مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1195|ئىنكاس: 1

نەجاشى(تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 07:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                  نەجاشى
                          «نەجاشى ۋاپات بولغاندا، بىز ئۇنىڭ قەبرىسىدە
                             نۇر كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن دېيىشەتتۇق».
                              _ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى- ئائىشە

  بىزنىڭ بۇ مەشھۇر كىشىمىز تابىئىنلار قاتارىدا تىلغا ئېلىنسا تابىئىن، ساھابىلەر قاتارىدا ھېساپلانسا - ساھابىدۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ خەت ئەۋەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمگە ئۇنداق ناماز ئوقۇمىغان تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غائىپ نامىزى ئوقۇغان. بۇ كىش نەجاشى دەپ مەشھۇر بولغان- ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەر. قېنى كېلىڭلار، بۇ بەخىتلىك مىنۇتلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان بۇ يىگانە رەھبەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزەيلى.
    *                     *                     *
  ئەسھەمەنىڭ دادىسى ھەبەشلەرنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسھەمەدىن باشقا بالىسى يوق ئىدى. ھەبەشلەرنىڭ كاتتىلىرى ئۆز- ئارا مۇنداق دېيىشتى:
  - بىزنىڭ پادىشاھىمىزنىڭ مۇشۇ بالىدىن باشقا بالىسى يوق. بۇ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەگەر پادىشاھ ۋەيران بولسا، پادىشاھلىقنى ۋەيران قىلىدۇ، بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزمۇ ياخشى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قېرىندىشنى پادىشاھ قىلغىنىمىز ھەقىقەتەن ياخشى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار. ئۇلار ئۇنىڭغا ھاياتىدا ياردەم بېرىدۇ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلىدۇ.
  شەيتان ئۇلارنى توختىماي مۇشۇنداق ۋەسۋەسىگە سېلىپ، ئۇلارنى ھازىرقى پادىشاھنىڭ كېيىنلىكىدىن قورقۇتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا قېرىندىشىنى ئولتۇرغۇزدى. ئەسھەمە تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ئاجايىپ ئۆتكۈر، پۇختا، ئۆزگىچە خارەكتىرى غۇنچىلىرى بىلەن پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلاپ، تاغىسىنىڭ قىزىقىشى، قەدىرلىشى ۋە ئۆز بالىلىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈشىگە ئېرىشتى. شەيتان ھەبەشلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم ۋەسۋەسىگە سالدى. ئۇلار ئۆز- ئارا:
  - بىز پادىشاھلىقنىڭ بۇ ياشقا قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمىز. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ بىزدىن قاتتىق قىساس ئالىدۇ. دادىسىنى ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسىغا بىز ھەممىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ، - دېيىشتى، ئاندىن پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:
  - ئى پادىشاھ! سەن ئەسھەمەنى ئۆلتۈرىۋەتمىسەڭ ياكى ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمىسەڭ، بىز خاتىرجەم بولالمايمىز. ئۇ چوڭ بولسا بىز ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىزدىن قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز.
  پادىشاھ ئۇلارغا:
  - سىلەر نېمە دېگەن رەزىل ئادەملەر! تۈنۈگۈن ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈردۈڭلار، بۈگۈن مەندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر.  الله  بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، - دېدى.
  - ئۇنداق بولسا ئۆزىمىز ئۇنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمىز.
  پادىشاھ ئامالسىز ئۇلارنىڭ دېگىنىگە بويسۇندى. ئەسھەمە قوغلىنىپ بىر كۈن بولا- بولماي، كىشىلەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇپۇقنى قارا تۇمان بېسىپ، ئاسماننى گۆلدۈرماما ۋە چاقماق قاپلاپ كەتتى. شۇ چاقماقلاردىن بىرى- ئەسھەمەدىن ئايرىلغىنىغا قايغۇرۇۋاتقان پادىشاھقا چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يىقىتتى. ھەبەشلەر پادىشاھنىڭ بالىلىرىدىن بىرىنى پادىشاھ قىلماقچى بولدى. لېكىن ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىقنى كۆرەلمىدى. ھەبەشلەرگە قاتتىق قىيىنچىلىق كەلدى، ئۇلارنىڭ بېشى تازا قاتتى. ھەبەشلەرگە خوشنا بەزى ئەللەرنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇرتنى بېسىۋالماقچى بولغانلىغى ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى- دە، ئۇلار ئۆز- ئارا مۇنداق دېيىشتى:
  -  الله  بىلەن قەسەمكى، بىز قوغلاپ چىقارغان ئاشۇ ياشتىن باشقا ھېچكىم بىزنىڭ ئېلىمىزنى ئوڭشاپ، پادىشاھلىقىمىزنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنى تېپىپ قايتۇرۇپ كېلەيلى.
  ئۇلار ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭ بېشىغا تاج كەيدۈرۈپ ئىتائەت قىلدى ھەمدە نەجاشى دەپ ئاتىدى. ئۇ ئەل- يۇرتنى پاراسەت ۋە ھىكمەت بىلەن باشقۇردى. خەلق بىئاراملىق ۋە قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلدى. ھەبەشلەر زۇلمەت ۋە ناھەقچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئادالەت ۋە خەيرىيەتكە ئېرىشتى. نەجاشى تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي،  الله  پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى (ئۇنىڭغا  الله  نىڭ سالامى بولسۇن) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.كىشىلەر بىر- بىرلەپ ئىسلامغا ئەگىشىشكە باشلىدى. قۇرەيشلەر ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ زىيان سالدى. ئازاپ ھەسسىلەپ ئاشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
  - ھەبەشلەرنىڭ زېمىنى ھەبەشىستاندا بىر پادىشاھ بار، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ يېنىغا بېرىپ  الله  سىلەرگە كەڭچىلىك ئاتا قىلغان، تارچىلىقتىن چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر، شۇنىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، - دېدى.
  ئاۋالقى مۇھاجىرلار سېپى ھەبەشىستان زېمىنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار 80 ئەر- ئايال بولۇپ، تۇنجى قېتىم خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىدى. ھېچقانداق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، تەقۋالىق، ئىبادەت ۋە ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ ھۇزۇرلاندى. لېكىن قۇرەيشلەر بۇ 80 نەپەر مۇسۇلماننىڭ ھەبەشىستانغا ماڭغانلىغىنى ۋە ئۇ يەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپلا، ئۇلارنى يۇقۇتۇش ياكى مەككىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، سۈيقەست پىلانلاشقا باشلىدى. قۇرەيشلەر نەجاشىنىڭ يېنىغا پاراسەتلىك، تەدبىرلىك قەبىلە باشلىقىدىن ئىككىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ رەبىئە ئىدى. قۇرەيشلەر ئۇ ئىككىسىدىن نەجاشىغا نۇرغۇن سوغات ئەۋەتتى. ئۇلار ھەبەشىستانغا كەلگەندە، ئالدىراپ- تىنەپ نەجاشىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تېگىشلىك سوغات بەردى ۋە مۇنداق دېدى:
  - بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەقىلسىزلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر سىلەرنىڭ زېمىنڭلارغا كەپتۇ. ئۇلار ئاتا- بۇۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن يانغان، قەۋمىنىڭ بىرلىكىنى بۇزغان. پادىشاھقا ئۇلار توغرىلىق گەپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن دىن توغرىلىق گەپ سورىماستىن بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە كۆرسەتمە بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدۇ.
  ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ رەبىئەلەر نەجاشىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قەۋمى قىلغاندەك ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. نەجاشى بىلەن ئەمىر ئىبنى ئاس ئوتتۇرىسىدا كونا دوستلۇق بولغاچقا، نەجاشى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئاندىن بۇ ئىككىسى مەككىدىكى ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ سالىمى بىلەن سوغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئەبۇ سۇفيان قەۋمىنىڭ باشلىقى ئىدى. نەجاشى سوغىلارنى قىزىقىپ، ئۇنى ياقتۇردى، ئاندىن ئىككىسى ئۇنىڭغا:
  - ئى پادىشاھ! سېنىڭ مەملىكىتىڭگە بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامانلىرى كېلىپ ئورۇنلىشىپتۇ. ئۇلار دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن، سېنىڭ دىنىڭغىمۇ كىرمىدى. بىزمۇ بىلمەيدىغان، سىلەرمۇ بىلمەيدىغان بىر دىننى بارلىققا كەلتۈردى. قەۋمىمىزنىڭ مۆتىۋەرلىرى سېنىڭ قىلغان بۆلۈنۈش توغرىسىدىكى ئىشلىرىڭنى ئوبدان بىلىدۇ.
  نەجاشى ئەتراپتىكىلەرگە قارىدى، ئۇلار:
  - پادىشاھ! بۇ ئىككىسى توغرا دەيدۇ. بىز ئۇلار يېڭىدىن پەيدا قىلغان دىندىن خەۋەر تېپىپ باقمىدۇق. ئۇلارنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىزدىن ياخشى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۇلار پەيدا قىلغان دىننى ھەم ياخشى بىلىدۇ.
  نەجاشى مۇنداق دېدى:
  - ياق!  الله  بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن ئاڭلاپ، ئەقىدىسىدىن خەۋەر تاپماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھېچكىمگە تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ خاتا بولسا، ئۇلارنى قەۋمىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ئەگەر توغرا بولسا، مەن ئۇلارنى ھىمايەمگە ئالىمەن. مېنىڭ يۇرتۇمدا تۇرغاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن- ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى- مەن  الله  نىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇ مېنى ئۆز ۋەتىنىمگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى، سۈيقەستچلەرنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىدى، ئاسىيلارنىڭ ئاسىيلىقىدىن قوغدىدى.
  نەجاشى ساھابىلەرنى ھۇزۇرىدا قەۋمى بىلەن ئۇچرىشىشقا چاقىردى. ساھابىلەر بۇنىڭدىن ئەنسىرىدى ۋە ئۆز- ئارا:
  - ئەگەر دىنىمىز توغرىلىق سوراپ قالسا نېمە دەيمىز؟ - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى:
  - ئۇلۇغ  الله  كىتاۋىدا نېمە دېگەن بولسا شۇنى دەيمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن نېمە ئېلىپ كەلگەن بولسا شۇنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، - دېدى.
  ئۇلار نەجاشىنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ رابىئە ھەمدە نەجاشىنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرغانلىغىنى كۆردى. ئۇلار باش كىيىملىرىنى كەيگەن، ئالدىلىرىغا كىتاپلىرىنى يايغان ئىدى. ساھابىلەر نەجاشىغا ئىسلامى سالام قىلدى ۋە سورۇننىڭ ئاخىرىدا ئولتۇردى. ئەمىر ئىبنى ئاس ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
  - سىلەر نېمە دەپ پادىشاھقا سەجدە قىلمايسىلەر؟
  - بىز الله  دىن باشقىغا سەجدە قىلمايمىز.
