|
|
|
|
كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
5-ئاينىڭ 6–كۈنى مەكىت ناھىيە بازارجەمى يېزا چامغۇرلۇق باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزدى .پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئىكەنلىكى، بۇ بايرامنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەقسىدى ، ئەھمىيىتى ۋە بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىنقى كۈنى مەملىكەت ئىچى سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ دوپپا ھەققىدە يازغان شېئىر ماقالىللىرىنى دىكلامتسىيە قىلىپ ئۆتتى، ھەرقايسى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. پائالىيەت ئاخىرىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا بايراملىق خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
|
|
|
|
|
|