تولا ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئامرىكىنى تولىمۇ ئەركىن ھېچقانداق ئېزىش ئېزىلىش بولمىغان دىموكراتىك دۆلەتتەك ھېس قىلىشىدۇ ،دەرۋەقە ئامرىكىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەرەققىياتى ،كىشىلىك ھوقۇق، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپپەقىيەتلىرى كىشىنڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ ،لېكىن ئۇنىڭدىمۇ نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكلەر ساقلانغان.يېقىندا يۈز بەرگەن بوستون پارتىلتىش ۋەقەسى بۇنىڭ ئەينەن ئىنكاسى.
بۈگۈن ماتىريال ئارىلاۋىتىپ ئامرىكا توغرۇلۇق بىر قىسىم مەلۇماتلارنى كۆرۈپ قالدىم ،تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي:
ئامرىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئون شەھىرى
1 .دىترويت(مىچىگان شىتاتى) نوپوسى:71.3239تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 2137كىشى زوراۋانلىق جىنەيەت گۇماندارى
ئاپتۇموبىل شەھىرى دىترويت ئامرىكا ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلىرى ئىچىدە ئۇدا تۆت يىل بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن.جەمىيەت ئامانلىقنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىكى سەۋەپ بۇ شەھەردىكى جەمىيەت تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا دائىم زىددىيەت يۈز بېرىدىغان بۇلۇپ ،گەرچە پۈتۈن ئامرىكىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ،باسقۇنچىلىق ،ئوغرىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى2011-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئون پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ،لېكىن دىترويت شەھىرىنىڭ بۇ كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئۇتتۇرىچە سەۋيىسىدىن 5ھەسسە يۇقىرىلىقى بىلەن داۋاملىق بىرىنچىلىكنى ساقلىغان.
2.سايىنت لۇئىس(مىسسۇرى)
نوپوسى :32.0454تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1827ئادەم زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
سايىنت لۇئىس بولسا ئامرىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ چۇقۇم ئۆتىدىغان جايى بۇلۇپ .قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە زوراۋانىق توقۇنۇشى بۇ يەردىكى پۇقرالارنى غەمگە سالماقتا.2012-يىلى بۇ شەھەردە زوراۋانلىق جىنايىتى يۈز بېرىش نىسبىتى4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن ،بىراق 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى.
3.ئاۋكلاند(كالفورنىيە شىتاتى)
نوپوسى:39.5317تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1683ئادەم زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
بۇ شەھەرمۇ زەھەر ئەتكەسچىلىك لىنيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى ،باي كەمبەغەللىك پەرقى ناھايتى زور،زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ئىنتايىن تېزبۇلۇپ ناھايتى ئاسانلا توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
4.مېمفېس(تېننېسى شىتاتى) نوپوسى:65.2725تۈمەن زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1583ئادەم زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
بۇ يەردە زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ( تەرسا)خاراكتىى ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىدا زور تۇسالغۇسىغا ئايلانغان.《قاتتىق زەربە بېرىش》ئارقىسىدا 2012-يىلى 2011-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 68قېتىم دىلو ئاز سادىر بولغان،يۈز بېرىش ئومومى سانى يەنىلا 1.0333تۈمەن قېتىمغا يەتكەن.
5.بىرمىڭخام(ئالاباما شىتاتى )
نوپوسى:21.3258تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە1483ئادەم زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
نامراتلىق ۋە زەھەر بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئەڭ ئاساسى سەۋەب.نوپوسنىڭ 26پىرسەنتى زەھەر چەككۈچى ۋە 17 پىرسەنتى نامرات ئاھالە بۇلۇپ ،بۇ نىسبەت داۋاملىق ئاشماقتا.
6.ئاتلانتا (جورجىيە شىتاتى )
نوپوسى :42.5433تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە1433ئادەم زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
ئاتلانتا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سورۇنى بۇلۇپ .زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى شەھەرنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا.2012-يىلى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىش نىسبىتى 6پىرسەنت ئۆرلىگەن.
7.بالتىمور(مارىيان شىتاتى)
نوپوسى:62.6848تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1417كىشى زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
گەرچە بالمىتورنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىش نىسبىتى2012-يىلى 5پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ،لېكىن نامراتلىق ئامرىكا بويىچە ئالدىنقى 15-ئورۇندا تۇرماقتا.زوراۋانلىق ۋەقەسى ئىچىدە باسقۇنچىلىق ئەڭ زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
8.سىتوكدۇن(كالفورنىيە شىتاتى)
نوپوسى:29.5136تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1408كىشى زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
ئۇيۇشۇش كۈچى بولمىغان شەھەردە ئامانلىق ساقلاشمۇ بىر مەسلە.2012-يىلى 6-ئايدا سىتوكدۇن ھۆكىمىتى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى،شۇنىڭغا زور تۈركۈمدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ قىسقارتىلىشى شەھەردە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئاۋۇتىۋەتتى.
9.كلۋېلاند(ئوخىئو شىتاتى)
نوپوسى:39.7106تۈمەن
زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1363كىشى زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى
كلۋېلاندنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە چېكىنمەكتە .زەھەر چېكىش ۋە نامراتلارنىڭ ئىشىشى تېز بۇلۇپ ،زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىش نىسبىتى 2011-يىلى بىلەن تەڭلەشكەن.بىردىنبىر تۆۋەنلىگىنى قەسلەپ ئۆلتۈېۈش بۇلۇپ ،27پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
10.بۇففالو(水牛城)(نىيۇ يورك شىتاتى)
(بۇ شەھەرنى نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم) نوپوسى:26.2484تۈمەن زوراۋانلىق قاتىللىق يۈز بېرىش نىسبىتى:ھەر 10تۈمەن كىشىنىڭ ئىچىدە 1363كىشى زوراۋانلىق جىنايەت گۇماندارى بۇ شەھەردە زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى كۆرۈلگەن بۇلۇپ شۇنىڭدىن كېيىن ئاستا ئاستا تۆۋەنلىگەن .لېكىن ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچەم سىزىقىدىنمۇ تۆۋەن سەۋيەدە ياشاۋاتقان30پىرسەنت نوپوس تىز گىنلەش ئەڭ تەس بولغان توپقا ئايلانغان.
ئېنگىلىزچە فوبۇس ژۇرنىلىدىن نىڭلىياڭ تەھرىرلىگەن.مەن شۇنى تەرجىمە قىلدىم .تەرجىمىدە خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ قوياسىلە...
|