مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2564|ئىنكاس: 14

بىرجۈپ پەلەي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11655
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 07:40:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                بىرجۈپ پەلەي
                                                 ئاپتۇرى: ئارىش

ئاداش بۇ بىر جۈپ پەلەينى ساقلاپ يۈرگىلى ساڭا قانچىلىك بولدى؟
- بولدى مەندىن سۇئال سورىماي ئۆزىڭنىڭ ئىشلىرىنى دېگىنە؟ يولدىشىڭ بىلەن ھازىر قانداقراق؟
- بۇرۇن بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ ياخشى كۆرۈشۈپ، ئۇنمىسام ئۇنماي غولجىدىن خوتەنگە ئەلچى ئەۋەتتى، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئارلىق يىراق ئېكەن، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىسەن، يىتىمسىراپ قالىسەن دېگەنلىرىگە ئۇنماي بېشەملىك قىلىپ ئاخىرى ئۇلارنى ماقۇلغا كەلتۈرۈپ تويىمىزنى قىلىۋالغان. مانا ئەمدى مىنىڭ تۇغماس چىقىپ قالغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرىنىغۇ دېمەيلا قوياي. ھە دېسىلا قېيىن ئانام بىلەن قېيىن ئاتام مىنى چىقىۋالىدۇ. ئۇ بولسا ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۆيگىمۇ كىرمەيدۇ. مەقسىتى مىنى ئاجرىشىشقا قىستاش. ئاخىرى ئامال يوق ئاجرىشاي دەپ ئاجراشتىم شۇ.
مانا ئەمدى يۇرتقا قايتاي دېسەم قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن. خىزمىتىم بۇ يەردە، خىزمەتنى يۆتكەي دېسەممۇ ماڭا ئامال يوق دېگىنە. سەندەك دوستلىرىمنى ئىزدەپ ئازدۇر-كۆپتۇر ھال ئېيىتۋالمىسام، ھال ئېيتسام زىرىكمەي ئاڭلايدىغان، يول كۆرسىتىدىغان، دەردىمگە دەرمان بولىدىغان ئانام، دادام، قىرىنداشلىرىم يۇرتتا قالدى. ھە-، راست سەنچۇ؟ سەن بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ئاداش؟ بولسا ماڭا دەپ بىرە؟
رىزۋان بىر دەم دېرىزىدىن سىرتقا قارىۋەتكەندىن كېيىن، دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ گېپىنى باشلىدى.
- بىر نەچچە يىل بۇرۇن بولسا كېرەك، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىگە تەربىيەلىنىشكە باردىم. ئۇ دەل 1- ئاي بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەتتى. مەكتەپ بىلەن ياتاقنىڭ ئارلىقى خىلى بار بولۇپ، مەن تاكسىي توسۇش ئۈچۈن خىلى ساقلىغان بولساممۇ تاكسىي كەلمىدى، پۇت-قوللىرىم مۇزلاپ، ئەمدى ساقلاۋېرىشكە تاقىتىم قالمىدى. تاكسىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئەمدى ماڭايلا دەپ تۇرسام، تۇيۇقسىز بىرسى يىنىمدىلا ماشىنىسىنى توختىتىپ، قىزچاق، ماشىنا كېرەكمۇ دەپ سورىدى؟
مەن بەلكىم بۇ بىر قارا تاكسى بولسا كېرەك دەپ ماشىنىغا چىقىۋەردىم. ماشىنا شوپۇرى 26-27 ياشلارغا كىرگەن، گەۋىرلىك، قارامتۇل، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يىگىت ئېكەن. ئۇ مىنىڭ ماشىنىغا چىقىپمۇ قولۇمنى ھورداۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنىڭ ھەممىسىنى ئېچىۋىتىپ، قولۇمنى تۇتۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچكە توغۇرلاپ قويدى. ئاندىن ئۇ مەندىن بارىدىغان يەرنى سورىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى بىر نەرسىلەرنى خىيال قىلىپ ماشىنىنى ھەيدەۋاتاتتى.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇ مەندىن قايسى يۇرتتىن ئېكەنلىكىمنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن تۈزلا جاۋاپ بەردىم. لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئىللىق تەبەسسۇم ۋە ئەرلەرگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. مەن ياتاق بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالغا يىقىنلاپ قالغاندا، قارىسام شۇنداق سوغۇقتىمۇ سىز پەلەيمۇ كېيمەپسىز، قولىڭىز مۇزلاپ ئۈششۈپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ دەپ ماڭا بىر جۈپ پەلەينى بەردى. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا پۇل تەڭلىسەم ئۇ ئالغىلى ئۇنماي، قارىسام سىز سوغۇقتا تىترەپ كېتىپسىز، باشقىلارغا ياردەم قىلىش مەن ۋە ھەمىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى مەن پەقەت مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئاللاغا ئامانەت دېگىنىچە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. مەن ماشىنىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم.
ئەتىسى مەن مەكتەپكە ماڭغاچ ھېلىقى بىر جۈپ پەلەينى قولۇمغا ئالدىميۇ- كۆز ئالدىمدا ھېلىقى يىگىتنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى نامايەن بولدى. كوچىغا چىقتىم، ئۆزۈمچە كوچىلاردا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىۋاتقان ماشىنىلارغا قارىغىم كالدى، راست ئۇنىڭ ماشىنىسى ئاۋۇ ماشىنىغا ئوخشايتتى، شۇمىدۇ؟ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. قاچانلا قارىسام ئۇنىڭ ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇمى كاللامدىن كەتمىدى. ئۇنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنى يەنە كوچىلاردا ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دېگەننى قىلىپ، كوچىدىكى ماشىنا دېڭىزىغا قارايتتىم. لېكىن ئۇنى ئۇچراتمىدىم.
شۇنداق يۈرۈپ ئارىدىن بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى مەن يەنە ماشىنا توسىيالماي يۈرسەم مەندىن ئانچە يىراقتا بولمىغان يەردە ئۇنى كۆرۈپ قالدىم. بىرسى ئۇنىڭغا ھە دەپ پۇل تەڭلە ۋاتاتتى، ئۇ پۇلنى ئالماي ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ مەن تەرەپكە كەلدى. مەن ئۆزۈمچە جىددىيلىشىپ، ئالدىمغا قاراپ ماشىنا ساقلۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا ماشىنىنى ئالدىمغىلا توختۇتۇپ ماشىنىغا چىقىشىمنى ئېيىتتى. لىكىن بۇ قېتىم يۈرۈكۈم ئىغىزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك، كاللام تورمۇزلىنىپ قالغاندەك ھېسياتتا بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا قايتا چىققانلىقىمنى ئويلاپ، ئۆزۈمچە خۇشال بولدۇم. ئۇ مەندىن ئارتۇق گەپمۇ سورىمايلا، ياتىقىڭىزغا بارامسىز؟ - دەپ سورىدى. مەن ھەئە دېگەندەك قىلىپ بىشىمنى لېڭىشتىپ قويدۇم.
ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك خىيالغا غەرق بولۇپ ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭدىن سىز ھەممە كىشىلەردىن پۇل ئالماي مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ قويامسىز دەپ سورىدىم، ئۇ ئاددىيغىنا قىلىپ ھە ئە دەپ جاۋاپ بەردى.
سىز چوقۇم بەختلىك، سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ چوقۇم بەختلىك دېدىم.
ئۇ ماڭا:
- مەن تېخى توي قىلمىدىم، بويتاق. دەپ جاۋاپ بەردى.
-نېمىشقا ئەمدى؟
بۇ سۇئالنى سوراپ بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ سورىماسلىق كېرەك بولغان بىر سۇئالنى سوراپ قويغانلىقىمدىن ئۆكۈندىم.
- چۈنكى مەن ئەيدىس. دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.
- ھەيران قالدىم، مەن ئۇنىڭغا قايتىدىن سەپ سالدىم ۋە چاقچاق قىلىۋاتىسىز ھە، قارىسام كېسەلدەك كۆرۈنمەيدىكەنسىز؟
- ئۆزۈمنىڭمۇ قانداقسىگە بۇ نىجىس كىسەلگە كىرىپتار بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلاي دەپ قان تەقدىم قىلغىلى بارسام ئۇلار قىنىمنى تەكشۈرۈپ، مىنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىۋىلىپ مىنى يولغا سىلپ قويدى ۋە ھەپتىدىن كېيىن تېلېفۇن قىلىپ، مىنىڭ ئەيدىس ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئېيىتتى. بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتىمنى بەلكىم ئېيىتمىساممۇ چۈشىنىسىز؟
- ئۇنداقتا ھازىر داۋالىنۋاتقانسىز؟
- ياق.
-نېمىشقا؟
-داۋالانساممۇ بەرىبىر بىكار، چۈنكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ساقىيىشى تەس، دۋالىنىمەن دەپ بارلىق ئىتىسادىمدىن ئايرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بۇ كېسەلدىن قۇتۇلالمايدىغان گەپكەن. شۇڭا ئۇ كېسەلگە ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادنى جەمئىيەتتە ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلدىم. قولۇمدىن كېلىشچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. مانا ھازىر مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۋاتقان يىتىم بالىدىن 3 بار. شۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ئالدىمغا تەبەسسۇم بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۈش مىنىڭ بىردىنبىر بەختىم. ھەرقىتىم مەن ياردەم قىلغان ئاشۇ كىشلەر ماڭا تەبەسسۇم بىلەن باققانلىقىنى كۆرۈش مىنىڭ خۇشاللىقىم.
- بۇ ئويلىغانلىرىڭىز توغرا، لېكىن سىز ھاياتقا ئۇنداق پەرۋاسىز قارىسىڭىز، ھاياتتىن ئۇنداق ئۈمىد ئۈزسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
- مەن داۋالىنىمەن دەپ بارلىق ئىقتىسادىمدىن ئايرىلىپ قالسام، ھېچكىمگە ياردەم قىلالمىسام، ئۆيۈمدە ئازابلىنىپ قاچان ساقىيمەن دەپ يۈرسەم بولامدۇ؟ قاچانلا قارىسا روھىي بۇرۇقتۇملۇقتا ياشىسام، ساقىيىشتىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرسەم بولامدۇ؟
- لېكىن ھازىر مىدېتسىنا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
- شۇنداق تەرەققىيات تېز، ساقايسا نېمىشقا دۇنيادىكى نەچچە يۈز مىليۇن ئەيدىس بىمارلىرىنى ساقايمايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرەققيات باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تۇرسا، نېمىشقا ئۇلارنى داۋالاپ ساقايتالمايدۇ.  مەن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمدىم، ھاياتنى سۆيىمەن، مەنمۇ ھاياتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىمەن. ئەيدىسكە گىرىپتار بولۇشۇم بۇ ھەرگىزمۇ مىنىڭ خاتالىقىم ئەمەس. مەن ئەيدىستىن قورۇقمايمەن، بەلىكى ئەيدىس بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرسىدا جەڭ قىلىۋاتقان بۇ كۈنلىرىمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاز قىلىۋاتقانلىقىدىن قورىمەن.
مەن شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ماشىنا ياتاق بىناسىنىڭ دەۋازىسى ئالدىغا كېلىپ بولغان ئىدى.
ئارىدىن خىلى بىر ۋاقىتلار ئۆتۈپ مەن تەربىيەلىنىش ۋاقتىم توشۇپ قايتىپ كەلدىم. لېكىن ئۇنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. ئارىدا بىر نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە باردىم، ھەر قېتىم بارسام يەنە كۆزۈم ئاشۇ كوچىلاردىكى ماشىنا دېڭىزدا، مەن ئاشۇ تونۇش ماشىنىنى، تونۇش چىراينى قايتا ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دەپ كۆزۈمنى ھەربىر ماشىنىدىن ئۈزمەي قارايتتىم.
ھەر قېتىم ئۇ ماڭا بەرگەن بىر جۈپ پەلەينى كېيسەم، ئۇ مىنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچكە توغرىلاپ قويغاندەك ئىللىق سىزىم ئۇنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىدۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىللىق سىزىم، كۆزلىرىدىكى ھايات ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى كىشىلىك مۇھەببەت ۋە ئىنسانىي مېھىر مۇھەببەتنىڭ داستانلىرىنى سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىدۇ.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 08:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ھەقىقىي ۋەقەلىك بولسا  ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ئىشكەن!

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 08:32:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ۋەقە ئىكەن.ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم تارامدى.
ئۇلۇغ ئاللاھ مىللىتىمدىكىلەرنى بۇنداق نىجىس كىسەلدىن ساقلىغايسەن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 09:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ نجىس كىسەلدىن پاناھلىق تىلەيمەن ،مەينەتچىلىككە تولغان بۇ شەھەردىن تىزرەك يۇرتۇمغا كىتىۋالسام بۇلاتتى .ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن .ئۈمۈدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 09:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمۇ ئۇقمغىنى نىمسى قانداق يۇقىنى ؟؟بۇنىڭ يۇقۇش يللىرى پەقەتلا ئۈچ خىل تۇرسا

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ۋەقە ئىكەن

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 11:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 10:12 PM
ئۆزىمۇ ئۇقمغىنى نىمسى قانداق يۇقىنى ؟؟بۇنىڭ يۇقۇش  ...

ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يىگىتنىڭ خاراكتىرگە ئاساسلانغاندا نىمىشقا ئۇقمىغاندۇ دىيىش پۇتۇنلەي ئارتۇقچە .بۇ دۇنيادا ئازمەيدىغان كىم بار دەيسىز ،گەرچە ئەسەردە ئاپتۇر ئەسكەرتمىگەن بولسىمۇ لىكىن مەن ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن سەۋەبىنى ئويلاۋەردىم ،بەلكىم ئۇ ياشلىقىدا بىلىپ بىلمەي ئىزىپ سالغان بولۇشى مومكىن ،بىراق ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇ يىگىتنىڭ ئوبرازى مىنى تەسىرلەندۇردى .

ئاللا ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇچۇن ياخشىلىق بەرگەيسەن !بەندىلىرىڭنى ھىدايەت قىلغايسەن ،ساڭىلا تايىنىمىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 12:55:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە ....................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:20:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 10:12 PM
ئۆزىمۇ ئۇقمغىنى نىمسى قانداق يۇقىنى ؟؟بۇنىڭ يۇقۇش  ...

ئەمىليەتتە يۇقۇش يولى بىر خىل، يەنى بەدەندىكى سۇيۇقلۇق، قان. ئاۋۇ ئۈچ خىلى بولسا ئاسالىق يۇقۇشقا كۆپرەك ۋاستە بولاۋاتقان شەكىل خالاس.

ئۈچىلى خىلنىڭ يۇقۇش شەرتى يەنىلا سۇيۇقلۇق بولغان قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك

يۇقۇش يولى 3 خىل دىگەنلىك باشقا يولدىن يۇقمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس







سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش