دەۋەد قىلامدۇق ياكى ئۆزلىكىمىزدىن يوقۇلۇشنى ساقلاپ تۇرامدۇق ؟
ئابدۇللاھ گرىن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە
سۇئال: مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكى قانداق بۇلۇشى كېرەك ؟غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىتىدا مۇسۇلمان كىملىكىنى ساقلاپ ياشاش ئۈچۈن قانداققىلىشى كېرەك ؟ مۇسۇلمان ئازسانلىقلار ۋاقتى كەلگەندە ئېنىق يوق بولامدۇ ؟ بۇنداق مۇھىتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەڭ ئۈنۈملۈك دەۋەت بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانىۋە ساپاسىنى كۆپەيتكىلى بولامدۇ-يوق؟
جاۋاب : مېنىڭچە ، سۇئال سورىغۇچى بۇسۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولدى . بۇ ناھايتى ياخشى بىر سۇئال ، بۇنىڭ ئىچىگە بەك ياخشى بىر جاۋاب يوشۇرۇنغان . راست شۇنداق، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن .
قېرىنداشلار ، شەيىخ ئەھمەد تەكىتلەپ ئۆتكەندەك : دەۋەد قىلامدۇق ياكى ئۆزلىكىمىزدىن يوقۇلۇشنى ساقلاپ تۇرامدۇق ؟ مانا بۇ كۈنىمىزدە بىز دۇچ كەلگەن رېئاللىق :دەۋەد قىلىش ياكى يوقۇلۇش .
بىز دەۋەد قىلىمىز . پەقەت ئۆزىمىز مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس بەلكى ئەتراپىمىزدىكى دىنسىزلارغا . ئۇنداق قىلمىساق ، باشقىلار بىزگە دەۋەد قىلىدۇ . ئەگەر بىز ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىغا چاقىرمىساق ، ئۇنداقتا باشقىلار بىزنى كاپىرلارنىڭ يولىغا چاقىرىدۇ . مانا بۇ رېئاللىق ، ئەگەرسىز دەۋەتچى بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇمكى باشقىلارنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشقۇچى بولىسىز .كىشىلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرمىسىڭىز ، شەيتاننىڭ كەينىدىن كېتىپ قالىسىز .مانا بۇ رېئاللىق ، ئەمەلىيەت : دەۋەت قىلىش ياكى ئۈن-تىنسىز يوقۇلۇش .
بولۇپمۇ بىزلەر ، ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ،ئەلۋەتتە ئاۋىسترالىيە ياۋروپا ئەمەس ، ئەمما بىز بۇ يەرنى غەرب دەپ ھېسابلايمىز . دېمەكچى بولغىنىم ، قېرىنداشلار ، ياۋروپادا ياشاش مۇسۇلمان دۆلىتىدە ياشاشقا ئوخشىمايدۇ .مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە شەھەر ، يېزا-قىشلاقلاردا غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . بىراق بىز ياۋروپادا ھەركۈنى غەيرى-مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ تۇرىمىز . ئۇلار بىلەن ئۇچۇرشۇپلا قالماستىن ئۇلارنىڭ ئىدىيسى ، دۇنيا قارىشى بىلەنمۇ ئۇچۇرشىمىز . دىنسىزلار ، ئىمانسىزلار بىلەن ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل ئاجايىپ-غارايىپ قىلىقلىرى ، ئەخلاقسىزلىقلىرى بىلەن ھەركۈنى ئۇچرىشىپ تۇرىمىز . شۇڭا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا بىر دەۋەتچى بولۇشىڭلار كېرەك ، ھەربىر كىشى ئاللاھ يولىدا دەۋەتچى بولىشى كېرەك . ئاللاھ يولىدا دەۋەتچى بۇلۇش ئۈچۈن ئىلىم ئىگەللىشىڭلار شەرت. دىنى بىلىم ، ئىسلامى بىلىم ئىگەللىشىڭلار كېرەك ، مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتقان نەرسىلەرنى ئۆگۈنۈشىڭلار كېرەك . قېرىنداشلار ، ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلغاي . ئامىن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 05:46 PM