مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2294|ئىنكاس: 6

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزىمەتلەر- ئەبۇزەر غىفار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:00:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

63841_kishiler.jpg


ئاپتۇرى : خالىد مۇھەممەد خالىد

37707_1(2).gif

ئەبۇزەر غىفارى

3

قارشىلىق داھىيسى، بايلىق دۈشمىنى!

*                   *                   *

ئۇ مەككىگە خۇشاللىقتىن مەستخۇش بولغان، كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇلارنى پۈككەن ھالدا كەلدى.

توغرا، گەرچە سەپەرنىڭ جاپاسى ۋە چۆل-باياۋاننىڭ قىيىنچىلىقى ئۇنى ھاردۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەتمەكچى بولغان غايە بۇ ھاردۇقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ روھىغا بىر خىل خۇشاللىق ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇ مەككىگە خۇددى كەبىدىكى چوڭ ئىلاھلارنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەمدەك ۋە ياكى يولدىن ئېزىپ قالغان يولۇچىدەك ۋە ياكى ئۇزۇن سەپەر قىلىپ چارچىغاندىن كېيىن بۇ شەھەرگە چۈشۈپ ئارام ئېلىپ ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەمدەك كىيىملىرىنى توپا باسقان، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.

ئەگەر مەككە خەلقى ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ ئۇنىڭ تەلىماتىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدىغان بولسا ئۇنى چوقۇم ئۇرۇپ قىيما-چىيما قىلىۋەتكەن بولاتتى.

لېكىن ئۇلار ئۇ، كۆرۈش ئۈچۈن پايانسىز چۆللەرنى كېزىپ كەلگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە قانائەتلىنىپ خاتىرجەم بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قىيما-چىيما قىلىۋەتسىمۇ مەيلى بۇنىڭدىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك!

ئۇ يىراق جايلاردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. قانداق بىر خەلقنىڭ ئۇ توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئاڭلىسا ئېھتىيات بىلەن قۇلاق سالاتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ، ئۇ يەر بۇ يەردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يىغىپ ئاخىرى ئۇ ھەققىدىكى كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى ۋە ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان يېرىنى بىلدى.

بىر كۈنى ئەتتىگەندە ئەبۇزەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرغان يەرگە باردى ۋە ئۇنىڭ  يالغۇز ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى-دە، «ئەتتىگەنلىرى خەيرىلىك بولسۇن، ئى ئەرەب بۇرادەر...» دەپ سالام قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سىلىگىمۇ سالام، ئى ئەرەب بۇرادەر» دەپ سالامنى ئىلىك ئالدى.

ئەبۇزەر: «كىشىلەرگە دەپ بېرىۋاتقانلىرىدىن ماڭىمۇ دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن بولسىلا» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدىغان شېئىر ئەمەس، بەلكى قۇرئان كەرىمدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەبۇزەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، «ئۇنداق بولسا شۇنى ماڭا ئوقۇپ بەرسىلە» دەپ تەلەپ قىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردى. ئەبۇزەر بولسا پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇلاق سېلىۋاتاتتى... ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇزەر: «مەن بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئى ئەرەب بۇرادەر، سىز قايسى قەبىلىدىن...؟» دەپ سورىدى. ئەبۇزەر ئۇنىڭغا «غىفار» قەبىلىسىدىن دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرىدى ۋە چىرايىنى ھەيرانلىق قاپلىدى.

ئەبۇزەرمۇ كۈلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئالدىدا تۇرغان، مۇسۇلمان بولغان بۇ ئادەمنىڭ «غفار» قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى سەزدى.

چۈنكى بۇ قەبىلە بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خەلقى قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىش بىلەن داڭلىق ئىدى، ئۇلار ھەردائىم تۈن قاراڭغۇسىدا ناشايان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، كېچىدە بۇ قەبىلىدىكى بىرەر ئادەمگە ئۇچراپ قالغان كىشىگە بەكمۇ ئۇۋال بولاتتى...!

مانا بۈگۈن، ئىسلام تېخى يېڭى، يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇشۇنداق بىر قەبىلىدىن بىرى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كېلىۋاتامدۇ...؟!

ئەبۇزەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا مۇشۇنداق يامان بىر قەبىلىدىن چىققان بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن تەئەججۈپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن.

توغرا، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.

مانا ئەبۇزەر ئاللاھ ھىدايەت بېرىشنى خالىغان، ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ جاھىلىيەتتە بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان، كاتتا، ياراتقۇچى ئىلاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن، ئۇ بۇتلارنى ۋە ئۇلارغا چوقۇنغۇچىلارنى دۆت چاغلايدىغان، قەھرى قىلغۇچى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن.

ئەبۇزەر دەرھال مۇسۇلمان بولدى... ئۇ مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بەشىنچىسى ياكى ئالتىنچىسى ئىدى.

ئۇنداقتا ئۇ دەسلەپكى كۈنلەردە بەلكى دەسلەپكى سائەتلەردە مۇسۇلمان بوپتۇ. يەنى بالدۇر مۇسۇلمان بوپتۇ...

ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان كەلتۈرگەن بەش ئادەمگە ئىسلام تەربىيىسى ئېلىپ باردى.

ھازىر ئەبۇزەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ، مەخپىي ھالدا مەككىدىن ئايرىلىپ خەلقىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشتىن باشقا ئامال يوق...

لېكىن ئەبۇزەر جۇشقۇن، جاسارەتلىك، چۇس مىجەز-خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، قەيەردە ناھەقچىلىق بولسا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئىدى.

مانا ھازىر ئۇ ناھەقچىلىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ: بىر جانسىز تاش ئالدىدا كىشىلەر باش ئۇرۇپ بوي ئېگىپ خوش-خوش دەپ نىدا قىلىۋاتىدۇ...!!

شۇ كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا يوشۇرۇن دەۋەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق، لېكىن بۇ ئۇلۇغ قىساسكار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىرەر سادا ياڭرىتىشى لازىم.

ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مېنى نېمە ئىشقا بۇيرۇيلا؟ » دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ مېنىڭ بۇيرۇقۇم يېتىپ بارغۇچە ساقلاپ تۇرىسىز» دېدى.

بۇ چاغدا ئەبۇزەر: «روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەسچىتكە بېرىپ ئىسلامنى ئېلان قىلمىغۇچە، سىلەرگە شۇنداق دېمىگەنمىدىم دەپ توۋلىمىغۇچە قايتىپ كەتمەيمەن» دېدى...!!

مانا بۇ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغان جۇشقۇن، جاھىل مىجەزدۇر! ئۆزى ئىشەنگەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ۋە ئۇنىڭ تىلىدىن ئۆزى ئاڭلىغان دەۋەتنىڭ خۇشخەۋەرلىرىدىن پۈتۈنلەي يېپيېڭى بىر دۇنيانى ھېس قىلغان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ جىمجىت ھالەتتە يۇرتىغا قايتۇرۇلماقچىما...؟ ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ...!!

ئەنە شۇ چاغدا ئەبۇزەر «مەسجىدىل ھەرەم» گە كىرىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھى بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكى، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەپ نىدا قىلدى.

بىلىشىمىزچە بۇ قۇرەيشنىڭ ھاكاۋۇرلىقىغا جەڭ ئېلان قىلغان، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەۋرەتكەن، مەككىدە ھېچقانداق قوغدىغۇچىسى، ئابرۇي ياكى ئەھلى-ئەۋلادى بولمىغان ناتونۇش بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۇنجى ئىسلام ئاۋازى ئىدى.

بۇ چاغدا ئۇ ئۆزى ئويلىغان پېشكەللىككە ئۇچرىدى: يەنى مۇشرىكلار ئۇنى قورشىۋېلىپ قاتتىق ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتتى؟

بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى- ئابباسنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ يېتىپ كەلدى، ئۇ ئەبۇزەرنى ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن پەقەت ئەستايىدىل تۈزۈلگەن ھىيلە ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى پەملىدى-دە مۇنداق دېدى: «ئى قۇرەيش جامائەسى، سىلەر تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان سودىگەرلەر، (غىفار) قەبىلىسىگە داۋاملىق بېرىپ تۇرىسىلەر، مانا بۇ ئادەم ئەنە شۇ قەبىلىدىن، ئەگەر ئۇ قەۋمىنى سىلەرگە قارشى كۈشكۈرتىدىغان بولسا، سىلەرنىڭ كارۋانلىرىڭلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ» بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىدىن يېنىپ ئۇنى قويىۋىتىشتى...

لېكىن، ئاللاھ يولىدا ئازار يېيىشنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ئەبۇزەر ئىسلام ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشمىغۇچە مەككىدىن ئايرىلمايتتى...!!

ئىككىنچى كۈنى، بەلكى شۇ كۈنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ «ئۇساف» بىلەن «نائىلە» دىن ئىبارەت ئىككى بۇتنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇلارنىڭ يۈزىگە بۇ ئىككى بۇتنى بەك سەت ئەيىبلىدى، بۇ چاغدا بۇ ئىككى ئايال ئۇنىڭغا قارشى ۋارقىرىدى. نەتىجىدە، بىر مۇنچە ئەرلەر چېكەتكىدەك يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى توختىماي ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتتى.

ھوشىغا كەلگەن چاغدا يەنە بىر قېتىم: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھى بەرھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يېڭى مۇسۇلمان بولغان شاگىرتنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى، ناھەقچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تېخى ۋاقتى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلىشىگە، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىشكە بۇيرىدى.

ئەبۇزەر تۇغقانلىرى ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن ئۇلارغا بىر پەيغەمبەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى، ئېسىل ئەخلاقلارغا باشلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، بىر-بىرلەپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىدى.

بۇ چاغدا ئۇ «غىفار» قەبىلىسى بىلەنلا توختاپ قالماي «ئەسلەم» قەبىلىسىگىمۇ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام چىراغلىرىنى ياندۇرۇشقا باشلىدى...!!

زامان چاقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردە تۇردى.

بىر كۈنى پىيادىلەر ۋە ئاتلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپلەرنى تەشكىل قىلغان بىرمۇنچە خەلق قەدەملىرىدىن چاڭ-توزان كۆتۈرگەن ھالدا مەدىنىگە ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ئوقۇۋاتقان تەكبىرلىرى بولمىغان بولسا كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ قوشۇنى ئىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتى.

بۇ ھېسابسىز قوشۇن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ مەدىنىگە كىردى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ۋە تۇرىۋاتقان يېرىگە قاراپ ماڭدى.

بۇ «غىفار» قەبىلىسى بىلەن «ئەسلەم» قەبىلىسىدىن ئىبارەت ئىككى قەبىلىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن بولۇپ، ئەبۇزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلار، ياشلار ۋە بالىلار بويىچە مۇسۇلمان قىلىپ باشلاپ كەلگەن ئىدى...!!

مانا ئەمدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ ھەيران قېلىشقا، تەئەججۈپلىنىشكە ھەقلىق ئىدى...

ئىلگىرى «غىفار» قەبىلىسىدىن كەلگەن بىر ئادەمنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە بۇ ھەيرانلىقنى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن بولسا، مانا ھازىر ئەبۇزەر ئارقىلىق ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامدا نەچچە يىللارنى ئۆتكۈزگەن «غىفار» قەبىلىسى ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا مۇسۇلمان بولغان «ئەسلەم» قەبىلىسى بىلەن بىرلىكتە كېلىۋاتىدۇ...!!

زوراۋانلىق ئۇستازى، شەيتاننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەمدىلىكتە ياخشىلىق ئۇستىلىرىغا، ھەقىقەت ئىتتىپاقداشلىرىغا ئايلىنىۋاتىدۇ...!!

توغرا، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئەمەسمۇ...؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېقىملىق چىرايلىرىغا خۇشاللىق، مېھرىبانلىق ۋە دوستلۇق ئىچىدە نەزەر تاشلىدى.

«غىفار» قەبىلىسىگە قاراپ: «ئاللاھ غىفار قەبىلىسىنى مەغپىرەت قىلسۇن» دېدى، ئاندىن كېيىن «ئەسلەم» قەبىلىسىگە قاراپ: «ئاللاھ ئەسلەم قەبىلىسىنى سالامەت قىلسۇن» دېدى.

ئەبۇزەرچۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جىگەرلىك، تەرسا، غورۇرلۇق ئاجايىپ دەۋەتچىدىن ئالاھىدە تىنچلىق سورىمامدۇ...؟

ئەلۋەتتە سورايدۇ... كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپات چوقۇم چوڭ، سورىلىدىغان تىنچلىق چوقۇم مۇبارەك بولسۇن... كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قەلبى ۋە تارىخى چوقۇم ئەڭ كاتتا ئىززەت-ئىكرام ۋە ئۇلۇغلۇققا پۈركىنىدۇ، زامانلار ئۆتۈپ، ئەۋلادلار يوقالسىمۇ كىشىلەر يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئېيتقان «بۇ دۇنيا دۇنيا بولغاندىن بۇيان ئەبۇزەردەك چىن ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس» دېگەن كەلىمىنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي ياد ئېتىشىدۇ...!!

ئەبۇزەردىن چىنراق يەنە بىر ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس...؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ سۆزلىرى بىلەن بۇ ھەمراھنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋە پۈتۈن كەلگۈسىنى خۇلاسىلىگەن ئىدى.

دېمەك، جاسارەت ئىچىدىكى چىنلىق ئەبۇزەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ نېگىزى، ئىچى-تېشىنىڭ ماھىيىتى، ئەقىدىسى ۋە سۆزنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، كەلگۈسىدە چوقۇم چىن ياشايدۇ، ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ئالدىمايدۇ، ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى ئالدىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.

ئۇنىڭ چىنلىقى ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدىكى چىنلىق ئەمەس، چۈنكى ئەبۇزەر بۇنداق چىنلىقنى ھەرگىزمۇ ئېتىبارغا ئالمايدۇ...

ئۇنىڭ ئېتىقادىدىكى چىنلىق بولسا جاكارلاش، ئېلان قىلىش يەنى ھەقىقەتنى جاكارلاش، ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇش، راستنى قوللاپ، خاتانى سۈپۈرۈپ تاشلاش، ھەقىقەتكە دوستانە بولۇپ، ئۇنى دادىل ئىپادىلەش، ئۇنىڭ بىلەن ئۈن-تۈنسىز بىرگە مېڭىش دېمەكتۇر...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە تەرسالىقىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق خاپىلىقلىرىنى بىلىپ ئۇنى داۋاملىق ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەۋرچانلىق يولىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇنىڭدىن: «ئى ئەبۇزەر، غەنىيمەت ۋە بايلىقنى ئەۋزەل بىلىدىغان پادىشاھلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن»...؟ دەپ سورىدى.

ئۇ: «بۇ چاغدا سىلىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قىلىچىم بىلەن چاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئۇسۇلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋرى قىلىپ تۇرغىن» دېگەن ئىدى.

قاراڭ، نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن پادىشاھلار... مال-مۈلۈكلەر... دىن ئىبارەت بۇ سوئالنى سورايدۇ؟

چۈنكى بۇ ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ ئېتىدىغان كەلگۈسىدە ۋە جەمئىيەتتە دۇچ كېلىدىغان قىيىن مەسىلە بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا «مەن بىلەن كۆرۈشكىچە سەۋرى قىلغىن» دېگەندىن ئىبارەت قىممەتلىك نەسىھەتنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورىغان.

ئەبۇزەر پېشۋاسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىدە چوقۇم چىڭ ساقلاپ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مال-مۈلۈكى بىلەن سەمرىۋاتقان پادىشاھلارغا تەھدىت سالغان قىلىچىنى ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ھەرگىز بىردەممۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ.

توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇلارغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈشتىن توسقان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆتكۈر تىل كۆتۈرۈشتىن توسمايدۇ ، ئۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، يەنى تىلى بىلەن ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى، ئۇندىن كېيىن ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ دەۋرلىرى ھاياتلىق ئېزىتقۇلىرى ۋە بۇزۇقچىلىق ئامىللىرى ئۈستىدىن تولۇق غالىب كېلىش بىلەن ئۆتتى، بۇ كۈنلەردە ھەتتا كۆڭلىگە زور ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەنلەرمۇ ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىدىغان ھېچبىر يول تاپالمىدى.

ئۇ كۈنلەردە، ئەبۇزەر ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلىغۇدەك خۇراپاتلىق ۋە ياكى ئازغۇنلۇقلارمۇ يوق ئىدى.

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى- ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئۇزۇنغا سوزۇلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋالىيلىرى، ئەمىرلىرى ۋە بايلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى تالانت بىلەن تەقۋادار، ئىقتىسادچىل، ئاددىي-ساددا ۋە ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيتتى.

ئۇ تەيىنلىگەن ئىراقتىكى ياكى شامدىكى ياكى سەنئادىكى ۋە باشقا يىراق شەھەرلىرىنىڭ قايسى بىرىدىكى ۋالىيلارنىڭ بىرەرسى ئادەتتىكى كىشىلەر ستىۋالالمايدىغان بىرەر ھالۋىنى يەپ قويغان ھامان بۇ خەۋەر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ مەدىنىگە قايتىپ ھېساباتنى تاپشۇرۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرى يېتىپ باراتتى.

ئەبۇزەر ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغىنىدىن، ئۇنىڭ دەۋرىدە ھوقۇقنى ئىگىلىۋېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك خاھىشلارنىڭ بولمىغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈنەتتى، چۈنكى خەتتابنىڭ ئوغلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زات ئۆزىنىڭ ھوقۇقنى ھەققانىي باشقۇرۇشى، بايلىقنى ئادىل تەقسىملىشى بىلەن ئۇنىڭغا روھىي تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتاتتى.

شۇنداق بولغاچقا ئۇ ھەرقانداق بىر جايدا شەرىئەتكە خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغان ھالدا ۋاقتىنى پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن جىھاد قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتاتتى.

لېكىن بىر كۈنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاكىملىرى ئىچىدە ئەڭ ئاجايىپ، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئادىل، ئەڭ تەقۋادار ھېسابلىنىدىغان بۇ زات كەينىدىن زور بوشلۇق قالدۇرغان ھالدا ئالەمدىن كەتتى، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشلار قېچىپ قۇتۇلغىلى، توسۇۋالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپىيىشكە، شەھەرلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھاياتلىق نازۇ-نېمەتلىرى ۋە باياشات تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

ئەنە شۇ چاغدا ئەبۇزەر خەتەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى...

شۈبھىسىزكى، شەخسىي ئابرۇيپەرەسلىك، ھاياتلىقتىكى بارلىق ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى، دۇنيانىڭ باقىسىز گۈزەللىكى ۋە ۋاقىتلىق كۈشكۈرتىشى بىلەن پۈتۈن نىشاننى دۇنيانى ياخشى ئىشلارنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئۆزگەرتىشكە قارىتىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازدۇرماقچى بولىۋاتاتتى. ئاللاھ ئىنسانغا ئىتائەت قىلىدىغان، خىزمەتچى قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈك ئەمدىلىكتە مۇستەبىت خوجايىنغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى. كىملەرنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى...؟ ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيا ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى قەدىمى ئاستىدا دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ قەرزدارلىقتىن تۆمۈر كىيىمىنى گۆرۈگە قويۇپ قويغان پېتى ۋاپات بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتى! ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشدىن قورقۇپ ياخشى بەندىلەرنىڭ دىللىرى جىغىلداپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدىغان ھوقۇقدارلىق باشقۇرۇش، بايلىق توپلاش، باياشاتلىشىشنىڭ ھالاكەتلىك يولىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.

ئەبۇزەر ئەنە شۇلارنى سەزگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ ئولتۇرمايلا ئوڭ قولىنى قىلىچىغا سۇندى-دە، ھاۋادا بىر ئويناتقاندىن كېيىن نىشاندىن ئاداشمايدىغان ئاشۇ قىلىچ بىلەن جەمئىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇردى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ قىلغان ۋەسىيىتى تېزلا قەلبىدە ياڭرىدى-دە، قىلىچىنى غىلاپقا سېلىپ قويدى. قىلىچنى ھېچقانداق مۇسۇلماننىڭ يۈزىگە قاراتماسلىقى كېرەك.

«وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلاَّ خَطَئًا وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَئًا»

«مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس» (سۈرە نىسا: 92) ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى قارشى تۇرۇش، قىلىچ بىلەن ئۆزگەرتكىلى ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چىن ئىخلاس بىلەن ئېيتىلغان راستچىل، ئادىل، غەيۇر سۆز بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر توپ ساھابىلار ئالدىدا: بۇ دۇنيا دۇنيا بولغاندىن بۇيان ئەبۇزەردەك چىن ئىنسان تۆرەلگەن ئەمەس دېگەن ئىدىغۇ؟ شۇنچىلىك چىن سۆزلۈك، قايىل قىلدۇرارلىق بىر ئادەمنىڭ قىلىچقا قول سۇنۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چوقۇمكى ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئۆتكۈرلۈكتە يەر يۈزى توشقۇدەك كۈرمىڭ قىلىچلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ!

ئۇنداقتا ئۇ ئەنە شۇ چىنلىقى بىلەن پادىشاھلار، بايلارنىڭ ئالدىغا، دۇنياغا بېرىلىشلىرى بىلەن زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن، ھوقۇقدارلىق ئۈچۈن ئەمەس، پەيغەمبەرلىك ئۈچۈن، ئازاب ئۈچۈن ئەمەس، رەھىمدىللىك ئۈچۈن، ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئۈچۈن ئەمەس، كىچىك پېئىللىق ئۈچۈن، ئالاھىدە بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، باراۋەرلىك ئۈچۈن، ئاچكۆزلۈك ئۈچۈن ئەمەس، قانائەت ئۈچۈن، ھۇزۇر ھالاۋەت ئۈچۈن ئەمەس، ئاددىي-ساددىلىق ئۈچۈن، ھاياتلىق بىلەن ئالدىنىش ئۈچۈن ئەمەس ئۇنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىنغان بۇ دىنغا خەتەر پەيدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا بارسۇن.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاللاھ ئۆزى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلسۇن، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.

ئەبۇزەر بايلىق ۋە ھوقۇق قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن قورغانمۇ قورغان ھۇجۇم قىلدى ۋە بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئەتراپىغا كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئەمگەكچىلەر، جاپاكەشلەر توپلانغان بىر بايراققا ئايلاندى. ھەتتا ئۇنىڭ نامى ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىراق جايلاردىكى خەلق ئارىسىغىمۇ يېتىپ باردى، بىرەر جايغا بارا-بارمايلا، ياكى بىرەر قەۋمگە نامى يېتەر-يەتمەيلا ھوقۇق ۋە بايلىق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سالىدىغان قىيىن سوئاللارنى قوزغايتتى.

ناۋادا بۇ ئۇلۇغ قىساسكار ئۆزى ۋە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئۈچۈن مەخسۇس بايراق تىكلىمەكچى بولغان بولسا، ئۇنىڭ بايرىقى ئۈستىگە كەشتىلەنگەن شوئار ئوتقاشتەك يالقۇنجاپ تۇرغان داغمالدىن ئىبارەت بولغان بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان شوئارى:

«يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ» «ئالتۇن-كۈمۈش توپلىغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى پېشانىلىرى ۋە يانپاشلىرى داغلىنىدىغان ئوت داغماللىرى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»( سۈرە تەۋبە: 35) دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت ئىدى. تاققا چىقسىمۇ، تۈزلەڭلىككىمۇ چۈشسىمۇ، شەھەرگە كىرسىمۇ ياكى بىرەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارسىمۇ بۇ سۆزلەرنى ئىغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان ئۇنى «ئالتۇن- كۆمۈش توپلىغۇچىلارغا ئوت داغمال بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن» دېگەن سۆزلەر بىلەن قارشى ئالاتتى.

بۇ بىر جۈملە ئىبارە بايلىقنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قېلىشى، مونوپول قىلىنىۋېلىشى، ھوقۇقدارلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ، بايلىق توپلاشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى، دۇنياغا بېرىلىشتىن ئىبارەت بۇ مايىللىقنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىك مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن بارلىق گۈزەللىك، ئۆزگىچىلىك، جان كۆيدۈرۈش، ئىخلاسمەنلىكلەرنى يۈتۈپ كېتەي دەپ قالغانلىقىدەك ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خاھىشلارنى يوقىتىش ۋەزىپىسى ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئىشنى شامدىكى ھوقۇقى ۋە ھەيۋىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان «مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان» نىڭ قورغانىدىن باشلىدى.چۈنكى ئۇ ئىسلام ئەللىرىدىن زېمىنى ئەڭ مۇنبەت، بايلىق مەنبىئى ئەڭ مول بولغان بىر ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. مەرتىۋە ، ئابرۇيى بولغان كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىللاشتۇرۇش ھەم ئۇزۇندىن بۇيان زېھنىنى سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان كەلگۈسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيانى سەرپ ئېتەتتى.

قالغان دەۋەتچىلەرنى ئازدۇرغۇدەك دەرىجىدە كۆپ مال-دۇنيا ۋە ئايۋان-سارايلارنى كۆرۈپ ئەبۇزەر خەتەرنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سەزدى-دە، بۇ قارشىلىق پېشۋاسى كونىراپ كەتكىنىدىن پاقالچىقىغا چىقىپ قالغان تونىنىڭ پېشىنى قاققان پېتى شامغا قاراپ قۇيۇندەك يۈرۈپ كەتتى...

ئادەتتىكى خەلق ئۇنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى سەزگەن ھامان قىزغىن قارشى ئېلىشتى ۋە نەگە بارسا ئۇنى ئورىۋېلىشتى...

ئەبۇزەر ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ خەلقنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى ھالبۇكى يىراق بولمىغان جايلاردا ھەشەمەتلىك ئايۋان-ساراي، داچىلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئەتراپىدا قورشاپ تۇرغانلارغا: «ئۆيدە جان باققۇدەك ئوزۇق-تۈلۈكى بولمىغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ قارشى چىقمايدىغانلىقىغا ھەيرانمەن» دېدى...؟!

ئەمما ئۇ دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنقىلابنىڭ ئورنىغا ئېغىر-بېسىقلىقنى، قىلىچنىڭ ئورنىغا شىجائەتلىك سۆزنى قويۇش توغرىسىدىكى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئالدى-دە، قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تاشلاپ نەسىھەت ئارقىلىق قانائەتلەندۈرۈشكە يۈزلىنىپ ئۇلارغا ھەممە ئادەمنىڭ خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ رىزقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ھوقوقى بارلىقىنى، تەقۋادارلىقتىن باشقا سەۋەب بىلەن ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ئۈستۈن تۇرالمايدىغانلىقىنى، قەۋمنىڭ ئەمىرى ۋە خوجايىننىڭ خەلق ئاچ قالغاندا ئەڭ ئاۋال ئاچ قېلىشقا، تويغاندا ئەڭ كېيىن تويۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ ئۇرغۇلۇق سۆزلىرى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ سەزگۈرلۈكى، چىدامچانلىقى ۋە كۈچلۈكلۈكى بىلەن پادىشاھلار ۋە بايلارغا زەربە بەرمەكچى ۋە ھۆكۈمران سىنىپلار، بايلىق بېسىۋالغۇچى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدا توساق بولماقچى بولدى.

ئازغىنا كۈنلەردىلا شام خۇددى ئىتائەت قىلىنغۇچى پادىشاھنى تاپقان ھەسەل-ھەرىسى كاۋىكىغا ئوخشاپ قالدى، ناۋادا ئەبۇزەر شۇنداقلا بۇيرۇق بېرىدىغان بولسا پۈتۈن ئەل ئوت بولۇپ ياناتتى... لېكىن ئۇ خۇددى بىز يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىققىتىنى ھۆرمەتكە لايىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا قاراتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەرقايسى سورۇنلار، مەسجىدلەر ۋە كوچا-كويلاردا يادلىنىدىغان بولدى.

ئۇ بىر توپ خالايىق ئالدىدا مۇئاۋىيە بىلەن مۇنازىرلەشكەن كۈنى چېكىگە يەتكەن ئىمتىيازلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خەتەر پەيدا قىلدى، بۇ مۇنازىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر كۆرمىگەنلەرگە يەتكۈزۈپ خەۋەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەتراپقا تارالدى...

خۇددى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇستازى تەرىپلىگىنىدەك، دۇنيادىكى ئەڭ راستچىل، چىن سۆزلۈك ئەبۇزەر قورقماستىن، سۇلھى-سالا قىلماستىن مۇئاۋىيەنى ھاكىم بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بايلىقلىرى، مەككىدە تۇرغان ئۆي- بىساتلىرى، ھازىر شامدا بار بولغان ئايۋان-سارايلىرى توغرىسىدا سوراق قىلىشقا باشلىدى.

ئاندىن كېيىن سوئال-سوراقنى ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇرغان ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شامغا بېرىپ مۇئاۋىيەگە ئوخشاش ئايۋان-ساراي ۋە داچا سالدۇرغانلارغا قارىتىپ ئۇلاردىنمۇ ھېساب ئالدى.

ئاندىن كېيىن ئۇلارغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاراڭلاردا بار چاغدا ئۇنىڭغا قۇرئان نازىل قىلىنغان كىشىلەر سىلەرمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى.

يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ: «توغرا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ئايەت نازىل بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتناشقان كىشىلەر دەل سىلەردۇرسىلەر» دېدى، ئارقىدىن سىلەر توغراڭلاردا:

« يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ هَذَا مَا كَنَزْتُمْ لأَنفُسِكُمْ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ »

«ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ‹دوزاختا بولىدىغان، قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ، ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› سۈرە تەۋبە: 35 دېيىلىدۇ» دېگەن ئايەتلەر نازىل بولغان ئەمەسمۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى.

بۇ چاغدا مۇئاۋىيە سۆزنى مەقسەتلىك ھالدا بۇرمىلاپ: «بۇ ئايەت ئەھلى كىتابلار توغرىسىدا نازىل بولغان» دەيدۇ.

بۇنى ئاڭلاپ ئەبۇزەر ياق... بەلكى بۇ ئايەت بىز ئۈچۈن ھەم ئۇلار ئۈچۈن نازىل بولغان دېدى.

ئەنە شۇ يوسۇندا ئەبۇزەر مۇئاۋىيە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقانلارغا قوللىرىدىكى بارلىق مال-مۈلۈك، ئايۋان-ساراي ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنى دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىش، ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن بىر كۈنگە يەتكۈدەك مال-مۈلۈكتىن ئارتۇق يىغماسلىققا تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. نەسىھەت قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ۋە ئەبۇزەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىردەمدىلا سورۇنمۇ-سورۇن ئەتراپقا تارقىلىپ كېتىدۇ، ئەبۇزەرنىڭ «ئالتۇن-كۈمۈش يىغقۇچىلارغا قىيامەت كۈنىدە ئوت داغمال بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن شوئارى ھەربىر ئائىلە ۋە بارلىق كوچا-كويلارغا تارقىلىپ كېتىدۇ.

مۇئاۋىيە خەتەرنى سېزىدۇ، ئۇلۇغ قىساسكارنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئەمما ئۇ ئەبۇزەرنى ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا يامانلىق قىلمىدى ۋە دەرھال خەلىپە- ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئەبۇزەر شام خەلقىنى بۇزۇپ بولدى» دەپ خەت يازدى.

ئوسمان ئەبۇزەرنى مەدىنىگە چاقىرتتى. ئەبۇزەر كونىراپ كەتكەنلىكتىن پاقالچىقىغا چىقىپ قالغان تونىنى يېپىنغان پېتى شامدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە كەلدى، بۇ كۈنىسى دەمەشق مىسلىسىز ۋىدالىشىش سورۇننى باشتىن ئۆتكۈزدى.

«دۇنيايىڭلارنىڭ ماڭا ھېچ كېرىكى يوق» ...!!

ئەبۇزەر مەدىنىگە كېلىپ خەلىپە ئوسمان بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئەنە شۇنداق دېدى، ئوسمان بۇ دوستى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەم ئۇنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى سۆز-چۆچەك قىلىپ تارقىتىپ يۈرگەن پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەم قاتتىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى-دە، ئۇنى مەدىنىدە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ قالماقچى بولدى.

ئوسمان بۇ قارارىنى ئۇنىڭغا سىيلىق-سىپايىلىق بىلەن ئېيتتى ۋە: «مەن بىلەن بىرگە تۇرسىلا، سېغىن تۆگە ھازىرلاپ بېرەي، شۇنى باقسىلا» دېدى، ئەبۇزەر ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلارنىڭ ماڭا ھېچ كېرىكى يوق» ... ! دەپ جاۋاب بەردى.

توغرا، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ دۇنياسى لازىم ئەمەس... چۈنكى ئۇ روھى بايلىق ئىزدەۋاتقان، ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بېرىش ئۈچۈن ياشاۋاتقان ھېلىقى روھانىيلاردىن ئەمەسمۇ...؟!

ئۇ خەلىپە- ئوسماندىن «رەبزە» گە بېرىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى، ئوسمان ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى...

ئۇ خەلقنى دەۋەت قىلىش جەريانىدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنچلىك بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە قىلغان قىلىچ كۆتۈرمەسلىك ھەققىدىكى نەسىھىتىنى قەلىبنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا چىڭ ساقلىدى... گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن غەيبنى يەنى ئەبۇزەرنىڭ غايىبانە دۇنياسى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭغا بۇ قىممەتلىك نەسىھەتنى ھەدىيە قىلغاندەك تۇراتتى.

شۇ ۋەجىدىن ئەبۇزەر پىتنە-پاسات ئوتلىرىنى ياندۇرۇشقا ھېرىسمەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى ۋە دەۋىتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ۋە ئىپلاس ھېرىسمەنلىكىنى قاندۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن چېغىدا ئالاقزادە بولۇپ كەتمىدى.

بىر كۈنى ئۇ «رەمزە» دە تۇرىۋاتقاندا، كۇفىدىن بىر توپ ئادەم كېلىپ ئۇنىڭدىن خەلىپىگە قارشى ئىنقىلاب بايرىقى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتى. بۇ چاغدا ئۇ كەسكىن سۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئوسمان مېنى ئەڭ ئۇزۇن ياغاچقا مىخلاپ دارغا ئاسقان تەقدىردىمۇ، ياكى قاقاس تاغلارغا پالىۋەتكەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن، ئەگەر مېنى ئۇپۇقنىڭ بۇ چېگرىسىدىن ئۇ چېگرىسىغىچە پىيادە مېڭىشقا بۇيرىغان تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن، ئەگەر مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن، بەرداشلىق بېرىمەن، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىمەن ئۆزۈمگە ياخشى دەپ ھېسابلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

مانا بۇ كۆڭلىگە دۇنيانىڭ غەرەزلىرىنى پۈكمىگەن ئادەم، شۇنداق بولغاچقا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قەلب نۇرى ئاتا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ خەتىرىنى ۋاقتىدا سېزىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالدى، شۇنداقلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تەمەخورلۇقنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتقان ھالدا قىلىچىنى ئەمەس، بەلكى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ چىن تىلى بىلەن ھەقىقەتنى ئۇپۇقتا ياڭراتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالدى...!!

ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى سەمىمىي كۈرەشكە ئاتىدى، ئەمدى ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە سەرپ ئېتىدۇ، ھۆكۈمرانلىق بىلەن مال-دۇنيا كۈچلۈك ئازدۇرۇش، كۈشكۈرتۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەبۇزەر پەيغەمبىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۆتۈرۈشى كېرەك بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئېزىپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمرانلىق بىلەن ئىقتىساد كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، بۇ ئىككى ساھەدە ئازغۇنلۇق پەيدا بولسا، چوقۇمكى كىشىلەر خەتەرلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولاتتى.

ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەمەل تۇتماسلىقىنى ياكى مال-دۇنيا توپلىماسلىقىنى، بەلكى ئىلگىرىكىدەكلا ھىدايەت يول باشچىلىرى ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئۇ دۇنيا ۋە ئىقتىسادنىڭ يامانلىقىنى، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ قايتا تەكرارلانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ساھابىلىرىنى مەنسەپنىڭ كۈشكۈرتىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى: «ئۇ چوڭ ئامانەت بولۇپ، لايىقىدا باشقۇرغانلار ۋە ئۈستىدىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلاردىن باشقىلارغا قىيامەت كۈنىسىدە خورلۇق ۋە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ»

ئەبۇزەرنىڭ مەنسەپدارلىق ۋە ئىقتىسادقا قارىتا تۇتقان پەرھىزكارلىقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىنى پەقەت ئۇلار مەنسەپ تۇتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مال-دۇنياغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلاردىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان بولدى.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنى كۆرۈپلا كۆرۈشكىنىگە خۇشال بولغىنىدىن قۇچىقىنى ئېچىپ ۋارقىرىغىنىچە ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە: «خۇش كېلىپسىز ئەبۇزەر، قېرىندىشىمنى قارشى ئالىمەن» دېدى، لېكىن ئەبۇزەر: «سىلى ۋالىي ۋە سۇلتان بولۇشتىن ئىلگىرى مېنىڭ قېرىندىشىم ئىدىلە، ئەمما ھازىر قېرىندىشىم ئەمەس» دېگىنىچە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى!

يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى قارشى ئېلىپ قۇچاقلىماقچى بولدى، لېكىن ئەبۇزەر ئۇنى قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا: «مەندىن نېرى تۇرسىلا، سۇلتان بولدىلا ئەمەسمۇ؟ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سالدۇردىلا ئەمەسمۇ؟! چارۋا-ماللىرى ۋە زىرائەتلىرى بار ئەمەسمۇ؟!...» دېدى.

بۇ چاغدا، ئەبۇ ھۇرەيرە ئېغىزلاردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ سۆزلەردىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ۋە ئاقلاشقا باشلىدى.

قارىغاندا ئەبۇزەر ھوقۇقدارلىق ۋە بايلىق مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەندەك قىلاتتى...

شۇنداقتىمۇ، ئەبۇزەرنىڭ ئۆزى ۋە ئىمانىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزىگە خاس مەيدانى بار: ئۇ بارلىق ئوي-خىياللىرى، خىزمەتلىرى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر بەلگىلەپ بەرگەن بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن.

گەرچە بەزى كىشىلەر ئەبۇزەرنىڭ قىلغىنىنى باشقىلار ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئەبۇزەر بۇنى ھاياتلىق ۋە ئىشلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يول، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان، كەينىدە ناماز ئوقۇغان، بىللە جىھاد قىلغان سۆزىنى ئاڭلاش، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ھەققىدە بەيئەت قىلىشقان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايدۇ.

يەنە شۇنىڭدەك، ئەبۇزەر خۇددى بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئاڭ-سېزىمى بىلەن ھوقۇقدارلىق ۋە بايلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇ ۋەجىدىن ھوقۇقدارلىق ساھەسىدىكى ھەققانىيلىك بىلەن بايلىق ساھەسىدىكى ئادالەتكە چاپلاشقان ھەرقانداق يېتەرسىزلىكنى تەخىرسىزلىك بىلەن يوقىتىشقا ۋە قارشى تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ خەتەر ھېسابلىناتتى.

ئەبۇزەر كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كەلدى. ئىخلاسمەن سادىق بولدى.ھوقۇقدارلىققا ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش سەنئىتىدە ئۇستاز ھېسابلىناتتى.

ئۇنىڭغا ئىراققا ئەمر بولۇش تەكلىپى بېرىلگەندە: «ئەمىر بولمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر دۇنيارىڭلار بىلەن مېنى مەڭگۈ تەۋرىتەلمەيسىلەر.» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بىر ھەمراھى بىر كۈنىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە كونا يەكتەكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: «سىلىنىڭ بۇندىن باشقىمۇ كىيىملىرى  بار ئەمەسمۇ؟! نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن سىلىنىڭ يېڭى ئىككى كىيىملىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ئىدىمغۇ؟!» دەپ سورىۋىدى  ئەبۇزەر ئۇنىڭغا : «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، مەن ئۇنى مەندىنمۇ موھتاجراق يەنە بىرسىگە بېرىۋەتتىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلى ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە موھتاج ئىدىلە» دېۋىدى ئەبۇزەر: «ئاللاھ گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، سىز دۇنيانى بەك چوڭ بىلىدىكەنسىز، مانا ئۈستۈمدە مۇنۇ رىدايىم تۇرمامدۇ...؟ جۈمە نامىزىغا كىيىپ بارىدىغان يەنە بىر رىدايىم بار تېخى، ھاسام بار، مىنىدىغان بىر مادا ئىشىكىم بار، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نېمەت نەدە بولسۇن؟!» دېدى.

بىر كۈنى ئۇ بىرىگە سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «دوستۇم ماڭا يەتتە تۈرلۈك نەسىھەت قىلغان ئىدى، مىسكىنلەرنى دوست تۇتۇش، ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئۆزۈمدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراشقا، كىشىدىن نەرسە تىلىمەسلىككە، تۇغقانلارغا سىلى رەھىم قىلىشقا، ئاچچىق بولسىمۇ ھەقنى سۆزلەشكە، ئاللاھ ئۈچۈن ئەيىبلەشتىن قورقماسلىققا، ‹كۈچ- قۇدرەت بەرگۈچى پەقەت ئاللاھ › دېگەن تەسبىھنى كۆپ دېيىشكە بۇيرۇغان ئىدى.»

ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا مانا مۇشۇ ۋەسىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. پۈتۈن ھاياتىنى ئۇنىڭ بىلەن خاراكتېرلەندۈردى . نەتىجىدە پۈتۈن خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئىمام ئەلى مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە ئاللاھ ئۈچۈن كىشىنىڭ تاپا- تەنىسىدىن قورقمايدىغان پەقەت ئەبۇزەرلا قالدى»!!

ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى ئىستىبداتلىق، چىرىكلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇشقا بېغىشلىدى. خاتالىقنى ۋاقتىدا يوقىتىپ توغرىسىنى يولغا قويدى. نەسىھەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۈستىگە ئالدى. كىشىلەر ئۇنى پەتىۋا بېرىشتىن توسقاندا غەزەپلەنگىنىدىن ۋارقىرىغان ھالدا: «روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر قىلىچنى بوينۇمغا تىرەپ تۇرساڭلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىرەر كەلىمىنى ئىجرا قىلىش پۇرسىتى بولسىلا مەن ئۇنى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىجرا قىلىمەن!!» دېگەن ئىدى.

مۇسۇلمانلار شۇ چاغدا ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان بولسىچۇ كاشكى...!

ئۇ چاغدا بارغانسېرى ۋەھشىيلىشىپ دۆلەت ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنى ئەڭ چوڭ خەتەرگە دۇچار قىلغان گۇمراھلىقلار ئەلۋەتتە بۆشۈگىدىلا تۈگىگەن بولاتتى.

مانا ھازىر ئەبۇزەر ئوسمان بىلەن مۇنازىرلەشكەندىن كېيىن تۇرۇشنى تاللىغان ئورۇن-- «رەبزە» دە ئۆلۈم سەكراتىنى تارتماقتا. كېلىڭلار دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ زات بىلەن ۋىدالىشىۋالايلى. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى كۆرۈۋالايلى.

ئۇنىڭ يېنىدا كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرغان ئورۇق، بوغداي ئۆڭ بۇ خانىم ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ. ئۇ ئايالىدىن: «ئۆلۈم ھەق تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن يىغلايسىز» دەپ سوراۋاتىدۇ.

ئايالى ئۇنىڭغا يىغلىغان ھالدا: «سىلى دۇنيادىن كېتەي دەۋاتىدىلا مەندە سىلىنى كېپەنلىگۈدەك رەخت يوق!!» دەپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.

ئۇ بولسا يېڭى شەپەق نۇرىغا ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ: «خاتىرجەم بۇلۇڭ ، يىغلىماڭ، چۈنكى مەن بىر كۈنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىر توپ ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ: «ئاراڭلاردىن بىر ئەر چۆلدە ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ مېيىت نامىزىغا بىر جامائە مۆمىنلەر ھازىرلىق قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. شۇ سورۇندا مەن بىلەن بىرگە بولغانلارنىڭ ھەممىسى كەنتتە، جامائە ئىچىدە ئالەمدىن كەتتى. پەقەت مەنلا قېلىپ قالدىم. مانا مەن چۆلدە ئالەمدىن كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. يولنى كۈزۈتۈڭ، بىزنىڭ يېنىمىزغا بىر جامائە مۆمىنلەر يېتىپ كېلىدۇ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. ئىنكارمۇ قىلىنمىدىم...»

شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تەرەپكە سەپەر قىلدى...

ئۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن...

مانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد» نىڭ باشچىلىقىدا بىر جامائە مۆمىنلەردىن تۈزۈلگەن كارۋان قۇملۇقتا يول بېسىپ كەلمەكتە.

ئىبنى مەسئۇد يېتىپ كېلەر-كەلمەيلا بىر مېيىتنىڭ جەسىتىدەك كۆرۈنىدىغان، سوزۇلۇپ ياتقان بىر ھالەتنى، يېنىدا خانىمى بىلەن خىزمەتكارىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ...

ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن دەرھال ئۇلاقلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى شۇ تەرەپكە كۈچەپ تارتىدۇ،ئبنى مەسئۇد جەسەتكە قارا-قارىمايلا كۆزى ھەمراھى ۋە ئاللاھ يولىدىكى قېرىندىشى ئەبۇزەرنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇ چاغدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقىدۇ-دە، ئۇنىڭ پاك تېنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ‹يالغۇز ماڭىسەن، يالغۇز ۋاپات بولىسەن، يەنە يالغۇز تىرىلدۈرلىسەن› دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان ئىكەن» دەيدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئولتۇرۇپ ھەمراھلىرىغا ئۇنىڭغا ھازا قىلغان «يېگانە ماڭىسەن، يېگانە ۋاپات بولىسەن، يېگانە تىرىلدۈرلىسەن» دېگەن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە باشلايدۇ؛ «بۇ ھىجرىيە 9- يىلى تەبۈك غازىتىدا بولغان ئىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا ھىيلە-مىكىر ۋە سۈيقەست پىلانلاشقا باشلىغان رۇملىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. جىھاد قىلىشقا چاقىرىلغان بۇ كۈنلەر تولىمۇ جاپالىق بولۇپ، ھاۋا پىژغىرىم ئىسسىق، يول يىراق، دۈشمەن قورقۇنچلۇق ئىدى، بەزى مۇسۇلمانلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇشقا چىقىشتىن داجىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار ماڭغانسېرى ھېرىپ ھالىدىن كېتىشتى. بەزىلەر ئارقىدا قالسا ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، پالانى ئارقىدا قالدى› دەيتتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كارىڭلار بولمىسۇن، ئۇنىڭدىن بىزگە ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە ئۇلاشتۇرىدۇ، ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئاللاھ سىلەرنى ئۇنىڭدىن ئارام تاپقۇزىدۇ» !! دەپ جاۋاب بېرەتتى.

بىر قېتىم قەۋم ئەتراپقا قاراپ ئەبۇزەرنى تاپالمىدى... ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئەبۇزەر ئارقىدا قاپتۇ، ئۇلىقى ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ»... دېيىشتى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردى.

ئەبۇزەرنىڭ ئۇلىقى ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقنىڭ دەردىدىن ھالسىزلىنىپ ماڭالمىغان ئىدى... گەرچە ئۇ پۈتۈن چارە-ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى مېڭىشقا قىستىغان بولسىمۇ، بىچارە جانىۋار زادىلا ماڭالمايۋاتاتتى...

ئەبۇزەر مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئۇزاپ كېتىپ ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇلاقنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى-دە، يۈك-تاقلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارغا تېزراق يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تونۇردەك يالقۇنجاپ تۇرغان قۇملۇق ئوتتۇرىسىدا سوكۇلدىغان ھالدا پىيادە مېڭىشقا باشلىدى.

ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئەمدى يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ تۇرۇشىغا، ئۇلارنىڭ بىرى يىراقتىن ئاسمان پەلەك ئۆرلىگەن قويۇق چاڭ-توزان ئارىسىدا كۈچەپ مېڭىپ كېلىۋاتقان بىر ئەرنىڭ قارىسىنى كۆردى... ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، يولدا بىر ئەر يالغۇز مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ...» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەبۇزەر بولمىسۇن يەنە...» دېدى.

ساھابىلار ئۇ يېقىنلاپ كېلىپ كىملىكىنى تونۇپ بولغۇچە غۇلغۇلا قىلىشىپ ئولتۇرۇشتى.

بۇ ئۇلۇغ مۇساپىر ئوتتەك قىزىپ كەتكەن قۇمنىڭ ئارىسىدىن پۇتلىرىنى تەسلىكتە تارتىپ چىقارغان ھالدا ئۇلارغا ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى، ئۆشنىسىگە ئېغىر يۈك ئارتىۋالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇبارەك كارۋانغا يېتىشىۋالغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ جىھاد قىلغۇچى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى... ئۇ كارۋاننىڭ دەسلىپىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەبۇزەر ئىكەن» دەپ توۋلىدى.

ئەبۇزەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ماڭدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەن ھامان چىرايىغا مېھرىبانلىق ۋە غەمگۈزارلىق تەبەسسۇمى يۈگۈردى ۋە «ئاللاھ ئەبۇزەرگە رەھىم قىلسۇنكى، ئۇ يېگانە ماڭىدۇ، يېگانە ۋاپات بولىدۇ، يېگانە تىرىلدۈرۈلىدۇ.» دېدى.

بۈگۈنكى 20 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى ئەبۇزەر پۈتۈن ھاياتىنى بۈيۈكلۈك دۇنياسىدا يېگانە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ.

دېمەك، ئۇ پەرھىزكارلىق، قەھرىمانلىق، تىز پۈكمەسلىك تارىخىدا يەككە-يېگانە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...

شۇنداقلا ئاللاھ دەرگاھىدىمۇ يېگانە تىرىلدۈرىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى سان-ساناقسىز ئارتۇقچىلىقلار ھېچكىمگە ئۇنىڭغا تەڭداش بولۇشقا ئورۇن بەرمەيدۇ...!!

مەنبە----قۇتادغۇبىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەميىتى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا رەھمەت قىلسۇن .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 05:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 09:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن. تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92295
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 12:14:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى قېرىندىشىم ۋە باشقا زىيارەتچى قېرىنداشلار!
ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاناھ تىلەيمەن!

« يَوْمَ يُحْمَى عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَى بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ هَذَا مَا كَنَزْتُمْ لأَنفُسِكُمْ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ »

«ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ‹دوزاختا بولىدىغان، قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ، ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› سۈرە تەۋبە: 35 -ئايەت»
ئاللاھ سىزگە رەھمىتىنى كۆپ قىلسۇن تىما ئىگىسى قېرىندىشىم !  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75565
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 11:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87289
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 895
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2014-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 03:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا رەھمەت قىلسۇن .

سالام
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش