ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلىمەن بۇرۇنقى ئىسمىمنى تىلغا ئالغۇم يۇق ھازىرىقى توردىكى نامىم don-2 بۇلىمەن .. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرگە خاككىرلارنى ۋە ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزەمنىڭ قىسقىغىنە تەھلىلى بىلەن تۆۋەندىكىچە سۆزلەپ ئۆتەي :
hacker دىگەن نىمە ؟ hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئەسلى ئىنلگىز تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ،بۇ ئۇقۇم ئەينى ۋاقىتتا ئامىركا كومپىيوتىر ساھەسىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئۇقۇم ئىدى .كيىنچە بۇ ئۇقۇم مەتبۇئاتلاردا software cracker دەپ ئاتالدى .hacker دىگەن بۇ سۆز ئەسلى كومپىيوتىرنى قىزغىن سۆيىدىغان ،كومپىيوتىر تېخنىكىسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەملەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئۇقۇم باشقىلار كاللىسىدا مەخسۇس تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر دىگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالدى كىشىلەر ئۇلارنى cracker دەپ ئاتىدى .شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ hackerبىلەن cracker نىڭ پەرقىنى بىلىۋىلىشىنى سورايمەن .
hacker لار تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى .ئەمما نىمە ئۈچۈن hacker ھازىر ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى ؟
hacker لار سىياسىيغا ئارلاشمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار ئەركىن شەخىس ،hacker لارنىڭ پەيدا بولىشى تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى ۋە تولۇقلىدى ئۇنى مۇكەممەل قىلدى . خاككىرلارنىڭ قىلمىشى بۇزغۇنچىلىق ئەمەس ،ئۇلار بىر توپ تور دۇنياسىدىكى قەھرىمانلار . ئۇلار ھەر قاچان تەڭ بەھىرلىنىشنى ،ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسز تىرىشىپ كەلدى .
خاككىرلار نىمىشقا پەيدا بولدى ؟ چۈنكى كومپىيوتىر سىستىمىىسى مۇكەممەل ئەمەس بولغانلىق سەۋەبى خاككىرلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى .يەنە بىر خىل مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كومپىيوتىر سىستىمىىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەل بولىشى يەنە نۇرغۇنلىغان خاككىرلارغا مۇھتاج.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن خاككىرلار تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .بۇلارنى ئەسلى مەنسىدىن ئېلىپ ئېيتساق بۇلار cracker دەپ ئاتىلىدۇ .دەل مۇشۇ cracker لار سەۋەبى hacker لارنىڭ نامى بۇلغۇنىپ ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا بۇزغۇنچىغا ئايلىنىپ قالدى .
خاككىرلار دۇنياسىدا hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئومومىي ئاتىلىش ،چۈنكى خاككىرلار بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ .مەسىلەن system hacker بۇ سىستىما لاھىيلەش ۋە قوغداشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،password hacker ئەستايىدىللىق بىلەن مەخپىي نۇمۇر تېپىشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،يەنە computer hacker كومپىيوتىرنى پىششىق بىلىدىغان خاككىر قاتارلىقلار ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي كود پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى Eric Raymond بۇ خاككىر دىگەن سۆزگە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن :
hacker ۋە cracker ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيا چۈنكى hacker ياساشنى ،قوغداشنى ،مۇكەممەل بىخەتەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ .cracker بولسا بۇزۇشنى مەخسۇس مەقسەت قىلىدۇ .
ئەمدى ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزغا نەزەر سالايلى :
كومپىيوتىر دىگەن بۇ ئۇقۇم دىيارىمىزدا پەيدا بولغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ يىڭى نەرسىگە قارىتا ئوتتەك ئ.ىشتىياق باغلاپ ئۇنى دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە توختاۋسىز تىرىشىپ كەلدى ....
ئۇيغۇر تورچىلىقمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق 94 -يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكى بىخ ھالەتتىن مايسا ھالەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى ..
96-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا مەيىن شامال يەنى سابىق سەلكىن تورى ،دىيارىم ،شەبنەم قاتارلىق باشلامچى توربەتلەرنىڭ تۈتكىسىدە ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ كىچىك ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى توربەت تور قامال قىلىنىشتىن ئىلگىرى 20 نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ..
شۇنىڭغا ماس ھالدى 2003-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا بىر قىسىم خاككىرلىرىمىزمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى ..
ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىمىزدىن زەھەر (毒药)، قارا روھ (黑灵)،مۈشۈك ئاتامان (猫老大) ، mogana ،kokbora88, xahzad , HBK ,gepson-2 yaxa10 , نىشان..................،قاتارلىق بىر تۈركۈم دەسلەپكى خاككىر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىغا خاككىرلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئارقىسىدا ئۇيغۇر خاككىرلىمىز توختاۋسىز تەرەققىي قىلىدى ..
تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە باشقا پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن دىلناۋا،گېپسون، گېپسون -2 ، نامسىز بەگزادە ،软硬 ،alfa ،uyhacker ،..... قاتارلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىز مەيدانغا كەلدى .پېقىر don-2 مۇ ئاشۇ پىشقەدەملىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ كىلىۋاتىمەن ....
شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر خاككىرچىلىقى تەرەققىي قىلىپ 2008-يىللىرى ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ..ئۇيغۇر خاككىر توربىكەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلدى .ئالايلۇق : سابىق ئۇيغۇر خاككىر بازىسى (
www.uyhackerbase.com )،سابىق ئۇيغۇر تور تەتقىقات ئىشخانىسى (
www.uymuma.com) . شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسى (ھازىرقى ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسى )، نىشان مۇنبىرى ، قارا روھ مۇنبىرى ، .........قاتارلىق بىر تۈركۈم توربەتلەر بارلىققا كىلىپ ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىنى تەربىيلەش يولىدا مىننەتسىز ئىزدەندى ......2009-يىلىدىن كىيىن
بۇ توربىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى توختاپ قالغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ توختاپ قېلىشى ھەرگىزمۇ باشقا بىرىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ،ياكى مەقسەتلىك ئىتىشى ،ۋە ياكى شۇ توربەتنىڭ بوشلۇقىنىڭ ياكى ئىسمىنىڭ توختاپ قالغانلىقى سەۋەپ ئەمەس ،تۈپ سەۋەبى ھەممىمىزگە ئايان ....
نىمىشقا ئەمدى ئارىدىن 2 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى بۇرۇنقىدەك گۈللەنمەيدۇ ؟ ئۇيغۇر تور بىكەت باشلىقلىرى بىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ ؟
تۈپ سەۋەبى ئۇلار hacker بىلەن cracker نىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ .....
خاككىر دىگەن بۇ ئۇقۇم ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مەخسۇس توربەت يۇچقىدىن پايدىلىنىپ توربەت بۇزىدىغان ،مۇلازىمىتىردىن يۇشۇرۇش ھۇقۇق تەلەپ قىلىپ مۇلازىمىتىرنى باشقۇرۋالىدىغان ،QQ ئۇغۇرلايدىغان ۋە ھاكازىلار دەپلا بىلىدۇ ...
ئۇلار hacker نى توغرا چۈشەنمەيدۇ ،چۈشەنمەسلىكىگە بىر قىسىم cracker لار سەۋەپ بولغان ..چۈنكى باشتا دەپ ئۆتتۈم cracker لار hacker نىڭ نامىنى بولغاپ بولغان ..ئەڭ مۇھىمى بەزى كىشىلىرىمىز خاككىر بىلەن كىراككىرنى تېخىچىە پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ ..
ئەگەر بىزنىڭ بۇ خاككىر مۇنبەردىن بىرەرسى بېرىپ بىرەر توربەتكە ما يەردە يۇچىقىڭ باركەن ئىتىۋالغىن دىسە شۇ توربەتنىڭ باشلىقى ئۇ خاككىرنى ساڭا پوق بارمىتى مىنىڭ توربېتىمنى تەكشۈرۈپ ،بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچسەڭ بولمامدۇ دىيشتىن يانمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىغا پايلىمىغان بۇ خاككىر كۆڭلى ياخشىنىڭ كۆتى ئۇچۇق دىگەن بەتتامغا قالغانلىق سەۋەبى شۇ توربەتنى ئوڭ سول قىلىدۇ .بۇنىڭ بىلەن hacker بىلەن cracker نىڭ مەنىسى بىر قازان ئۇماچ بولىدۇ ...
ھازىرقى بىرلەشمىمىزنىڭ بىكەت تەكشۈرۈش سەھىپىسىنىڭ تا ھازىرغىچە ياسالمىغانلىق سەۋەبىمۇ مۇشۇ شۇ...
قالغىنىغا كەڭ دوسلارنىڭ بۇ تىمانى كۆرگەندىن كىيىن ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن ..
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم كەڭ توربەت باشلىقلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى سىزنىڭ hacker بىلەن cracker نى پەرىقلەندۈرۈپ بىزنى قوللاپ بىرىشىڭىزنى سورايمەن ..
ئۇيغۇر خاككىرچىلىقى سىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج...
چۈنكى خاككىرلىق بۇزغۇنچىلىق ئەمەس ،بۇزغۇنچىلىق كىراككىرنىڭ ئىشى ....
يەنە دەيدىغىنىم كەڭ خاككىرلىق ئۆگىنىۋاتقان دوسلىرىمنىڭ ھەرگىزمۇ cracker بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن
خاككېرلىق بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئۇيغۇر خاككېر بىرلەشمىسى تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ.
مەنبە:ئۇيغۇر خاكككېر بىرلەشمىسى
ئادرېسى:
http://uyhacb.com/portal.php