مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6653|ئىنكاس: 50

دەييۈز ئەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 07:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يانغىننىڭ ئىلاۋىسى

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ،بەلكىم بۇ تىمىدا بەزىلەرنىڭ (ھەقتىن باش تارتقان تەكەببۇرلارنىڭ) زىتىغا تەككەندىمەن. ھەم يەنە بەزىلەر «غاجاپتۇ،غەيۋەت قىلپتۇ» دەپ بىر تالاي شۇئارلارنى توۋلار.بىراق ئويلايمەن.ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش جەھەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلارغا نىسبەتەن ، سۈكۈت قىلىشمۇ بىر خىل ۋىجدانسىزلىق.
مەن قانداقتۇ بىر كىمنى غاجىمىدىم.غەيۋەت ھەم قىلمىدىم.پەقەت ئۇيغۇر  ئەركەكلىرىدىكى ئىللەتنى يېزىش جەھەتتە،  تۇلىمۇ تىيىز بىلىمىم بىلەن ئارتۇقچە سۆزلەپ قۇيۇپ كۇفرىلىق سادىر قىلىپ قويماسلىقنى پاك ئاللاھتىن سان-ساناقسىز تىلەپ تۇرۇپ ،شەرەپلىك قۇرئانىمىز ۋە مۇقەددەس ھەدىسلىرىمىز،ھەم مۆھتەرەم ئالىملارنىڭ ئۈگۈتلىرى(ئايەت ،ھەدىسلەرنى شەرھىلىشى) ئاساسىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈت قىلىپ يېزىپ چىقتىم.رەببىمىز بىر،رەسۇلىمىز بىر،كىتابىمىز بىر،دىنىمىز بىر،شەرىئىتىمىز بىر،كەئبىمىز بىر،تىلىمىز بىر.!!!جانابى ئاللاھ بىزنى پاك ئىسلام نۇرى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ دىللىرىمىزنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم قىلىۋەتكەي!!!!!!
باشقۇرغۇچىلار خەت شەكلى ۋەقۇرۇلمىسىنى ئوڭشاپ قويساڭلار،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

دەييۈز ئەرلەر

  سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز(ئۇنىڭغا جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن)-«قىيامەت كۈنى ئاللاھ قارىمايدىغان يەنە بىر تائىپتىكى كىشىلەر دەل دەييۈز كىشىدۇر»- دېگەنىدى.دەييۈز دېگەن بۇ ئاتالغۇ مۇقەددەس ئىسلامىمىزدا ،ئائىلىسىنى خۇتۇن بالىلىرىنى،ئىگىچە-سىڭىللىرىنى  كۈنلىمەيدىغان،ياتتىن قىزغانمايدىغان،قوغدىمايدىغان كىشى دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.ئەپسۇس ئەر-ئايال باراۋەرلىكى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۇ زاماندا ئەرلەر نۇرغۇن ئىشلارنى توغرا چۈشۈنىدىغان بولدى.دۇرۇس، بىز ئالاھىدە بىر خىل ئىجدىمائى مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز.نۇرغۇن ئىشلار خاھىشىمىز بۇيىچە ئەمەس بەلكى باشقىچە يۇسۇندا كېتىپ بارىدۇ.بىراق ئىمكانىيىتىمىز دائىرىسىگە نەزەر سالساق،بۇ دەييۈزلۈك بەزى شىرمەت ئوغلانلار تەرىپىدىن زامانىۋى ئىستىمال تۈسىدە تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى.قىسقىسى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈزى   مەۋھۇم ئەمما ئىپادىسى تۇلىمۇ يارقىن بولغان ئاتالغۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى بىزدە تەئەججۈپلۇك ئويلارنى ،تەگسىز ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىلەرنى ئويغاتتى.
   ئەرلەر ئائىلىنىڭ پادىچىسى،پاناھى،تۈۋرۈكى ئىدى.بۇيەردە تىلغا ئالغان كۈنلەش قانداقتۇ ئەھلى-ئايالىنى قارغۇلارچە تۆھمەت بىلەن تەقىپ قىلىپ ھەممە ئىشىغا كۈلەڭگۈدەك ئارلىشىپ تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس.مۇقەددەس ئىسلامىمىز گۇمانخورلۇقنى چەكلەيدۇ.بىراق گۇمانخور ئەمەسمەن دەپ بەزى ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئىللەتلەرنىمۇ تۇسۇشقا رىغبىتى بولماسلىق ،قىسقىسى ئىسلام چەكلىگەن ،ھەرقانداق ئىش-ھەركەتكە غەزەپلەنمەي،سۈكۈت قىلىش ،بىپەرۋا قاراش ياكى بولمىسا،زوقلىنىش دەل بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدىكى دەييۈزلۈكنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
«بىر ئايالنىڭ غۇرۇرى بىر ئەرنى يامان يولدىن توسسا ،بىر ئەرنىڭ غۇرۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن تۇسىدۇ »–دەپ ئېيتقان ئىدى دانالار.دەرۋەقە ئەرلەر مىللەتنىڭ پاناھى ،ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،قىز-ئاياللارنىڭ يۈلەنچۈكى ،بالىلارنىڭ تېغى،ئەۋلاتلارنىڭ مەنىۋى تايانچى
ئىدى.ئايالنىڭ جىلۋىسىدىن دۇنيا نازلانسا،ئەرلەرنىڭ قەھرىدىن شەيتان ئۈركۈيتتى.ئايالنىڭ لاتاپىتىدىن شېئىر تۈكۈلسە ،ئەرلەرنىڭ سۇباتىدىن قەھرىمانلىق تۇغۇلاتتى.ئانىنىڭ كۆزياشلىرى تەسىر قىلمىغان كەپسىز يىگىت،ئاتىنىڭ قەھرى بىلەن شەيتان يوللىرىدىن ياناتتى.ئاچا-سىڭىللارنىڭ دەۋىتىدىن ئېرەن قىلمىغان قىزلار،ئاتىسىنىڭ،ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ ئۆيگە بالدۇر قايتاتتى.قېيىن ئانىنىڭ تەنىلىرىدىن مىت قىلمىغان كۈيۈغۇل قېيىن ئاتىنىڭ سۈكۈتىدىن تەرلەيتتى.ئەل-جامائەتنىڭ نەپرەتلىك نىگاھلىرىدىن قورۇنمىغان ئاياللار ئېرىنىڭ تەنبىھلىرىدىن يۆگىنەتتى.قىسقىسى ئەرلەرنىڭ قەھرى ،ئەرلەرنىڭ سۈر- ھەيۋىسى،ئەرلەرنىڭ سالاپىتىدىن ئايال پادىشاھمۇ مۇلايىملىشاتتى.دىمەك ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ ئايالنىڭ ھەممە نىمىسى ئىدى.بىراق ئەرلەردىكى ئەقىدە جەھەتتىكى بىپەرۋالىق ،ئېتىقادتىكى تېيىزلىق،مۇقەددەس شەرىئىتىمىز ھەققىدىكى چولتىلىق ياكى بولمىسا ساۋاتسىزلىق،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە پۈتكۈل قىز –ئاياللارنىڭ روھىيىتىگە تەسىر قىلغاچقا ،قىز-ئاياللار ئەرلەردىن ئەيمەنمەيدىغان،ھالەتكە يەتتى.بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ئەبجەش مەدەنىيەتلەر روھىيەتكە كۈنسىرى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زامانلاردا،ئەرلەرنىڭ بىغەملىكى ،دەييۈزلىكىدىن قىز-ئاياللار ئۈزىدىن بەكلا يىراقلاپ كېتىپ،دىننى شەرىئەتنى .ئاللاھنى ئۇنتۇش گىردابىغا كەلدى.نەتىجىدە ئەۋلاتلاردىكى ئاينىش،بۇزۇلۇش،شالغۇتلۇقنى چىللىدى.
  ئاياللار يېرىم-يالىڭاچ،يالاڭباش،ئۇچۇق مەيدە ،چاڭگا چاچ ھالەتتە، رەستىلەردە ئايان بولدى،دەييۈز ئەرلەر ئەھلىنىڭ بۇ تۇرقىنى چەكلىمەكتە يوق،يەنە تېخى خىرامان يۈردى.ھەتتا ئەھلىنىڭ مودا زامانىۋىلىقىدىن پەخىرلىنىپ ئۈزىنى قالتىس چاغلاپ يۈرۈشتى.
ئاياللار ئاپئاق بۇيۇن،قولتۇقلىرى ،بىلەك پاقالچاقلىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ ،بەزىلىرى ھەتتا نىپىزلىكىدىن ئىچىدىكى ھەر خىل رەڭلىك باغىرداقلىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنىمۇ ھېچ قورۇنماي كىيىشىپ كوچىلاردا نامايان بولدى.دەييۈز ئەرلەر ئەھلى-ئاياللىرىنى يات كۆزلەردىن ،نامەھرەملەردىن چەكلىمىدى.
   غاپىل ئاياللار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن چەكلەنمەكتە يوق پىسقىدا ئەزۋەيلەپ ،غاپىللىقتا تېڭىرقاپ،كىيىم-كېچەكنىڭ زىبۇ-زىننەتنىڭ ،شۆھرەتنىڭ ،قۇلى بۇلۇپ گۇمراھلىققا پاتتى.دەييۈز ئەرلەر ئەھلى-ئاياللىرىنى ۋىجدانى سىلكىشلەر بىلەن ئويغۇتۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ئەكسىچە ئاشۇنداق غاپىل ئاياللاردىن ئىپتىخارلىنىپ ئۈزىنىڭ  ھەق ئالدىدا لەنەتكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدى.
  غاپىل ئاياللار تۈرلۈك سورۇنلاردا ،كۇلۇپلاردا ،شەيتان مارشىنى توۋلاپ ، يۈردى.دەييۈزئەرلەر ئاياللارنى ھارام سورۇنلاردىن چەكلىمىدى.
  دەييۈز ئەرلەر ئۈزى نامازنى ئادا قىلغان بولسىمۇ بىراق يېنىدىكى ئەھلىنى نامازغا دەۋەت قىلمىدى.ھەتتا مەن باشقا گۆردە ياتىمەن دېگەندەك بىپەرۋا  قاراپ ،ياكى بولمىسا قېيداپ،ئەھلىنىڭ يالاڭباش، يېرىم يالىڭاچلىقىنى ،بىنامازلىقىنى ،ئەقىدە جەھەتتىكى نەقەدەر نامراتلىقىنى تۈزەشكە كۈڭۈل قويمىدى.شۈبھىسىزكى نامازخان بۇ ئەر ،ئەھلىنىڭ ئەقىدە جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن،ئۈزىنىڭ، يۇرۇقى يوق جىن چىراق كەبى ئاجىز تەقۋالىقى بىلەن دەييۈز سانىلىپ قالغىنىنى تۇيمىدى.ئەسلى جانابى ئاللاھ ئەرلەرنى ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن ياراتقان.بىراق بۇ ئەرلەر ئۈزى شەرىئەتنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ بىراق ئەھلىنىڭ يالىڭاچلىقىنى توسمىغىنى،ئەۋرەت سانىلىدىغان چاچلىرىنى ياپقۇزالمىغىنى ،نامازغا دەۋەت قىلىپ ئۇقۇتالمىغىنى ،بىخوت نادان روھىنى ئاللاھ بەرگەن مۇقەددەس ئەرلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ۋىجدانى گۈدۈكلەر  ئويغۇتالمىغىنى ئۈچۈن ساۋابىنىڭ كەمىيىپ ماڭىدىغىنىنى ئويلىمىدى.
   دەييۈز ئەرلەر باشلىق ئالدىدا مەجنۇنتالدەك ئېگىلىپ،ئۇلارنىڭ ھەرقانداق كۆرسەتمىلىرىگە بىجاندىل ئاۋاز قۇشۇپ،ھەتتا ھاراق سورۇنىدىمۇ باشلىقنىڭ رومكىسىنى يالاپ ،ھەق ئالدىدا ئاسىي ،قەۋمى ئالدىدا خىيانەتچى ،ئەۋلاتلار ئالدىدا جىنايەتچى بولدى.دەييۈزلۈك ئۇلارنىڭ ئىنسابىنى بىتوندەك قاتۇرۇپ،باشلىقنى ئاتا-ئانىدىن قەۋىم-قېرىنداشتىن چوڭ كۈرىدىغان لالما خاراكتىرنى سوۋغا قىلدى.بەزىلەر باشلىقىغا قىلغان خوش-خوشنىڭ يېرىمىنى ئاتا-ئانىسىغا قىلسىدى ،ئۇلارنىڭ دۇئاسى بلەن بەرىكەت تاپار ئىدى.
   دەييۈز ئەرلەر (باشلىقلار)ئەمەل ئورنىدا مەزمۇت ئولتۇرۇش ئۈچۈن،ئۆز قەۋمىنىڭ قىز-ئاياللىرىنى(ئۆز خىزمەت دائىرىسىدىكى )سورۇنلارغا چىللاپ،بىر تىلدىكى يۇغان باشلىقلار بىلەن تانسا ئوينىشىنى زوق بىلەن كۈرۈپ ئولتۇردى.ئائىلىدە ئاتىلار قىزلىرىنى،خىزمەتتە باشلىقلار قىز-ئاياللارنى مۇسۇلمان ئەركەكنىڭ روھى بۇيىچە قوغدىسا ئىدى بۇنداق رەسۋالىقلار ئازىراق يۈز بەرگەن بۇلاتتى.بىر ئۇرۇننىڭ بېشى بولغان زۇۋانداشلار ئەسلى –شۇ ئۇرۇندىكى قىز-ئاياللارغا ئاتا،ئاكا-ئىنى ئورنىدا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى. قىز-ئاياللارنى« ياغلىقىڭنى ئال، پاقالچىقىڭنى ياپما،ماڭا گەپ تېپىپ بەرمە،مەن بۇ ئەمەلدىن ئايرىلسام ئۈلىمەن. شۇڭا ئۆز قەۋمىمنىڭ قىز-ئاياللىرىنى  يالىڭاچلاپ بولسىمۇ ھۇقۇقۇمنى ساقلىمىسام بولمايدۇ » دېگەندەك ساتقىنلارچە پەلسەپە بىلەن مەسئۇل بولماي،بەزىبىر ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەقىدە نوقتىسىدىن بولمىسىمۇ،كەسپى ئەخلاق نوقتىسىدىن «دىباچىدەك كىيىنمەي،تۈزۈكرەك كەي»دىگەندەك بولسىمۇ ھېيىقتۇرۇشى لازىم ئىدى.بىراق بۇ دەييۈزلەر كىم ياغلىقىنى ئالمىدى،؟كىم كىيىمنى ئۇزۇنراق كىيىپتۇ؟دىگەن نوقتىلارنى تۇتۇشنىلا مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىدۇ.ئىچىپ –چېكىپ تاۋكا قاۋاقلاردا لەلەڭلەپ يۈرگەنلەرنى قۇيۇۋېتىپ ياغلىق چەككەنلەرگە جەرىمانە قۇيىدۇ.مەيدىلىرىنى ئېچىپ ،كاسسىلىرىنى چىقىرىپ يۈرگەنلەر بىلەن كارى يوق،ئۇزۇنراق كىيىم كەيگەنلەرنى كۈزۈتىدۇ.ئىھتىمال بەزىلەر« ئامال يوق بۇمۇ خىزمەت ،مەن قىلمىسام ،چۇقۇم بىرى باشلىق بۇلۇپ ئۇمۇ شۇنداق قىلىدۇ» دەپلا ئۈزىنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى يۇشۇرۇشقا دەسمايە ئىزلەيدۇ. ئىشقىلىپ دەييۈز باشلىقلارنىڭ نۇمۇسسىزلىقىدىن دىللارنىڭ  پىغانى تاشتى......
   دەييۈز ئاتىلار مەسچىتلەردە ئەل-جامائەتكە ئۈگۈت قىلىپ ،ھەققە چاقىرىۋاتىدىيۇ-بىراق قىزلىرى –كېلىنلىرى بولسا ياتلاردەك ،شىرباش،ھاكلانغان چىراي،يېرىم-يالىڭاچ يۈرىۋاتىدۇ.بەزىلىرىنىڭ ئۇغۇللىرى بولسا تاۋكا  قاۋاقلاردا قاتراپ پەس كەيىپنىڭ قۇلى بۇلۇپ پەزىلەت ساھىلىللىرىدا سەرسان-سەرگەردان ھالدا  بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى ئەمەلىرىنى نۆل قىلىۋاتىدۇ.
  ھەتتا پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئوتتەك تەلپۈنىدىغان مۇقەددەس كەئبىمىزنى  كۆرگەن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت بولغان سۈيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ مۇبارەك ئاياغلىرى تەككەن ئوتتەك ئەرەپ زىمىنىغا دەسسەپ،ئاشۇ دىيارنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ،بۇ يەردە ئىككى يۈز مىڭ رەكئەت ناماز ئۇقۇغاندىن ،ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇسا دەرىجە جەھەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان مۇبارەك مەسچىت، مەسجىدى نەبەۋىدە ناماز ئۇقۇپ ،رەسۇلىمىزنىڭ مۇبارەك قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئەھلى-ئاياللىرىمۇ يەنىلا ياتلاردەك يۈردى.قىسقىسى ئاتىلاردىكى دەييۈزلۈك قىز-ئاياللارنىڭ بۈگۈنكىدەك شەرمەندە ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەپ بولدى.ئەجىبا مۇقەددەس كەئبىمىزنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر زادى قانداق ھاجى؟شەيتان قىچقارغان ھاجىمۇ ياكى ئاللاھ چاقىرغان ھاجىلارمۇ؟مەندەك بىر قارا تۈرىكمۇ دەيمەنكى بۇنداقلار شەيتان قىچقارغان ھاجىلاردۇر.ئەگەر بۇلارنىڭ ھەججى دەرگاھى ھەقتە مەقبۇلىيەتكە ئېرىشسە ئىدى،ئەھلى-بالا چاقىلىرىغا ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسىتەتتى.
   شۇنداق بىر باياننى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.بىر ئايال بىر كۈنى ئىمامى ئەزەممۇ (ئىسمى ئىنىق ئېسىمدە يوق)بىر زاتى مۇبارەكنىڭ ئالدىغا بالىسىنى ئېلىپ كەپتۇ.ۋە بالىسىنىڭ توختىماي ئۈزۈم يەيدىغىنىدىن شىكايەت قىلىپ،نەسىھەت قىلىپ قۇيۇشىنى ئۈتۈنۈپتۇ.ئۇل زاتى مۇبارەك ئايالغا «ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭ»-دەپتۇ.ئايال ئۈچ كۈندىن كېيىن بارسا،ئۇل زاتى مۇبارەك ئايالنىڭ بالىسىغا «ئۈزۈم يىمەڭ»-دەپتىكەن ئايال «ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭ دېسىڭىز مەن تېخى بىرەر دورا ياساپ بىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.مېنى بىكار يول ماڭدۇرغۇچە ئۈچ كۈن بۇرۇنلا شۇنداق دېسىڭىز بولماسمىدى»-دەپتۇ.ئۇل زاتى مۇبارەك، ئايالغا-«ئۈچ كۈن ئاۋۋال مەنمۇ ئۈزۈم يەيتتىم.ئۈچ كۈن بولدى ئۈزەمنى قاتتىق تىزگىنلەپ ئۈزۈم يىمىدىم،ئۈزەم ئەمەل قىلمىغان ئىشنى باشىقلارغا دەۋەت قىلسام كىم ئەمەل قىلىدۇ.مانا ئەمدى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بالىڭىز ئۈزۈم يىمەيدۇ»دەپتۇ.
   دەرۋەقە بۇ ئاددى ھېكايەت چۈشۈنەلىگەنلەرگە نىسبەتەن،ئالەمچە ھەقىقەتنى يۇرۇتۇپ بىرىدۇ.دەرۋەقە بىزدە ئەمەلسىز ئالىملار بەك تۇلا ،شۇڭىمۇ ۋەز-نەسىھەتلەر كۈچىدىن قالغان.بىز يۇقۇردا بايان قىلغان ئاشۇ تۈركۈمدىكى ئاتىلارنىڭ ئەھلى-بالا چاقىسى ئەنە شۇنداق غەيرى دىندىكىلەردەك يۈرىۋەرگەچكە ئاۋامغا نىسبەتەن سەلبى تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتتى.بەزىلىرى تېخى پالانچى ھاجىمنىڭ بالا-چاقىسى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىدىيۇ-تۇرقىغا قارىسىڭىز كوچىدىكىلەردىن پەرقى يوق ھالەتتە كىيىنىدۇ.كىشى قىيامەت كۈنى ئەمەللىرىدىن سۇرالغاندا ،كىمنىڭ قىزى،قايسى ئۈلىمانىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىدىن سۇرالمايدۇ،بەلكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان قىلمىغانلىقىدىن سۇرىلىدۇ.بىر قىسىملاردەك پالانچىنىڭ پۇشتىمەن ،پۇكۇنىنىڭ قىزىمەن دەپ ، تۇرقى غەيرىيلەردەك يۈرىۋەرگەنلەر مانا بۇلار غاپىللاردۇر.كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئەھلى-بالا چاقىسىنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى شۇنداق تۇرسا ،قارا قۇرساقلارنىڭ قانداق بولماقچىدى؟ غەيرى دىندىكىلەرگە نىكاھلىنىدىغان ئىككى دۇنيالىق شەرمەندىلىكلەرنىمۇ يەنە شۇ قارا قۇرساق گۇمراھلار ئىچىدىكىلەردىن قىلىۋاتمامدۇ؟
    ھەتتا بەزىبىر زىيالى ھاجىلارنىڭ ئەھلى-ئاياللىرىمۇ يەنىلا يالاڭباش،قىزلىرىمۇ ھەم شۇنداق.بۇ ھاجىلار مۇقەددەس كەئبىمىزنى تاۋاپ قىلىپ كەلدىمۇ ياكى سەئۇدىنى ساياھەت قىلىپ كەلدىمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن بەيتىللانى تاۋاپ قىلىپ،سۈيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كېلىپمۇ يەنە نىمىشقا ئەھلى –ئاياللىرىنىڭ ،قىزلىرىنىڭ تۇرقىنى تۈزىمەيدۇ؟؟؟؟؟ئەجىبا زامانىۋى شەھەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ،ئەھلى-ئاياللىرىنىڭ تۇرقى ئەشۇنداق غەيرى دىندىكىلەردەك بولسا بۇلامدۇ؟؟؟ زامانىۋى شەھەردە ياشاش يېرىم-يالىڭاچ ،يالاڭباش خانلارغا نىسبەتەن  ئۆزرە سانىلامدۇ؟؟؟؟ياغلىق ئارتىش،ئەۋرەت ھېساپلىنىدىغان ھەر خىل رەڭلىك چاڭگا چاچلارنى يېپىش، بۇيۇن، قولتۇق، ،پاقالچاق يۇتىلارنى  يۆگەش، ئەجىبا ئۈزىنى مۇسۇلمانمەن دەپ قارايدىغان ،ئەقىدىلىك بىر ئىنسانغا نىسبەتەن بىپەرۋا قارايدىغان ئىشمۇ؟؟؟؟؟يېرىم-يالىڭاچ،پاخما باش(گاھىلىرى توبا باش،شىر باش،ئەركىشىدەك سىپتا باش) غەيرى دىندىكىلەردەك يۈرۈشلەر ئەقىدە نوقتىسىدىن ،زامانىۋى شەھەردىكىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشمۇ؟؟؟؟ ئەگەر بۇنداق ئۈزى كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن ھاجىلارنىڭ،ئەھلى –بالا چاقىلىرى يەنىلا ياتلاردىن پەرقى يوق غاپىللاردىن بولسا ،ئاللاھ بۇنداق يۇرۇقى يوق جىنچىراق كەبىي خۇنۇك تەقۋالارنىڭ  ئەمىلىنى قانداق ھېساپلار ،پەقەت ئاللاھ ئۈزى بىلىدۇ.مەنچە بولسا بىلىملىكلەرنىڭ،ۋەيەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  زامانىۋى شەھەردە ياشىغانلىقى،ئۇلارنىڭ   يالاڭباش،يېرىم-يالىڭاچ قىسقىسى غەيرى دىندىكىلەردەك قىياپەتتە يۈرىشىگە  قەتئى ئۆزرە (باھانە )بۇلالمايدۇ.چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش جەھەتتەھېچكىمگە ئۆزرە يوق!ئۈزىچە ئۆزرە قۇيۇپ،ئەتەي ئۈزىنى ئالداپ يۈرگەنلەر ئاپ-ئاشكارا گۇمراھلاردۇر!!!!!!دەيمىزكى ؛-  قەلبىدە نۇر بار ئادەمنىڭ يۇرۇقى بەك يىراقنى يۇرۇتالمىسىمۇ  يېنىدىكىلەرنى بولسىمۇ يۇرۇتىدۇ.بىراق يېنىدىكىلەرنىمۇ يۇرۇتالماي ئۈزى ھەرەمنى كۆرگەن كاتتا ھاجىم، يېنىدىكىلەر(ئاياللىرى-قىزلىرى) بولسا زامانىۋى شەھەردىكى سۇلياۋ گۈلدەك يالتىراق خانىم بولسا بۇ تەقۋالىقمۇ ياكى رىياكارلىقمۇ؟؟؟؟.بۇ ھاجىلار بەيتىللانى تاۋاپ قىلىپ ،بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك بولغان بولسىمۇ (كىم گۇناھلىرىدىن پاك بولدى .ئاللاھ بىلىدۇ)،بىراق قايتقاندىن كېيىنكى ئەھلى-ئاياللىرىنىڭ ،قىزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى ،غەيرى دىندىكىلەردەك تۇرقىنى تۈزۈمىگىنى،ئۈچۈن ساۋاپلىرىنىڭ كەمىيىپ ماڭغىنىنى ھەتتا ھەق ئالدىدا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئالدىدا دەييۈز بولغىنىنى نىمىشقا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ؟؟؟؟؟ئاغزىدا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ قۇيۇپ،ئەمەل قىلماي يەنە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى تەلەپ قىلىش ئۇچۇقتىن –ئۇچۇق گۇمراھلىق خالاس!ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى پەقەت ئىمان ئېيتقان ،ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان(ناماز ئۇقۇغان،زاكات بەرگەن ،يىلدا بىر ئاي رامىزان رۇزىسى تۇتقان ،قۇربى يەتسە بەيتىللانى تاۋاپ قىلغان)ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغان ،گۇناھلارغا چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىپ ،قايتا سادىر قىلمىغان ،پىنھانلاردا ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن ئەيمىنىپ ياش تۆككەن شۇنداقلا قۇلى ۋە تىلى بىلەن مۇسۇلمانغا ئەرزىيەت بەرمىگەن سالىھلارغا بەكمۇ كەڭرىدۇر.بىز بىلمىگىنىمىزدىن نۇرغۇن گۇناھلارنى قىلىۋاتىمىز.بىراق بۇ بىلمەسلىكككە ئۆزرە يوق .چۈنكى بۇ بىلىملەرنى چۇقۇم بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز ئەيىندىن ئىبارەت.
    دەييۈز ئەرلەر شان-شۆھرەتلەر ئالىمىدە ئىبلىسقا ئاشىنا بولدى.بۇ خىل ئەرلەر كەسىپتە شان قۇچقىنى بىلەن بىراق ئەھلى-ئاياللىرىنىڭ غەيرىيلەرگە ئوخشاپ قېلىشىنىمۇ چەكلىيەلمىدى.چۇقۇمكى بۇنداق غېرىپ شەرەپلەر ئەھلى –ئايالىنىڭ قىلمىشلىرىدىنمۇ ھېساپ بىرىشتەك مۇقەررەرلىك ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى.ئەرلەر ئائىلىنىڭ پادىچىسى دىيىلىدۇ –ھەدىس شەرىپتە.بىراقكى بىزنىڭ بەزى ئەرلەر بۇ پادىچىدى دېگەننى قانداق چۈشۈنىدىكىن،يازمىلىرىنى ئۇقۇسا كىشىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىنى قوزغىغان بىلەن،ئەمەلىيەتتە ئەھلى-بالا-چاقىسىنىڭ تۇرقىنى كۆرسە ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.بەزىلەر «قىياپەتتىن نىمە چىقىدۇ،نىيەتتىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ»- دەپ جار سېلىۋېرىپ ئاۋازى پۈتۈپ قالاي دىدى.چۇقۇمكى بۇنداق پاخال سەۋەبلەربەزىبىر شەيتانلارنىڭ ئۈزىنى ئالداش باھانىسى خالاس!
ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق،ئەقىدىلىك ئىنسان ئېيتىدۇكى-قىياپەت روھى دۇنيانىڭ سىرتقى ئىپادىسى،قايسى ئىجدىمائى توپقا ،قايسى قەۋىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ جاكارچىسى. چۈنكى سۈيۈملۈك رەسۇلىمىز(ئۇنىڭغا پاك ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن)«-كىمكى قايسى قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن ،شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن » دەپ ئېيتقان.
ئانا تىلى خەن بولغان خۇيزۇلارنىڭ ئاياللىرى جېنىدا ئاساسەن يالاڭباش يۈرمەيدۇ.ئەمما بىزنىڭ خېنىملار يالاڭباش يۈرمىسە ئۈلىدۇ.كۆكسىلىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمىسە،چاچلىرىنى توزغاقتەك تۇزۇتۇپ پاخپايتىپ يۈرمىسە،قولتۇق ،بىلەكلەرنى،يۇغان-يۇغان يۇتىلارنى نامايان قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيمىسە،ھاياتنىڭ پەيزىنى ھېس قىلمايدۇ.ھاياسىزلىقنىڭ بالاسى –ئادەم ئۆلتۈرگەندىن يامان »-دېگەن ھەدىس شەرىپتە.يەنى ئادەم ئۆلتۈرسە ئۆلتۈرگۈچىلا گۇناھكار بۇلىدۇ.بىراق ئاشۇنداق ھاياسىزلىقنى سادىر قىلغان كىيىملىك ياكى كىيىمسىز يالىڭاچلارنىڭ گۇناھى ئۈزىگىلا بولماستىن ،قاراپ سالغۇچىغىمۇ بۇلىدۇ.نەچچە ئادەم قاراپ سېلىپ گۇناھكار بولغان بولسا،ئۇل گۇناھلار يەنە جەمئى بۇلۇپ  ،ئاشۇ يالىڭاچقا يېزىلىدۇ.ئۇلارنى توسمىغان ،تۈزىمىگەن ئەرلەر دەييۈز بۇلۇپ، ئايالنىڭ قوش گۇناھى دەييۈز ئەرگىمۇ شۇ پېتى يېزىلىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ دەپ قارايدۇ.بىراق ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن چەكلەنمەي پىسقىدا ئەزۋەيلەپ كەتكەنلەرنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسى  ھەممىمىزگە بۇلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،(ئاللاھئۇنىڭدىن رازىبولسۇن)كىمكى ئاللاھنىڭ دىنى،ۋە شەرىئەتكە خىلاپ بىر ئىشنى كۆرسە قۇلى بىلەن توسسۇن.ئۇنداق قىلالمىسا ئاغزى بىلەن توسسۇن.ئۇنداقمۇ قىلالمىسا قەلبىدە نارازىلىق بىلدۇرسۇن«،ۋۇي بۇ ئەجەپ،ئاللاھنىڭ دىنى ۋە شەرىئىتىگە مۇخالىپ ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ –يا دەپ يۈرىكى ئېچىشسۇن ،غەزەپلەنسۇن.بۇنداق قىلغىنى تېخى ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن.ئەمما  ئەتراپىمىزدىچۇ؟ئاشۇنداق كۈرمىڭ ناشايان ئىشلارغا بىپەرۋا   قارىشىمىز ئىمانسىزلىقنىڭ، ۋىجدانسىزلىقنىڭ ،ئەرلەرنىڭ نەقەدەر دەييۈز ،بەدبەخت ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى .
   بىر ئىسلام ئالىمى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتى  ھەقتە توختىلىپ مۇنداق مەشھۇر نەقىلنى كەلتۈرگەن،«ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدە بەچچىۋازلىق قىلغان 36ئادەم.جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن،شەھەرنى دۈم كۈمتۈرىۋەتكىلى قۇلىغا ئېلىپ بولغاندا،قارىسا 70مىڭدىن(يەنە بىر رىۋايەتتە 80 مىڭ)ئارتۇق ئەر-ئايال مۇسۇلمان تەھەججۈت نامىزى ئۇقىۋاتقان ئىكەن.جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا«ئى ئاللاھ،گۇناھ قىلغان ئاران 36ئادەم.بىراق ئۆزلىرىنىڭ 70مىڭدىن ئارتۇق ئەر-ئايال بەندىلىرى تەھەججۈت نامىزى ئۇقۇۋېتىپتۇ.مۇشۇلارنىمۇ بىللە قۇشۇپ ھالاك قىلامدىم ،ئى قۇدرەتلىك زات »دەپ نىدا قىلغاندا،ئاللاھ؛«ئۇلارنىمۇ قۇشۇپ ھالاك قىلۋەت ئى جىبرىئىل ،چۈنكى 70مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەھەججۈت نامىزى ئوقۇيدىغان تۇرۇپ 36ئادەمنىڭ جىنايىتىنى تۇسالمىدى »دېگەن.يەنە بىر نەقىلدە جىرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر شەھەرنى ھالاك قىلماقچى بولغاندا  جىرىئىل ئەلەيھىسسالام،«بۇشەھەردە ئابىد بار ئىدى،بۇ بەندىلىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىلىگە ئاسىيلىق قىلمىغان خۇدايا،بۇنىمۇ قۇشۇپ ھالاك قىلامدىم،»دېگەندە،جانابى ئاللاھ؛«ئۇنىمۇ بىللە ھالاك قىلىۋەت.چۈنكى ئۇ ئابىد ئەتراپىدىكى ئىشلارغا غەزەپلەنمىدى،يۈرىكى ئېچىشمىدى،توسمىدى،»دەپ ئەمىر قىلغان.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن دىللار شۈركىنىدۇ .ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ،ئۈلۈمنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ئاياللار توپى،شۇ ئاياللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇلىۋاتقان بۇزۇلۇشلار.........دەپ بۇلالمايمىز.
قەدەمدە يۈز بېرىۋاتقان يەر تەۋرەشلەر،تۈرلۈك كېسەللىك،بالايى-ھادىسىلەرنىڭ كۆپلىگى،مانا بۇلار ئەسلى بىزگە بىشارەت ئىدى.بىراق بىز ئويلانماي يۈرىۋاتىمىز.ئەرلەر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتىدۇ.ئاياللار بولسا گۇمراھلىقتا تىنەپ يۇرىۋاتىدۇ.
  دەييۈز ئاتىلار جاينامازلاردا بەيتۇللاھنى زىكرى قىلىپ ئاللاھقا ئېسىلىدۇ،قىزلىرى سەھنىلەردە پىرقىراپ شەيتان چىللاۋاتىدۇ.ئەرلەر يوق ئائىلىدىكى غاپىل ئانىلار بالىلىرى ھەقتە توختىماي دۇئا قىلىدۇ.بىراق قىزلىرى يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ،ئۈزىنىڭ نامىزىنى، ياخشى ئەمەللىرىنى ئۆلتۈرۈپ ماڭغىنىنى ئېسىگە ئالمايدۇ.
  دەييۈز ئاتىلار ئۆيلەرگە  شىركەيىپ بۇلۇپ،بالىلارنى سىلكىشلەۋاتىدۇ.دەييۈز ئاتىلارپاك،گۈدەك  بالىلارنى تاماكا، ھەتتا پىۋا ،ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇپ ئۈزى تاۋكادا رەسۋا بۇلىۋاتىدۇ.
  دەييۈز ئاتىلار ،پاك ئاياللارنى خورلاپ ،نامەھرەملەر بىلەن ئىچ-پەش تارتىپ ،ئىبلىس يوللىرىدا يۈگرەۋاتىدۇ.
   دەييۈز ئاتىلار بىراۋنىڭ بايلىقى ،ۋە مەنسىۋىنى دەپلا قىزلىرىنى ،شەرىئەتنى تۇنىمايدىغان پاسىق،فاجىرلارغا رازىمەنلىك بىلەن ياتلىق قىلدى.تېخى بەزىلەر ئۇيالماستىن «قىزلارنى ئەرگە بېرىۋەتسە بارلىق گۇناھى ئەرگە بۇلىدۇ»-دەپ قىزلىرى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېرىم يالىڭاچ،ئۇچۇق مەيدە، چاڭگا چاچ(بۇ تەسۋىرنى تۇلا ئىشلىتىپمۇ كەتتىم)يۈرسىمۇ كارى بولمايدۇ.نەدە ئۇنداق قىزنى ئەرگە بەرسە بار گۇناھى ئېرىگە بۇلىدۇ دەپلا ئۇل غاپىل ،ئازغۇن قىزىنى باشقۇرمايدىغان ئىش باركەن.؟مۇشۇنداق دەييۈز ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال قىزىنى ئىسلامغا لايىقلاشمىغان يەنە بىر  دەييۈزگە بەرگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قاتتىق گۇناھكار بۇلىدۇ.تېخى ئەرگە بەرسىلا بار گۇناھى ئېرىگە بۇلۇرمىش.مىڭ تەستە بېقىپ چوڭ قىلغان قىزىنى ، شەرىئەتنى تۇنىمايدىغان پاسىققا بەرگەنلىك گۇناھىلا بۇنداق ئاتا-ئانىنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى يوق قلىۋېتىشكە يىتىدۇ. بىر ئالىم ھاراقكەشنىڭ بايانىدا مۇنداق دېگەن.«ھاراق قۇرساقتا بار ھالەتتە ئىماندىن ئىبارەت بۇ نۇر جەمئى كەلمەيدۇ.يەنى ھاراقكەشنىڭ قىرىق كۈنگىچە نامىزى،تەۋبىسى مەقبۇل ئەمەس.قىرىق كۈنگىچە ئۆلسە كاپىر پېتى كېتىدۇ.ھاراقكەشكە قىزىنى بەرگەن ئاتا قىزىنى زىناغا بەرگەن بۇلىدۇ.يەنى ماڭ قىزىم زىنا قىلىپ كەل دىگەن بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ.بۇنداق كىشىنىڭ نامىزى ،ھەججى زاكىتى ھەممىسى بىكار. ھاراقكەش بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرغان خۇتۇن قىيامەتتە پىشانىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم خۇتۇن بۇ،ھېچقانداق پەيغەمبەر بۇنىڭغا شاپائەت قىلماڭلار دەپ يېزىلغان ھالەتتە ھەشىر قىلىنىدۇ»-دەپ ئېيتتى.ئەجىبا ئىمانى گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن بەزى يالغان تەقۋالار ،ياتلىق قىلىۋەتكەن قىزلىرىغا،قاۋاقتىن باش ئالالمايدىغان كۈيۇغۇللىرىغا  نىسبەتەن كارى يوق يۈرسە بۇ مۇسۇلمانلىق بۇلامدۇ؟يا كى دەييۈزلۈكمۇ؟؟؟؟؟؟
   قىزلىرىنى ،ئەھلى-ئاياللىرىنى يالىڭاچلىقتىن چەكلىمىگەن كىشىنىڭ شۆھرىتى ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بۇنداق ئىلمىنى شەيتاندىن ئالغان ئىلىم دېسەك خاتالاشمايمىز.ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئالىملارلا –ئەڭ قورقىدۇ.دەيدۇ شەرەپلىك قۇرئانىمىز.چۈنكى ئالىملار كۆپنى بىلىدۇ،بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئەزىمىتىدىن،كاتتىلىقىدىن ئەيمىنىپ تۈۋەنچىلىك بىلەن قۇلچىلىق قىلىدۇ.ئۈزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ،بىقۇۋۇللىقىنى ،ئەرزىمەسلىكىنى چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىدۇ.بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئالىملىق، قانداقتۇ بىر كەسىپتە داڭ چىقارغان ياكى مەلۇم كەسىپتە نەتىجە ياراتقان،ۋەياكى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ بىر مۇنچە كىتاپلارنى يېزىۋەتكەنلەر ئەمەس بەلكى قەلبى ساپ بولغان  تەقۋالارنى،ئەھلۇللالەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.شۇڭا دەيمىزكى ئاللاھتىن كىم ھەقىقى قورقۇپ،ئەيمەنسە ،ئەمەل قىلسا ،شۇ ئالىمدۇر.بىر مۇنچە كەشپىياتلارنى ياراتقانلار ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەۋرەتلەرنى ياپقانلار،زىكرى بىلەن نەپسىنى پاكلىغانلار،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ھارامدىن قول ئۈزگەنلەر،ھەممە ئىشتا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىجاندىل ئىجرا قىلغانلار ھەقىقى ئالىمدۇر.ئۇنداق كۆپنى بىلگەن بىلەن ئەمەل قىلمىغانلارنى قانداقمۇ ئالىملار دىگىلى بولسۇن؟ئۇنداقلار ئالىملار ئەمەس شەيتانلاردۇر.يەنە دىسەك يەنە شۇ،شەيتانمۇ ھەممىنى بىلەتتى،ھەتتا پەرىشتىلەرگە دەرس بەرگەن ،زىمىندا شەيتان سەجدە قىلمىغان بىرمۇ يەر يوق ئىدى. بىراق ئەمەل قىلمىغانلىقتىن لەنىتى(كاپىر) بولدى.
  ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكى ئانىلارنىڭ غاپىللىقى ،ئەۋلاتلارنى بىخۇت،نادان قالدۇردى.قىيامەت كۈنى ھەممىدىن بەك ئازاپ چېكىدىغان كىشى-ئۆز ئائىلىسىنى نادانلىقتا قويغان كىشىدۇر  دىيىلىدۇ ھەدىس شەرىپتە.بۇ يەردە دىيىلگەن نادانلىق ئەۋلاتلارنى دۇنيالىق جەھەتتىكى ئىلىم-مەرىپەتسىز قالدۇرۇش دىگەنلىكلا ئەمەس يەنە ئاللاھنى تۇنۇش،پەيغەمبىرىمىزنى بىلىش،ناماز،زاكات،رۇزا ھەججە قاتارلىق ئىسلامنىڭ مۇھىم پەزىرلىرىنى بىلدۈرۈش جەھەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ بالىلارنى ئەقىدە ئېتىقاد جەھەتتە پەرۋىشسىز قۇيۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.بىراق ھازىرقى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىل چىقسىلا ناخشىغا ،ئايىغى چىقسىلا ئۇسسۇلغا يېتەكلەيدۇ.تەۋھىد جەھەتتە ھېچنەرسىنى سىڭدۈرمەيدۇ.بالىلارنىڭ مىڭىسى خۇددى بىر ئۇنئالغۇ،كۈزى بولسا ئاپپارات.نىمىنى ئاڭلىسا شۇنى ئەستە تۇتىدۇ.نىمىنى كۆرسە شۇنى سۈرەتكە ئالىدۇ.نەتىجىدە ئاڭلىغان ،كۆرگىنى بۇيىچەچوڭ بولغانسىرى  تەبىئىيلا خاراكتىرى شۇياققا ئەگىشىدۇ.دىمىسىمۇ سەنئەتچىنىڭ بالىسى سەنئەتچى بۇلىدۇ.ئالىمنىڭ بالىسى تەقۋا بۇلىدۇ.(پاسىق بۇلىدىغانلىرى بۇ ئۇمۇملۇق ئەمەس)
قىسقىسى ئۆيدە قانداق مۇھىت كۈچلۈك بولسا بالىلارنىڭ غۇبارسىز روھىيىتىگە ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بىراق غاپىل ئانىلار ،دەييۈز ئاتىلار بالىلارغا ئۈگۈت قىلغۇدەك ماجالى بولمىغاچقا بالىلارنى تۈگىمەس كارتونلار دۇنياسىغا تاشلاپ قۇيىۋاتىدۇ.ئەۋلاتلار ئاشۇ كارتونلاردىن ھېچقانداق ئادىمىيلىك ،ۋە ئەقىدە تەربىيىسى ئالالماي  ماددى جەھەتتە تۇيۇنۇپ كەتكىنى بىلەن روھى جەھەتتە غېرىبانە چوڭ بۇلىۋاتىدۇ.
  دەييۈز ئاتىلارقىزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقى بىلەن كارى بولمىدى.دەييۈز ئەرلەر پاسىق خۇتۇنلىرى ئالدىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنڭ بۇيرۇقلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ،ئۇلارنىڭ شەرمەندە شۆھرەتلىرىدىن مەست بۇلۇپ دەييۈزلۈك تاجىنى تاقىدى.
    دەييۈز ئاتىلار، دەييۈز  ئەرلەر قىزلىرىنى ،خۇتۇنلىرىنى يات يۇرتلارغا پۇل تاپقىلى چىقارتىپ ،ئاللاھتىن ئۈزىنى باي قىلىۋېتىشنى تىلىدى.ھالبۇكى بۇ ئەبلەخ ئەرلەر  ئايالنىڭ ،تېخى ياتلىق قىلمىغان قىزلىرىنىڭ پۈتۈن خىراجىتىنى قامداش ئۈزىنىڭ گەدىنىدىكى ئاللاھ بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلمەي ،بىلسىمۇ پارازىتلارچە ،يۈلىنىپ ياشاپ كۈنۈپ قالغان بولغاچقا بۇ دەييۈزلەر خۇتۇنى ،قىزلىرى تاپقان پۇلنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشاۋاتىدۇ.سىرتلاردا پاختا تېرىۋاتقان يالغۇز ئاياللارنىڭ جاپاسى،سىرتلاردا تۈرلۈك كەسىپلەرنى قىلىۋاتقان قىزلار(خۇددى نۇرمۇھەممەد توختى ئەپەندىمنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ يېقىنقى  تۆت بەش يىللىق سانلىرىنىڭ مەلۇم بىر سانىدىكى «قاغا بۇلۇپ قايتتى قارلىغاچ»ناملىق پوۋىستىدا تەسۋىرلەنگەندەك)  يۇرتلارغا ،ئۇيغۇرغا ھەر خىل شەرەپلەرنى ،كەلتۈردى،كەلتۈرىۋاتىدۇ.....
     دەييۈز ئەرلەر ئىچىدىكى ئىلىملىكلەرگە ھەيرانمەن .ئاللاھ بەرگەن ئاشۇ ئىلىمنى ،ئىمتىيازنى نىمە ئۈچۈن جانابى ھەقنىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئىشلەتمەيدۇ.نىمىشقا ئەھلى-ئاياللىرىنى ،قىزلىرىنى ،ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەۋرەتلەرنى ياپقۇزمايدۇ؟ياكى مەن بەكلا مۇتەئەسسىپمۇ؟نىمىشقا ئىلىم ئىگىلىرى ئىلمىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەن خېنىملار زادى قايسى قەۋىمگە ۋەكىل بۇلۇپ ،قايسى ئىجدىمائى توپقا مەنسۇپ قىياپەتتە بېرىپ كەلدى؟بىلگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر.قايسى كۈنى بىزنىڭ داڭلىقلىرىمىزدىن بىر قىسىملار يۇرتىمىزغا  لېكسىيە سۆزلىگىلى كەلدى.بىرەيلەن مېنىڭ قاتنىشىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋىدى.مەن دەرھاللا –«يازمىلىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەيدىغان بۇ داڭلىقلار ئاۋۋال ئەھلىلىرىنىڭ پاخما باشلىرىنى يۆگىتىپ بۇلۇپ ،ئاندىن ئاۋامغا ئۈگۈت قىلغىلى كەلسۈن»دەپ قاتناشمىدىم.بەلكىم بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەندىمەن.داڭلىقلارغا سۆز قويغۇدەك مەن بىر ھېچقانچە ئادەم ئەمەسمەن ،ھېچبىر ياخشى ئەمىلىم،ۋە بىلىمىم يوق  ،بىراق مەن بىر مۇسۇلمان. يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا( ئەدناسى ئىسلام ئىچىدىكى ئايالنىڭ كىيىنىشىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە  ئەھلىنىڭ يېرىم-يالىڭاچلىقىنى،غەيرىيلەردەك يالاڭباشلىقىنى  توسىمىغانلىقى ئۈچۈن  ) ئۈزىنىڭ يازمىلىرىغا ئېرەنشىگەنچىلىك ئېرەن قىلمىغان شۇنداق بىر تۈركۈم مەشھۇرلىرىمىزغا بۇنچىلىك گەپنى قىلىش ھۇقۇقۇم بار دەپ بىلىمەن.بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئەھلىنىڭ  تۇرقى شۇ تۇرسا ،ئىلىمسىز ،نادانلار ھېلىمۇ قىپ-يالىڭاچ كوچىغا چىقمىدى.يەنە دەيمەنكى ئۇيغۇر خانىم –قىزلىرىنىڭ تاشقى قىياپەت،تاشقى كىملىك جەھەتتە غەيرى دىندىكىلەردەك بۇلۇپ كېتىشىدە ئاشۇ مەشھۇرلىرىمىزنىڭمۇ بىر كىشىلىك «تۆھپىسى »بار.ئۇلار ئاۋامغا غەيرىيلەردەك يۈرمەسلىك توغرىسىدا ئۈگۈت قىلالمىسىمۇ ،ئۈزى بولسىمۇ ئەمەل قىلىپ ،ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ يۈرگەن بولسا ،ھەر ھالدا پايدىسى بۇلاتتى.
   ئىلىم ئىگىلىرى قىياپىتىنى تۈزەپ،ئۈزىگە قايتسا ئىدى،ئەھۋالىمىزدا چۇقۇم ياخشىلىنىش بۇلاتتى.ئىلىملىكلەر قىياپىتىنى تۈزىمىدى. بىر قىسىم قىياپىتى ئىسلاملاشقانلارنىڭ(كۈپىنچىسى شۇقەدەر تەقۋ اسالىھلاردۇر) تەۋھىدبىلىمى تىيىز،ئاللاھنى چۈشۈنىشى يۈزەكى ،(ھەتتا بىر ۋاق نامازئۇقۇمايدىغانلارمۇ بار،)بولغاچقا بەزىبىر ئىشلارنى قىلىپ قويسا (بۇنداقلار ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ)،بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر «نىيەت ھەممىدىن ئەلا،كىيىمنى ئۇزۇن سۆرىتىپ يۈرگەن بىلەن قىلمىشى ئەنە شۇ »دەپ ئېسىلىۋېلىپ يالىڭاچلىق پەلسەپىسىنى بار كۈچ بىلەن قوللىدى.قاچانىكى بىزدىكى ئىلىم ئىگىلىرى خېنىملار نەزىرە مۇھەممەد سالىھ (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن)كەبى روھى چوڭقۇرلۇققا ،مۇھىمى ؛ئەمەل قىلش روھىغا ئىگە بولسىدى چۇقۇمكى ئەھۋالىمىزدا زور ياخشىلىنىش بۇلاتتى.بەلكىم ئارىمىزدا پەننى بىلىم جەھەتتە نەزىرە خېنىمدىن ئارتۇقلار باردۇر،بىراق بۇ مۇھىم ئەمەس ،گەپ نەزىرەدەك قەلبى ساپ ۋە تەقۋا بۇلۇشتا.ۋاقتى كەلسە ئاياللارنىڭ ئىسلامغا ،ئەقىدىگە لايىقلاشمىغان ھەددىدىن زىيادە كۆپ بىلىمى ئەۋلاتلارغا مەنىۋى قۇرغاقلىق،ۋە ئەقىدە  بۆھراندىن باشقا ھېچنەرسە ئەكىلەلمىدى ،ئەكىلەلمەيۋاتىدۇ.
   بىزگە نەزىرەدەك  شەرىئەت ۋە مەرىپەتتە يىتىشكەن  پاك ئانىلار تۈركۈملەپ لازىم ئىدى.بىزدىكى سەرخىل  ئانىلار كىرزىسى دەل شەرىئەتسىز مەرىپەتلىك ئانىلارنىڭ جىقلىقىدىن،ھەم شەرىئەتسىز ھەم مەرىپەتسىز گۇمراھ ئانىلارنىڭ تېخىمۇ جىقلىقىدىن  بولدى.شەرىئەتسىز ئانىلارنىڭ ئۇغۇللىرى چوڭ بۇلۇپ يالىڭاچلىقنى تۇلىمۇ توغرا چۈشۈنىدىغان،ئاياللارنىڭ شەرىئەتسىز شۆھرىتىدىن ئۈزىنى قالتىس سانايدىغان دەييۈزلەردىن بۇلۇپ يىتىشتى.دەييۈز ئەرلەر ئېلىدە ھەممە يالىڭاچلاندى.ئىدىيە،قىياپەت،كىملىك،ئەقىدە جەھەتتە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە زىت بولغان مەنىۋى بۆھران بىزنى كۈتۈپ تۇردى.
   ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئاياللار كۇفرىنى ياخشى كۆردى. ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئاياللار ئۇچۇق مەيدە چاڭگا چاچ،يېرىم- يالىڭاچ شەرەنداز  بولدى.ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئائىلىلەر مەنىۋى زۇلمەتتە قالدى.ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن بالىلار كىچىك تۇرۇپلا مۇھەببەتلىشىشنى ئىچىملىك  ،چېكىملىكنى ئىشلىتىشنى بىلىۋالدى.ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن قىزلار پۇل تېپىشقا ئاتلاندى. ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن  كېلىنلەر،قىزلار  ياشانغانلار ئالدىدىمۇ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ،مەيدىلىرىنى ياپماي،دىڭگايتىپ يۈردى.ھەتتا تار ئىشتانلار بىلەن(ئىشتان كەڭرى بولسىمۇبەرىبىر  ئىشتان .ئەقىدىلىك ئاياللار ھەرگىز كەيمەيدۇ) ئەزالىرىنى نامايان قىلىپ سېركول كەبى كېرىلىپ يۈرۈشتى. ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئىمانسىز چوڭ بولغان بەزى ئازغۇن  قىزلار غەيرىيلەرگە تىگىپ ئىككى ئالەملىك خارلىقنى راۋا كۆردى.ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىنبالىلار غۇرۇرسىز چوڭ بولغاچقا ،مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بەدبەخىتلەرگە ئايلاندى،ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن بالىلارسېپى ئۈزىدىن ۋىجدانسىز بۇلۇپ، ياتلار تىرنىقىنى ئال دېسە بارمىقىنى قۇشۇپ كېسىدىغانلارغا ئايلاندى. ئاتىلارنىڭ دەييۈزلىكىدىن بالىلار تاۋكا،قاۋاقتا يۇندا ئىچىپ يۈرگەنلەرنى توغرا چۈشۈنىدىغان، ھالبۇكى  ئاللاھنىڭ ئۈيى بولغان مەسچىتلەرگە كىرگەن سالىھلارنى چېقىشتۇرۇدىغان ساتقىنلاردىن بولدى.  ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئاياللار قەدەھلەرگە چىلاشتى.ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ئاياللارتاشقى كىملىك جەھەتتە  غەيرى دىندىكىلەرگە راۋۇرۇس ئوخشىدى......
   قىسقىسى ئەرلەردىكى دەييۈزلۈك بىزگە قىيامەتنى چىللىدى.ئەرلەردىكى دەييۈزلۈك ئەخلاقسىزلىقنى جەمىيەتلەشتۈرىۋەتتى.شۇڭىمۇ ئەخلاق جەھەتتە غايەت زور بوشلۇق بولغاچقا ،ئەجداتلىرىمىزدا كۈرۈلۈپ باقمىغان نەس كېسەل ئەيدىز دىيارىمىزغا شىددەت بىلەن تارقالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن بولدى.ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكى مىللىتىمىزگە نەچچە ۋاقىت ئىچىدە تازىلاپ بولغىلى بولمايدىغان ،جاھىلىيەتنىڭ تۇمانلىرىنى تاراتتى.
دەييۈز ئەرلەر يېرىم-يالىڭاچلارنى تەنقىت قىلغانلارغا نىسبەتەن ،«سىرتىغا قاراپ باھا بەرمەيلى» دەپ ئەقىدىسىزلىكىنى ياپتى.ئەرلەرنىڭغۇ سىرتىغا قاراپ باھا بەرمەيلى،ئەجىبا ئاياللارغىچۇ؟بەزىلەر خىزمەت ئورنىدا دەييۈز باشلىقلارنىڭ جەرىمانىنى ھەسسىلەپ قۇيۇشى بىلەن ،مىڭبىر ئىستىغپارلار بىلەن بىر دەمگىنە يالاڭباش بولغىنىنى دېمەيلى.سىرتلاردىمۇ،ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ غەيرى دىندىكىلەردەك يۈرسە ،ئۇنى نىمىشقا توغرا چۈشەنگۈدەكمىز؟بۇنداق رىياخور كاززاپلار ھەممىنى بىلگەن بىلەن ،ئەمەل قىلمايۋاتسا ،يەنە ئۇلارنى تەقۋا،سالىھ دەمدۇق؟ئەمەلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن نامازلىرى تەقۋانىڭ نامىزىمۇ ياكى مۇناپىقنىڭ نامىزىمۇ؟؟؟؟؟؟؟
    قىسقىسى دەييۈز ئەرلەر تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇدا مۈگدەۋاتىدۇ.بەزىلىرى تېخى قانداقلارچە شۇنچە ياشقا كىرىپ كەتكىنىنى بىلەلمەي،گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ،ئازغۇنلارچە ياشاۋاتىدۇ.بىر قەۋىم ئۈزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە،ئاللاھ ئۇ قەۋىمنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.قاچانىكى ئەرلەردىكى دەييۈزلۈك ،ئاياللاردىكى غاپىللىق ،ئاتىلاردىكى دەييۈزلۈك،ئانىلاردىكى گۇمراھلىق تۈگۈتۈلمىسە بىز قەۋىمنىڭ ھالى ھازىرقىدىن ناچار بولسا بۇلىدۇكى ،ئەسلا ياخشىلىنىش بولمايدۇ.چۈنكى ئەرلەردىكى دەييۈزلۈك قاچان تۈگەيدۇ دېسە ،ئەرلەر ئاللاھنى ھەقىقى تۇنۇپ ،كامىل مۇسۇلمان بولغاندا دەپ جاۋاپ بىرىمىز.ھەقنى تۇنۇپ شۇنداق بىر ماقامغا يەتكەندە ئەرلەر تەبىئى ھالدا ،ئەھلى-ئاياللىرىغا ،بالا-چاقىلىرىغا ،جاھىلىيەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بۇيىچە نەزەر سالىدىغان بۇلىدۇ.ئاياللار يۆگەنسە ، ئەۋلاتلار قەلبىگە ئەخلاق چۈمپەردىسى تارتىلىدۇ.ئاتىلىرى،ئانىلىرى تۈزەلگەن قەۋىمنىڭ ئەۋلاتلىرىمۇ چۇقۇم تۈزىلىدۇ.ھەممەيلەن تۈزۈلۈپ ،ئەمەللىرىمىز ئاللاھقا يارىغان كۈنى نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ......
    ئەي قەدىرلىك قېرىندىشىم،ئاللاھ سىزنى ئەر دەپ ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىپ ياراتتى.مۇشۇ ئۈستۈنلىكىڭىزنى ھەق يۇلىدا جارى قىلدۇرۇپ ئەھلى-ئايالىڭىزنى،قىزلىرىڭىزنى،ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنى نامەھرەمدىن تۇسۇپ،ھەققە يېتەكلەڭكى ھەرگىزمۇ ۋىجدانسىزلىق بىلەن بىغەم يۈرمەڭ.بىغەملىك دەييۈزلۈكنىڭ بەلگىسى خالاس!دەييۈزلۈك قىيامەت كۈنى ئاللاھ قارىمايدىغان يەنە بىر كىشىنىڭ سۈپىتىدۇر.ھەر بىرەيلەن ئۆزدائىرىمىزنى قوغدىساق،(ھەر بىر ئەر ئۆز ئەھلىنى تۈزىسە،ھەر بىر ئاتا قىزلىرىغا مەسئۇل بولسا،ھەر بىر ئۇغۇل قېرىنداش،ئاچا-سىڭىللىرىغا ئەۋرەتلەرنى ياپ دەپ تەربىيە قىلسا قىسقىسى ھەممە ئەركەك ئۆز ئىشىكىگە ياخشى قارىسا)جەزمەنكى ،ئەۋلاتلار پارلاق بولغان بىر مەنىۋى يۈلەككە ئىگە بۇلىدۇ.ئەرلىرى ،ئاياللىرى تەقۋا ئەلگە شەيتان يۇلىمايدۇ.بۇنداق ئەلدىكى ئەۋلاتلار ئاسان ئاينىپ كەتمەيدۇ.دەييۈزلۈك دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نەقەدەر يامان –ھە؟دەييۈزلۈكنىڭ يەنەبىر مەنىسى،غۇرۇرسىزلىق،لاتىلىق،سەترەك ئېيتساق ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئېرەن قىلمىغان مەلئۇن دېگەندىن ئىبارەت خالاس!
    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىر ئەرنى شىرمەتلەردىن قىلسۇنكى ،دەييۈزلەردىن قىلمىسۇن.قۇدرەتلىك ئاللاھ ھەر بىر ئەرنى تەقۋالاردىن قىلسۇنكى ،پاسىقلاردىن قىلمىسۇن.
   بۈيۈك ئاللاھ ھەربىر ئەرنى ھەق ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان ئەزىمەتلەردىن قىلسۇنكى ،ھەرگىزمۇ مەنپەئەت ئۈچۈن ئەھلى بالا چاقىلىرىنى يامانلىقتىن توسمايدىغان مەلئۇنلاردىن قىلمىسۇن.
    جانابى ئاللاھ ھەر بىر ئەرنى ھەق ئۈچۈن يۈرىكى يېنپ تۇرىدىغان مەرتلەردىن قىلسۇنكى ،ھەرگىزمۇ پايدا  ئۈچۈن ئۆزقەۋمىنى سېتىۋېتىدىغان ئاسىيلاردىن قىلمىسۇن.
     پاك ئاللاھ ھەر بىر ئەرنى ئۆزئائىلىسىنى ،ئەھلى بالىلىرىنى، ھارامدىن ،يالىڭاچلىقتىن ساقلايدىغان ئىمانى ئەركەكلەردىن قىلسۇنكى ،ھەرگىزمۇ ۋىجدانسىزلىققا سۈكۈت قىلىدىغان بەدبەخلەردىن قىلمىسۇن.
    تەنھا ئاللاھ ھەر بىرئەرنى قىز-ئاياللارغا ئىسلامىيەت نوقتىسىدىن مەسئۇل بۇلىدىغان باھادىر  ئوغلانلاردىن قىلسۇنكى ،ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ يېرىم-يالىڭاچلىقىنى ،يالاڭباشلىقىنى,、ئازغۇن گۇمراھلىقىنى  بەكمۇ توغراچۈشۈنىدىغان،ھەتتا قوللايدىغان،زوقلىنىدىغان نۇمۇسسىزلاردىن قىلمىسۇن............
    بىزنى پەرۋىش قىلغۇچى مەرھەمەتلىك ئاللاھ ھەر بىرھاجىنى  (كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن ) روھى ئاتەش  ئەھلۇللالەردىن قىلسۇنكى ،ھەرگىزمۇ قىز-ئاياللىرىنىڭ غەيرىيلەردەك يۈرىشىگە بىپەرۋا قارايدىغان ساياھەتچى ھاجىلاردىن قىلمىسۇن.
     جېنىمىز ئىلكىدە بولغان ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ بارلىق  ئەركەكلىرىنى ،ئىمانى كامىل  سالىھ مۆئمىنلەردىن قىلسۇنكى ؛ھەرگىزمۇ قۇلىدىكى ۋاقىتلىق ئەمەل ئۈچۈن، ئۆز دائىرىسىدىكى قىز-ئاياللارنى باشلىقلار بار سورۇنغا چاقىرىپ بېرىدىغان ۋىجدانسىز، مۇناپىقلاردىن قىلمىسۇن.
    بىزنى يوقتىن بار قىلغان يالغۇز ئاللاھ ھەر بىر ئەركەكنى قەلبى ئويغاق غەيۇرلاردىن قىلسۇنكى ؛-ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەلنى ئۈزىلا قىلىپ ،ئەتراپىدىكى، مەئسىيەتلەرگە بىپەرۋا قارايدىغان خۇنۇك تەقۋالاردىن،پىلىكىدىن باشقىنى يۇرۇتالمايدىغان جىن چىراقلاردىن قىلمىسۇن.
ھېلىھەم ئۈمۈدۋارمىزكى ؛ئۇيغۇر ئەرلىرىدىكى دەييۈزلۈكنى ئاللاھ نوقسانسىز كالامۇللاسى بىلەن شىپا تاپقۇزغاي،ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلماننى تەقۋا،سالىھ پازىللاردىن بۇلۇشقا نېسىپ قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن قىلىپ ياشاتقاي. ئامىن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 07:40 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
azizgul + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
بىكتەر + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
ap~qilam + 206 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 316   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93798
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 08:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز  ئاللاھ رەھمەت قىلسون.        ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئىنساپ بەرسۇن.  ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز  ئاللاھ رەھمەت قىلسون.  ئىسىل تىمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34293
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەزاكەللاھۇ خەيرا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93798
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي ئۇلوق  ئاللاھ بىزلەرنى توغورنى تونىيدىغان خاتالاردىن يانىدىغان سۈننەت بىلەن ماڭىدىغان سىزبىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىزدىن رازى بولىدىغان ھەقىقى مومونلەردىن قىلغايسىز   ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93751
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ   قولىڭىزغا دەرت  بەرمىسۇن ...  شۇنداق ئىبرەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز..   تەربىيىۋى ئەھمىيىتى  بار تېمىلارنى كۇرۇدىغان ئادەمنىڭ ئازلاپ  كەتكەنلىگى بىزدىكى  ئىمان- ئېتىقاتنىڭ سۇسلاشقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ ..... ئاشنىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىغا ھەممە كىشى كىرىۋالىدىكەن ئەپسۇس  بۇ تېمىغا كىرگەن ئادەمنىڭ ئازلىغى......................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، بەك ئەھمىيەتلىك سۆزلەپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  تېمىكەن مەنمۇ  سەل  تۇرۇپ  بىر تېما  يوللاپ .....

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:37:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەمىمىزنىڭ چۈشۈنۇپ ئوقۇپ ،ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن.

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95205
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  تېمىكەن  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش