ئەمەت يوغان ھەققىدە ئەسلىمە(1)
ئىمام ھەسەن ياقۇپ
ئەمەت يوغاننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك ئىدى. ئۇ بوي _ بەستى يوغان، ئادەم ئەقىلىنى لال قىلىدىغان ئاجايىپ كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى.
ئەمەت يوغان ئاتۇشنىڭ بويامەت كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ ئۆز دەۋرىدە بويامەت بويىچە خېلى ئابرويلۇق سانىلىدىغان قەمبەرىلەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ تازا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلىق دەۋرى مىللىتارىست ياڭ زىڭشىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان كۈلپەتلىك دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
ئۆز دەۋرىدە ياڭ زىڭشىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا چېگرىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزئارا چېگرىدىن ئۆتۈپ سودا ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش جەھەتلەردىكى رەسمىيەتلىرى كەڭ قويۇۋېتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىكى نامراتلىق دەستىدىن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان نامرات كىشىلەر تىرىكچىلىك قىلىش كويىدا تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتچىلىرىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلىدى.
1926 ـ يىل ئاپرېل ئېيىنىڭ ئىللىق بىر كۈنى ئىدى. ياشلىق كۈچ ـ قۇدرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەمەت يوغان ئىش ئىزىلەپ يات ئەللەرگە ماڭغان ئىشلەمچىلەر سېپىگە قوشۇلۇپ ئەنجان شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ ئەنجاندا غازى ئاقساقال قاتارلىق بىر قانچە ئۇرۇق ـ تۇغقىنى بار ئىدى. تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان ئۆزبېك خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ـ ئارا باردى ـ كەلدى قىلىشىپ كېلىۋاتقان خەلقلەردىن ئىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەمەتنىڭ ئەنجانغا كەلگىنىگە بىردەمدىلا ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى. ياخشى ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تېپىش ئارزۇسىغا تولغان ئەمەت تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، يات ئەلنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، يېڭىچە مەكتەپلەر ۋە شەھەرنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە قىزىقىپ كۈنلەرنىڭ تولىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.
ئەمەت ئۆزىنى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى نامى بار بۇ شەھەرنىڭ تۇرمۇش قاينىمىدا جىددى ۋە تېز ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
1928 ـ يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. پۈتۈن ئەنجان شەھىرى بويىچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇ كەڭ ـ كۆلەملىك مۇسابىقە بولۇپ ئۇنىڭغا شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
ئەمەت بىر قانچە يۇرتدىشى بىلەن بىللە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردى. ئۇ مۇسابىقە تۈرلىرىدىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ۋە ماھىرلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتى بىلەن غەيرەت ـ جاسارىتىنى قاتتىق سىنايدىغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ شوتىغا چىقىش تۈرىنى تاللىدى. گەرچە بۇ ئۆزى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە ۋە قىيىن مۇسابىقە تۈرى بولسىمۇ لېكىن ئەمەت بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تولىمۇ قىزىقاتتى.
مۇسابىقە ئاخىرى باشلاندى. مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ شاۋقۇن ـ سۈرەنلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان ئىدى. مەيداندىكى كىشىلەر توپى ھېيت كۈنلىرىدە قەشقەر ھېيتكاھ جامەسى ئالدىغا يىغىلىدىغان كىشىلەر توپىدىن نەچچە ھەسسە جىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
ـ پاھ نېمىدىگەن جىق خەلق بۇ؟ دەيتتى ئەمەت ھەيرانلىق بىلەن.
مۇسابىقە داۋاملاشماقتا ئىدى.
مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر كۆرۈشكە تولىمۇ ئىنتىزار بولغان قىزىقارلىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ شوتىغا يامىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى.
ماھىرلار مەيدانغا كىرىپ يانتۇلۇق دەرىجىسى 40 گىرادۇس بولغان 40 بالداقلىق شوتا ئورنىتىلغان جازا ئالدىغا كېلىپ رەت نومۇرى بويىچە تىزىلىپ تۇردى. ئەمەتنىڭ رەت نومۇرى ئىككىنچى قاتارغا تىزىلغان ئىدى. باشقۇرغۇچى مۇسابىقە قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
ـ مانا بۇ شوتا 40بالداقلىق، لوم تۆمۈرگە ئورنىتىلغان ماۋۇ تاشلارنىڭ ئېغىرلىقى 10 پوت (160 كىلوگرام) كېلىدۇ. سىلەر بۇ تاشنى مورەڭلەرگە ئېلىپ شوتىغا يامىشىپ يوقىرىغا قاراپ ئۆرلەيسىلەر، نەتىجە ھەركىمنىڭ يۇقىرىغا قانچىلىك چىققانلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. لېكىن تاشنى شوتىغا چىققاندىن كېيىن تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا بوي قاۋۇل كەلگەن ئەنجانلىق ماھىر تاشنى دەستىدىن تۇتۇپ ئەپچىللىك بىلەن مۆرىسىگە ئېلىپ شوتىغا ياماشتى. ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ ھەر بىر قەدىمىنى سالماق ئېلىپ ئاستا ـ ئاستا يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ مۇشۇ تۈردە ئەنجانلىقلارنىڭ داڭلىق ماھىرى ئىدى.
مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ توختاۋسىز ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئەنجانلىق ماھىر بىر بالداق، بىر بالداقتىن بېسىپ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىمەكتە ئىدى. ئەمەت پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئۇنىڭ لوم تۆمۈرنى قانداق تۇتقانلىقى، تەڭپۇڭلىقنى قانداق ساقلايدىغانلىقى ۋە قەدەمنى قانداق ئېلىش لازىملىقى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە بىرمۇ ـ بىر زەن سېلىپ تۇراتتى.
ئەنجانلىق ماھىر 25 ـ بالداققا چىققاندىن كېيىن توختاپ ئىككى پۇتىنى سەل كېرىپ شوتىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتقان ھالدا ئازراق توختاپ دېمىنى ئالدى. ئالقىش سادالىرى داۋاملىق ياڭراپ تۇراتتى. ئۇ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئاخىرى 30 ـ بالداققا چىقىپ توختىدى ـ دە، قول پۇلاڭلىتىپ ئۆزىنىڭ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلدى. بۇ قېتىم ئۇ 30 ـ بالداققا چىقىپ يېڭى رېكورت ياراتقان ئىدى. شۇڭا ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى.
نۆۋەت ئەمەت يوغانغا كەلدى. ئۇ تاشنى دەستىدىن تۇتۇپ كۆكرىكىگە قەدەر كۆتۈرۈپ سىناپ باقتى ـ دە، ئاندىن ئىشەنچ بىلەن تاشنى دەستىدىن تۇتۇپ ئوڭ مۆرىسىگە ئېلىپ بىر قولى بىلەن تاشنىڭ دەستىدىن، يەنە بىر قولى بىلەن شوتىنىڭ بالدىقىدىن تۇتۇپ ئاستا ـ ئاستا ئېگىزگە ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قېنىنىڭ قىزىپ، بەدىنىنىڭ يېنىك تىتىرىشى تېخى توختىمىغان ئىدى. ھەرىكىتىدىن جىددىيلەشكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ ئون بالداقنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن خۇددى كونا ماھىرلاردەك ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ سالماق قەدەم بىلەن يۇقىرىغا داۋاملىق ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەنجانلىقلار بىلەن شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر بىردەك ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
ئەمەت كىشىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلەپ 25 ـ بالداققا چىققاندىن كېيىن بىر ئاز توختاپ دېمىنى ئالدى. ئاندىن ئۇ يېنىك قەدەم بىلەن ئۆرلەپ 30 ـ بالداققا چىقىپ توختىدى. بۇ ئەنجانلىق ماھىر چىقىپ توختىغان يۇقىرى پەللە ئىدى. ئەمەت مۇشۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كىشىلەرگە بېشىنى ئېگىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. لېكىن ئۇ ئەنجانلىق ماھىرغا ئوخشاش قول كۆتۈرۈپ ئاخىرقى غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلمىدى. چۈنكى چىقىدىغان بالداقلار تېخى بار ئىدى.
ئۇ بالداقلارنى بىرمۇ ـ بىر بېسىپ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىگەنسېرى گويا ئەنجاننىڭ ئاسمىنىغا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. راستىنلا ئۇ كىشىلەرنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرۇپ ئاخىرى شوتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان 40 ـ بالداققا چىقىپ توختىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنجان شەھىرىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ شوتىغا چىقىش رېكورتى بۇزۇپ تاشلىنىپ كىشىلەر ھاڭ ـ تاڭ قالغان ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھۇررا ساداسىدىن پۈتۈن مەيدان مىسلىسىز دەرىجىدە لەرزىگە كەلدى. شۇ تاپتا خۇددى پۈتۈن ئەنجان شەھىرىمۇ تەۋرەپ كەتكەندەك بولدى.
زامان ئەسلىدىنلا بۇ قېتىم دۆلەت ھالقىپ مۆجىزە ياراتقان ئاتۇشلۇق بۇ نامرات ئىشلەمچى يىگىتنىڭ پىشانىسىگە كۈچتۈڭگۈرلۈك ۋە باتۇرلۇق تامغىسىنى باسقان ئىدى.
ئەنجاننىڭ شەھەر باشلىقى قىزغىن ۋە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلەن ئەمەتكە ئەنجانلىقلارنىڭ قەدەم تونىنى كىيگۈزۈپ بېلىنى شاي بەلباغ بىلەن باغلاپ قويدى.
1935 ـ يىللىرى ئەمەت تىرىكچىلىك كويىدا بىر توپ يۇرتداشلىرى بىلەن يۇرتى ئاتۇشتىن تەۋەككۈل سەپىرىگە ئاتلىنىپ تاغ ئارقىسىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە ئۆز دەۋرىدە كىشىلەر تەرىپىدىن ئاسمان ـ زېمىنى كەڭ يۇرت_ دەپ تەرىپلىنىۋاتقان يۇرت بورتالاغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. قامىتى يوغان ھەم ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئەمەتنى ئۇزۇن ئۆتمەي بورتالالىقلار ئەمەت يوغان، دەپ ئاتايدۇ.
(داۋامى بار)
«بورتالا گېزىتى» 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
مەنبە:بوزقىر مۇنبىرىدىن تىما يوللۇغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۆتكەلدى.