مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1963|ئىنكاس: 16

ئىنكاستىكى تارىخ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاستىكى تارىخ

تۆۋەندىكى  بىر تېمىغا يېزىلغان ئىنكاس بولۇپ ، ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم


     دەرۋەقە بىزنىڭ مىللىتىمىز يۈزەكى چۈشەنچىلەر سەۋەپلىك «ئازسانلىق»  ھېساپلانسىمۇ، ئەمىلىيەتتە دۇنيا بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت.
تارىخ بۇنىڭغا شاھىتكى،ئىنگىلىز تارىخشۇناسى، ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋود  (  James Churchward ) ( بەزىلەر خاتا ھالدا ‹ جېيمس چېچۋارد › ، ‹ جامېس چۇچۋارد › دەپ يېزىشىۋاتىدۇ . بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن )نىڭ بايانى نۆۋەتتىكى پىكىر – چۈشەنچىلىرىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ، ئەلبەتتە .
جەيمز چېچۋود 50 يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى «نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەتئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر ...سىلاۋيانلار ، تېۋتونلار ، كېلىتلار ، ئىرلاندىيىلىكلەر ، برېتونلار ۋە باسىكلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېگەن يىلتىزدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلەر .برېتونلار ، باسىكلار ۋە ھەقىقىي ئىرلاندىيىلىكلەر ياۋرۇپاغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماگېنتلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . »
ئاپتور كىتاۋىدا يەنە زامانىمىزدىكى ھىندىستانلىقلار ۋە پارسلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق شەرھىلىگەن :«ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي ـ جەنۇبىدا تاغلار ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرى ، ئېمپىرىيە ھالاك بولۇپ 8 ــ 10 مىڭ يىلدىن كېيىن تەنتەنىلىك رەۋىشتە قايتا تارىخىي سەھنىگە چىقتى . ئۇلار داۋانلار ئارقېلىق تۈزلەڭلىكلەرگە يول ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تاغلاردىكى ماكانلىرىنى تۆت تۈركۈم بولۇپ تاشلاپ كېتىشتى . ... تاغلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە ھىندىقۇش تاغلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار چۈشكەن . ،... بۇلار كېيىن ھىندۇ ــ ئارىيانلار سۈپىتىدە مەلۇم بولدى . .... بۇ كۆچۈش مىلادىدىدن ئىلگىرىكى 2000 ـ 1800 ـ يىللىرى باشلىنىپ ، مىلادىدن 1500 ـ يىلى ئاياقلاشقان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بۇ ھىندۇ – ئارىيانلار نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ، ئاۋغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق ، ھىندىستان ۋادىلىرى يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئاخىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرغۇنلىرى بولغان ناگا – مايالارنى سىقىپ چىقىرىپ ، پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ....بۇ ، ھىندىستاندا ھەممىلا يەرگە تارقالغان ھازىرقى ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى . تەخمىنەن شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىدىراق ياشىغانلىرى ، پەس داۋانلار ئارقىلىق ئىران دالاسى بىلەن پارىس قولتۇغىنىڭ شەرىقى ـ شىمال قىرغىقىدىكى رايۇنلارغا چۈشكەن .بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنرەك پارسلار دەپ ئاتالدى .ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوڭاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا ، ئەرمەنىستان ۋە زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى مىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتى .بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا مىدىيانلار نامىنى ئالدى . مىدىيانلارمۇ ، پارسلارمۇ « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا ياشىغان « ئاخ رايا » قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پەيدا بولغان ئارىيانلاردۇر .ئۇلار يانىلا تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپادا ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بۇيۇك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى تەئەللۇقلىغى ، تىلى ۋە دىنى بىر ـ بىرىگە ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . ئۇلار ئەزەلدىنلا بىر خەلق تۇرسا ، باشقىچە بولىشى مۇمكىنمىدى ؟ »
ئەلبەتتەكى ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ھىندى ، پارس مىللەتلىرىنىڭ تىلى ، ئۆرپ –ئادەتلىرى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، چىراي شەكلى ، بەدەن تۈزۈلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار بىزنى ئاپتور «قېدىمقى قۇرۇقلۇق مۇ » ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارغا قارىتا سالماق مۇئامىلىدە بولۇشقا ئىندەيدۇ ....
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا « ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەتىنى (« مۇ قۇرۇغلۇقى » ) بارلىق قېدىمقى يېزىقلارنىڭ ئاچقۇچى » دەپ يېزىپ ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىت ـ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « سېھىرلىك يېزىق » توغرۇلۇق توختالغىنىدا ئۇيغۇرلارنى دەرھاللا تىلغا ئېلىپ ، «ئۇيغۇرلار بولسا ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىك ياكى تۈز سىزىقلاردىن پايدىلانغان،...»دەپ كۆرسىتىدۇ .
ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتابىدا بولسا : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم ، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرىدۇر . » دەپ يازىدۇ .مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قېدىمقى مىسىر ، ۋاۋىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغا ئېلىشىدۇ .  
ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ ، مۇنداق دەيدۇ :« ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە يەتكەن . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق توقۇمىچىلىق ، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى .ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى .ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن .قېدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قېدىمىي «مۇ » دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» ( ئۇيغۇرچە نەشرى ، 14 – بەت )
ئەمدى، مىللىتىمىزنىڭ مانا شۇنداق تەڭداشسىز دېگۈدەك كۆپ سانلىق مىللەت ئىكەنلىگى ۋە ئىلىم –مەرىپەتتە ئاجايىپ ئىلغار ئىكەنلىگىنى زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملارمۇ چۇڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بۇ يەردە قىسقىچە تىلغا ئالىدىغان بولسام، تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت –سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر ......ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كېلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلاركىلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى . .... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسـلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەر ـ نى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم. » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى: « پروفېسسور دوكتۇرئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار .ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت –سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر .باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ،  « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار  ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار .ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت –سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان.ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى .ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى  تېزلىكتە  يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلى بولسا « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « تۈرك تىلى تارىخى » ناملىق كىتاۋىدا مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ :  « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ( شۇ كىتاپ ، 169 – بەت ) .يەنە ، شۋېتسىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس گۇننار يارىڭ « ئۇيغۇر تىلى » ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى يازغان بولسا ، گېرمانىيىلىك پروفېسسور گابائىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، دىنىي ئېتىقادى ، تىل - يېزىغى ۋە مەدەنىيەت – سەنئىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغانكى ، ئۆمۈرۋايەت تۇرمۇشلۇق بولماي ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ  بۇ جەھەتتە يېزىپ قالدۇرغان 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تەقرىزلىرى بار
aئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پاكىت- دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى خۇنۇك، ئىقتىدارسىز كۆرۈشىمىزكېرەكمۇ؟ باشقىلار ھەم  شۇنداق كۆرىشى كېرەكمۇ؟
ياق، مىڭ مەرتىبە ياق! ئەگەر  ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇلسا بۇيۇك تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىنغان بولىدۇ!!!
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز قەددىمىزنى رۇسلاپ، تارىخىي ئەنئەنىمىزگە ، تارىخىي ئورنىمىزغا مۇناسىپ ھالدا ئىلگىرلەشكە جاسارەت بىلەن قەدەم تاشلىشىمىز لازىم!
مانا ئەمدى قانداقراق ھېسىياتتا بولاۋاتىسىز ؟
مەنبە؛ئەجدات تارىخ مۇنبىرى
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى تەسىتقلىغان بولساڭلار  ياخشى تېىما ئىدى رەھمەت

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 11:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.ejdad.com/bbs/forum.php

تارىخقا قىزىقىدىغان   دوسىتلارغا بۇ تور بەتنى تەۋسىيە قىلىمەن

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4985
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 11:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تارىخنى  بۇرۇن ئازىراق ئاڭلىغاندەك قىلىمەن ..........
رەخمەت . ياخشى تېمى يوللاپسىز .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:16:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئڭ مۇنبەردىكى ئوتۇنچىنىڭ يازمىلىرى خېلى ئېسىل ، بىلىمىگە قول قويىمەن ئۇ سولتەكنىڭ  ،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:45:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ....يۇقۇرىدا ئىنكاس ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرىلگەن...‹قەدىمقى مۇ›قۇرۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان...ھەم زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن تارىخى ئۇچۇر بىلەن،
بەھىرلەندۈرگەن  ئۇزكۈي ئەپەندىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93439
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 06:50:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzkui يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 11:42 PM
http://www.ejdad.com/bbs/forum.php

تارىخقا قىزىقىدىغان   دوسىتلارغا ب ...


     ئۆز تارىخىمىزنى بىلىشىمىزدىكى ياخشى تور بەتكەن. تەۋسىيىڭىزدىن سۆيۈندۈم. رەھمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 08:25:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە. بۇ تېمىنى ساخلىۋالاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80084
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3808
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 09:31:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ،مەن بۇرۇن6000يىللىق تارىخىمىز بار ەپ ئاڭلىغان.لېكىن بۇبىر نىمىلەر ئىتراپ قىلمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ،يىغىپ ئەكەلسە خىتاي نوپوسىغا نىسباتەن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق مىللەت ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارايمەن مەن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 09:45:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 2007-يىلى دۇنيادىكى ھەر5نوپۇسنىڭ بىرى خەنزۇ دەپ ئاڭلىغان . بەلكىم ھازىر 4\1بولغاندۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:11:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن بىزنىڭ بۇ تارىخىزنى قانچىلىك ئويغۇر بىلىدىغاندۇ ، بولسا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى ئۈندىدار ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلغان بولساق ياخشى بولاتتى .  شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز چۈشىنىپ قالاتتى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش