مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3382|ئىنكاس: 0

( دولان ) ئوباماغا يېزىلغان خەت  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 03:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوباماغا يېزىلغان خەت

ۋاڭ چىڭگو

دولان تەرجىمىسى

EE)CG%OBR%QSN@I4MEKT{H3.jpg


  ھۆرمەتلىك ئوباما ئەپەندى:

  يېقىندا بىزنىڭ بۇيەردىكى « شەرق سەھەر گېزىتى » سىلەرنىڭ « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى » دىن بىرخەۋەرنى كۆچۈرۈپ باستى. خەۋەردە دىيىشىچە، سىز ھەركۈنى پۇقرالاردىن كەلگەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن 10 پارچە خەتنى كۆردىكەنسىز، بۇ خەتلەرنىڭ يېرىمى سىزنى تەنقىد قىلغان خەتلەرمىش، سىزدەك دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقرى چوڭ دۆلەت پرېزىدېنتىنىڭ  پۇقرالاردىن كەلگەن خەتكە بولغان پوزىتسىيسىگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، پەقەتلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

  خەۋەردە دىيىلىشىچە، پۇقرالارنىڭ سىزگە ئىنكاس قىلغاننىڭ ھەممىسى ئاساسەن تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق  ئىشلاركەن، مەسىلەن يىگىتىمنىڭ شىركىتى ۋەيران بولۇپ، ئېغىر قەرىزگە بوغۇلدۇق، ئۆيىمىزنى رەنىگە قويۇپ، ئاتا-ئانىمىز بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىمىز دېگەندەك، ھەتتا ئىشلىرى ئوڭۇشلىق بولمىغان ئىشچى، تىجارىتى ئاقمىغان چىشچى، تام قوپۇرالمىغان قىشچى، زىرائىتى ئوخشىمغان دېھقان، مۇساپىر بوپ كەلگەن مېھمان، ئۆيى يوق سەرگەردان، يولدا قالغان تىلەمچى، ھەتتا تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچى.....ئىشقىلىپ خەت يازالايدىغاننىڭ ھەممىسى سىزگە خەت يازىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىشى يوقمۇ ياكى رەھبەرلىكنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەمدۇ؟ ئاشۇنداق تۇتامى يوق ئىشلارنى سىزگە ئىنكاس قېلىپ قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئالسا قانداق بولىدۇ؟ سىز تېخى بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ھاجەتخانىغاتاشلىۋەتمەي ئەكسىچە ئايالىڭىز مىچىلغا يوقۇرى ئاۋازدا ئوقۇپ بېردىكەنسىز. بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ئوقۇپ بىزار بولمامسىز؟

   خەۋەردە دىيىلىشىچە، سىز ھەرقېتىم ئاشۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى تاشلىۋەتمەي ئەكسىچە كۆپەيتىپ،ئارخىپ بۆلىمگە يوللاپ بېرىپ ساقلايدىكەنسىز. بۇ ئېنىقلا ۋاقىتنى ۋە زېھنى كۈچنى ئىسراپ قىلغانلىققۇ؟ ناۋادا پۇقرالاردىن كەلگەن خەتنى ئارخىپ قىلىپ ساقلايدىغان ئىشب ولسا ئاقسارايغا پاتامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن زېمىنىغا ئارخىپ ئۆيى سېلىشقا توغرا كەلمەسمۇ؟ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى سىزگە خەت يازغانلارنىڭ يېرىمى سىزنى « يارىماس » دەپ تىللايدىكەن، ھەتتا سىزنىڭ سىياسىتىڭىزنى تەنقىدلەپ، قاراشلىرىڭىزغا قارشى تۇرىدىكەن، ئەجەبا « يارىماس » دېگەنلىكنىڭ ئەخمەق دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟. سىز ئەسلىدىنلا پۇقرالار سايلىغان پرېزىدېنت تۇرسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئاشۇ پۇقرالار يەنە سىزنى تىللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۆلەت باشلىقىغا ھاقارەت قىلىدۇ؟سىز نېمە ئۈچۈن ساقچىلار ئارقىلىق بۇنداق پۇخرالارنى 10-20 كۇن قاماپ قويۇپ ئەدىبىنى بەرمەيسىز؟ بىزنىڭ بۇيەردە ھىلىغۇ دۆلەت باشلىقى ئىكەن، ئادەتتىكى كەنت باشلىقىنى بىرەر ئېغىز تىللىغان دىھقاننى ساقچىلار پۇت-قۇلىنى يەرگە تەككۇزمەي،ساقچىخانىغائاپىرىپ ئانامانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ، باشلىقنى تىللىغاننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولدىغىننى ئوبدان بىلدۇرىپ قويىدۇ. لېكىن زوڭتوڭ ئەپەندى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بەك يۇمشاققەن، سىزنى ھاقارەتلىگەنلەرنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكتە يوق ئەكسىچە ئۇلارغا جاۋاب خەت يازىدىكەنسىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن توخۇ يۈرەك ئىكەنلىكىڭىزنى، قول ئاستىڭىزدىكى ساقچىلارنىڭ يارامسىز، باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ، سىزنىڭ بۇنداق يارىماس ئارمىيە-ساقچىڭىز تېرۇرلىققا قارشى تۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنىڭ قانداقمۇ ھۆددىسىدىن چىقسۇن؟ ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چېقىۋېتىش كېرەك.

  ئۇندىن باشقاسىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى ئىشبىجىرىشنى بىلمەيدىغان ئاقنانچى خىزمەتچىلەرنى ھەيدىۋىتىڭ، دۆلەتنىڭ زوڭتوڭغا يېزىلغان خەتنى بىرمۇبىر ئەستايىدىل تەكشۇرمەي، ئىختىيارى 10 پارچە خەتنى تاللاپ سىزنىڭ كۆرىشىڭىزگە بېرىدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئۇل بولمىغانلىق، شۇنداقلا سىزگە ھۆرمەتسىزلىكقىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە « يارىماس » سىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى ئىشبىجىرىشنى بىلمەيدىغان نانقېپىلار ئىكەن، ئۇلار سىزگە « ماختاش »، « ئۇلۇغۋارنەتىجە »، « ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سانلىق مەلۇمات » نى ئۇزۈلدۈرمەي دوكلات قېلىشى كىرەك ئىدى، مەسىلەن زوڭتوڭ ئائىلىرىنىڭ تامامەن توغرا، جانابىڭىزنىڭ دەنارەھبەرلىكىدە ئامېرىكا خەلقى ئىقتىسادىي كىرزىسدىن قوتۇلدى، جانابىڭىزنىڭ دەنارەھبەرلىكىدە تېرورلىق كاتىۋېشى بىنلادىن يوقۇتۇلدى، پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى يىلسىرى ئاشتى... ۋاھاكازا دىگەندەك، ئەجەبا ئاشۇنداق ماختاپ قويرۇق شىپاڭلىتىشنى بىلمىگەن نانقېپىلارنىڭ كەشىنى توغرىلاش كىرەك.

  سىز گەرچەچوڭ دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى بولسىڭېزمۇ ئوباما ئەپەندى، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يولىنى ئانچەبىلمەيدىكەنسىز، سىزدىگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادەم،ئادەتتىكى پۇقرانىڭ خەتىگە ئۆزىڭىز جاۋاپبەرگېنىڭىز نىمىسى، بۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى كاتىۋىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدا بېجىرىۋەتسە بولىدىغۇ، قارىغاندائەتراپىڭىزدىكىلەر بىرتوپ يارىماسلار ئىكەن، ھەممە ئىشقا سىزنى ئاۋارە قىلسا،سىزقانداقمۇ زېھنىڭىزنى يېغىپ چوڭ ئىشلارنى بىجىرەلەيسىز؟ تېرورلىقنى يوقىتىشتەك چوڭ ئىشنى قانداق ئورۇنلايسىز؟ قانداقمۇ لاياقەتلىك زوڭتوڭ بۇلالايسىز؟

  ئاخىردا تەكىتلەيدىغىنىم، سىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۇنۇشىڭىز بەكمۇ ناچار ئىكەن، سىزدەك بىر پرېزىدېنتقا بىۋاستە خەت يازسا قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق ئىشلارغا سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك كىشىنى مەسئۇل قېلىپ، ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن بىرنى قۇرسىڭىز ئىش پۈتمەمدۇ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن كىشىلەرگە قۇرۇق ئېمىزگە سېلىپ يولغا سالسا بولىدۇ، يامىنىغا كەلسە تۆۋەندىكى ھوقۇقدارلارغا « ئەرزخولارنى ئېۋەتسەڭ ھوقۇقىڭنى ئالىمەن دىسىڭىز كىم ئەرىز قىلالايدۇ؟ »، ھېچ بولمىسا ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرانى قاماپ ياكى بىرنەچچى يىل كېسىۋەتسە ھەرگىز ئەرز قىلمايدىغۇ؟ يەنە تېخى پۇقرالار سىزگە بىۋاستە تىلېفۇن قىلىدىكەن، سىزدەك بىر پرېزىدېنتنىڭ تىلېفۇن نۇمۇرىنى پۇقرالار بىلسە قانداق بۇلىدۇ؟ ئەگەر پۇخرالار تىلېفۇندا سىزنى « يارىماس » دىسە، بۇگەپ سىرىتقا ئاشكارىلىنىپ كەتسە سىزنىڭ شانلىق ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ ئەگەر بىرەر چىرىك ئەمەلدارنى ئاشكارىلاپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئەمەلدارلىرىڭىز پۇل-مالنى چەتئەلگە يۆتكەپ، چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتۇپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟ ناۋادا سىزنىڭ ئەشۇ ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ئون نەچچە يەردىكى ئېسىل داچىسى ۋە نەچچە ئون مەخپى ئاشنىسى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچكەنلىكى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورنىڭىز ئاشۇلارنى جازالىيالامدۇ؟ سىزدەك بىر چوڭ پرېزىدېنت پۇقرالارنىڭ ئاھۇ زارىغا قۇلاق سالسىڭىز ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟

  سىزگە دېمەكچى بولغان گېپىم بەكمۇ كۆپ ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە توختىتاي، سىزنىڭ بۇ خەتنى كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەگەر كۆرسىڭىز، باشقا دۆلەتتىكى ئاددىي پۇقرانىڭ سۇئالىغا قانداق جاۋاب بىرەرسىز!

  كامالى ئېھتىرام بىلەن جۇڭگودىكى ئاددىي بىر پۇقرادىن.


  مەنبە:

http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=8453









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 06:57 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 500 ئېسىل ............

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش