چاچ بىرخىل مۇگڭگۈزسىمان ماددىدىن تۈزۇلگەن بولۇپ ، تېرىدىن ئۆسۇپ چىقىپ سىرتقا كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان قىسمى تۇك غولى ، تىرىنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى چاچ يىلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ ،
تۇك يىلتىزىنىڭ ئەڭ ئاستىنىقى قىسىمىدا شەكلى پىيازغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئورۇن بار بولۇپ تۇك خالتىسى دىيىلىدۇ ، تۇكلەر بەدەن سىرتىغا تولۇق تارقانغان بولۇپ بىرقىسىم جايلاردا يوق ،
ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننىڭ ھەممە يىرىدە ئاساسى جەھەتتىن تۇك بولىدۇ ،
مايلىق چاچ : بۇخىل چاچنىڭ رەڭگى توق ، پارقىراق ، بولۇپ سىرقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچىراپ كەتمەيدۇ ، ماي ئاجىرالمىرى كۆپرەك بولىدۇ ، چاچنىڭ يۇيۇش ۋاقتى ئۇزاپ كەتىسىمۇ يەنىلا پاقىراق ھالىتىنى ساقلاپ قاللالايدۇ ،
قۇرغاق چاچ : رەڭگى خۇنىك ، ماي ئاجىرالمىلىرى ئاساسەن يوق ، كۆپۇنچە چاچ يىرىلىش بىلەن بىرگە كىلىدۇ . پات پات يۇيۇپ تۇرسىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت يۇمىغادەك ھالەتتە كۆرىنىدۇ ، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە نىسپەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ ،
ئارلاشما چاچ : بۇ خىل چاچ مايلىق چاچ بىلەن قۇرغاچ چاچنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ چاچ رەڭگى سەل خۇنىك ، ماي ئاجىرالمىلى نورمال بولىدۇ ،
يۇقاردا ئىيتىلىپ ئۆتكەن بىر قانچە خىل تىپتىكى چاچ لارنى پەرىقلەندۇرۇش ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كىلىدىغان تازلاش بۇيۇملىرىنى تىتىپ تازلاش ۋە مۇۋاپىق ھالدا مايلاش ئارقىلىق چاچ نى ئاسىرغىلى بولىدۇ ،
توغرا پەرىقلەندۇرەلمىگەندە چاچقا زىيان يەكۈزۇپ قويىدىنغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ ،
شۇڭا چاچىنىڭ تىپىنى توغىرا ئايرىش بەك مۇھىم ، چاچنىڭ تىپىنى توغىرا ئايرىيالىغاندا ماس كىلىدغان يۇيۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاسراش دورىلىرى بىلەن مۇۋاپىق تازلاپ تۇرىشى كىرەك
چاچنى ئارىساشتا دىھقەت قىلىدغان نۇقتىلار
1- چاچنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش: ۋاختى ۋاقتىدا يۇيۇپ تازلاش كىرەك ، ئادەتتە 3 كۇندىن 5 كۇنگىچە يۇيۇپ تۇرسا مۇۋاپىق ،
2- يىمەك ئىچمەكە دىھقەت قىلىش :چاچ كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە كۆپىيىشى نۇرمال بولىمغان ئوزۇقلىنىشتىن ۋە ئاشقازان كىسەللىكلىرىن پەيدا بولىدۇ ،
3- ھاۋا كىلىماتىغا دىھقەت قىلىش : بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسق سۇدا چاچنى يۇماسلىق كىرەك ، قىش پەسلىدە ئومومى بەدەن قۇرغاقىلىشىدۇ ، چاچ مۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ
كىپەلىشىشكە باشلايدۇ ،
روھى ئامىللارغا دىھقەت قىلىش : بەك چارچاپ كەتمەسلىك ، مۇۋاپىق ئارام بىلەن خىزمەنتنى تەڭشەش ، ئۇمۇدۋار بولۇش كىرەك ،
5- چاچنى مۇۋاپىق يۇيۇش : قۇرغاق چاچلىقلار 4 كۇندىن 5 كۇنگىچە ئارلىقتا بىر قىتىم ، مايلىق چاچلقلار 2 كۇندىن 3 كۇندە بىرقىتىم يۇيۇش كىرەك ،
6-چاچنى توغىرا ئۇسۇلدا تاراش ۋە بوياش ئۇسۇلىدا
بەك كۈچەپ تاراشتىن ساقلىنىش ، بۇنداق قىلغاندا چاچتىكى مۇڭگۈزىسمان ماددا زىيانغا ئۇچىراپ باش تىرىسىنىڭ زەخمىلىنىشىكى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ،
مايلىق چاچلارنىڭ چۇشۇشى قۇرغاق چاچلقلارغا قارىغاندا كۆپ ، ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا ئەرلەرنىڭ كىدە كۆپ
ئەگەر يەنە چۇشۇنەلمىگەن بولسىڭىز چ چ ياكى تىلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
چ چ :1094725209
ئىلخەت :
alimjan580@gmail.com
tel:14799888720
14799888357