مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8881|ئىنكاس: 124

توي كۈنى قىزلارنىڭ يىغلىشى شەرتمۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61443
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 01:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي دىگەن ئىككى ياشنىڭ ۋىسالغا يىتىدىغان خۇشاللىق بىر كۈنى، ئۇيغۇرتويلىرىمىزدا يىگىت قىزنى ئېلىپ ماڭىدىغان چېغىدا  بەزى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىيماي يىغلاپ تاشلايدىغان ۋاقتى بولىدۇ. لىكىن ھازىر بۇ توغرىسىدا ياشلىرىمىزدا نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۇت، بەزىلەر دەيدىكەن " توي دىگەن  خۇشاللىق ئىش تۇرسا ، نىمىشقا يىغلايدۇ" بەزىلەر دەيدىكەن " توي كۈنى يىغلىمىسا بولمايدۇ" دەپ ،  سىزچۇ ؟ قانداق قارايسىز؟  تۆۋەندە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر قانچە توي مىساللىرىنى بېرىپ ئۆتەي

1. ئورۇن : خوتەن
    ۋەقە :  قايسى بىر كۈنى دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشتىم ، دوستۇم بىلەن قىز يۆتكىگىلى بارغاندۇق. دەل قىزنى ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا قىز ناھايىتىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى. بىردەپ ساقلاپ باقتۇق ، ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس . ئامالسىز قىزنى يىغلىغان پېتىدە ماشىنىغا سېلىپ ماڭدۇق تاكى يۆتكەپ كەلگۈچە يىغلاپ كەلدى. باشقا دوسلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەيران قالدى. بۇتويمۇ ياكى نەزىرىمۇ دەپ ، بولمىسىغۇ دوستىمىز ئۆزلىرى تېپىشىپ توي قىلغان ، مەجبۇرلاندىمىكى دېسەك .  

2. ئورۇن : قەشقەر
   ۋەقە : ئۆتكەندە قەشقەردە بىر تۇققۇنۇمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم . توي ناھايىتىمۇ پەيزى بولغان . يىگىتمۇ كەلدى دەل يىگىت قىزنى يۆتكەپ ماڭغان چاغ ،  قىز يىغلىمىدى. بۇنى كۆرگەن بىر تۇققۇنۇم قاراپ تۇرسام قىزنى شۇنداق قاتتىق بىر چىمدىدىكى قىز " ۋاي ئانا" دەپ يىغلاشقا چۈشتى . ھەيران قاپتىمە .  كىيىن شۇ تۇققۇنۇمدىن نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىسام ، ئۇ " قىز تويدا يىغلىمىسا بولمايدۇ" دەپلا جاۋاپ بەردى .

3.  ئورۇن : خوتەن  
     ۋەقە : بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشقان. دوستۇم قىزنى ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا قىزدا يىغلاشتىن ئەسەر يوق . كۈلۈپلا تۇردى،  شۇ ئەسنادا بىرقانچە كىشىلەر قىزنىڭ كەينىدىن " توي قىلالماي ئاران قالغان ئوخشايدۇماۋۇ قىز ، يىغلاپ قويايمۇ دىمەيدا " دەپ ئۈلگۈرى .  يەنە ھەيران قاپتىمەن .


شۇ بىرقاتار ئىشلاردىن كىيىن ئۆزۈم ئويلاپ قالدىم . قىز زادى يىغلىمىسا بولمامدۇ ؟ نىمىشقا يىغلايدۇ ؟ چۇقۇم يىغلاش شەرتمۇ ؟  
شۇڭا تورداشلار  ئويلىغانلىرىڭلار  تۆكۈپ باقمامسىلەر . مۇشۇ توغۇرلۇق ئورتاقلىشىپ باقايلى ؟


تەنقىتلەشتە ئەركىنلىك بولمىسا ، ماختاشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 02:48:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى توي قىلمىدىم،،،شۇڭا بۇنىڭغا بىرنەرسە دىيەلمەيمەن

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 02:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويى بولغان قىز:  ھەقىقىي ئىپپەتلىك قىز بولسا يىغلىشى مۇمكىن.

بولمىسا ھىجىيىشى ئىنىقدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 02:54 PM  


ئۈمىدۋار بول،تەڭشىلىدىغان جاھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6671
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8351
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 02:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغلىسىمۇ بولىدۇ يىغلىمىسىمۇ بولىدۇ
بىز يىغلىسا ئانداقكەن يېغلىمىسا مانداقكەن باھا قۇيۇپ يۇرمىگەن بولساق ،تەبئىي بولاتتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otqash405 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 04:26 PM  


بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىمنىڭ بالىسى بىلەن بىللە ئىشەك مىنىپ بازارغا بېرىشى دىگەن مىسالنى ئويلاپ بېقىڭلار . ئىشەكنى مىنىۋالسا تاش يۈرەككەن بالىسىنى مىدۈرمەپتۇ دەيدۇ . ئىككىسى مەنسە ئىشەككە ئىچى ئاغىرماپتۇ دەيدۇ . ئىككىلىسى مېڭىپ ئىشەكنى يىتلەپ ماڭسا ساراڭكەن ، بىر ئوبدان ئىشەك تۇرسا مىنمەپتۇ دەيدۇ . دەل شۇنىڭدەك بۇ خەق ھەر نىمىلەرنى دەپ باقىدۇ . مىنىڭچە توي كۈنى يىغلاش يىغلىماسلىق ھىچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ . بەزى قىزلار ئاتا ئانىسىغا، يىگىرمە نەچچە يىل تۇرغان ئۆيىگە قىيالماي يىغلايدۇ . بەزىلىرىنىڭ يىغلىغۇسى بولسىمۇ ئۆزى سۆيگەن يارى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىنى ئويلاپ ، خوشاللىقى ئازابىدىن كۈچلۈك كىلىپ كۈلۈشى مۇمكىن . ئەقلى بار ساق ئادەم بولسا  كۈلگەن قىزنى توي قىلالماي ئاران تۇرۇپتىكەن دىمەيدۇ .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىشىنى ئوغۇلار ئېلىپ كەلگەندە يىغلامدۇ ئۇ تەرەپتە ؟ بىز تەرەپتە قىزنى باشقا ئۆيدىن چىقرىدۇ ..شۇ ئائلسدىن ئېلىپ چىقاندا تۇقانلار بىلەن كۆرۈشۈپ يىغلايدۇ ..ئوغۇل ئېلىپ كەلگەندە يىغلمايدۇ ..ئاران قىلىپ كەلگەن گىرىم تۇرسا يىغلسا گىرىمى بۇزۇلۇپ كېتە ئۇ كۈنى ئەلۋەتتە يۈزى يىپىق بوغانكىن باشقلار قىزنىڭ چىرايدىكى ئۆزگىرشىنى ئۇقالمايدۇ ...قىزنىڭ يىغلشىنى شۇ قىزىنى ئېلىپ چىققان كۈنى يەنى قىزنىڭ دوسلىرى قولداش قىزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ چىقاندا يىغلايدۇ ...شۇڭا يىغسىنى قىزلارلا ئاڭلايدۇ ...سىز ئوغۇلار دەيسىزغۇ ؟ قارغاندا ئوخشمايدىغان ئوخشمامدۇ ..قائىدسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44007
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4244
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سۆزلەي ..مەن توي قىلغاندا قۇلداش ئىشى چىقىپ قالغاچقا كىلەلمىگەنتى تازا يىغلاپتىمەن ، كۆچۈرۈپ ماڭغاندىمۇ  ئىختىيارسىزلا يىغلاپ كەتتىم .چاتاق يىرى يۇلدىشىمنىڭ ئۆيى بىلەن ئارلىق يىراق بولغاچقا  يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە كۆز ياشلىرىم تۈگەپ كىتىپتۇ ، ئەمدى ماشنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە مىڭىشىمىزغا بىر ئايال يىغلىمىدىغۇ ،شۇنداقلا كىرىپ كىتىۋاتىدىيا دىگەنتى «مەن يىغلىغاندا سەن نەدە ئىدىڭ »دىگەن خىيال كاللامغا كىلۋىلىپ كۈلىۋەتتىم.  كىيىن ئوقسام بو يەرنىڭ قائىدىسى ئىشىكتىن يىغلاپ كىرىش ئىكەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئىشقىلىپ بۇ مىللىتىمدىكى بەزى ئاتالمىش قائىدە - يۇسۇنلاردىن بەك يىرگىنىمەن ! بىدئەت تۈسىنى ئالغان ئىشلارمۇ بەك جىق يەنە كىلىپ قان - قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ! باشقا بىزدىن ئىلغار ، چوڭ مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تويىدا كىلىننىڭ يىغلىغان ئىشلىرى يوق ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئاتا - ئانىسىدىن رازىلىق ئالىدىكەن ھەممە ئۇلارغا بەخت تىلەيدىكەن ، بۇ توي ئىسلام بەلگىلىگەن ئۆلچەمدە بولىدىكەن شۇنداقلا سەمىمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان كاتتا مۇراسىم بولىدىكەن ، ئۇيغۇرنىڭ تويىدەك مۇرەككەپ توي يوق يەنە كىلىپ تويدىن كىيىنكى ئۇششاق ئىشلار سەۋەبى بۇزۇلىۋاتقان ئائىلە ! ھەي بولدىلا .... زادى ئۆزىنىڭ نام - ئابروي ۋە خاھىشىنى دىننىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرقانداق قەۋم ياخشى ئاقىۋەتتە بولمايدۇ ! تامام ۋەسسالام ~

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8258
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە قىزلار دېگىدەك يىغلايدىغۇ ئەمدى   ``مېنىڭچە ئىختىيار جۇمۇ```مەنغۇ تېخى توي قىلمىدىم``ئۆتكەندە بىر ئاغىنەم تويىدا خوتۇنى يىغلىسا كۆزىدىن ياش چىققاندا مېنىڭ كۆڭلۈممۇ باشقىچە بۇلۇپ قالغان``` ئامال بار گەپتىن قېچىپ يىغلاڭلار قىزلار ``بولمىسا شۇ ئاران قاپتۇ توي قىلالماي دەپ گەپ تېپىشى تۇرغانلا گەپ ```

كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92263
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى يىغلاش ئۆيىدىن ئايرىلىشقا قىيالماي ياش تۆكۇشنى كۆرسىتەر ،بىراق مەن تېخى توي قىلمىدىم ، قانداق بولىشنى ئەمەلىيتىمدە كۆرۇپ باقمىدىم  بىراق مەن چوقۇم يىغلايمەنغۇ دەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش