ئەي دېھقىنىم ، يەرلىرىڭنى تاشلىما !
خاسىيەت ئابلىمىت
ئادەم بۇلۇپ چاڭگال توپا لەھزىدىن ،
ئۇزاق زامان بولدى بىزلەر پۈتكىلى .
رەڭدار قۇيۇن قارىچۇقلارنى تىندۇرسا -
ئادەملىكنىڭ ئىپتىداسى يۈتكىنى .
تەكلىماكان مىسكىن كۈلگەن ئاشۇ چاغ،
كارۋان ئىدى قۇم بەھرىگە چۆككىنى .
كۆك دېڭىزنىڭ كۆزلىرىگە تۇتىيا -
چوڭ بۇغۇزدىن ئاتلىق چېپىپ ئۆتكىنى .
سىنە ياققان كەڭ زىمىننىڭ باغرىغا ،
ئەركخۇمار ئەلنىڭ بەگدەك ئۆتكىنى .
كەچسە چىمدىم توپىسىدىن بىخەستە -
كۆزىدەدۇر پەسلى زاۋال ئۆتكىلى .
قاڭقىپ چىقتى تالاي سەھرا بالىسى ،
لاي سۇ كېچىپ ، شورا ئاتلاپ ئۆسكىنى .
سېغىنىدۇ توغراق ھىدى ، جاڭگالنى ،
چىتلاق ئۈچۈن چۆلدە يۇلغۇن كەسكىنى .
تاش شەھەرنىڭ قاتتىقلىقى...بولدى بەس،
لەزىز ئىدى توپا كىچىپ يۈرگىنى .
باغچىلارغا قىستىلىشىش نەھاجەت ؟
كۆزگەئارام - چەكسىز دالا كۆرگىنى .
ساپ ھاۋاغا ، ساپ نىمەتكە ئاشنابىز ،
بەخىتلىكتۇر ھالاللىققا چۆمگىنى.
ئۆزدېنىنى ، ئۆز نېنىنى يىمىگەن ،
قاراپ تۇرۇپ تىرىكلىكنى كۆمگىنى .
"يەر دىگەن جان ، يەر دىگەن نان "- شۇئارى ،
ئەركەك قەۋم ، دىگىنىدۇر - دىگىنى .
تاشمۇ چۈشكەن ئۆز يىرىدە ئەزىزدۇر ،
يۇرتقا ئاسىي - ئۆز پوقىنى يىگىنى .
ئەي دىېھقىنىم ، يەرلىرىڭنى تاشلىما ،
تەرلا ئەمەس ، كىندىك قېنىڭ ئاققىنى !
يەرگە خان سەن ، ھەتتا يۇرتنىڭ سەردارى ،
كام ئەقىلدۇر - يېرىدىن پەش قاققىنى ....
مەنبە :گۈلجاھان قەلىمى
2013-يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-8 02:34 PM