن
پلاتون
ئارىستوتىل
ئىمپىراتور ئالېكساندېر
لاۋزى
مىڭزى
300 - يىللىرى
ئېۋكلىد
ئاسوكا
ئارخىمېد
چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈگەن
200 - يىللىرى
رىم ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا كارفاگىننى يەڭگەن
لىيۇباڭ غەربىي خەن سۇلالىسىنى قۇرغان
رىم يۇناننى ئىشغال قىلغان
100- يىللىرى
يۇلىئۇس كايزار گالىلىيىنى ئىشغال قىلغان
ئاۋگۇست رىم ئىمپىريىسىنىڭ تۇنجى كارولى بولغان

مىلادىيەدىن كىيىن
مىلادىيە 1 - يىللىرى
ئىسا ئەلەيھىسسالام كېرىستقا مىخلانغان
پائۇل كىتاب يازغان ، دىن تارقاتقان
100 - يىللىرى
سەيلۇن قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان
رىم ئىمپىيىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى
پىتولېمې
گالېن
200 - يىللىرى
جۇڭگودا خەن سۇلالىسىگە خاتىمە بېرىلگەن
مانى پىرسىيىگە تەۋە بولغان مېسوپوتامىيىدە دىن تارقاتقان
300 - يىللىرى
ئېمپىراتور كونىستانتىن ، تۇنجى قېتىم خرىستىيان دىنىغا ئىتىقاد قىلدى
400 يىللىرى
رىم زاۋاللىققا يۈز تۇتقان
ئاۋگۇستىن
ئانگىلو __ ساكسون ئېنگىلاندنى بويسۇندۇرغان
غەربىي رىم ئىمپىريىسى يوقالغان
500 - يىللىرى
يۇستىنئان قانۇنى
سۇي ۋېندى جۇڭگونى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن
600 يىللىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ياراتقان
ئۆمەر ئىبنى ئەبى رابىيە : ئىككىنچى خەلىپە ئەرەبلەر مىسىر ، پىرسىيە ۋە ئېراقنى ئىستىلا قىلغان
700 - يىللىرى
جۇڭگودا ئويما بەت مەتبەئەسى بارىلىققا كەلگەن
مۇسۇلمانلار ئىسپانىيىنى ئىستىلا قىلغان
مۇسۇلمانلار تۇر جېڭىدە فىرانسىيىنى تارمار قىلغان
جۇڭگودا تاڭ سۇلالىسى تازا گۈللەنگەن دەۋىر
800 - يىللىرى
چارلېمان رىمدا تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان
ھارون رەشىد
خەلىپە ئىمپىريىسى باغداتتا تازا گۈللەنگەن مەزگىل
ئەل __ مامۇن
900 - يىللىرى
ۋېرگىنلارنىڭ ياۋروپاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن
ۋېرگىنلار دۆلىتى نورماندىيىدە شەكىللەنگەن
1000 - يىللىرى
ئۇربان III
ئەھلىسەلىپ شەرىققە يۈرۈش قىلغان
1200 - يىللىرى
رىم پاپاسىنىڭ ھۇجىمى ئىننوسېن III زامانىسىدا تازا كۈچەيگەن
تېمۇچىن
بۈيۈك خارتىيە
مۇڭغۇللار روسىيىنى بويسۇندۇرغان
توماس ئاكۋىنا
مۇڭغۇللار جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان
يۈەن سۇلالىسى تازا گۈللەنگەن
قۇبلاي
1300 يىللىرى
ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ئىتالىيىدە باشلانغان
ماركوپوللو ، دانتى
ياۋروپا زەمبىرەك ئىشلىتىشكە باشلىغان
چۇما ياۋروپاغا يامراپ كەتكەن
1400 - يىللىرى
تېمۇر ھېندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان
دېڭىز ساياھەتچىسى ھېنرى
جېئاننې
1450 - يىللىرى
ئاددىي تاپانچا بارلىققا كەلگەن
گۇتېنبېرگ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان
1475 - يىللىرى
ئايال پادىشاھ ئېلزابېللا ئىسپانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن
روسىيە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان
كولۇمبۇ ئامېركا قىتئەسىنى تاپقان
1500 يىللىرى
گاما ھېندىستانغا بارغان
داۋىنچى
مېكلانجېلو  
ماكياۋېللى
دىنىي ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى مارتىن ليۇتېر
ماگېللان
كورتىس مىكسىكىنى بويسۇندۇرغان
1525 - يىللىرى
پىزاررو پېرونى بويسۇندۇرغان
ھېنرى  III
كالۋېن
كوپېرنىك
1550 - يىللىرى
ئېلزابېت I ئەنگىلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان
ئوت ئالغۇچى قوراللار ئۇرۇشتا ئاساسلىق قورال بولغان
1575 - يىللىرى
ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئىسپانىيىنىڭ يېڭىلمەس فىلوتىنى تارمار قىلغان
1600 - يىللىرى
ئېدۋارد دې ۋېر ( شېكىسپېر )
كېپلېر دۇربۇننى كەشىپ قىلغان
گالىلىي
فىرانسېس باكون
1625 - يىللىرى
خارۋېي قان ئايلىنىش ھادىسىسىنى بايقىغان
30 يىللىق ئۇرۇشتا گېرمانىيە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان
ياپونىيىنىڭ دەرۋازىسى غەربكە تاقىۋېتىلگەن
دېكارت
رېمبىراند
ھېندىستاندا تاج ماخال مەقبەرىسى ياسالغان
1650 - يىللىرى
ئەنگىلىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان
كرومۋېل
1675 - يىللىرى
لېۋىنخوك پاكتىرىيىنى بايقىغان
ئەنگىلىيىنىڭ شانلىق ئىنقىلابى
نىيوتون < تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى ناملىق ئۇلۇغ ئەسىرىنى يازغان
لوك
1700 - يىللىرى
ئىمپىراتور پېتېر
دەسلەپكى ھور ماشىنىسى
1725 - يىللىرى
ۋولتارىي < ئەنگىلىيە مەكتۇپلىرىنى يازغان
فىرانسىيە ئاقارتىش ھەركىتى باشلانغان
باخ
1750 - يىللىرى
مونتېسكيۇ
روسسو
بېنجامىن فىرانكىلېن
ئېۋلېر
ئەنگىلىيىدە سانائەت ئىنقىلابى باشلانغان
ۋات ھور ماشىنىسىنى ئىسلاھ قىلغان
1770 يىللىرى
جېفىرسون دۆلەت مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغان
ئادام سېمىت دۆلەتنى بېيىتىش ھەققىدە ناملىق ئەسەرنى يازغان
1780 - يىللىرى
گېئورگې ۋاشېنگىتون
كانت
ئامېركا ئاساسىي قانۇنى
كۇلون قانۇنى
لاۋازېر
فىرانسىيە ئىنقىلابى باشلانغان
مۇزارت
جېننېر
مالتۇس
1800 - يىللىرى
ۋولتارىي تۇنجى باتارىيىنى كەشىپ قىلغان
ناپالېئون
ئەنگىلىيە قۇل سودىسىنى چەكلىگەن
دالتون
1810 - يىللىرى
ۋاتېرلو ئۇرۇشى
بېتخوۋېن
داۋېد رىكاردو
ئەنگىلىيە ھېندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان
1830 - يىللىرى
تۆمۈر يولنىڭ رولى كۈنسايىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن
فرادىي ئېلىكتىر ماگنېت ئىندۇكسىيىسى ھادىسىسىنى بايقىغان
تېلېگراف كەشىپ قىلىنغان
داگېر سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان
مورتون ناركوزلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان
1850 - يىللىرى
لېنوير ئىككى تاكتىكىلىق ئىچىدىن يانىدىغان دېۋگاتىلنى كەشىپ قىلغان
دارۋېن تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق ئەسىرىنى يازغان
1860 - يىللىرى
گاتلىنگ پېلىموتنى كەشىپ قىلغان
لىنكولن
ماكسىۋىل
مېندىل
ماركىس
لىستېر
1870 - يىللىرى
مىيجى يېڭىلىقى
پاستېر
ئوتتو تۇنجى دۇنيا بويىچە تۆت تاكتىكىلىق ئىچىدىن يانىدىغان دېۋگاتىلنى كەشىپ قىلغان
بېل تېلفۇننى كەشىپ قىلغان
1880 - يىللىرى
ئېدىسون ئېلىكتر لامپىسىنى كەشىپ قىلغان
1890 - يىللىرى
بۈيۈك بېرتانىيە ئىمپىريىسى گۈللەپ - ياشنىغان
ئاپتوموبىل تۇنجى قېتىم تاۋار ئورنىدا سېتىلغان ( گىرمانىيىنىڭ بېنىز ئاپتوموبىلى )
1850 - يىللىرى
كىنو كەشىپ قىلىنغان
رېنتگىن رېنتگىن نۇرۇنى كەشىپ قىلغان
بېككېرېل رادىئوئاكتىپلىق خوسۇسىيەتنى بايقىغان
ماركونى رادىئو قۇبۇللىغۇچنى كەشىپ قىلغان
1900 - يىللىرى
فېرىيد
پلانك
ئاكا - ئۇكا رايتلار ئايروپىلاننى كەشىپ قىلغان
ئېنىشتىيىن نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان
فورت T تىپلىق ئاپتوموبىلنى كەشىپ قىلغان
1910 - يىللىرى
رېزىنفورت ئاتوم يادروسىنى بايقىغان
1 - دۇنيا ئۇرۇشى : خەندەك جېڭى ، گاز ئۇرۇشى ، تانكا
روسىيە ئىنقىلابى
لېنىن
1920 يىللىرى
كۋانت مىخانىكىسى : دېبرويل ، ھېيزىنبېرىگ ، شودېنگېر
فېلىمىنىگ پىنىسلىننى كەشىپ قىلغان
1930 يىللىرى
پىكاسسو
فىرانكېلىن روزۋېلت
سىتالىن
كايتس
گېتلىر
1940 - يىللىرى
2 - دۇنيا ئۇرۇشى
فېرمي تۇنجى يادرو رېئاكتورىنى ياساپ چىققان
بىرىنچى ئەۋلاد ئۇنۋېرسال ھېسابلاش ماشىنىسى بارىلىققا كەلگەن
ئاتوم بومبىسى
كىرىستال لامپا كەشىپ قىلىنغان ( شوكلىي )
ماۋزىدۇڭ
مىكرو دولقۇنلۇق تارقاتقۇچ
پىنكۇس ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان
1960 - يىللىرى
لازىر نۇرى
كېننېدى < ئاپوللو __ ئالەمگە ئۇچۇش پىلانى پىلانىنى بېكىتكەن
تۇنجى قىتىم ئايغا چىقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ( ئاپوللو __ 11 > )
1970 - يىللىرى
ۋېتنام ئۇرۇشى
سۈنئىي گېن باكتىريەگە كۆچۈرۈلدى
1980 - يىللىرى
گورباچېف
1990 - يىللىرى
سوۋېت ئىتپاقى ، شەرىقى ياۋروپا پارچىلانغان
سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقان
سوۋېت ئىتتىپاقى كومونىزىمدىن ۋاز كەچكەن
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلغان

مەنبە : 100 مەشھۇر شەخىس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 12:35 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-15 06:26 PM):
مەزمۇندا مەسلە بولسا كىتاب ئاپتورىدىن سوراڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6894
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىزدىمەكچى بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، بۇ ئىنقىلاپنى، قىستۇرما كۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈندۇر

بۇ دىگىنىڭىز ئەخمەتجان قاسىمى شۇ ۋاققىتتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ خاتا قىلدى دەپ ئەيىبلىمەكچى شۇنداقمۇ، ئەجەبا خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى شۇنچە زور ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر داھىي مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆز خەلقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 10:52 PM  


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:54:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 10:31 PM
11-  نى  يېزىش  بىئەپ  بولۇۋاتىدۇ.

يىزىۋىتىڭە بىئەپ بولسىمۇ ئۇقۇپ قالايلى

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73156
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3573
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆزى خالاپ سۆھپەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ قالغان دەپ ئويلامسىز ؟ شۇنچە چوڭ ئىنقىلاپقا رەھبەرلىك قىلغان ئادەمنىڭ سىز ۋە بىزچىلىك كاللىسى يوقمۇ ؟ بۇ كىشىگە ھەرگىزمۇ ئۆز ھېسىياتىڭىز بويىچە باھا بەرمەڭ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش