ئەسمىتۇللانىڭ قەبرىسى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان (ئاقسۇ خاتىرلىرىدىن پارچە) ............................ ئىماملىرىم يېزىسىدا بىر ياشانغان كىشىدىن ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ جايتاغدىكى قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئاچىتاغدا ياشاپ ئۆتكەن مەرھۇم ئەھەت قارى ھاجىمدىن بۇ مازارنىڭ ئىزىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئاقساقالنىڭ بوۋىسىدىن ئاڭلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى يۈز ئەللىك يىللار بۇرۇن ئۈچتۇرپان خەلقى توققۇز بۇلاقنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى جايتاغدا ئۆتكۈزۈپ كېلىپتۇ. ھەر يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ يېزىلىرىدىن، ھەتتا ئاقسۇ، ئونسۇلاردىنمۇ جايتاغدىكى نورۇز بايرىمىغا، نورۇز ئېشى "ھەپتە سالام" غا ئېغىز تېگىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئادەملەر كېلىدىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردىكى جايتاغ، توققۇز بۇلاقتىن قېلىشقۇسىز گۈزەل ماكان بولۇپ گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى خېلى يىراقلارغىچە گۈپۇلدەپ پۇراپ تۇرىدىكەن. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توشقان دەرياسىنىڭ لاتقا ئېقىنلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن دەريا بويلىرى مۇنبەت زىمىنغا ئايلانغان ئىكەن. ئاچىتاغدىن دەريا بويلىرىغا قەدەر گۈل-گىياھلار ۋە ھەر خىل ئوت-چۆپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن چەكسىز يېشىللىق بولۇپ، بۇ يېشىللىقنىڭ غەرپ تەرىپى توشقان دەرياسىنىڭ تاراملىرىنى بويلاپ توققۇز بۇلاقتىن، ھەتتا باشئاقمىدىكى ئىپتىدائى جىگدىلىكلەردىنمۇ ئۆتۈپ تاكى ساپارباي(ھازىر ئاقچى تەۋەلىكىدە)غىچە سۆزۇلىدىكەن. شەرق تەرىپى بولسا ئونسۇدىكى قارادۆۋە، پاۋانلادىنمۇ ئۆتۈپ پاقىلىق دەريا بويلىرىدىن جامغىچە بېرىپ ئاندىن جەنۇپقا قايرىلىپ ئاقسۇ دەرياسىنى بويلاپ تاكى ئاۋات، غۇرۇچۆل، توقاي، ئاراللار بىلەن تارىم دەريا بويلىرى ئارقىلىق كۇچاغا كىرىپ كېتىدىكەن..... ھەيران قالارلىق يېرى، شۇ چاغلاردىكى جايتاغدا ھەسەل-ھەرىسىنىڭ ئۇۋۇسى شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ، يايلاق ۋە ئورمانلارنىڭ ئۈستىدە بۇلۇتتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن. يوغان تاشلارنىڭ ئاستى بىلەن توقايلىقلاردىكى ھەرە ئۇۋىلىرى ھەسەل بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. ئۇياق-بۇياققا ئۆتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ماڭمىسا ھەرە ئۇۋىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ھەسەلگە ئاياقلىرى چاپلىشىپ قالىدىكەن....... بالام بىلەن ئىككىمىز جايتاغ مازىرىنى ناھايىتى تېزلا تېپىۋالدۇق. ئىككىمىز پىشىندىن بۇرۇنقى ياز ئاپتىۋىنىڭ ئوتتەك تەپتىگە قاقلىنىپ ياتقان كونا مازارلىققا كىرىپ كەلدۇق. مازارلىق تەۋەسىگە كىرىپلا بۇ ئاينىڭ يەنى بۇ كۈنلەرنىڭ ئالاھىدە چاغلار ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالدىم. بۇنىڭدىن توپتوغرا ئىككى يۈز قىرىق بەش يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرى ئاچلىق ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغان شارائىتتا دۈشمەن بىلەن ئاخىرقى جەڭلەرنى قىلىۋاتقان ئىدى....!؟ قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە يىقىلماي جاھىللىق بىلەن كۆكلەۋاتقان بىر نەچچە تۈپ ئاقتېرەك بىلەن قارىياغاچ ھاياتلىققا ۋەكىل بولۇپ تۇراتتى. جايتاغنىڭ يۇقۇرىدا سۈرەتلەنگەندەك جەننەتتەك مەنزىرىسىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتا ئېسىمگە ئالالمىدىم. سەزگۈلىرىم كۈننىڭ ئوتتەك تەپتى بىلەن يىللاپ كەتكەن جىمجىتلىقتىن باشقا ھېچنىمىنى سەزمەيتتى. كۈننىڭ نۇرىدا ھەممە نەرسە ھەتتا ئاسمانمۇ ئاقۇش كۆرۈنەتتى. مەرھۇم دادام، كىچىك چاغلىرىمىزدا بىرەر قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە چوقۇم دۇئا قىلىش كېرەكلىگىنى، روھلارنىڭ دۇئاغا مەڭگۈ تويمايدىغانلىقىنى، يېنىدىن تىرىك ئادەم ئۆتسە "دۇئا قىلىپ قويارمۇ...؟" دىگەن ئۈمۈت بىلەن خېلى يەرگىچە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. (مەن شۇ چاغدا دادامدىن باشقا مىللەتلەر ئۆتسىمۇ روھلار ئەگىشەمدۇ ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. دادام كۈلۈپ كېتىپ، " ئۇلار بىزگە باشقا مىللەت كۆرۈنگەن بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە ئۆز كۆرىنىدۇ. شۇڭا زارەتلىكتىن ئۆتۈپ بولغىچە مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. روھلار نىمىشقا ئەگەشمىسۇن" دىگەن ئىدى.....) ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ھاۋا نەپەسلىرىمنى بوغاتتى. ئەتراپىمدا ئاقۈش رەڭ بىلەن ئورالغان جىمجىتلىق ئىگىز-پەس سوزۇلۇپ ياتاتتى. يىقىلغان دەرەخ بىلەن تاملارنىڭ كەينىدىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان روھلار بىزگە قاراۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمگە بىر تىندىم. ئاۋازىمنى قويۇۋەتتىم؛ _ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئى قەبرىستان ئەھلى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار. ئىلگىركىلەر ۋە كېيىنكىلەر . ئاللە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلسۇن. شۇنداقلا بىزنىڭ گۇناھىمىزنىمۇ مەغپىرەت قىلسۇن. سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلەر. بىزمۇ سىلەردىن كېيىن يېتىپ بارغۇچىلارمىز........ قەبرىستاننىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا ئۇدۇلدىكى قارا تاشلىق چوققىنىڭ باغرىدا ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان قوش گۈمبەز يەنى ئەسمىتۇللا بېگىمنىڭ قەبرىسى كۆرۈندى؛ - ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، شېھىت بولغان قەھرىمان بېگىم !...... ئەسمىتۇللاھ بېگىم ئاقسۇدا دارغا ئېسىلغاندىن مانجۇ مەمۇرلىرى ھەرنىمە بولسا ئۇلارنىڭ جەسسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. خەلق ئۇلارنىڭ جەسىتى ئاقسۇدىن ئاچىتاغقا ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ ئورۇنغا دەپنە قىلغان. ئېھتىمال خەلقىمىز، مۇبارەك نورۇز ئۆتكۈزىدىغان بۇ گۈزەل ۋادىنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك جايىغا مۇۋاپىق ھىساپلىغان ئوخشايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مازارلىق كېڭىيىپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلگەن. مىليونلىغان گۈل-گىياھلارنىڭ ئورنىدا بۈگۈنكىدەك مىڭلىغان قەبرىلەر پەيدا بولغان. ياپ-يېشىل ۋادا، ئاپپاق مازارلىققا ئايلانغان ئىدى. تاغ باغرىدا ئىككى گۈمبەز بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسى ئىكەن. قەبرىنىڭ سول تەرىپىدىكى گۈمبەز تىلاۋەتخانە ئىكەن. ئۇنىڭدىن يۇقۇرراق ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇنسىغا بىر تام تۇراتتى. قارىماققا ئىلگىرى نەزىر-چىراق ياكى باشقا دۇئا-تەگبىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئىزىدەك قىلاتتى. ئىككىمىز گۈمبەز شەكىللىك تىلاۋەتخانىغا كىردۇق. تىنىقىم يۈرەكتىكى قىززىقلىقنى بازلايدىغان بىر سالقىنلىقنى ئىچىمگە سۈمۈرۈپ كىردى. ئوتتۇرىدىكى كونا بورىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئوغلۇم بالىلىق قىزىقىشلىرى بويىچە گۈمبەزنىڭ ئىسلاشقان تاملىرىدىكى ئىزلارغا، كونا ئوچاق ۋە دېرىزە ئورنىدىكى تۆشۈكلەرگە قىزىقىپ قارايتتى. گۈمبەزنىڭ ئىشىكىدىن بېگىمنىڭ قەبرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. گۈمبەز تىك چۈشىۋاتقان كۈن نۇرىدا كۆزۈمنى قاماشتۇراتتى. تىلاۋەتخانىنىڭ ئىچىدىكى نەمخۇش تۇپراق يىللار جەريانىدا يۇمشاق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، سالقىنلىقتا ئارام تاپقان تېنىممۇ ئەشۇ توپىدەك يۇمشاپ كېتىۋاتاتتى. تۇرۇپلا كاللامغا ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان بىر ئوي كىرىۋالدى. "....ئۇ قەھرىمان بولۇشقا تەييارلانغان ئەشۇ مىنۇتلاردا قانچىلىك تەشۋىش ۋە قورقۇنچ ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندۇ ؟ ئۇ كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت بۇ دەھشەتلىك ئېغىر تۇيغۇغا قانداقمۇ تېگۈشكىسى كەلگەندۇ ؟! ........" ھايال ئۆتمەي ئىچىمدىن بىر قىززىق تاۋۇش ئۆرلەپ چىقتى. "ئامالسىزلىق............." بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى مىللى ساتقۇن ھىدايىتۇللا ئون ئىككى مىڭ جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالىدۇ. جۇڭغارلار يەكەننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەنلەرنى ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇراسىمدا جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان بوشوكتۇ ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەكەن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى سەركەردە ئېۋەزبېگىمگە ئۆزىگە خىزمەت قىلسا ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداقلا يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق ئېۋەز بەگ قەتئى رەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا غالدان ئۇنىڭغا " بۇ چەنتولاردىن ساڭا ئوخشاش مەردانىلەرمۇ چىقىدىكەن-ھە...." دەپ تەنە قىلغاندا ئېۋەز بېگىم " توغرا، يېنىڭدا ئولتۇرغان ئاۋۇ مۇناپىقلار چىققان ئەلدىن ماڭا ئوخشاشلار چىقمىسا، بۇ قانداقمۇ ئاللەنىڭ ئادالىتى بولسۇن ؟!...." دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇ چاغدا ھىدايىتۇللا(ئاپپاق خوجا) غالداننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن.... ئېۋەز بېگىم ئېيتقاندەك ئۇلۇغ ئاللە ھەقىقەتەن ئادىل . چۈنكى ئېۋەز بېگىم، رەھمىتۇللاھلاردىن ئىلگىركى ياكى كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدا ئاللەنىڭ ئادالىتى بىلەن قارا يۈرەكلەر ئۈچۈن قانلىق قىساسلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بوران ئوتنى ئۆچۈرگەن بىلەن چوغنى ئۆچۈرەلمىدى. زەھەرلىك يىلانغا كۈشەندە بولغان بۈركۈتلەر ھامىنى ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ تۇردى. ھەققانىيەت جەڭچىلىرىنىڭ تەغدىرى قانداق ئېچىنىشلىق بولغان بولسا، زالىم كۈچلەرنىڭ تەغدىرىمۇ ئۇلاردىن ئانچە پەرقلەنمىدى. بوۋىسىنى دارغا ئاسقانلارنىڭ بوينىغا نەۋرىسى قىلىچ سالدى. بىراق.......تىنجىماس زىمىن، تىنجىماس ئەجدات نىمىگە ئېرىشتى ؟! ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرلانغان بۇ كۈرەشلەرنىڭ خاتىمىسى خەلق ئويلىغاندەك ئارزۇ قىلغاندەك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. زۇلۇمنىڭ زەنجىرى پاچاقلانمىدى. ئاتىسى سۆرىگەن سۆرەمنى بالىسىمۇ سۆرەۋەردى. بىر ھاقارەت ئىككى بولسا بولدىكى يېرىم بولمىدى..... خىياللىرىمنىڭ كەينى گۈمبەزنىڭ ياڭاق توختىمايدىغان چوققىسىدا توختاپ قالدى. تۇيۇقسىز يولىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك ھودۇقۇپ قالدى. بىر مەھەل تەشۋىشتىن كېيىن قېلىنلاپ كەتكەن خىياللىرىمنىڭ ئاستىدىن بىر سادا ئېتىلىپ چىقتى؛ - ياق ! ...... خىياللىرىم پارچە-پارچىلارغا بۆلۈندى. پارچىلاردىن ھەر-خىل قىياپەتتىكى مىڭلىغان روھلار نامايەن بولدى. گاھىلىرىنىڭ قولىدا قىلىچ، گاھىلىرىنىڭ بوينىدا تاقاق پۈتىدا ئىشكەل، گاھىلىرىنىڭ ئۈستى-بېشى قىپقىزىل قان....... ئۇلار قەلب دۇنيايىمغا باستۇرۇپ كىردى. دەلدۈشتەك تىترەپ تۇرغان ئىستەكلىرىمنىڭ ياقىسىدىن ئالدى. ئىستەك-ئويلىرىمنىڭ بوينىدىن سىقىپ تۇرۇپ قاتتىق سىلكىدى؛ - بۇنداق دىيىش ئادالەتلىك پەرۋەردىگارغا بۆھتان قىلغانلىق. ئۇنىڭ "ھەركىم ئەجىرىگە يارىشا نېمەتكە ئېرىشىدۇ" دىگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىك. ئەشۇ كۈرەشلەر مەۋجۇتلۇقنىڭ نىداسىغا ئوخشاش بۇ مىللەتنىڭ چاقىرىقىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر قۇمدەك ئادەملەرنى جەملەيدىغان يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر بۇ مىللەتنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بىباھا داستانلىرىغا، يالقۇنلۇق ھىكايىلىرىغا ئايلىنىپ ئەۋلات بىلەن ئەجداتنى مەنىۋى زەنجىردەك مەھكەم باغلىدى. ناۋادا، ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا، مەن سېنىڭ بىلەن قانداقمۇ ئورتاقلىق تاپالايتتىم ؟! ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا سەن ئەۋلاتلىرىڭغا نىمىنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا ئوغلۇڭ بىلەن يىراقتىكى قومۇلدىن نىمىنى ئىزدەپ كېلەتتىڭ ؟! ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئىسىم-زاتىمىز، يوسۇن-قائىدىمىز، نەپرەت-مۇھەببىتىمىز مەۋجۇت بولامتى ؟.......... كۆڭلۈم بىر بەختىيارلىققا تولدى. ياشقا تولغان كۆزۈم ئەمدى كۈلكىگە لىق تولدى. بەدەن-بەدەنلىرىم شۇنداق خوشلۇق بىلەن يايرىدى. - ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ! ساڭا ھەمد ئېيتىمىز. سەن تەڭداشسىز ئادالەت ئىگىسى. سەن ئەجداتلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىنايەتنى بەردىڭ. ئۇلارغا بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى شانلىق ۋە ئۆلمەس تارىخنى بەردىڭ........! مانا بۇ قەھرىمان ئېۋەزبەگ ئېيتقان ئاللەنىڭ ئادالىتى ئىدى. ................... بىز تىلاۋەتخانىدىن چىقتۇق. بۇ چاغدا كۈن غەرپكە قىيسايغان بولۇپ، يىراقتىكى ئاچىتاغ تەرەپتىن سالقىن شامال كېلىۋاتاتتى. قەبرىلەرنى دەسسەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كىرگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق. مازارلىقنىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ كەينىمگە يەنە بىر قارىغۇم كەلدى. قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە بىرنەرسە مىدىراۋاتقاندەك قىلدى. توختاپ قارىدىم. ئەسلىدە ياغاچقا باغلانغان رەخت پارچىلىرى شامالدا يەڭگىل سىلكىنەتتى. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتا تۈزىتىلدى قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت Abdurehim ablethan بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurehim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 01:54 PM
|