  نەجاشى ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىدىن ئەجەپلىنىپ، بېشىنى مىدىرلاتتى ۋە ئۇلارغا مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ مۇنداق دېدى:
  - سىلەر دىندىن ئۆزەڭلار ئۈچۈن پەيدا قىلغان، شۇ سەۋەپلىك قەۋمىڭلارنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن، مېنىڭ دىنىمغىمۇ كىرمىگەن ئىشىڭلار قانداق گەپ؟
  جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئىجازەت سوراپ مۇنداق دېدى:
  - ئى پادىشاھ! بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن دىن پەيدا قىلىۋالمىدۇق. ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا (ئۇنىڭغا الله  نىڭ سالامى بولسۇن) بىزگە پەرۋەردىگارىنىڭ يېنىدىن ھىدايەت ۋە ھەق دىننى ئېلىپ كەلدى، بىزنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا، نۇرغا ئېلىپ چىقتى. بىز جاھىلىيەتتە بۇتقا چۇقۇنىدىغان، سىلە رەھىم قىلمايدىغان، ئۆزى ئۆلگەن ھايۋانلارنى يەيدىغان، چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغان، خوشنىغا يامانلىق قىلىدىغان، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئىتىدىغان كىشىلەر ئىدۇق. بىزگە  الله  ئۆز ئىچىمىزدىن پەيغەمبەر ئەۋەتكەنگە قەدەر شۇ ھالدا تۇردۇق. بىز ئۇ پەيغەمبەرنىڭ نەسەبىنى بىلىمىز، راستچىل، ۋاپادار، پاك ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمىز. ئۇ بىزنى  الله  غا ئىشىنىشكە چاقىردى، الله  غا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنى بىر دەپ ئىتىقات قىلىشقا بۇيرىدى. ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا، بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان تاش ۋە بۇتلارنى تاشلاشقا بۇيرىدى. شۇنىڭدەك يەنە بىزنى راست سۆزلەشكە، ئامانەتنى ئادا قىلىشقا، سىلە- رەھىم قىلىشقا، خوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا، ھارامدىن ساقلىنىشقا، قان تۆكمەسلىككە بۇيرىدى. گۇناھ ئىشلارنى قىلىشتىن، يالغان سۆزلەشتىن، يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن توستى. بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاپ ئىشەندۇق، ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلىرىغا ئەگەشتۇق. شېرىكسىز بىر  الله  غا ئىبادەت قىلدۇق. ھارام قىلغان ئىشلاردىن ياندۇق، ھالال دېگەن ئىشلارنى قىلدۇق. قەۋمىمىز بىزگە دۈشمەنلىك قىلىپ، قىينىدى. ئۇلار بىزنى دىنىمىزدىن قايتۇرۇپ، ھېساپ ئالغۇچى ۋە جازا- مۇكاپات بەرگۈچى بىر الله  غا ئىبادەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇتقا ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ئازاپلىدى. بىزنى ئازاپلاپ، زۇلۇم سېلىپ قىينىغان، دىنىمىزغا ئەمەل قىلغىلى قويمىغان ۋاقىتتا، سېنىڭ ھىمايەڭگە ئۆتۈشكە، سېنىڭ دىيارىڭدا تۇرۇشقا قىزىقتۇق ھەمدە سېنى باشقىلاردىن ئۈستۈن بىلىپ تاللىدۇق. سېنىڭ يېنىڭدا ناھەقچىلىققا ئۇچرىماسلىقنى ئۈمىت قىلدۇق.
  نەجاشى جەئفەردىن:
  - سەندە پەيغەمبىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەلگەن ئىشلار بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
  - بار.
  - ماڭا ئوقۇپ بەرگىن.
  جەئفەر ئۇنىڭغا سۈرە مەريەمنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇپ بەردى: (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسىسىنى) بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى(16) ئۇ پەردە تارتىپ كشىلەردىن يۇشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بىجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى(17) مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك اللەغا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»(18) جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»(19) مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»(20) جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر، ئۇنى (كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»(21) مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى(22) تولغاقنىڭ قاتتىقلىغى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»(23) جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى»(سۈرە مەريەم 16- 24 ئايەتكىچە)
  نەجاشى يىغلاپ، ھەتتا ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. يېنىدىكى ئىپىسكوپ، پوپلارمۇ تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ ئالدىدىكى كىتاپلارنى ھۆل قىلىۋەتتى. نەجاشى:
  - بىزگە تىلاۋەت قىلىنغان بۇ ئايەتلەر ۋە ئىيسا ئېلىپ كەلگەن سۆزلەر ئىككىلىسى بىر نۇردىن بارلىققا كەلگەن، - دېدى، ئاندىن ئىككىسىگە:
  -  الله  بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلارنى مەڭگۈ سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرمەيمەن. ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن، - دەپ ئورنىدىن تۇردى. باشقىلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇن ئاياغلاشتى.
  ئەمىر ئىبنى ئاس ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قايتىپ چىقتى ۋە ھەمراھىغا:
  -  الله  بىلەن قەسەمكى، ئەتە نەجاشى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ھېلىقىلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىپ، تۈگەشتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىمەن، - دېدى.
  - ئۇنداق قىلما ئەمىر، گەرچە بىزگە قارشى چىققان بولسىمۇ ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، - دېدى ھەمراھى. ئۇ ئەمىردىن رەھىمدىلراق ئىدى.
  - ياق، مەن نەجاشىغا: ئۇلار مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا توغرىلىق بەزى سۆزلەرنى دېدى، بەزىسىنى دېمەي يۇشۇردى. ئۇلار ئىيساغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇنى بەندە دەيدۇ، دەيمەن.
  ئەتىسى ئەمىر نەجاشىنىڭ يېنىغا كىردى ۋە مۇنداق دېدى:
  - ئى پادىشاھ! ئۇلار تۈنۈگۈن ساڭا بىر قىسىم گەپلەرنى دېدى، بىر قىسىم گەپلەرنى يۇشۇردى. ئۇلار مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى بەندە دەيدۇ.
  نەجاشى ساھابىلەرنى چاقىردى ۋە:
  - مەريەم ئوغلى ئىيسا توغرىلىق نېمە دەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
  - ئۇ توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز نېمە دېگەن بولسا شۇنى دەيمىز.
  - ئۇ توغرىسىدا پەيغەمبىرىڭلار نېمە دېگەن؟
  - الله  نىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى، پاك مەريەمگە تاشلىغان الله  نىڭ روھى.
  -  الله  بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىيسا دەل سەن دېگەندەكلا، - دېدى نەجاشى.
  نەجاشىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىپىسكوپلار ۋە پوپلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. نەجاشى ئۇلارغا غەزەپ ۋە مەسخىرە نەزىرى بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ:
  - غوتۇلداشماڭلار‍! - دېدى. ئاندىن جەئفەر ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:
  - خاتىرجەم ياشاڭلار، كىم سىلەرگە چېقىلسا زىيان تارتىدۇ. مەن ماڭا تاغدەك ئالتۇن بېرىلىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرگە زىيان يەتكۈزىلىشىنى ھەرگىز ياقتۇرمايمەن.
  ئاندىن خىزمەتكارلىرىغا مۇنداق دېدى:
  - ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىغا سوغىلارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇ بىزگە كېرەك ئەمەس.  الله  ماڭا پادىشاھلىقنى بەرگەندە مەندىن پارا ئالمىغان، مەنمۇ پادىشاھلىقىمدا پارا ئالمايمەن.  الله  ماڭا كىشىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، مەنمۇ ئۇلارنى الله  غا بويسۇندۇرىمەن.
  ئىپىسكوپلار كىشىلەر ئارىسىدا: نەجاشى دىندىن ئايرىلىپ باشقا بىر دىننى قوبۇل قىلدى، دەپ فىتنە تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قۇتراتتى. ھەبەشلەر ئۇنى قورشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقماقچى بولدى. نەجاشى جەئفەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ ئادەم ئەۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا كېمىلەرنى تەييارلاپ مۇنداق دېدى:
  - ئۇنىڭغا چىقىپ، يۈز بېرىدىغان ئېھتىماللىقا تەييار تۇرۇڭلار. ئەگەر مەن يېڭىلسەم خالىغان يېرىڭلارغا يۈرۈپ كېتىڭلار، ئەگەر مەن غەلىبە قىلسام، بۇرۇنقى جايلىرىڭلاردا ئولتۇرىۋېرىڭلار.
  ئاندىن كىيىكنىڭ تېرىسىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «مەن شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى،  الله  دىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد  الله  نىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى. يەنە شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئىيسا الله  نىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ھەمدە مەريەمگە تاشلانغان روھ» دەپ يېزىپ، ئۇنى مەيدىسىگە تاڭدى. ئۈستىگە رىداسىنى كىيىپ، قارشى چىققۇچلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
  - ئى ھەبەشلەر! سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قارىشىڭلار قانداق؟ - دەپ سورىدى.
  - ياخشى، - دېيىشتى ئۇلار.
  - ئۇنداقتا ماڭا قارشى تۇرۇشۇڭلارغا نېمە سەۋەپچى بولدى؟
  - سەن دىنىمىزدىن يۈز ئۆرۈپسەن، ئىيسانى بەندە دەپسەن.
  - سىلەر ئىيسانى نېمە دەيسىلەر؟
  - ئۇ الله  نىڭ ئوغلى.
  نەجاشى قولىنى رىداسىنىڭ ئۈستىگە، يەنى خەت يېزىلغان جاينىڭ ئۈستىگە قويۇپ:
  - مەن ئىيسانى مۇشۇنىڭدىن باشقىسى ئەمەس، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دېدى. ئۇ تېرىگە يېزىلغاننى كۆزدە تۇتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سۆزى كىشىلەرنى خۇرسەن قىلدى، ئۇلار قايىل بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا قايتىپ كەتتى.
    *                     *                     *
  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى بىلەن قەۋمى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى ھەمدە ئۇنىڭ دىيارىغا ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغانلىغىدىن خۇشال بولدى. ئۇنىڭ ئىسلامغا مايىل بولغانلىغى، قۇرئانغا توغرا دەپ ئىتىقات قىلغانلىغى توغرىسىدىكى خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېخىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نەجاشى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ ماڭدى.
  ھىجىرىيەنىڭ 7- يىلىنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدىكى كاتتا پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالتىسىنى الله  نىڭ دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خەت يازدى. خەتتە ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئىماننى تەرىپلەپ، كۇفرى ۋە شېرىكتىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ ئىشقا ساھابىلەرنىڭ ياخشىسىدىن ئالتىسى تەييارلاندى. ئۇلار ئۆزلىرى بارىدىغان يەردىكى كىشىلەرنىڭ تىلىنى ئۆگەندى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش بىر كۈندە ئاتلىنىپ يۈرۈپ كەتتى. ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە زۇمەرى ھەبەشىستان پادىشاھىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە نەجاشىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئىسلامى سالام قىلدى، نەجاشى تېخىمۇ چىرايلىق سالام قايتۇرۇپ، ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. سورۇن بېسىلغاندا ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى نەجاشىغا بەردى. نەجاشى خەتنى ئالدىراپ ئاچتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئىسلامغا چاقىرغانلىغىنى، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بارلىغىنى كۆرۈپ، خەتنى ئۇلۇغلاپ پىشانىسىگە قويدى ۋە خەتنىڭ ھۆرمىتىدىن كارۋىتىدىن چۈشۈپ، سورۇندىكىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا مۇسۇلمان بولغانلىغىنى ئېلان قىلىپ، شاھادەت ئېيتتى ۋە:
  - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بارالىغان بولسام چۇقۇم باراتتىم. ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ پۇتىغا باش قوياتتىم، - دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ دەۋىتىگە قوشۇلۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا الله  نىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ پەيغەمبەرلىكىگە بۇرۇنلا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ خەت يازدى. مۇشۇ چاغدا، ئەمىر ئىبنى ئۇمەييە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەجاشىغا يازغان يەنە بىر پارچە خېتىنى چىقاردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتتە نەجاشىنىڭ ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرىبنىڭ قىزى رەملەنى ئۆزىگە تويلاپ قويۇشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى.
  ئۇممۇ ھەبىبە دەپ ئاتالغان مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى- رەملەنىڭ بېشى قايغۇلۇق، ئاخىرى خۇشخەۋەر بىلەن تولغان ھېكايىسى بار. قېنى، بىز ئۇنىڭغا قىسقىغىنە نەزەر سېلىپ باقايلى:
  رەملە قۇرەيشنىڭ رەھبىرى- دادىسى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئىلاھىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ ۋە يولدىشى ئۇبەيدۇللا ئىبنى جەھشى شېرىكسىز، يەككە- يىگانە الله  غا ئىمان كەلتۈردى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا الله  نىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەندى. شۇ سەۋەپلىك قۇرەيشلەر ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ ئازاپلىدى. ھەتتا بۇ ئىككىسىگە مەككىدە تۇرغىدەك جاي قالمىدى- دە، ئىككەيلەن دىننى دەپ الله  يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ قاتارىدا ھەبەشىستانغا باردى. ئۇلار باشقا مۇھاجىر قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە نەجاشىنىڭ يېنىدا ياخشى مۇئامىلىگە ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشتى، ھەتتا ئۇممۇ ھەبىبە: ئازاپلىق كۈنلەر تۈگەپ ياخشى كۈنلەر باشلانغان چېغى، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ تەقدىرنىڭ نېمىنى يۇشۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىغىنى بىلمەيتتى. ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى الله  ئۇممۇ ھەبىبەنى ئەقىل يەتمىگۈدەك دەرىجىدە قاتتىق سىنىماقچى بولدى...
  ئۇنىڭ يولدىشى- ئۇبەيدۇللا ئىبنى جەھشى دىندىن يېنىپ خىرىستىئان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى، ھاراققا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتىكى، ئىچىپ قانمايتتى. ئۇ ئۇممۇ ھەبىبەگە بىرىدىن بىرى يامان ئىككى ئىشنىنىڭ بىرىنى تاللاشنى شەرت قىلدى: بىرى- ئاجرىشىش؛ يەنە بىرى- خىرىستىئان بولۇش؛ ئۇممۇ ھەبىبە ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىغىنى ھېس قىلدى. بىرى- يولدىشىنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ خىرىستىئان بولۇپ، دۇنيادىكى رەسۋالىق، ئاخىرەتتىكى ئازاپقا گىرىپتار بولۇش؛ بىرى- ھازىرغىچە شېرىكنىڭ قەلئەسى بولۇۋاتقان مەككىدىكى دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىش؛ يەنە بىرى- كىچىك قىزى ھەبىبە بىلەن بىرگە يىگانە، تەنھا ھالدا ھەبەشىستان زېمىنىدا تۇرۇش؛ ئۇ ھەممىدىن الله  نىڭ رازىلىقىنى ئۈستۈن بىلىپ،  الله  چىقىش يولى ئاتا قىلغانغا قەدەر ھەبەشىستان زېمىنىدا تۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدى.
  ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ تىراگىدىيىسى بەك ئۇزىراپ كەتمىدى. يولدىشى ھاراق ئىچىپ مەستلىكتە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئىددىتى توشۇشىغىلا، خۇشاللىق قانات قېقىپ كەلدى. ناھايىتى نۇرلۇق، گۈزەل بىر ئەتىگىنى ئۇنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. ئىشىكنى ئېچىپ، نەجاشىنىڭ يېقىن خىزمەتكارى ئەبرەھەنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئەبرەھە ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، مۇنداق دېدى:
  - پادىشاھ سىزگە سالام يوللىدى. سىزگە  الله  نىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا الله  نىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ ئەلچى بولغانلىغىنى، ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تويىڭىزنى قىلىپ قويۇشقا ۋەكىل قىلغانلىغىنى ئېيتتى. سىزمۇ خالىسىڭىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرىنى ۋەكىل قىلىڭ.
  ئۇممۇ ھەبىبە خۇشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى ۋە:
  -  الله  سىزگە ياخشىلىق ئاتا قلسۇن،  الله  سىزگە ياخشىلىق ئاتا قلسۇن، - دەپ توۋلاپ كەتتى. ئاندىن:
  - ئۆزەمگە خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاسنى ۋەكىل قىلدىم، بۇ يەردىكىلەر ئىچىدە ئۇ ماڭا ھەممىدىن يېقىن، - دېدى.
  ھەبەشىستاندا تۇرۇۋاتقان ساھابىلەر ئۇممۇ ھەبىبە بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نەجاشىنىڭ قەسىرىگە يىغىلدى. كۆپچىلىك كېلىپ بولغاندا، نەجاشى الله  غا ھەمدۇ- سانا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
  - مەقسەتكە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن ئەبۇ سۇفياننىڭ قىزى رەملەنى ئۆزىگە تويلاپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىپتۇ. مەن ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلدۇم ھەمدە ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن  الله  ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ قانۇنى بويىچە، رەملەنىڭ مەھرىگە يۈز دىنار بەردىم.
  خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس ئورنىدىن تۇرۇپ، الله  غا ھەمدۇ- سانا ئېيتىپ ۋە ياردەم تىلەپ، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ۋە سالام يوللىدى، ئاندىن مۇنداق دېدى:
  - مەقسەت، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلدۇم، مېنى ۋەكىل قىلغۇچى ئەبۇ سۇفياننىڭ قىزى رەملەنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تويلىدىم.  الله  پەيغەمبەرگە تويدا بەركەت ئاتا قىلسۇن،  الله  كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلغان رەملەگە مۇبارەك بولسۇن، - دېدى.
  نەجاشى ئىككى كېمە تەييارلىدى. بۇ كېمىلەر بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى- رەملە بىلەن قىزىنى ھەبەشىستاندا قالغان ساھابىلەرنى، شۇنداقلا  الله  ۋە رەسۇلۇللاغا ئىمان كەلتۈرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈشكە، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا، ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا تەشنا بولۇۋاتقان ھەبەشلەردىن بىر بۆلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يولغا سالدى. ئۇلارغا جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنى رەھبەر قىلدى. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى- رەملەگە ئاياللىرىنىڭ يېنىدىكى بارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى، ئۇد ئەنبەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سوغا قىلدى، شۇنىڭدەك ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قىسىم سوغىلارنى ئەۋەتتى. بۇ سوغاتلارنىڭ ئىچىدە ھەبەشىستاننىڭ ئېسىل ھاسىلىرىدىن ئۈچى بار ئىدى. ئۇلاردىن بىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇتتى، ئىككىنچىسى ۋە ئۈچىنچىسىنى ئۈمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا بەردى. بىلال ( الله  ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە قالدۇرغان ھاسىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا ئالدىدا تىكلەپ قوياتتى. مەسجىد ياكى قىبلىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان قۇرۇلۇش يوق جايلاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققاندا، ئىككى ھېيت ۋە سۇ تەلەپ قىلىش نامازلىرىدا شۇنداق قىلاتتى. بىلال بۇ ھاسىنى ئېلىپ، ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ ئالدىدىمۇ ماڭاتتى. خەلىفىلىك ئۈمەر ئىبنى خەتتابقا، ئۇنىڭدىن ئوسمان ئىبنى ئەففانغا كەلگەندە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا ھاسىنى سەئدۇلقەرزى ئېلىپ ماڭدى. خەلىفىلەر بۇ ئىشنى ئۇزۇن زامان داۋاملاشتۇردى.
  شۇنىڭدەك نەجاشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىبۇ- زىننەتلەرمۇ سوغا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر ئالتۇن ئۈزۈكمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئالدى، ئۇنى ياقتۇرمايتتى. شۇنىڭ بىلەن قىزى زەينەپنىڭ قىزى ئۇمامەگە «بۇنى ئىشلىتىڭ» دەپ ئەۋەتىپ بەردى.
  مەككىنى فەتىھ قىلىشنىڭ ئازراق ئالدىدا نەجاشى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ رەببىنىڭ يېنىغا كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
  - قېرىندىشىڭلار نەجاشى- ئەسھەمە ۋاپات بولدى. نامىزىنى ئوقۇڭلار، - دېدى، ئاندىن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ، غائىپ نامىزى ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ھېچكىمگە غائىپ نامىزى ئوقۇمىغان ئىدى.
    *                     *                     *
   الله  نەجاشى- ئەسھەمەدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن! مەڭگۈلۈك جەننەتنى ئۇنىڭ ئورنى قىلسۇن! ئۇ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلارنى ئاجىزلىقتىن قۇتۇلدۇردى، خەۋپ ئىچىدە خاتىرجەملىك بەردى. بۇنى پەقەت  الله  ۋە رەسۇلۇللانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ قىلدى.

مەنبە: تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 05:13:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر .بىزلەر بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kariguja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 05:14 PM  


ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش