مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8313|ئىنكاس: 66

ھەققانىي: گەپ تاپتۇق (ساتىرا)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32167
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5307 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گەپ تاپتۇق

(ساتىرا)

ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي


توۋا دەيمەن يوتىغا بىرنى ئۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

ئەيىپ ئارتىپ بىراۋغا ئۆيدە تۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

قايسى بىرسى شان قۇچسا ئېغىز پۈرۈپ گەپ تاپتۇق،

ئاپەت كەلسە ياخشىغا بەزمە قۇرۇپ گەپ تاپتۇق،

قاملاشتۇرۇپ يالغاندىن پىتنە توقۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئۆيدە پاتمان ئىش تۇرسا ئۆزگىلەرنى پايلايمىز،

نىمىش قىلدى قوشنىمىز پاسىل تامدىن بويلايمىز،

ئوڭ ماڭسىمۇ<<تەتۈر>>دەپ چوڭغا چېقىپ جايلايمىز،

ھەر جەھەتتە مىنىڭدىن ئاشمىسۇن دەپ ئويلايمىز،

تۆھمەت چاپلاپ ئىش تېرىپ ساقنى بۇزۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئارىمىزدىن بېرەرسى قەد كۆتۈرسە قوللىماي،

شۇ ھامانلا ئۇنىڭغا تىل سالىمىز پايلىماي،

ياتنى دىدۇق<<داموللا>> ياندا تۇرسا تونىماي،

شوڭا نەپنى خەق ئالۇر تەقدىر بىزگە بۇيرىماي،

تىلىمىزدا گۇياكى ئات چاپتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئوڭ كۆز يەيدۇ چەپ كۆزنى ئەگەر قاڭشا بولمىسا،

دوستىمىزنى دوست ساتتى بىركىم نەپتە گوللىسا،

ئۆچ كۆرىمىز ھەتتاكى كىمكى ھەقنى قوللىسا،

ئەمدى كىمدىن كۆرەتتۇق تالەي قولغا قونمىسا،

كۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ياش ئاققۇزۇپ گەپ تاپتۇق.

***

كارخانىچى ئىش قىلسا دىدۇق:<<ئىنسان ساختىسى،>>

زىيالىنى تىللىدۇق،دىدۇق:<<كىتاپ خالتىسى،>>

دەپ دېھقاننى كەمسىتتۇق:<<دادۈيجاڭنىڭ غالچىسى،>>

ئارتىسلارنى دىدۇق بىز:<<ئوردا ئۇسۇل-سازچىسى،>>

چىڭنى غاجاپ يۇمشاققا چىش پاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

بىر بىرىنى چېقىشماس نەشتىرى بار چايانمۇ،

زىچ ئورماننى سۇندۇرۇپ قايرىيالماس شامالمۇ،

ئۇيۇشقاقلىق-دوستلۇقنى تەلەپ قىلدى زامانمۇ،

پېتىمسىزغا سۇئالىم:ئوم ياشىساق يامانمۇ؟

نىچۈن تۈنلەپ ئۇخلىماي باش قاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.

***

ئەي ئوغلانلار ئەمەس بىز قارا تاغدىن-ئاق تاغدىن،

ئاگاھ بولماق ۋاجىپتۇر يامان غەرەز مەككاردىن،

ئارىمىزغا نىزانى كىملەر سالدى ئويلانغىن،

ھەزەر دوستلار مىڭ ھەزەر!پۇرسەتپەرەس شەيتاندىن،

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دەرت تاتقۇزۇپ گەپ تاپتۇق.


**********



ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pasil + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ziba1007 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك مى.
IZDAYMA + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazigul8 + 55 تىلى ئۆتكۈر چىقىپتۇ! ئ.
Layla7 + 10
nur65 + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
ap~qilam + 206 ئېسىل
larzan + 200 كۆڭلۇمدىكى گەپلەركەن.
XERHAN + 66 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 883   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23296
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6453
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 02:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ كونىلارنىڭ ئاغزى بالاكەن جۇمۇ، ئىشىكىڭ ئەنسو، قوشناڭ خەنسو دىگەن ماقال بار ئىدى. ئەمىلىيلىشىپ بولدى دىسە. مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال قالدۇرماسلىقنى قارار قىلدىم

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3234
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32050
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2736 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 02:26:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     

  شېئىر ياخشى  يېزىلىپتۇ.



ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 02:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  يېزىلىپتۇ....... رەھمەت سىزگە.

مىللەت ئۇرۇشتا يۇقالمايدۇ ، سۈكۈتتە يۇقۇلىدۇ .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 02:39:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ.شىئىر بولا مۇشۇنداق بولا،ئەمدى مەن بۇ شىئىرنى يادلاپ مۇھەببىتىمگە ئوقۇپ بىرەي.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 03:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن روبائىغا بەك ئامراق، شۇنداق جايىدا يېزىلىپتۇ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 10 مۇخەممەسقۇ بۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللاھقا شۈكرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 03:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يازغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ماڭا بەك يارايدۇ.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت .بەك مەنىلىك ئىكەن.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 03:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ساتىرالار بولسا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساق دەيمەن، رەھمەت سىزگە.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 04:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ھەم قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەممەل يېزىلىپتۇ بۇ تىما.

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

نۇرشاھ*

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6357
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9234
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 05:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانا مانا ، ھەققانىي ئاكىمىز ، يەنە ھەققانىي گەپلەر بىلەن كەپتۇ ..

بارىكاللا .. ئاللاھ قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن ...

دەۋزەخ ئازابى ۋە گۆر ئازابىدىن باشقا ئازاپ ، كىتابىمىزدا يوق  -نۇرشات نۇرمۇھەممەد (نۇرشاھ) ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش