مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2238|ئىنكاس: 17

مەن خىزمەتنى شۇنداق تاپتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5684
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن خىزمەتنى شۇنداق تاپتىم

رىقابەتكۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىكۈندە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە ئالىمەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ياشلارئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا، ئۆزى نانتېپىپ يېگۈدەك بىرەر خىزمەت تېپىشتۇر

ھازىرقىئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا ئادەتتىكىئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ۋەپۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمىداۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش، ھەر تۈرلۈكئىمتىھان ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشيىغىنلىرى ئارقىلىق تۆمۈر تاۋاققائېرىشىش، ئۆزلىرى خىزمەت قىلىشنىخالىمايدىغان مەلۇم بىر ئورگاندا ۋاقىتلىقئىشلەپ تۇرۇپ، كېىنچە پۇرسەت تېپىپ ئۆزىياقتۇرىدىغان تۆمۈر تاۋاقلىق كەسىپكەئېرىشىش، ئىچكىرىدىكى ئىككى يىللىق''تەربىيەلەش''كەئاۋاز قوشۇپ، يۇرتىغا قايتىپ خىزمەتقىلىش، مەلۇم كارخانىلاردا ئىشلەپ ئۆزىنىتەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆزى تىجارەت قىلىش،ئاتا-ئانىسىنىڭتىجارىتىگە ياردەملىشىش ياكى ۋارىسلىققىلىش، ئائىلىدە ئولتۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭتاپقىنىغا شېرىك بولۇش قاتارلىق يوللارنىتاللىماقتا.

مەنبۇ تېمامدا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىشجەريانىم، ئالىي مەكتەپكە بېرىشىم،خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىشجەريانىم، شۇ جەريانلاردا ئويلىغانلىرىمتوغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمەن، بۇ تېمامنىيېزىشتىن مەخسەت ئۆزۈمنى قانداقتۇريۇقىرى ئورۇنغا قويۇش ئەمەس بەلكىياشلىرىمىزدىكى بەزى روھىي بېسملارنىئازىراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشىگە ياردەمبېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

بىرىنچى:ئوقۇشھاياتىم

مەنئۆزۈم يېزىدا چوڭ بولغان بولغاچقا، يەسلىدەيدىغان نەرسىنى بىلمەيتىم، مەن باشلانغۇچمەكتەپكە كىرگەن چاغلاردا يېرىمىنچىسىنىپ دەيدىغان، تەييارلىق سىنىپ تۈسىنىئالغان سىنپلار ئېچىلغان بولۇپ، مەن ئۇسىنىپقىمۇ نائىل بولالمىغان ئىدىم،مەكتەپكە كىرگەن يىلى كۈزدە مەكتەپتەئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغان بولۇپ،چىشى چۈشكەن بالىلار بولسىلا مەكتەپكەقوبۇل قىلاتتى، مۇدىر چىشىمغا قاراپلا،بىر دەپتەرگە ئىسمىمنى يېزىپ قويدى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدىم،سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭبويلىرى خېلى ئېگىز بولۇپ، يەنە بەزىبالىلار ئونۇندۇقتا ئولتۇرالماي، ئۈستەلگەئۈسسۈپ بۇرنىنى قانىتىۋالاتتى، بەزىلىرىيېشىڭ كىچىك ئىكەن دېگەن بىر ئېغىز سۆزبىلەن مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلەتتى، لېكىنمەن ئوقۇغان سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىخېلى ياخشى بولۇپ، ھەممىمىز ئېلىپبەنىتۈگىتىپ ساۋادىمىزنى چىقاردۇق، مەنمۇخەتلەرنى راۋان ئوقۇيالايدىغان ، ئەينىچاغدىكى سەككىزگىچىلا سانىيالايدىغانھالەتتىن مىڭغىچە سانلارنى سانىيالايدىغان،يۈز ئىچىدىكى سانلارنى ئېلىپ قوشالايدىغانھالەتكە كەلدىم، ئۇ چاغلاردا مەن ھەممىدىنرەسىم دەرسىگە ئامراق ئىدىم، بىراق بۇدەرس داۋاملىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزتەرىپىدىن ئىگەللىنىۋالاتتى.باشلانغۇچتائوقۇۋاتقان چاغلاردا مەن تاپشۇرۇقئىشلەشكە ئەڭ ئۆچ، مەكتەپ ئالدىدىكىرېمۇنتخانىلاردا ماشىنا رېمۇنت قىلغاننىكۆرۈشكە ئەڭ ئامراق بولۇپ، تاپشۇرۇقئىشلەنمىگەچكە كۈندە تاياق يەيتىم،شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ باشلانغۇچنىماتېماتىكىدىن كەررىنى تولۇق بىلمەي،خەنزۇتىلىدىن بارلىق پىنيىننى ۋە يىگىرمەيەتتە بىخۇانى تولۇق، ئۇيغۇرچىنى تولۇقئوقۇيالايدىغان ھالەتتە تولۇقسىزغاكۆچتۈم، تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمىدە تىرىشىپ خەنزۇچىنىئۆگىنىپ، شۇ مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا مەكتەپبويىنچە بىرىنچى بولدۇم، ئەرەپچىنى ئۆزۈمئۆگىنىپ ئەرەپچە ساۋادىمنى چىقاردىم،ئۈچىنچى قارارلىق ''شىنجاڭسىنىپى‘غا ئىمتىھان بېرىپ، ماتېماتىكانومۇرۇم ئون ئالتە نومۇر كەملەپ،يۇرتىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇدۇم،تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ، ئالىيمەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ ماتېماتىكىدىنيىگىرمە بىر نومۇر ئېلىپ، ئالىي مەكتەپكەئۆتەلمىدىم، يەنە مەيۈسلەنمەي قايتا بىريىل ئوقۇپ ماتېماتىكىدا ئون بەش نومۇرغائېرىشىپ، يەنە قايتا ئوقۇدۇم ۋە بار.كۈچۈمبىلەن ماتېماتىكا ئۆگىنىپ، ئۈچىنچىقېتىمدا ئالىي مەكتەپكە باردىم

ئالىيمەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئارزۇيۇمدىكىفىزىكا كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش، رۇس تىلىنىپۇختا ئۆگىنىش نىشانىنى تىكلىدىم، ئالىيمەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا، ئەمەلىيشارائىتقا ئاساسەن قازاقچىنى ئۆگەندىم،بىر يىل تەييارلىق ئوقۇدۇم، كەسىپكەچىققاندىن كېيىن توقسان پىرسەنت ئىمتىھاندىنئۆتۈپ ئوقۇدۇم، ھەر مەۋسۈمدە بىر ئىككىپەندىن ئۆتەلمەيتىم، ئۇندىن باشقا شېئىريازدىم، مەكتەپ ئۇيغۇر گېزىتى تەھرىربۆلۈمىدە تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇقخىزمىتىنى ئشلىدىم، بەزى كېچىلىرىمەكتەپتىن يالغۇز چىقىپ كېتىپ، شەھەرئەتراپىنىڭ كېچە مەنزىرىسىنى تاماششاقىلدىم، بەزىدە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىنكىتاپ ئارىيەتكە ئېلىپ، ئاخشاملىرىمەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كېتىپ كىتاپ ئوقۇدۇم،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئەللىكپارچىغا يېقىپ ھەر تۈرلۈك مەزمۇندىكىكىتاپنى تۈگەنتتىم، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمنىياخشىلاش ئۈچۈن ئۇششاق تىجارەت قىلدىم،قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىدىم، ئائىلەئوقۇتقۇچىلىقى قىلدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكىئەڭ ماس كېلىدىغىنى يەنىلا ئائىلەئوقۇتقۇچىلىقى ئىكەن، شۇنداق قىلىپئۆتكەن يىلى يازدا ئالىي مەكتەپنىتاماملىدىم.

ئىككىنچى:ئالىيمەكتەپتە تۇغۇلغان ئويلار

مەنتۇنجى بولۇپ ئوقۇغان ئەڭ ئۇزۇن كىتاپ''قىسسەسۇلئەنبىيا''بولۇپ،مەن ئادەم بولۇشنى شۇ كىتاپتىكى شەخىسلەر،ۋەقە-ھادىسىلەردىنۋە كېيىنچە ئوقۇغان خەلق داستانلرىدىنئۆگەنگەن بولغاچقا ، بىر قىسىم مەكتەپباشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار،ساۋاقداشلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىماڭا تازا يېقىپ كەتمىدى، لېكىن ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئۆزىجاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكەئۆزۈم ئويلىغانچە ياشاپ، ئۆزۈم ئويلىغانچەئوقۇدۇم، ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدەچوڭ بولغاچقا ئوقۇتقۇچىنى قاتتىق ھۆرمەتقىلىپ، ھەر بىر ئىشتا ئۇلارنى رازى قىلىشقاتىرىشتىم، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكىخىزمەت مەسىلىسى توغرىسىدا بەك جىددىيلىشىپكەتمەي، بىر قانچە خىل ئوخشىمىغانپىلانلارنى تۈزۈپ قويۇپ، شۇ پىلانىمبويىنچە تەييارلىق قىلىپ قويدۇم، ئوقۇشپۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولۇش، ئىمتىھاندىنئۆتەلمەي قالسام تاكسى ھەيدەش، تاكسىسېتىۋېلىشقا پۇل تاپالمىسام مارۇژناسېتىش، ئۇنىمۇ قىلالمىسام قۇرۇلۇشلارداقارا ئىش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئالىيمەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىدا شوپۇرلۇقپراۋىسى ئالدىم، يەرلىك ساۋاقداشلاردىنماروژنا ياساشنى ئۆگەندىم، يىلدا ئىككىئۈچ قېتىملىق يۇرتداشلار يىغىلىشىدىنباشقا ۋاقىتلاردا رېستۇران، ناخشىخانا،تانسىخانا، مەيخانا دېگەن جايلارغا بېرىپباقمىدىم، ھەر تۈرلۈك ئىدىيىۋىتەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلەپ، ئاتا-ئانامنىڭدۇئاسى ئۈچۈن ياشاپ ئالىي مەكتەپنىتاماملىدىم.

ئۈچىنچى:خىزمەتئۈچۈن ئىمتىھان بېرىش

ئۆتكەنيىلى ئەتىيازدا ئاساسىي قاتلام مەمۇرلۇقئىمتىھانىغا تىزىملاتتىم، ناھىيىمىزگەقوبۇل قىلىدىغان، مېنىڭ ئوقۇغان كەسپىمنىتىزىملىتىشقا بولىدىغان، كەسپىچەكلەنمەيدىغان ئىككى ئورۇنغا ئۈچ ئادەمقوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بىر ئادەم قوبۇلقىلىدىغان ئورۇنغا تىزىملاتتىم، ئىمتىھانغائاز قالغاندا قارىسام بىر يۈز قىرىق بىرئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، رىقابەتنىڭھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئاندىنھېس قىلدىم، لېكىن بەك جىددىيلىشىپكەتمىدىم، بەشىنچى ئايدا ساۋاقداشلاردىنسۈپەت تېخىنىكا نازارەت سېستىمىسىنىڭكەسپىي شىتات ئىمتىھانىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنىئاڭلاپ، بۇنىڭغىمۇ تىزىملاتتىم ۋەئالتىنچى ئايدا پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغابېرىپ يېزىقچە ئىمتىھانىغا قاتناشتىم،مەكتەپتە تۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرا ئالاھىدەشىتات ئىمتىھانى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقئىمتىھانىغۇمۇ تىزىملاتتىم ۋە يەتتىنچىئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېزىقچە ئىمتىھانىنىئۇخلاپ ئولتۇرۇپ بەردىم(بۇۋاقىت دەل ئىلى ئوبلاستى بىلەن بايىنغۇلىنئوبلاستى پاسىلىدا يەر تەۋرىگەن ۋاقىتبولۇپ، كېچىچە پەقەت بىر سائەتلا ئۇخلىغانئىدىم(

ئاساسىيقاتلام مەمۇرلۇق ئىمتىھان نەتىجىسىئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى، چىققان بولۇپ،ئىمتىھاندىن بىرنىچى بولۇپ ئۆتۈپتىمەن،سەكرەپ كەتتىم، يەر ئاستىدىكى ياتىقىمدىن)(يەرئاستىدىكى ياتاقتا ياتسا يېرىم باھا پۇلئالاتتى، شۇڭا يەر ئاستى ياتاقنى ئىلتىماسقىلىپ شۇ يەرگە كىرىۋالغان(يۈگۈرگەنچەيەنە بىر سىرداش دوستۇمغا بۇ خۇش خەۋەرنىيەتكۈزدۈم ۋە دادامغا تېلىفۇن قىلدىم.يەتتىنچىئاينىڭ بىرنىچى كۈنى يۇرتقا قايتىش ئۈچۈنئاپتوبۇسقا چىققاندا سۈپەت-تېخىنىكاسېستىمىسىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققانلىقخەۋىرىنى ئاپتوبۇستا تۇرۇپ ئاڭلىدىم ۋەياتاققا تېلىفۇن قىلىپ، دوستلىرىمئارقىلىق نەتىجەمنى ئۇقتۇم، يەنە بىرىنچى.

يەتتىنچىئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى ۋىلايەتلىك ئىدارىغاسالاھىيەت تەكشۈرتۈش ئۈچۈن چاپتىم،ئۆتتى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئۈچۈن باردىم،ئۆتتۈم، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىنمۇئۆتكەن كۈنۈم ئاساسىي قاتلام مەمۇرلۇقنىڭسالاھىيەت تەكشۈرۈشى باشلانغان ئىكەن،گەرچە ۋاز كەچكۈم بولسىمۇ بىراق بۇئىمتىھاندا ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولۇپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كىرگەنلەرنى قورقۇتۇپقويۇش مەقسىتىدە سالاھىيەت تەكشۈرىدىغانمەيدانغا بارلىق ماتېرىياللىرىمنىكوپىيەلەپ بارسام، نەق مەيداندا يەتمىشسوم تۆلەيسەن دەيدۇ، پۇلنى كوپىيەلەپئۆتكۈزگىلى بولمىغاندىن كېيىن ''بەزىماتېرىياللارنى ئۇنتۇپتىمەن، ئەتەكېلەي''دەپقويۇپ ئاستا تىكىۋەتتىم.

ئالاھىدەشىتات ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىدىن گەرچەبىرىنچىلىكنى ئالالمىغان بولساممۇ يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگەئېرىشكەن ئىدىم، ئاتا-ئانامنىڭئارزۇسى بويىنچە بۇلاردىن ۋاز كەچتىم.

تۆتىنچى:خىزمەتتىنكېيىنكى ئويلار

توققۇزىنچىئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ رەسمىيھالدا ناھيىمىزدىكى سۈپەت-تېخىنىكانازارەتچىلىك ئىدارىسىغا ئىشقا چۈشتۈم،دەسلەپكى ئىككى كۈندە يەنە بىر تەڭخىزمەتكە چىققان خىزمەتدىشىم بىلەنئامبار تازىلىدۇق، كەچتە بولسا ئىدارىدىكىلەربىلەن خەلق مەيدانىدا ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇسسۇل ئوينايتتۇق،ئىدارىدا بولسا ئاساسەن ئىش يوق، ئۇخلاپ،مۈگىدەپ ئولتۇراتتۇق، ئالدىراش چاغلاردابولسا كېچى ياكى كۈندۈز، شەنبە يەكشەنبەيوق ئىشلەيتۇق، جىقراق ئىشلەپ قالغانكۈنلەردە باشلىقلىرىمىزنىڭ ھىممىتىدە''زىياپەت''بولۇپ،باشلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ''مۇسۇلمانچە''تاماقخانىلارداشاراپلىناتتۇق.

مەنشۇنداق قىلىپ خىزمەت تاپتىم، ئۆزۈم ئويلاپباقمىغان خىزمەتنى تاپتىم، مۇئاشىمئوتتۇز بەش يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندادامنىڭكىدىن يۇقىرى چىقتى، مانا يەتتەئايدا مۇئاشىم ئۈچ قېتىم ئۆستى، سىرتقاخىزمەت بېجىرگىلى چىقسام تەييار ماشىنا،كاماندۇرۇپكا پۇلى، تەربىيىلىنىشكەبارسام ياتاق، كىرا ئاتچوت قىلىنغاندىنباشقا كاماندۇرۇپكا پۇلى ۋە تاماق ياردەمپۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى مەندەك ئادەتتىكىئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلارتېخى بىلمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئادەتتىكىمائارىپچىلارغا ئۇنداق پۇل يوق.

مەنئويلايمەن، سىزنىڭ ۋە مېنىڭ بەختىمقانداقتۇر بىر يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتتە،ياكى ئاللىكىملەر قىلىۋاقتان يۇقىرىپايدىلىق تىجارەتتە ئەمەس، سىز ئالدىبىلەن ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزقانداقراق ئادەم بولماقچى؟ سىز ھازىرقانداق ئادەم بولدىڭىز؟ سىزنىڭ بەختىڭىزنى

زادىكىم بېرىدۇ؟ بىرەر ئادەممۇ؟ بىرەر پارتىيەھۆكۈمەتمۇ؟ سىزنىڭ رىسقىڭىز قەيەرگەپۈتۈلگەن؟

ئەمەلىيەتتەسىز بىر تۆمۈر تاۋاق ئۈچۈن قىلغان خىزمەتنىئۆزىڭىز خالىغان بىر ئىش ئۈچۈن سەرپقىلسىڭىز، پەقەت نىيىتىڭىز توغرىلا بولساسىزنىڭ يەۋاتقىنىڭىز تۆمۈر تاۋاقتىكىدىننەچچە ھەسسە ئېسىل ۋە سىڭىشلىك بولىدۇ.

بەشىنچى:بۇندىنكېيىنكى نىشان

مەنئىشلەۋاتقان بۇ ئىدارىنىڭ شارائىتى مەنئويلىغاندىن ياخشى بولسىمۇ، بىراق مەندەئەزەلدىن بۇ خىزمەتنى قىلىش ئىستىكىبولۇپ باقمىغان، ، مېنىڭ ئويۇمدىكى بەخىتبىر تۇتام پۇل ئۈچۈن بىر توپ دەلتىلەرنېمە دېسە توغرا-خاتاسىغاقارىماي خوپ دەپ يۈگۈرۈش ئەمەس، مەنچەبۇ مەن ئۈچۈن بىر سىناق، ئوقۇتقۇچىلىقتىنئىبارەت جاپالىق ۋە ئەڭ ساۋاپلىق بىركەسىپ ئۈچۈن ئوقۇپ، پۇل ئۈچۈن بۇنداقجايدا خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن راۋا ئەمەس،خۇدا بۇيرىسا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تۇرمۇش ئىشلىرىمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن،ئىقتىسات توپلاپ، ناھىيىمىزدە كۆزگەكۆرۈنگۈدەك مەكتەپتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشنىشانىم بار.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 11:06 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-9 09:37 PM):
نورمال خەتلەر يوللىنىپ بولغىچە چاپلىشىپ قاپتۇ، كەچۈرىۋېتەرسىلەر..

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى توغرا ئەمەسمۇ قانداق، بەك قالايمىقانغۇ، بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز ياخشى بولاركەن،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8494
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:07:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدىن تېپىۋالغان خەت نۇسخىلىرىدۇ دەيمەن، ئارقا بەتتە نورمال كۆرۈنىدىكەن، تەستىقلىسا كۆرگۈسىز خەتلەر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:09:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىشانىڭىز خىلى ئۇلۇغۋاركەن، تىرىشسىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىز خالىغان  ئىشنى قىلالايسىز،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43095
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوررىكتور مۇشۇنداق بولامدۇ   ؟   

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:25:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتنى ئۇقۇغىلى بولمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:28:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئويلاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپتىمىزكەن، بىرق مەن تىخى ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك خىزمەت قىلالماي باشلىق نېمە دىسە شۇنى قىلىپ يۈرىمەن ، بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۇلۇغۋار غايىلىرىمنى قايتىدىن ئەسلەپ قالدىم، لىكىن ھەممە ئىش بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدىكەن ئەمەسمۇ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:28:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،خېلى تەجرىبىلىرىڭىز با ئىكەن

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 02:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى تەلىيېڭىز باركەن نۇرغۇن باللا خېزمەت تاپالماي ئاۋارە ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش