مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2951|ئىنكاس: 15

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزىمەتلەر-سەلمان فارىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 09:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

63841_kishiler.jpg

ئاپتۇرى : خالىد مۇھەممەد خالىد

37707_1(2).gif


سالمان فارس

2

ھەقىقەت ئىزدىگۈچى!

*                       *                   *

قەھرىمان بۇ قېتىم پارس شەھەرلىرىدىن كېلىدۇ...

كېيىن پارس شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن مۆمىنلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىمان، ئىلىم-مەرىپەت، دىن-دىيانەت ۋە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن نادىر كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ...

ئىسلام ئاللاھنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرگە كىرسە تەڭداشسىز مۆجىزىلىكى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن شەھەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قوزغىتىپ، خەلقى ئىچىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ھەرقايسى شەھەر ۋە يۇرتلاردىكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار، ئالىملار، ئاستورنوملار، كەشپىياتچىلار ۋە ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى بىلەن ئىسلامنىڭ تۇنجى دەۋرلىرىنى ئەقىل-پاراسەت، ئىرادە، غايە، قەلب ساھەلىرىدىكى ۋەتەنلىرى ئوخشىمايدىغان ئەمما دىنى ئوخشاش بولغان تالانت ئىگىلىرى بىلەن تولدۇرۇش، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاجايىپلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...!!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننىڭ مۇشۇنداق كاتتا كېڭىيىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى... ياق، ئۆزى خەۋەر تاپقان ئەمەس، بەلكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، بۈيۈك پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بەرگەن ئىدى...

يەنى بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامان قىسقارتىلىپ ماكان تارايتىلىپ ئىسلام بايرىقىنىڭ يەر يۈزىدىكى بارلىق شەھەر ۋە ئۇنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قەسىرلىرىدە لەپىلدەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى...

سەلمانۇل فارىسىي بۇ مۆجىزىگە ھازىرلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بولغان ئىشلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بار.

بۇ مۆجىزە ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى يەھۇدىي كاتتىۋاشلىرىدىن بىر توپ ئادەم مەككىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ بۇ يېڭى دىننىڭ شان-شەۋكىتىنى قومۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن بارلىق مۇشرىكلار ۋە قوشۇنلارنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزئارا زىچ ماسلىشىشقا ئەھدە قىلىشىپ ئاتلانغان چاغدا خەندەك كولىغان كۈنىسى يۈز بەرگەن.

قۇرەيش قوشۇنى بىلەن مەدىنىدىكى «غەتەفان» قوشۇنى سىرىتتىن ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا «بەنى قۇرەيز» جەمەتى ئىچىدىن يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گويا ئىككى تۈگمەن تېشى ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھالغا كەلتۈرۈپ ئېزىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىپ خەلقى ئالەمگە ئىبرەت قىلىشتەك ھىيلە-نەيرەڭلىك ئۇرۇش پىلانى تۈزۈلگەن ئىدى...!!

بىر كۈنى تاسادىپىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار تولۇق قوراللانغان نەچچە مىڭلىغان قوشۇننىڭ مەدىنىدىن ئۆزلىرىگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدى.

مۇسۇلمانلار بۇ تاسادىبىيلىقتىن خېلى بەك چۆچۈدى.

قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«إِذْ جَاؤُوكُم مِّن فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنكُمْ وَإِذْ زَاغَتْ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِاللَّهِ الظُّنُونَا»

«ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار» سۈرە ئەھزاب: 10

ئەبۇ سۇفيان بىلەن ئۇيەينە ئىبنى ھېسىن باشچىلىقىدىكى 24 مىڭ ئەسكەر، كىشىلەرنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دىنى، ساھابىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، قورشاپ چاڭگىلىغا تەلتۆكۈس كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى...

بۇ قوشۇن قۇرەيشكىلا ۋەكىللىك قىلمايتتى، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا قەبىلىلەرمۇ ۋە ئىسلامنى خەتەرلىك دەپ قارىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىرىمۇ بار ئىدى.

بۇ ھۇجۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ شەخسلەر بويىچە، گۇرۇھلار بويىچە، قەبىلىلەر بويىچە ۋە مەنپەئەتلەر بويىچە قوزغىغان ھۇجۇملىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ ئاخىرقى تېرىشىش بولۇپ ھېسابلىناتتى...

مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ھېس قىلىشتى... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەملىدى... ئۇلار ئەلۋەتتە مۇداپىئە قىلىش ۋە جەڭ قىلىشقا بىرلىككە كېلىشتى... لېكىن قانداق مۇداپىئەلىنىش لازىم؟

دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغان ۋە بەك ھۆرمەتلەيدىغان، بويى ئېگىز، چاچلىرى قويۇق بىر ئەر ئالدىغا چىقتى.

يەنى «سەلمانۇل فارىسىي» ئالدىغا چىقىپ بىر ئېگىزلىك ئۈستىدە تۇرۇپ پۈتۈن مەدىنە شەھرىگە نەزەر تاشلاپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن دەرۋەقە ئۆزى ئىلگىرى بىلىدىغاندەك، ئۇنىڭ تاغلار ۋە چۆرىسىدىكى تاشلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، لېكىن بىر يەردە كەڭ كەتكەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەردىن قورشاۋغا ئوڭايلا بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدى.

سەلمان ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىدە كۆپلىگەن ئۇرۇش تېخنىكلىرى ۋە ھۇجۇم تاكتىكىلىرىدىن خەۋەردار بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ھېلىقى ئوچۇق رايوننىڭ ھەممىسىگە چۆرىدەپ ئاكوپ كولاشتەك ئەرەبلەر ئۇرۇشلىرىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى تاكتىكىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى.

ناۋادا ئۇلار قۇرەيش ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان، بىر كېچىسى ئاللاھ كۈچلۈك بوران چىقىرىپ چېدىرلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ قوشۇنلىرىنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتكەنگە قەدەر، قوشۇنلىرى مەدىنىگە بۆسۈپ كىرىشتىن ئاجىز كېلىپ بىر ئاي چېدىرلىرىدا قاپسىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان ئاشۇ ئاكوپنى كولىمىغان بولسا مۇسۇلمانلارنى نېمە ئاقىۋەت كۈتىۋاتقانلىقىنى پەقەت بىرلا ئاللاھ بىلەتتى ...

ئاخىرى ئەبۇ سۇفيان قوشۇنلىرىغا، كەلگەن يەرلەرگە ئۈمىدسىزلەرچە، مەغلۇبلارچە چېكىنىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى...!!

ئاكوپ كولاشتا سەلمانمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كولاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ جوتۇ ئېلىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلىگەن ئىدى. سەلمان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان ئورۇندا ئۇلارنىڭ جوتۇلىرى غايەت زور قۇرام تاشقا ئۇرۇلدى...

سەلمان ئىنتايىن بەستلىك، كۈچلۈك بولۇپ بازغاندەك بىلەكلىرى بىلەن ھەرقانداق تاشنىمۇ بىر ئۇرۇپلا ئوت چاقنىتىپ پارچىلىۋىتەلەيتتى... ئەمما بۇ قېتىم بۇ تاش ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى... ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرىۋىدى ئۇلارمۇ ئاجىز كېلىپ قېلىشتى...!!

شۇنىڭ بىلەن سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بۇ قاتتىق قۇرام تاشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاكوپنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىزنى سوراش ئۈچۈن باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەرنى ئاڭلاپ تاشنى ۋە تاشنىڭ ئورنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن سەلمان بىلەن بىللە كەلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشنى كۆرگەندىن كېيىن جوتۇ (مىتىن)نى كەلتۈرۈپ ساھابىلىرىنى تاشنىڭ ئۇچقۇنلىرىدىن يىراقراق تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە «بىسمىللاھ» دەپ جوتونى مۇبارەك قوللىرى بىلەن چىڭ تۇتقان ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تاشقا قاتتىق ئۇرىۋىدى، تاش يېرىلىپ يېرىق ئارىسىدىن كۈچلۈك نۇر چىقىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى.

سەلماننىڭ ئېيتىشىچە ئۇ نۇرنىڭ مەدىنىنىڭ ئەتراپلىرىنى يورىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر ئېيتقان ھالدا: «ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ، پارس ئېلىنىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى، مەن تاشنىڭ نۇرىدا ھىيرەنىڭ سارايلىرىنى، كىسرانىڭ شەھەرلىرىنى كۆردۈم، ئۈممىتىم چوقۇم ئۇلارنى ئازاد قىلىدۇ» دېدى...

ئۈچىنچى قېتىم ئۇرغاندا تاش يەنە يېرىلىپ تولۇق تەسلىم بولدى، ۋە كۈچلۈك نۇر چىقاردى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ «پەقەت ئاللاھلا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈچىدۇر» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ھازىر ئۆزىنىڭ سۇرىيە ، سەنئا ۋە ئۇلاردىن باشقا زېمىن يۈزىدىكى كۈنلەردە بىر كۈنى ئاللاھنىڭ بايرىقى ئۈستىدە لەپىلدەيدىغان شەھەرلىرىنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسۇلمانلار چوڭقۇر ئىمانلىرى بىلەن: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىزگە ۋەدە قىلغان... ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتىدۇ» دەپ چۇقان سېلىشتى...!!

سەلمان ئاكوپ كولاش مەسلىھىتىنىڭ ئىگىسى ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سورىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن بىر قىسىم غايىبانە سىرلار ۋە كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىرلار پارتلاپ چىققان ھېلىقى تاشنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نۇرنى كۆرگەن، خۇشخەۋەرنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئىدى... ھەتتا بۇ خۇشخەۋەرنى بېشىدىن ئەمىلى ئۆتكۈزدى ۋە پارس، رىم شەھەرلىرىنى كۆردى.

سەنئا، سۇرىيە ، مىسىر، ئىراقلارنىڭ شەھەرلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئېگىز ئەزانخانىلاردىن  ياڭرىغان ئۇلۇغ ئەزان ساداسىنىڭ ھىدايەت ۋە ياخشىلىقنىڭ نۇرلىرىنى تارىتىپ، مۇبارەك ساداسى بىلەن يەر-زېمىننى تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى...!!

مانا ئۇ «مەدائىن» دىكى ھويلىسى ئالدىدىكى بۈك-باراقسان دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەتداشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقى، ئۇ قەۋمى- پارس خەلقىنىڭ دىنىنى قانداق تاشلاپ خرىستىئان دىنىغا، ئاندىن ئىسلام دىنىغا قانداق كىرگەنلىكى، ھاكاۋۇر دادىسىنىڭ ھېسابسىز بايلىقىدىن قانداق ۋاز كېچىپ ئەقلىنى ۋە روھىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئىزدەپ ئۆزىنى يوقسۇللۇق قوينىغا قانداق ئاتقانلىقى، ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا قۇل بازارلىرىدا قانداق سېتىۋىتىلگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق ئىمان كەلتۈرگەنلىكى... توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ، كېلىڭلار، ئۇنىڭ مۇبارەك سورۇنىغا بىزمۇ يېقىنلىشىپ ئۇ بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ھەيران قالدۇرارلىق خەۋەرگە بىزمۇ قۇلاق سالايلى...

«مەن ئىسپاھاننىڭ ‹جى› كەنتىدىن ئىدىم. دادام دېھقان بولۇپ، ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى... ئوتپەرەسلىك دىنىغا كۆپ ئىجتىھات قىلغان ئىدىم، ھەتتا مەن بىز داۋاملىق يېقىپ قويۇپ ئۆچۈرمەيدىغان ئوتنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتىم.

دادامنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى بار بولۇپ، بىر كۈنى مېنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى، مەن ئېتىزلىقتا كېتىۋېتىپ يولدا خرىستىئانلارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم-دە، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىردىم، مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقان نامىزىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم-دە، ئىچىمدە: ئۇلارنىڭ بۇ دىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن كۆپ ياخشى ئىكەن دېدىم، مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تاكى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر شۇ يەردە بولۇپ قالدىم، دادامنىڭ دېھقانچىلىق يېرىگىمۇ بارمىدىم، ئاخىرى دادام ئارقامدىن ئادەم ئەۋەتىپتۇ...

ئۇلارنىڭ دىنى ۋە نامىزى مېنى قىزىقتۇرغاندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ قەيەردە بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا سورىۋىدىم ئۇلار: شامدا بارلىققا كەلگەن دەپ جاۋاب بېرىشتى. مەن ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادامغا ئۆزۈمنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىمنى، ئۇلارنىڭ نامىزىغا قىزىقىپ قالغانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىمنى، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، دادام بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەنلىكىدىن پۇتلىرىمغا ئىشكەل سېلىپ ئۆيگە سولاپ قويدى...

مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ خرىستىئانلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىم ھەققىدە بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتتىم ۋە خېتىمدا ئۇلاردىن ئەگەر شامدىن كارۋان كېلىپ قالسا ئۇلار قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا خەۋەر قىلىشنى ۋە مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە شامغا ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇلار دەرۋەقە شۇنداق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن پۇتۇمدىكى ئىشكەلنى بۇزۇپ قېچىپ چىقىپ ئۇلار بىلەن شامغا كەتتىم...

مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆلىماسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىسام، ئىبادەتخانىنىڭ ئىگىسى يەنى بىر روھانىي ئىكەنلىكى دېيىلدى، مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى تونۇشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىم، ناماز ئوقۇيتتىم، دىنىي تەلىم ئالاتتىم...

بۇ ئادەم دىنى جەھەتتىن ناچار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىنى باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى... كېيىن بۇ ئادەم ئالەمدىن كەتتى...

بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى سايلاشتى. بۇ ئادەم ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، دىنى جەھەتتە ئەڭ ياخشى ئىدى، ئاخىرەتكە كۆپ ئىشتىياق باغلىغان ئىدى، دۇنيادا بەكمۇ تەقۋادارلىق بىلەن ياشايتتى، ئىبادەتتە بەكمۇ ئىجتىھات قىلاتتى، «مەن ھېچ كىشىنى ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىگەن ئىكەنمەن... ئۇنىڭغا قازا ۋە قەدەر يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: سىلىگە ئاللاھنىڭ ئىشى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ماڭا قانداق ۋەسىيەت قالدۇرىلا؟ مېنى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دېدىم، ئۇ ماڭا: ئى ئوغلۇم، ‹مۇسەل› دىكى بىر ئادەمدىن باشقا ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار ھېچكىمنى بىلمەيمەن... دېدى.

بۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن ‹مۇسەل› دىكى ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەردىم ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە بىللە ھايات كەچۈردۈم، ئۇنىڭغا ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندە مېنى باشقا بىرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، ‹نەسسيىبن› دىكى بىر ئابىتقا تونۇشتۇرۇپ قويدى...

مەن ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ خالىغان بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ بىلەن تۇردۇم، ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەن چاغدا مېنى باشقا بىرەرسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، رىم شەھەرلىرىدىن بولغان ‹ئەمۇرىيە› شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى ئېيتتى. مەن يەنە ئۇنىڭ يېنىغا سەپەر قىلىپ بېرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ كىشى بىلەنمۇ بىر مەزگىل تۇردۇم... بۇ جەرياندا تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن بىر قانچە كالا بىلەن بىر قانچە پاقلان سېتىۋېلىپ باقتىم. ئۇنىڭغىمۇ ۋاپات يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن: مېنى ئەمدى كىمگە تاپشۇرىلا؟ دەپ سورىسام ئۇ ماڭا: ئى ئوغلۇم، مەن ماڭا ئوخشاش دىيانىتى بار يەنە بىر ئادەمنى تونۇمايمەن، لېكىن پات ئارىدا بىر پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ ئىككى تاشلىق يەر ئوتتۇرىسىدىكى خورمىلىق زېمىنغا ھىجرەت قىلىپ بارىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىخلاس قىلالىساڭ شۇنداق قىلغىن، ئۇنىڭ ھەممىگە داڭقى كەتكەن ئالامەتلىرى بار بولۇپ، سەدىقىنى يېمەيدۇ، ھەدىيە قوبۇل قىلىدۇ.

ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەرلىك مۆھۈرى بولۇپ كۆرسەڭ تونۇيسەن دېدى.

بىر كۈنى مەن بىر توپ كارۋان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇلاردىن قايسى شەھەردىن كەلگەنلىكلىرىنى سوراپ ئەرەب ئارىلىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم-دە ئۇلارغا: سىلەرگە مۇنۇ كالىلىرىمنى، قويلىرىمنى بېرەي، مېنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە يۇرتۇڭلارغا ئېلىپ كېتەمسىلەر؟ دېسەم ئۇلار: بولىدۇ دەپ قوشۇلۇشتى...

ئۇلار مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ‹ۋادىل قۇرا› دېگەن يەرگە بارغاندىن كېيىن مېنى بوزەك ئېتىشتى ۋە يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەمگە سېتىۋېتىشتى... مەن بۇ يەردە كۆپ خورمىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ماڭا تەرىپلەپ بېرىلگەن، كەلگۈسى پەيغەمبەر ھىجرەت قىلىدىغان يۇرت مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئۇ ئەمەسكەن.

مەن مېنى سېتىۋالغان بۇ ئادەمنىڭ يېنىدا قېلىپ قالدىم، بىر كۈنى ‹بەنى قۇرەيزە› قەبىلىسىدىكى يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر ئادەم كېلىپ مېنى سېتىۋالدى ۋە مەدىنىگە ئېلىپ باردى!! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ شەھەرنى كۆرگەن ھامان ماڭا تەرىپلەپ بېرىلگەن شەھەرنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدىم... ۋە ئۇنىڭ«بەنى قۇرەيز» قەبىلىسىگە تەۋە خورمىزارلىقىدا ئىشلىگەن ھالەتتە ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئەۋەتىپ مەدىنىگە كېلىپ «ئەمر ئىبنى ئەۋ» نىڭ تەۋەلىكىگە چۈشكەنگە قەدەر ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم.

مەن بىر كۈنى خورمىنىڭ ئۈستىدە، خوجايىنىم خورمىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى. تاغىسىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر يەھۇدىي تۇيۇقسىز كەلدى،-دە، خوجايىنغا قاراپ: ئاللاھ ‹بەنى قىيلە› جەمەتىنى ھالاك قىلىۋەتسۇنكى، ئۇلار «قۇبادىكى مەككىدىن كەلگەن، پەيغەمبەر دەپ قارىلىدىغان بىر ئادەمگە قارشى تۇرماقچى بولۇشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئادەمنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان بەدىنمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى،-دە خورمىنىمۇ تەۋرىتىپ خوجايىنىمنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالدىم!! خورما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن ئالدىراپ چۈشتۈم-دە، نېمە دەۋاتىسىز؟ نېمە ئىش بوپتۇ؟؟ دەپ قايتىلاپ سورىدىم، بۇ چاغدا خوجايىن قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى بىر كاچات ئۇردى-دە: سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ؟ ئىشىڭنى قىل! دېدى.

مەن ئىشىمنى قىلدىم... كەچ بولغاندا يېنىمدىكى خورمىلارنى يىغىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قۇباغا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم، قارىسام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مۇنچە ساھابىلار بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: سىلەر بۇ يەرگە مۇساپىر، سىلەرگە ھەرقاچان بىر نەرسىلەر كېرەك، مەندە سەدىقىگە ئاتاپ قويغان ئازراق يېمەكلىك بار ئىدى، مەن سىلەرنىڭ تۇرالغۇڭلارنى بىلگەندىن كېيىن سىلەرگە بەرسەم ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: «بىسمىللا دەپ يەڭلار» دېدى، ئۆزى بولسا تېتىمىدى ۋە قول ئۇزاتمىدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىرى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ سەدىقىنى يېمەيدىكەن...!! دېدىم.

ئاندىن كېيىن مەن قايتىپ كېتىپ ئەتىسى سەھەردە تاماق ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: مەن سىلىنىڭ سەدىقىنى يېمەيدىغانلىقلىرىنى كۆردۈم... مەندە ئازراق بىر نەرسە بار ئىدى، مەن ئۇنى سىلىگە ھەدىيە قىلاي دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، دېدىم ۋە ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: بىسمىللا دەپ يەڭلار، دېدى ۋە ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە يېدى، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئىككىنچىسى مۇشۇ ئىكەن، يەنى ئۇ ھەدىيەنى يەيدىكەن...!! دېدىم.

مەن قايتىپ كېتىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم، بۇ چاغدا ئۇ «بەقى» دا جىنازىگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئەتراپىدا ساھابىلىرى بار ئىكەن، ئۈستىدە ئىككى دانە يېپىنچا بار بولۇپ، بىرنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان، يەنە بىرىنى ئىشتان قىلىپ ئورىۋالغان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇچىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قاراشقا تىرىشتىم، ئۇ بۇنى بىلىپ ئۆشنىسىدىكى يېپىنچىنى چۈشۈرىۋىتىۋىدى، مەن ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى ھەمراھىم تەسۋىرلەپ بەرگەندەك پەيغەمبەرلىك مۆھۈرىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم...

شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنى بۇسە قىلغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم... ئارقىدىن ئۇ مېنى چاقىردى. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا خۇددى ھازىر سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندەك سۆزلەپ بەردىم ۋە مۇسۇلمان بولدۇم، لېكىن قۇللۇق مېنىڭ بەدرى غازىتى بىلەن ئۇھۇد غازىتىغا قاتنىشىشىمغا توسالغۇ بولدى... بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹خوجايىنىڭغا سېنى ئازاد قىلىش ھەققىدە خەت يازغىن› دېدى ۋە ساھابىلارنى ماڭا ياردەم قىلىشقا بۇيرىدى. مەن خەت يازدىم. نەتىجىدە، ئاللاھ مېنى ئازاد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ ئازاد ياشىدىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەندەك غازىتى ۋە باشقا بارلىق ئىشلارغا قاتناشتىم»...

سەلمان مانا شۇنداق جاراڭلىق، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان، ھاياتلىقتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇلۇغ، ئېسىل، پاك تەۋەككۈلچىلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى...

نېمە دېگەن كاتتا ئىنسان بۇ...؟ ئۇنىڭ ئالغا ئېنتىلىشچان روھى قولغا كەلتۈرگەن، ئىرادىسى قىيىنچىلىقلارغا بۆسۈپ كىرىپ بويسۇندۇرغان، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ئايلاندۇرغان نېمە دېگەن ئالىي ئۈستۈنلۈك بۇ ...؟

ئۇنىڭ ئۆز دادىسى ۋە تۈگىمەس بايلىق، باياشات تۇرمۇشلاردىن ۋاز كېچىپ جاپالىق نامەلۇم ھاياتقا قەدەم قويۇپ ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا كۆچمەن بولۇشىغا، سەزگۈر دىلى بىلەن ھاياتلىقنى، كىشىلەرنى ۋە تۇرمۇش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جاپا چېكىپ شەھەرمۇ شەھەر سەرگەردان بولۇشىغا، شۇنداق بولسىمۇ يەنە بەل قويۇۋەتمەي ھەقىقەتنى غالىبلارچە ئىزدىشى ۋە ھەتتاكى قۇل بولۇپ سېتىلغانغا قەدەر ھىدايەت ئۈچۈن ئاشۇنداق قۇربانلارنى بېرىشكە، ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئەڭ تولۇق ساۋاب بېرىشىگە، ھەقىقەت بىلەن جەملەپ پەيغەمبىرى بىلەن مۇلاقات قىلىشىغا، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بايراقلىرىنىڭ ھەممە جايدا لەپىلدەۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان بەندىلىرىنىڭ ھەممە جاينى ھىدايەت، ئاۋاتلىق ۋە ئادالەت بىلەن تولدۇرغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈدەك ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلىشغا سەۋەب بولغان نېمە دېگەن چوڭ ھەقىقەتچىلىك بۇ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ روھ بۇ...؟!!

بىزنىڭ ئويلىشىمىزچە مۇشۇنداق ھىممەتلىك، مۇشۇنداق ئىخلاسمەن بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى قانچىلىكتۇ...؟

كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇنىڭدا تەقۋادار، ياخشى بەندىلەرگە خاس تەقۋادارلىق، سەزگۈرلۈك، ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئەڭ ئوخشايدىغان پەرھىزكارلىق بار.

ئۇ ئەبۇ دەردا بىلەن مەلۇم ۋاقىت بىر ھويلىدا تۇرغان ئىدى... ئەبۇ دەردا بولسا كېچە قوپۇپ ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلسا كۈندۈزى روزا تۇتاتتى... سەلمان ئۇنىڭ ئىبادەتتە بۇنداق تېنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى توغرا تاپالمىدى- دە بىر كۈنى ئۇنىڭ نەفلى روزا تۇتۇش ئىرادىسىنى بوشاتماقچى بولدى... بۇ چاغدا ئەبۇدەردا ئۇنىڭغا كايىپ: «سىلى مېنى پەرۋەردىگارىم ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇشۇمدىن توسىماقچى بولۇۋاتاملا»...؟ دېۋىدى. سەلمان: «كۆزلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار، ئائىلىلىرىنىڭمۇ سىلىدە ھەققى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن روزى تۇتسىلا، ئېغىزلىرى ئوچۇقمۇ يۈرسىلە، نامازمۇ ئوقۇسىلا، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلىسىلا» دەپ جاۋاب بەردى... بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن: «سەلمان ئىلىمدە كامالەتكە يەتكۈزۈلۈپتۇ» دېگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە دىنى-دىيانىتىنى ماختىغاندەك، زېرەكلىكى ۋە بىلىملىكىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرەتتى...

ئاكوپ كولىغان كۈنىسى ئەنسارلار: «سەلمان بىزنىڭ» دېسە مۇھاجىرلار: «سەلمان بىزنىڭ» دەپ ئۇنى تالىشىپ قالغان ئىدى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «سەلمان ھەممىمىزنىڭ»...!! دېگەن ئىدى.

ئۇ بۇ شەرەپكە ھەقىقەتەن لايىق...

ئەلى ئەبى تالىپ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسۇن!) ئۇنى «لوقمان ھەكىم» دەپ ئاتايتتى. سەلمان ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇ توغرىسىدا سورالغاندا «ئۇ ئارىمىزدىن چىققان ئۇلۇغ ئىنسان، ئاراڭلاردا بۇ (لوقمان ھەكىم) دەك يەنە كىم بار...؟ ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلمى ئاتا قىلىنغان، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇغان بولۇپ قۇرىماس دېڭىز ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى ساھابىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيتتى.

ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئۇ مەدىنىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندە، ئۆمەر ھېچكىمگە قىلمىغان ھەشەمەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ئىكرام قىلغان ئىدى ۋە ھەمراھلىرىنى يىغىپ: «كېلىڭلار،سەلماننى كۈتىۋالغىلى ئالدىغا چىقايلى» دېگىنىچە مەدىنىنىڭ سىرتىغا ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىققان ئىدى!!

سەلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندىن باشلاپ ئىمان ئېيتقان، جىھاد قىلغان، ئىبادەت قىلغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە ياشىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان قاتارلىقلار بىلەنمۇ تاكى ئۇلار ۋاپات بولغۇچە بىرگە ياشىدى.

ئۇ ياشاپ ئۆتكەن شۇ يىللارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىسلام بايراقلىرى ئۇپۇقنى تولدۇرۇپ ئولجا ۋە يەر باجلىرىدىن كەلگەن بايلىق ۋە مال-مۈلۈكلەر مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئىزچىل، قەرەللىك تۈردە مۇسۇلمانلارغا سوۋغا قىلىپ تارقىتىلىپ بېرىلەتتى، جەمئىيەتتە ئىسلامنىڭ تەسىرى كېڭىيىشكە ئەگىشىپ تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئەمەللەرمۇ كۆپەيگەن ئىدى...

ئۇنداقتا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بۇنداق بايلىق دېڭىزى ئىچىدە سەلمان قانداق قىلدى...؟ ئۇ قەيەردە...؟

كۆزۈڭلارنى ئوبدان ئېچىپ قاراڭلار... بۇ سۈرلۈك بوۋاينىڭ ئاۋۇ يەردە سايىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن، بېرىلىپ خورما يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن زەمبىل... قاتارلىق سايمانلارنى توقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ...؟ ئوبدان قاراڭلار، ئەنە شۇ سەلمان...!! ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ زىيادە قىسقىلىقىدىن تىزىغا چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئوبدان قاراڭلار، گەرچە ئۇنىڭ قېرىلىق سۈرى بولسىمۇ، يەنە نېمە دېگەن يېقىملىق، نېمە دېگەن ئېسىل...!

ئۇنىڭ كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ يىلىغا تۆت مىڭ دىرھەمدىن ئالتە مىڭ دىرھەمغىچە تاپاتتى، ئەمما ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرەتتى، ئۆزى بولسا بىر دىرھەممۇ ئېلىپ قالمايتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «بىر دىرھەمگە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن سايمان توقۇپ ئۈچ دىرھەمگىچە ساتىمەن، بىرىنچى دىرھەمگە يەنە خورما يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ ئىككىنچى دىرھەمنى ئائىلە، بالا-چاقىلىرىمغا خىراجەت قىلىپ بېرىمەن، ئۈچىنچى دىرھەمنى بولسا ئاجىزلارغا سەدىقە قىلىمەن... ئەگەر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسىسىمۇ ھەرگىز يانمايمەن»!

ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى...! ئى ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرى ۋە ماكانلىرىدا ئۇلارغا چەكسىز شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگۈچىلەر!! مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىنساندىن باشقا سىلەرگە يەنە قانداقراق ئادەم كېرەك...؟؟

بەزىلىرىمىز ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەبۇزەر ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساھابىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە دۇنيا ھالاۋىتىگە بېرىلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىدا بۇ ئەرەبلەرنىڭ ئاددىي ياشاشنى ياخشى كۆرۈشىدىن بولغان، چۈنكى ئەرەب ئارىلىدىكى تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى شۇنداق ئىدى دەپ ئويلىشى مۇمكىن...

ئۇنداقتا، ئالدىمىزدىكى كەمبەغەللەردىن ئەمەس بەلكى زەردارلاردىن بولغان، باي، باياشاتلىق، مەدەنىيەتلىك پارس دۆلىتىدىن كەلگەن بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مال-مۈلۈك، بايلىق ۋە ھۇزۇر -ھالاۋەتنى رەت قىلىپ كۈنىگە ئۆزى ئىشلەپ تاپقان بىر دىرھەم بىلەن قانائەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ...؟!

ئۇ نېمە ئۈچۈن ھوقۇق تۇتۇشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «ئىككى ئادەمگە باشلىق بولماي توپا يەپ تۇرمۇش كەچۈرەلىسەڭ شۇنداق قىلغىن...» دەيدۇ...؟!

نېمە ئۈچۈن ئۇ جىھاد ئۈچۈن يولغا چىققان قوشۇنغا قوماندان بولۇش، ئۆزىدىن باشقا ياراملىق ئادەم تېپىلمىغان شارائىتتا باشلىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان چېغىدا كۆز يېشى قىلغان، ئېھتىياتچان بولغان ھالدا ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا ھەرقانداق ھوقۇق-مەنسەپنى رەت قىلىدۇ...؟!

يەنە ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە مەجبۇرىي بېرىلگەن شۇ قوماندانلىق مەزگىلىدىكى ھالال بايلىقنى ئېلىشقا ئۇنىمايدۇ...؟!

ھىشام ئىبنى ھەسساننىڭ ھەسەندىن رىۋايەت قىلىشىچە «شۇ چاغدا سەلمانغا بېرىلمەكچى بولغان بايلىق بەش مىڭ ئىكەن، ئۈچ مىڭ ئادەم ئالدىدا توننىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە كىيىپ يېرىمىنى ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرۇپ خۇتبە ئوقۇپ ۋەز-تەبلىغ قىلىدىكەن. ئۆزىگە تەقسىم بولغان بايلىقنى رەت قىلىپ ئۆزى ئىشلەپ جان باقىدىكەن»

ئۇ بىر ھۇزۇر ھالاۋەت قوينىدا ئىغاڭلاپ، مەدەنىيەت بېغىدا يايراپ چوڭ بولغان بىر پارسلىق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا تەقۋادارلىق قىلىدۇ...؟! نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...؟

ئۇنىڭ ئۇلۇغ روھى رەھىمدىل، بۈيۈك پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان چېغىدا ئۆلۈم كۆرپىسىدە ياتقان ھالدا بەرگەن جاۋابىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئۇنى يوقلاپ يېنىغا كىرگەندە سەلمان كۆز يېشى قىلىپ يىغلىغان، بۇنى كۆرۈپ سەئىد: نېمىگە يىغلايلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىدىن رازى بولغان ھالەتتە ۋاپات بولدىغۇ...؟ دېۋىدى، سەلمان جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ياكى دۇنيادىن ئايرىلالماي يىغلىغىنىم يوق، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە: «سىلەر دۇنيادىن بىر يولۇچىغا لايىق ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشسەڭلار شۇ كۇپايە» دەپ ئەھدە قىلغان ئىدى، ئەمدى قارىسام ئەتراپىمدا يەنە بىر مۇنچە نەرسىلەر تۇرىدۇ دېدى!

سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قارىسام بىر چۆگۈن بىلەن لىگەندىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا: ئىجرا قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر ئىشنى ئەھدە قىلغىن دېۋىدىم مۇنداق دېدى: :«ئى سەئىد، بىرەر ئىشقا كىرىشكەن چېغىڭدا ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن، بىرەر نەرسىنى تەقسىملىگەن ۋاقتىڭدىمۇ ئاللاھنى ياد ئەتكىن» دېدى.

ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىغا دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئالدىغا سېلىۋالماسلىق، دۇنيادىن پەقەت يولۇچىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىچىلىك مىقداردا ئېلىش توغرىسىدىكى قىلغان ئەھدىسى ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيانىڭ مال-دۇنيالىرى ۋە مەئىشەتلىرىدىن قول ئۈزدۈرگەنسېرى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىدىيىسى ئۇنىڭ دىلىنى بايلىققا تولدۇرغان ئىكەن...

سەلمان بۇلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان بولسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلدى...

يېنىدا تاماق يەيدىغان بىر دانە لېگەن بىلەن سۇ ئىچىدىغان ۋە تاھارەت ئالىدىغان بىر دانە چۆگۈندىن باشقا ھېچنەرسە بولمىسىمۇ يەنە ئۆزىنى ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن دەپ ئويلاۋاتىدۇ...

مەن سىلەرگە ئۇ ئۆمەرگە ئەڭ ئوخشايدۇ دېمىگەنمىدىم...؟

«مەدائىن»غا ئەمىر بولغان شۇ مەزگىللەردىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، خۇددى بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئەمىرلىك مۇكاپاتىدىن بىر دىرھەممۇ ئېلىشقا ئۇنىماي داۋاملىق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ جان باققان، كىيىدىغان كىيىمى پەقەت بىر ئاددىي يەكتەك بولۇپ، ئاددىي-ساددىلىقتا كونا كىيىمدىن قېلىشمايتتى...

بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا، شام تەرەپتىن كەلگەن ئەنجۈر بىلەن خورما يۈدۈۋالغان بىر ئادەم ئۇچراپ قالدى، بۇ شاملىق ئادەم ھېرىپ كەتكەنلىكتىن يۈكنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئالدىدا ئادەتتىكى كەمبەغەل كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈكنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن ئەجىرىنى بېرىشنى ئويلىدى-دە، ئۇ ئادەمگە كەل دەپ ئىشارەت قىلىۋىدى كەلدى، بۇ چاغدا شاملىق ئۇنىڭغا بۇ يۈكنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگىن دېدى ۋە ئىككىيلەن بىرلىكتە مېڭىشتى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا بىر جامائە كىشىلەرگە ئۇچراپ قېلىشتى-دە ئۇلارغا سالام قىلىشتى، بۇ كىشىلەر ئۇلارغا سالام قايتۇردى ۋە «ئەمىرگىمۇ سالام» دېيىشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى.

بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى شاملىق ھەيران قالدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە: ئەمىرگىمۇ سالام...؟؟ قايسى ئەمىرنى دەۋاتىدۇ...؟!دېدى.

بەزىلەرنىڭ سەلمان تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ: ئى ئەمىر، ئەكەلسىلە، يۈكنى مەن كۆتۈرۈۋالاي دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

ئەنە شۇ چاغدا بۇ شاملىق، ئۇ كىشىنىڭ مەدائىن شەھىرىنىڭ ئەمىرى «سەلمان فارىسىي» ئىكەنلىكىنى پەملىدى،-دە، قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ قىلغانلىرىدىن كۆپ ئۆزرە ئېيتتى ۋە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يۈكنى تارتىپ ئېلىپ ئۆزى كۆتۈرمەكچى بولدى، لېكىن سەلمان بېشىنى چايقاپ رەت قىلىپ: «ياق، بارىدىغان يېرىڭىزگىچە ئۆزۈم كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرەي»...!! دېدى.

بىر كۈنى ھەمراھى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قارىسا خېمىر يۇغۇرىۋاتقان ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: خىزمەتچى نەگە كەتتى...؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى تاپشۇرۇشنى خالىمىدۇق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

بىز «ئۆي» دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قانداقراق ئۆي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى.

سەلمان ھازىر بىز ئۆي دەپ ھېسابلاۋاتقان بۇ ئۆينى سالماقچى بولغاندا قۇرۇلۇشچىدىن: ئۆينى قانداقراق سېلىپ بېرىسىز؟ دەپ سورىغان، قۇرۇلۇشچى ناھايىتى زېرەك ئادەم بولۇپ سەلماننىڭ تەقۋادارلىقى ۋە پەرھىزكارلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا چاقچاق قىلىپ:«ئەنسىرىمىسىلە... ئىسسىقتا سايىدىغىلى، سوغۇقتىن ساقلانغىلى بولغۇدەك، ئۆرە تۇرسىلا باشلىرى تورۇسقا تاقىشىپ قالىدىغان، ياتسىلا پۇتلىرى تامغا تاقىشىپ قالىدىغان بىر ئۆي سېلىپ بەرسەم بولار...؟ دەپ جاۋاب بەرگەندە سەلمان ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، شۇنداق سېلىپ بېرىڭ» دېگەن!!

بۇ ئۆيدە سەلمان ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئايالىغا ئىشەنچلىك بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئامانەت بەرگەن بىر نەرسىدىن باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۇنى قىزىقتۇرغۇدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى.

ئۆلۈم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قەبزى روھ بولغان كۈننىڭ ئەتتىگىنىدە ئايالىنى چاقىرىپ: «مەن سىزگە يوشۇرۇپ قويۇشقا بەرگەن نەرسىنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى.

ئايالى ئۇنى تېپىپ ئېلىپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇ «جەلۋىللا» دېگەن يەرنى ئازاد قىلغان كۈنىسى ئېرىشكەن، خالتىغا قاچىلانغان ئىپار بولۇپ، ۋاپات بولغان كۈنىسى ئۆزىنى خۇشپۇراقلاشتۇرۇشقا ساقلاپ قويغان ئىكەن.

ئۇ بىر پىيالىنى ئەكەلدۈرۈپ سۇ قۇيۇپ ئىپارنى ئۇنىڭغا تاشلىدى ۋە قولى بىلەن بىر ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىغا سۇنۇپ: «بۇنى ئەتراپىمغا سېپىپ قويۇڭ، چۈنكى ھازىر مېنىڭ يېنىمغا ئاللاھنىڭ خەلقىدىن تائام يېمەيدىغان، پەقەت خۇشپۇراق نەرسىنى ياخشى كۆرۈدىغان بىر تۈركۈم خەلق ھازىر بولۇۋاتىدۇ» دېدى، ئايالى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئەمدى ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ» دېدى... ئايالى دېگىنىنى قىلدى...

بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ مۇبارەك روھنىڭ تېنىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى بايقىدى...!!

ئۇنىڭ روھى ئىشتىياق قاناتلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۇ يەردە مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئۇنىڭ ئىككى ساھابىسى ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر بىلەن يەنە شېھىتلەر ۋە ياخشى بەندىلەردىن تەركىب تاپقان ئۇلۇغ جامائە بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى.

ئەنە شۇ كۆرۈشۈشكە بولغان تەشنالىق سەلماننى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتاتتى...

مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى...

مەنبە----قۇتادغۇبىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەميىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanhin918 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 09:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 01:09:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز...........اللە رەھمەت قىلسۇن.ئەتە ئوقاي.بەك بەك  بەك ئۇيقۇم كەلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 01:57:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم .

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14587
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1530 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 02:11:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ئەجىر بەرگەي، ماشااللە شۇ قەدەر گۈزەل ئىنسانلار ئۆتۈپتىكەن!

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 02:27:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدەك بىر ‏ئەزانىڭ بۇ مۇنبەردە بولغانلىقىدىن سۆيۈنىمەن ، سىزنىڭ بارچە تىمىلىرىڭىز پايدىلىق ھەم ئىسىل تىمىلار ئىكەن ! ھارماڭ دوستۇم ، سىزگە تەشەككۇر ...

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90820
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 03:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەت   دۇنياسىدا  ئۇندىن  ئىلگىرىمۇ  كەلمىگەن  ھەم  ئۇندىن  كېيىنمۇ  كەلمەيدىغان   تۇنجى  ئەۋلاد   مۇسۇلمانلارنىڭ  شانلىق  تارىخىدىن  تامچىلارنى   يەتكۈزگەنلىكىڭىز   ئۈچۈن   ئاللا  سىزدىن  رازى  بولسۇن  ھەم  سىزنى  رازى  قىلسۇن  .
ئى  مېھرىبان  ئاللا ،  بىزنى  ساھابىلاردەك   چىن  ئىخلاسىمىز    بىلەن  ئىمان  ئېيتقىلى  نېسىپ  قىلغىن  .  بىزنى  ئىمانىمىزدا    راستچىللاردىن  قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 07:06:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا قىرىندىشىم .     ئاللە رەھمەت قىلسۇن.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23689
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3739 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 09:49:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17236
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم !!
    جانابى  ئاللاھ  بارلىق موئمىن  مۇسۇلمانلادىن رازى بولسۇن!!!مەغفىرەت قىلسۇن!!!!ئاللاھ يولىدا   مۇستەھكەم  تۇرىدىغانلار   قاتارىدىن  قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن ئوقۇغانلىقىمدىن خۇرسەن بولدۇم . دەسلەپتە تىمىسىنى ،مەزمۇنىنى كۆرۈپ ناھايىتى كۆپ ئىكەن كىيىن ئوقۇي دەپتىكەنمەن كىيىن ئويلاپ باشقا مەزمۇنلارنى ئوقۇشقا ۋاقتىم بار ئىكەن مۇشۇنىڭغا ۋاقتىم چىقمامدۇ دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسچىلىكىدىن غالىپ كىلىپ ئوقۇپ چىقتىم .ياخشى تىما ئىكەن.

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش