مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3305|ئىنكاس: 24

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيەت ھەققىدە:

جەمئىيەتنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» بولۇپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەقسىدى ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دىنى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەركەز 2001-يىلى غەيرى رەسمى ھالدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2011 -يىلىغا قەدەر خەلقىمىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ئەقىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، سىيرەت، پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق60 قا يېقىن كىتاب ۋە كىتابچىلارنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئاۋازلىق تەبلىغ لېنتىلىرىنى تەييارلىغان. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى نەشرىياتلاردا بېسىپ تارقىتىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلغان.
مەركەز 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ھالدا « قۇتادغۇبىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دېگەن نام بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر جەمئىيەت بولۇپ قۇرۇلغان.
جەمئىيەت « قۇتادغۇبىلىك تەرجىمە مەركىزى»، « قۇتادغۇبىلىك سىتۇدىيىسى» ۋە « قۇتادغۇبىلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دىن ئىبارەت ئۈچ مەركەردىن تەشكىل تاپقان.

قۇتادغۇبىلىك تەرجىمە مەركىزى

بۇ مەركەز ئىلگىرى قىلغان خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەرجىمە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

(1)- ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ماتېرىياللارنى قايتىدىن تەھرىرلەپ تۈزىتىدۇ.

(2)- نۇقتىلىق ھالدا ئىلگىرى قىلىنمىغان تېمىلارنى تاللاپ تەرجىمە قىلىدۇ
.
(3)- شارائىت ھازىرلانغاندا بىر پەسىللىك ژورنال تەسىس قىلىنىدۇ. ژورنالنىڭ مەقسىتى :ئائىلىلەرنى دىنى جەھەتتىن نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ۋە قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

قۇتادغۇبىلىك سىتۇدىيىسى

ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاپ ئۆلچەملىك بىر ئۈن-سىن تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.

(1)-ئەقىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە سىيرەت قاتارلىق ئىسلامى ساھەلەردە تەبلىغ شەكلىنى ئالغان يۈرۈشلەشكەن ئاۋازلىق دەرسلەر تەييارلىنىدۇ.

(2)- ھەر خىل تېمىلاردا تەبلىغ لېنتىلىرى ھازىرلىنىدۇ.

(3)- ساغلام كىنو – فىلىم ۋە قونچاق فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىدۇ.

قۇتادغۇبىلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزى

نىشانى:

(1)- ياتاق تۈزۈمىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىنىي ۋە پەننى ساھەلەردە يېتىشكەن، دىنىنى ۋە خەلقىنى سۆيىدىغان، ھەرخىل كەسىپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن، ئۆلچەملىك ئىسلام دەۋەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.

(2)- بالىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەتىجىسى ۋە قىزىقىشىغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىش.

(3)- شارائىت يار بەرسە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تاكى ئاخىرغىچە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.

ئورنى:
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇۋاپىق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

تەلىم-تەربىيە پروگراممىسى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەتتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام ھەر قانداق ئۇيغۇر پەرزەنتى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ رەسمىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەركىزىمىزنىڭ ياتاق بىناسىدا مەكتەپ دەرسنى مۇزاكىرە قىلغاندىن سىرىت دىنى ۋە ئەخلاقى بىلىملەر ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئوقۇتۇلىدىغان تۈرلەر:

1- قۇرئان كەرىم ۋە تەجۋىد ( يىلدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر پارە قۇرئان تەجۋىد بىلەن يادقا ئالدۇرۇش)، ھەر يىلى 40 ھەدىس تەرجىمىسى بىلەن يادقا ئالدۇرۇش، ئەقىدە، فىقھى، سىيرەت، ئەخلاق، تارىخ قاتارلىق بارلىق دىننى بىلىملەردىن ئومۇمىي ساۋات ئۆگىتىلىدۇ.دەۋەت قىلىش ئۇسلۇبى ۋە نەق مەيدان دەۋەت قىلىش پىراكتىكىسى ئۆگىتىلىدۇ.(شەرىئەت ئىلىمىدا مەخسۇس تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىتىش بىلەن بىرگە تولۇق ئوتتۇرا تاماملانغۇچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئەرەبچىسى ۋە دىنىي سەۋىيىسى ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر قانداق ئونىۋېرسىتىتنىڭ پاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇيالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكۈزۈلىدۇ).

2- ئۇيغۇر تىلى ئېلىبەسى، ئۇيغۇر يېزىقچىلىق قىلىش بىلىملىرىدىن ساۋاتلار، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىيە سۆزلەش مەشىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىن ساۋاتلار.

3 - تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى جەمئىيەت كەسپى خادىملاردىن كومىتېت قۇرۇپ تاللايدۇ.

ئىجتىمائى پاراۋانلىق:

ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بېرىدىغان ئائىلىلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئوقۇتۇش خىراجىتى ئېلىنىدۇ. يېتىم بالىلار ۋە كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ چىقىمىنى جەمئىيەت مەسئۇللىرى خەيرى-ئېھسان قىلغۇچىلاردىن يىغىپ تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ.


ئەسلى مەنبە: قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى


تور بەت ئادرىسى : http://www.kutadgubilik.com

قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھان00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 10:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33849
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5315
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4283 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 04:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن....

جۇمەنىڭ نامىزىغا كەلگەن جامائەت بامدات نامىزىغا كەلگەن چاغدا ئۇيغۇرۇم ھەقىقىي تۇزىلىدۇ!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 05:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94457
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 05:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىسىت سېنىڭ ئۆمرۈڭگە

ئۈمىدۋار بول،تەڭشىلىدىغان جاھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6671
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8351
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 05:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئىشكەن،ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن

بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 05:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن

دوسلار يا خشڭمۇ

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23296
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6481
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 05:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال قالدۇرماسلىقنى قارار قىلدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 06:04:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 05:57 PM
ياخشى ئورۇن ئىكەن. لىكىن تونۇشتۇرۇشتا باشلىمىنى ياخشى  ...

بۇ ماقالىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئالدىم، تەھرىرلىمىدىم قېرىندىشىم، ئاستىدا مەزكۈر جەمىيەتنىڭ تور ئادرىسى بار،سىز كىرىپ شۇلارغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 06:32:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقىپ ئوقۇغۇسى بار ئادەم، ھەرگىزمۇ غۇدۇراپ يۈرمەيدۇ، اللە ئۇلارغا چىقىش يولى بېرىدۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز مۇسۇلمانلار دىيارىغا چىقىپ دىنىي تەلىم ئېلىۋاتمامدۇ، بۇر مەركەز دەل ئاشۇنداق ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىسلامىي ئىلىم ئالغان قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ بىزگە تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان كىتاپلىرى خېلى كۆپ، دىنىي كىتاپلارنى ئوقۇپ تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ مەركەز تونۇشلۇق ھەم بەك يېقىملىق تۇيۇلىدۇ،  كۈندە ئىنكاس يېزىپ، پۇتاق چىقىرىپ كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكەزگەننىڭ ئورنىغا، مۇنبەردىكى مەزمۇنلاردىن  لايىقىدا پايدىلانغان ئەۋزەل، ھېلىمۇ بۇ مۇنبەردىن ياخشى كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئايرىلىۋاتىدۇ،   پەقەت ئەقىلسىز ئادەملا ئۆزى قىلالمىغاننى باشقىلارمۇ قىلالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ،  ئەمىلىيەتتە بۇ، ئاجىزلىقنى كۆپچىلىككە نىسپەت بېرىش ئارقىلىق،  ئۆزىنى ئاقلاشتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1183 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 06:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزلەرنىڭ ئىشىڭلاردىن مەنمۇ قاتتىق تەسىرلەندىم،ئەمدى بەك چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ مۇشۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا قىزىقىمەن،شۇڭا سىزلەرنىڭ بۇ تىمىڭىزنى شۇنداق سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم،ئەمدى سىزلەرگە بىر پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام ئاڭلاپ باققان بولساڭلار.
مۇشۇ ئانا دىيارىمىزدىكى تىل يېزىق كومىتىتىدىكىلەر قىلىپ بولالمىغان سۆزلۈك ياساش ئىشلىرىنى سىزلەرنىڭ قىلىپ بېقىشىڭلىنى ئويلاپ قالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش