ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى ،بۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بۈيۈك شەرەپ .
ئەمما يىقىنقى 10نەچچە يىل مابەينىدىكى مائارىپىمىزنىڭ ئەبجەشلىشىپ كىتىشى تەرىقىسىدە ،ئوقۇتقۇچىللىرىمىز ئارسىدا بەزى تەتۈر ئىقىم ۋە بۇ تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىللىرىمزدىكى روھى بىسىم كۈنسىرى ئىغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ .ئەڭ خەتەرلىك يىرى شۇكى مائارىپتىكى ئۇرۇنسىز ئىشلار ۋە خاتا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بارغانسىرى مائارىپ تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدا خىزمەتتىن قىيداش، زارلىنىش، ئاكتىپچانلىقى سۇسلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە .بۇلارنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولدۇ .يەنە بىر قىسىم مائارىپ سىپىدىكىلەر ئەكىسچە بۇلارنى خوشامەت يۇغۇرۇلغان گەپلىرى بىلەن قارىغۇلارچە تەنقىدلەۋاتىدۇ.
مائارىپنىڭ كونكىرىت ئىجراچىللىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كىلۋاتقان خىرىس بىلىم سەۋىيە جەھەتتىكى تەھدىت بولۇپلا قالماي ،ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى روھى جەھەتتىكى بىسىم ۋەتەھدىت ئىكەنلىگىنى ،بەلكىم ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار بەكرەك چۈشەنسە كىرەك. مىنىڭچە بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرىمىز باشقىلارغا ،يەنە باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا بىلىمسىز ئەمەس.
ساپا مائارىپى ،يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى،قوش تىل مائارىپى ،دىگەنلەر بىرنى چۈشۈنۈپ بولغىچە بىرى قوشۇلۇپ مائارىپىمىزنى قايمۇقتۇرىۋەتتى .تا بۈگۈنگىچە ماۋۇ مۇنداق بولدۇ دەپ تىخى ئىنىق جاۋاپ بىرەلىگىنىمىز يوق ھەممىسى سۇنئىي نەزىريە خالاس.
ئۇنداق ئەمەسمۇ؟!ئارىمىزدا قانچىلىك ئادەم خوشامەت تۇيغۇسىدىن مۇستەسنا ھالدا بۇلارغا قانائەتلىنەرلىك چۈشەنچە بىرەلەيدۇ؟
ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ،ئەگەر سىز مىللىتىڭىزنى ھەقىقى سۆيسىڭىز ،ئەگەر سىز بىر ۋىجدانلىق ئادەم بولسىڭىز ،شۇنداقلا ۋىجدان دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلسىڭىز تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تەبىئىي ئوي پىكىرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆمرىڭىزدە بىر قىتىم بولسىمۇ سەمىمىي جاۋاپ بىرىپ بىقىڭ.
1.بۇ ياشقىچە قانچە پارچە كىتاپ ئوقۇپ باقتىڭىز؟ئاددىي بولسىمۇ ،ئىلان قىلىنمىسمۇ بىرەر پارچە كىتاپ يىزىپ باقتىڭىزمۇ؟
2.ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ قالغاندا يانداپ ئۆتۈپ كەتتىڭىزمۇ ياكى ئاجىرتىپ قويدىڭىزمۇ؟ئاتا-ئانىلاردىن دەشنام ئىشىتتىپ باققانمۇ؟
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگىننى كۆرگەن ئاڭلىغىنىڭىزدا قانداق ئىنكاستا بولدىڭىز؟
4.ئوقۇغۇچىللىرىڭىزغا كۆيۈنسىڭىز ،ئەكىسچە خەق ئۈستىڭىزدىن بولمىغۇر سۆز چۆچەكلەرنى تارقاتقاندا قانداق قىلدىڭىز؟
5.مەكتەپتە تايىنى يوق ،ئەمەلىي ئوقۇ -ئوقۇتۇشقا پايدىسىز ئىشلارنى كۆرگەندە ھىس قىلغىنىڭىزدا بىرەر ئىغىز پىكىر بىرىپ باقتىڭىزمۇ؟
6.ئايخان ئانا،نۇرخان ،مەمەتئەلى ئەپەندى دىگەن كىشلەرنى ،ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىلەمسىز؟
7.ساختا مۇكاپاتلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
8.خىزمەتتىن قاقشاپ بىرەر قىتىم ھەقىقىي يىغلاپ باقتىڭىزمۇ؟
9.مائاشىڭىزدىن رازىمۇسىز؟
10.مائاشىڭىزغا لايىق ئىشلىيەلىدىڭىزمۇ؟
11.مائاشىڭىزنى تولۇق ئالالماي ياكى كىچىكىپ ئىلىپ باشقىلاردىن پۇل سوراپ قەرىزدار بولۇپ باققانمۇ؟
12.ئاتا -ئانىڭىزنى بىر ئايدا قانچە قىتىم يوقلىيالايسىز؟
13.قەرىز بىجىرمەي ياكى قەرىز ئالماي ئۆيلىنەلىدىڭىزمۇ؟ئۆي ئالالىدىڭزمۇ؟
14. بىرەر قىتىم مەنزىرلىك جايلارغا ساياھەتكە چىقالىدىڭزمۇ؟
15.ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى،ئەمگەك قانۇنى،مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى قاتارلىق قانۇن نىزاملارنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟بۇلارغا خىلاپ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئامالسىز قالغاندا ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھىس قىلدىڭىز؟
16.يىراق يىزا قىشلاقتا ئىشلىگەننىڭ تەمىنى تىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
17. كونا ئوقۇغۇچىللىرىڭىز ئاۋال سىزدىن تىنچلىق سۇرامدۇ ياكى .ئاۋۋال سىزمۇ؟
18.مەكتەپ مۇدىرى بولغان ياخشىمۇ ؟ئوقۇتقۇچىمۇ؟
19.بىرەر قىتىم يالغان كۈلۈپ باقتىڭىزمۇ ؟تەمى قانداق بولدىكەن؟
20.سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ باقتىڭىزمۇ؟
قەدىرلىك ئوقۇتقۇچى ،ئەگەر سىز بۇ مەسىللەرگە يولۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىز ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرمىگەن بولسىڭىز سىز ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنژىنىرىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلىمغان بولسىز.دەرھال پوزىتسىيڭىزنى توغۇرلاڭ .تۇرمۇشتىكى بەزى دىشۋارچىلىقلارنى دەپ .ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ .
مەنبە"تۈمەن