مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2380|ئىنكاس: 27

يىتۈك ئالىم ---- ئىشەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 02:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى
     
                                                (ھېكايە)

    بىر توپ تۈكلۈك ئادەمگە ئوخشايدىغان ،يەنە بىر قارىسا مايمۇنغا ئوخشايدىغان گەپ قىلالايدىغان ھايۋانلار بىر ئىشەكنى ئوتتۇرغا ئېلىۋالغان ئىدى :
__ نىمە بۇ ؟ ھەجەپ غەلىتە ھايۋانكىنا ،توۋا......،قۇيرۇقى باركەن قاراڭلار ،قاراڭلار ،
__ شۇنى دەيمەن ،توۋا....
ئوتتۇردا قالغان ئىشەك تۇيۇقسىز بىر ئىگىز يەرگە چىقتى-دە ،زۇۋانغا كىلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى :
__ ئوھوي ... سىلەر مىنى ھۆرمەتلەڭلار ،__ دېدى ئىشەك  تۆۋەندىكى ھېلىقى غەلىتە ھايۋانلارغا قاراپ ،__ مەن شۇنداق بىر ھايۋانمەنكى ،مىنى سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلار قولىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن ،شۇ زامانلاردا ئىشەك دىسە جىمى كائىناتتىكىلەر تىترەپ ھۆرمەتكە تولاتتى .__ ئىشەك بىر ئاز ئۆزىنى توختىتىۋالدى-دە يەنە تۆۋەندىكى ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرغانلارغا يەنە ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى :
__ مەن بۇرۇنقى دەۋىردە ھازىرقىدەك يالىڭاچ ئىدىم .لىكىن سىلەر ئىنسانلار ئۇنداق ئەمەستىڭلار،كىيىم دىگەن لاتىنى بەدىنىڭلارغا ئارتىپ .چىرايلىق يۈرەتتىڭلار .
__ ئىنسان؟؟؟ بىزنىڭ ئىسمىمىز ئىنسانمۇ ؟ __ ھەيران قېلىپ سورىدى تۆۋەندىكىلەر .
__ شۇنداق  ،دىققەت ،بۇ مىنىڭ ئەجدادىمدىن تارقىلىپ كەلگەن مەخپى سۆزلەر ،سىلەرگە بۈگۈن ئاشكارا قىلاي . سىلەر ئىنسانلار ئاستا-ئاستا ماڭا چوقۇندۇڭلار ، مەن پەقەتلا بىر  بىلىمگە چوقۇناتتىم ،لىكىن سىلەر ئېغزىڭلاردا     «بىلىم ، ئىتقاد» دەپ قويۇپ  ئەمەليەتتە بىزدەك ھايۋانلارنى دورىدىڭلار ، دەسلەپتە مەن سىلەرنى توستۇم ،لىكىن سىلەرچۇ؟  مەن ھەيران قالدىم ،سىلەر خۇددى مىنىڭ سۈيدۈكۈمگە ئوخشايدىغان ھاراق ئىسىملىك بىر نىمىنى ئىچتىڭلار، بالىلار ئالدىدا ئاتىلار ئاستا -ئاستا قىممىتڭلارنى ،ھۆرمىتىڭلارنى يوقاتتى ،ئانىلار خۇددى بىزنىڭ چىشى ھايۋانلىرىمىزدەك سىرتتا باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە بولدى .قىزلار  ،ئوغۇللار مۇ ئاتا-ئانىلاردىن نۇرغۇن ھايۋانى قىلىقلارنى   ئۈگەندى ،نۇرغۇن يىللار مابەينىدە كىيىمىڭلارنى ئاستا-ئاستا  ئازلاتتىڭلار  ، يوقاتتىڭلار ،  يالىڭاچلىنىپ سىلەرگىمۇ تۈك چىقتى ،شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدىڭلار ،مانا بۇ سىلەرنىڭ تارىخىڭلار .ئاڭلىسام سىلەر ئىنسانلاردا نۇمۇس ،ھايا دەپ نەرسە بار ئىكەن .__ ئىشەك دەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ،غۇلۇغۇلا باشلاندى .
__ نۇمۇس ؟؟؟ ھايا ؟؟ نىمە گەپتۇ بۇ ؟
__ بىلمەيمەن جۇمۇ دادام ئانام بۇگەپنى ماڭا دىمىگەن ،
__ شۇنداق، ئويۇنچۇقمۇ يا ؟
ئىشەك ئۆزىنى  سىلكىۋىتىپ  ،بۇرۇنلىرىنى قېقىۋىتىپ يەنە تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى :
__ تېنىچ!!!!  مەن گەپ قىلىۋاتىمەن ،گەپ قىستۇرماڭلار ،
    باشقىلار جىم بولۇشتى .
__ شۇنىڭدىن كىيىن سىلەر  كىيىمنى سالدىڭلار  ،مىېنى دوراشنى ئاستا -ئاستا «مودا»دەپ قارىدىڭلار .ئەلۋەتتە ،مىنى دوراشمۇ ئاسانغا چۈشمىدى ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە شۇ نۇمۇس ،ھايا ،ئىتقاد ،بىلىم دىگەندەكلەرنى دەپ يۈرۈپ ،كوچىلاردا سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلارغا تەربىيە قىلدى .ئەجدادىڭلار  ماقۇل دېدى -يۇ شۇلارنى ئۆچ كۆردى .شۇڭلاشقا ئۇ تەربىيەچىلەر كىيىنچە دۈشمەن دەپ قارىلىپ ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىلدى ، ئۇلار باشقا  يىراق بىر يەردە ئۆز ئىتقادى بىلەن ،شۇ كىيىملرى بىلەن ياشاۋاتىدۇ . ئۇلار مېنى يىتۈك ئالىم دەپ تونۇيدۇ ،شۇڭا مېنى يىتۈك ئالىم ئىشەك دەيدۇ .__ دەپ بولۇپ ئىشەك گىدىيىپ تۇردى .
    چاۋاكلار چېلىندى ،ئۇلار ئىشەكنىڭ بۇنچە بىلىملىك ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشتى .
__ شۇڭا سىلەرمۇ مېنى  يىتۈك ئالىم دەڭلار ،__ دېدى ئىشەك .
   پەستە ئاۋازلار ئاڭلاندى .
__ يىتۈك ئالىم  ،يىتۈك ئالىم  .....
__ ھاھاھاھا........
__ كىمۇ كۈلگەن ؟ قاپ يۈرەك __ ئىشەك غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى .
  بىر  خېلى جۇغى بار كۈچۈك  ئىدى .ئۇ قورساقلىرىنى تۇتۇپ راسا كۈلىۋاتاتتى ،
__ ھەي مەينەت، يالغانچى  ئىشەك ،سەن تېخى ئۆزەڭنى يىتۈك ئالىم  دەۋاتامسەن ؟ مۇشۇ ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگشكەنلىكى  ،راھەتپەرەسلىكى ،ساختا ئىتقادلىق ،  ھورۇن  بولغانلىقى  ئۈچۈن  ئاستا-ئاستا  ھايۋانلارنى دوراپ  خۇددى سەن ئىشەكتەك   كاللىسى ئىشلىمەس بولۇپ ،ئاخىرى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە يىتىپتۇ .يىتۈك ئالىم دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟ ئۇنىڭدا بىلىم ،ئەقىل ،ئەخلاق پەزىلەت دىگەن كىشىنى قايىل قىلارلىق بولىدۇ ،سەن مۇشۇنداق بىلجىرلىساڭ ،مۇشۇنداق دۆت كىشىلەرگىلا ئالىم بولىسەن   ....
__ تۇتۇڭلار بۇنى ،ئۆلتۈرۋىتىڭلار ...__ ئىشەك غەزەپ بىلەن كۈچۈكنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا  ۋارقىرىدى .
__ مەن بۇيەردە باغلاپ قويساڭمۇ تۇرمايمەن ،بەرىبىر بۇلار دەك ئىنسانلىقىنى يوقاتقانلار ماڭا ۋاپا قىلمايدۇ ، ماڭا بۇ يەرنىڭ ئىسىل ئوردىسىدا ياشىغاندىن ئاشۇ  ئىتقادلىق ،ئىنسانلىقىنى يوقاتمىغان كىشىلەرنىڭ كوچىللىرىدا خۇشال  ياشىغىنىم  ياخشى ،مەن ئۇلارنى ئىزدەپ تاپىمەن ياخشى تەربىيلەنگەن ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشايمەن  .__ دېدى كۈچۈك چاققانلىق بىلەن كىشىلەر توپىدىن چىقىپ يۈگۈرۈپ قېچىۋېتىپ  .
    ئۇلار كۈچۈككە يىتەلمىدى .
    ئىشەك  قولدىن قولغا  ئېلىنىپ كۆتۈرۈلدى ،تاج تاقالدى .ئۇ شۇنداق خۇشال ئىدى ....
   __ يىتۈك  ئالىم ،ئالىم  ........
  يېراقتا تۇرغان ئىككىسى  بىر بىرگە قاراپ گەپ قىلىۋاتاتتى :
__ ئاۋۇ ئىشەك دىگىنى ئۆزىنى يىتۈك ئالىم  دەيدۇ ،يىمەكلىك قالمىسا يەۋىتەرمىز ، ھازىرچە  «ئالىم »دەپ قويۇپ ئۇلار ئىشەكنى  مۇشۇنداق تۇتۇپ تۇرسۇن  .
  __ يىتۈك ئالىم ،ئالىم  .....

                                                                                     2013.05.07 (تىيەنجىن ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 05:37 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆكۈما + 213 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 213   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2869
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3034
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2506 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 09:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىق مۇقامىغا يەتسىمۇ ئىشەك                                                                               ئىشەكتۇر ئىشەك بەرىبىر ئىشەك                                                                                شۇ ئاددى  پىلە قۇرتىغا باق                                                                                               يەپ ئاددى يۇپۇرماق بېرىدۇ يىپەك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 10:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93643
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 10:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەندى-نەسىھەت خاراكتىرى ھەجۋىي تۈس بىلەن تولىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلىنىپتۇ...تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!!!!!

ئەڭ پەسكەشلىك،نامەردلىك-باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە خۇشاللىققا ئېرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 09:51 PM
ئالىملىق مۇقامىغا يەتسىمۇ ئىشەك                                          ...

ئالتۇن ھەل يالاتساڭمۇ كىسەكتۇر كىسەك ،
گەر ھالۋا يىدۈرسەڭمۇ تىزەكلۇر ئېشەك .
كۈرۈمسىز ئاددى شۇ  پىلە قۇرتىغا باق ،
يەپ ئاددى يوپۇرماق ، بىرىدۇ يىپەك .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 842
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز بەك كۈچلۈككەن ،  يىڭى-يىڭى تىمىلارنى يوللاپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93879
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-3-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:09:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما بوپتۇ ،ھازىرقى دەۋىرگە ماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:27:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن يۇرۇتۇپ بىرىپسىز

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:27:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن يۇرۇتۇپ بىرىپسىز

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 01:31:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن.... ياخشى يېزىلىپتۇ.....  

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:13:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبىخ قامچىلاپسىز

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش