توي مۇراسىملىرى ۋە مۇسۇلمان ئايال (چوقۇم كۆرۈڭ)
كاتېگورىيە: 2013- يىل 25- مارت ئاپتور: بىلىم كۈچى
1. ئاياللار ئارىسىدا كېلىنچەك بىلەن يىگىتنى بىرگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش جايىز ئەمەس. چۈنكى بۇ ھايانىڭ تارتىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى ۋە ھايا سىزلارغا تەقلىد قىلغانلىق. [شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن]
2. توي كۈنى داپ چېلىشنىڭ شەرتلىرى. 1- چېلىندىغىنى دۇمباق ئەمەس داپ بولۇش. 2- شەھۋانىيلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ناخشا مۇزىكا قېتىلىپ قالماسلىق. 3- پىتنە ئارىلىشىپ قالماسلىق، مەسىلەن:قىز-ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەرلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىغا ئوخشاش. 4- ھېچ بىر كىشىگە ئازار بەرمەسلىك، ئەگەر بىرەر كىشىگە ئازار يېتىدىغان ئىش بولسا دۇرۇس ئەمەس. مەسىلەن: ئاۋاز ياڭراتقۇ دېگەندەك يوقىرى ئاۋازلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ دەم ئېلىش ياكى خىزمەت دېگەندەك باشقا ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈش. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]
3. سازەندىلەرنى ئىجارە ئېلىش ۋە ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى. 1- بىرلا قارىغان كىشى، ئۇلارنىڭ بىمەنە نەغمە ـ ناۋا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ناتوغرا ئىشلارنىڭ ئەدەب كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. 2- ئاۋاز ياڭراتقۇ، سۇناي، نەي ۋە باشقا چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ غەربنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىشىدۇ. 3- ئۇلارغا نۇرغۇن ئقتىسات چىقىم قىلىشىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]
4. ئەمما كېچە تەرەپلەردە توي شادلىقىنى ئىپادىلەپ ئەرلەرگە ئاڭلانمىغۇدەك، باشقىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگۈدەك دەرىجىدە كۆڭۈل ئېچىشسا كېرەك يوق.
5. ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرى ۋە خەجلىگەن پۇللىرى بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇش ۋە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز بامداتنى قازا قىلىش ئىشلىرى كۆرۈلسە جايىز ئەمەس. [شەيخ ئىبنى باز]
6. توي كۆينىكى كىيىشنىڭ شەرتلىرى: توي كۈنى ئاياللارنىڭ ئاياللارغا خاس كۆينەكلەرنى كىيىشى تۆۋەندىكى شەرتلىرى بىلەن دۇرۇس. 1- پۈتۈن بەدەننى ياپالايدىغان بولۇش. 2- ئەرلەرگە ئوخشىۋالماسلىق 3- دىن سىرتىدىكىلەرگە خاس بولغان كۆينەك بولماسلىق. [پەتىۋا كومىتېتى]
7. تويدا ئۇزۇن كۆينەك كىيىشنىڭ ھۆكمى؛ ئاياللار ئوشۇقىدىن بىر غېرىچ ئۇزۇن كۆينەك كىيىشى كېرەك، بىراق ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ قەدىمى ئېچىلىپ قالماسلىقى لازىم. [شەيخ ئىبنى باز]
8. توي ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئۇ پۇل مالنى ئىسراپ قىلغانلىق. [شەيخ ئىبنى باز]
9. توي ئۈچۈن كىيىم ـ كېچەك ئارىيەت ئالسا كېرەك يوق.
زاللاردا مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىقى. 1- ئۇنداق مۇراسىملاردا ئېھتىياجدىن سىرت ئىسراپچىلىق كۆپ بولىدۇ. 2- تولاراق ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ قالىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]
10. تويى بولغان يىگىتنىڭ، تويغا كەلگەن يات ئاياللار ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ تويلاشقان قىزىنى قولتۇقلاپ مېڭىشى جايىز ئەمەس.
توي مۇراسىمىنى سىنئالغۇغا ئېلىش جايىز ئەمەس. ھەمدە بۇ ئىشقا ئەقلى ـ ھۇشى جايىدا مۆمىن رازى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]
11. تويى بولغان يىگىتنىڭ فوتوگىرافنى ئەگەشتۈرۈپ ئاياللار ئولتۇرغان خانىگە كىرىشى جايىز ئەمەس. [شەيخ ئىبنى باز]
12. ئايال كىشىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلار بولىدىغان توي مۇراسىملارغا بېرىشى جايىز ئەمەس. [پەتىۋا كومىتېتى]
13. توي مۇراسىملاردا ئاياللار تۆۋەندىكى شەرتلەر ئاستىدا ئۇسۇل ئوينىسا كېرەك يوق. 1- ئۇسۇل ئوينايدىغانلار ۋە كۆرىدىغانلار پەقەت ئاياللار بىلەنلا چەكلىنىش. 2- يوقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلماسلىق. 3- تولۇق يۆگەلگەن بولۇشى، قوللىرىنى كۆتۈرگەندە بىلەكلىرى ئېچىلىپ قالماسلىق. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]
14. ئاياللارنىڭ ئەرلەر بار سورۇنلاردا يوقىرى ئاۋازدا گەپ سۆز قىلىش جايىز ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاۋازى بەزى بىر كۆڭلى سۇيۇق ئەرلەرنى ئازدۇرىدۇ. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]
15. مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىغا تۆۋەندىكى شەرت ئاستىدا بارسا بولىدۇ. 1- ئېرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش. 2- مۇراسىمدا شەرىئەتكە خىلاپ بىرەر ئىش بولماسلىق. 3- ئەگەر شەرىئەتكە خىلاپ بىرەر ئىش بولۇپ ئۇنى تۈزۈش قولىدىن كەلمىسە ئۇنداق سورۇنلارغا بارمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىمغاننىڭ گۇناھى بولمايدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]
16. ناخشا ـ مۇزىكا قويۇپ ئاندىن ئاياللارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى جايىز ئەمەس. [پەتىۋا كومىتېتى]
17. ئاياللارنىڭ توي مۇناسىۋىتى بىلەن خاس خانىلاردا كىيىم ئالماشتۇرۇشى؛ ئاياللار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەۋرەتلىرىنى تولۇق يېپىشقا ۋە زىبۇ ـ زىننەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىش كۆپەيگەن دەۋردە تېخىمۇشۇنداق. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]
18. تويدا چاچقۇ چېچىشنى كۆپلىگەن پىقھى شۇناسلار يامان كۆرۈدۇ. ئەگەر ئىسراپچىلىقتىن، يېمەك ـ ئىچمەكنى بۇزۇپ چېچىشتىن خالىي بولسا اللە خالىسا كېرەك يوق.
مەنبە : ئىسلامى بىلىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ رەتلەپ تەييارلىغانلىرىم .