گىئوپولىتىكا توغرىسىداقىسىقىچە چۈشەنچە
گىئوپولىتىكا ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە شىۋىتسىيەلىك سىياسى ئالىم رۇدۇلۇفكىيېلىن تەرىپىدىن 20 ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان . ئۇ بۇ ئاتالغۇنى1897 يىلى نەشىر قىلىنغان سىياسىى-جۇغراپىيە نامىلىق كىتابىدا تۇنجى قېتىمئىشلەتكەن . شۇنۇڭدىن بېرى مەركۇز ئاتالغۇ سىياسى ئىلىمدە تۇراقلاشقان تېرمىنسۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇر تىلىدىىمۇ گىئوپولىتىكا دەپ ئېلىنىپكېلىۋاتىدۇ . سىياسى-جۇغراپىيە دەپ ئېلىنسا بۇ بىر ئاتالغۇ بولماستىن سۆزبىرىكىمىسى بولۇپ قالىدۇ . گىئوپولىتىكا ئاتالغۇسىنى ، ماتىماتىكا ، ئاستورنومىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق ئىنگىلىزچىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويۇنچە قۇبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارغائوخشاش ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ . مەن بىر تىلشۇناس بولمىغاچقا مەركۇزئاتالغۇ توغرىسدا بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك توختىلاي . بۇ ماقالىدە مەن ئاساسلىقى گىئوپولىتىكىنىڭ زادى قانداق بىر ئىلىم ئىكەنلىكى توغرسىدا قىسقىچە چۈشەنچەمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن .
گىئوپولىتىكا خەرىتە ،گىرافىك ،رەسىم ۋە ھەرخىل سىياسى تۈستىكى مىتافورا قاتارلىق ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ بەلگىلەر ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.گىئوپولىتىكا توغرىسدا ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئېنىقلىما يوق . لىكىن گىئوپولىتىكا توغرىسىدا ئاساسلىقى ئىككى ئوخشىمىغان ئىككى تۈردىكى چۈشەنچە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ .
بىرىنچى : گىئوپولىتىكا ھەرخىل جۇغراپىيىلىك تەسۋىر ۋە <<تۆمۈر پەردە >>، << ئۈچۈنچى دۇنيا >>ياكى <<رەزىللىك ئوقمەركىزى>> دىگەنگە ئوخشاش مىتافورالارنىڭ ياردىمىدە يەرشارىنىڭ سىياسى ھاۋاسىنى چۈشۈنۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ مېتافورالار قويۇق جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسى پۇراققا ئىگە بولۇپ دۆلەتلەرئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ، يەرشارىدىكى ھەرقايسى گىدىرماچ سىياسى –ئىقتىسادىزونلارنى زور دەرىجىدە ئاددىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ . نەتىجىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىميەت بېشىدىكى سىياسەت بەلگۈچىلەر ، دىپلوماتىىيە مىنىستىرلىرى ۋەزۇڭتۇڭلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەشتە زور قولايلىقلارتۇغۇلىدۇ . بۇ خىل تۈردىكى گىئوپولىتىكا چۈشەنچىسى رادىئو –تېلۋىزىريە ،گېزىت قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاخبىرات ۋاستىلىرىدا ناھايىتى مۇھىم رولئوينايدۇ . مەسىلەن گىئوپولىتىكا <<لوندون>>، << ۋاشىڭگىتون>> ياكى << موسكىۋا >>دىگەنگە ئوخشاش جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلارئارقىلىق دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئاددى ،چۈشۈنۈشلۈك ھالدا تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
ئككىنچى : گىئوپولىتىكاسىياسى نەزىريە تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىلىدۇ . مەسىلەنبىرىنچى خىل چۈشەنچىدە << تۆمۈر پەردە >>، << رەزىللىك ئوقمەركىزى >> قاتارلىق مىتافورىلار ئاساسلىقى جۇغراپىيىلىك چۈشەنچە ئاساسىدا سىياسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرسە ، ئىككىنچى خىل گىوپولىتىكا چۈشەنچىسىدە بۇ مېتافورالار بىزنىڭ ھەرقايسى رايۇنلا ، دۆلەتلەر ۋە ھەرخىل سالاھىيەتتىكى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسى-جۇغراپىيە كونتىكىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىجدىمائىي ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرىىنىىڭ بىر پۈتۈن فۇنكىسىيىلىرىنى قاتلاملىق ۋە سېستىمىلىق چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ . مەسىلەن بۇ يەردە << ئۈچۈنچى دۇنيا>> ئۇقۇمى بىرىنچى خىل چۈشەنچىگەئوخشىمىغان ھالدا يالغۇز ئاسىيا ،ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېركىسىدىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەرئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېركا ۋەكىللىك قىلغان <<بىرىنچى دۇنيا>> ، سوۋىت ئىتىپاقى ۋەكىللىكىدىكى<<ئىككىنچى دۇنيا>> قاتارلىقلارغا تەدبىقلانغان ،شۇ دەۋردە مەۋجۇت بولۇپتۇرىۋاتقان دۇنيانىڭ ئۈچ بۈرجەك سىياسى مۇناسىۋىتىدىكى بىر بۈرجەككە ۋەكىللىك قىلىدۇ . چاۋشەن يېرىم ئارىلى ۋە بېرلىن كىىرزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، يەنى 1946يىلى 3-ئايدا ، ۋېنىستون چېرچىل ئامېركىنىڭ مىىسسۇرى شىتاتىدا دۇنياغا داڭلىق << تۆمۈر پەردە>>نۇتۇقىنى سۆزلەپ پۈتۈن دۇنيادا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى . شۇندىن ئىتىبارەن<< تۆمۈر پەردە >>ئۇقۇمى ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرىپ كۈچلىرى بىلەن سوۋۋىت ۋەكىللىكىدىكى كوممونىزىمكۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان ، يېرىم ئەسىرگە يېقىن سوزۇلغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەرئۇرۇشىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەيدىغان داڭلىق سىياسى مىتافورا بولۇپ قالدى . مەركۇزمىتافورا بىر تەرەپتىن ياۋروپا قۇرۇقلىقىدىكى كومىنىزىىم دۆلەتلىرى بىلەن كاپىتالىزىم دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكىرىئال ۋە ئوبكىتىپ جۇغراپىيىلىك پاسىلىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرسە يەنە بىر تەرەپتىنبۇ ئوبىكتىپ پاسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلىقلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىدولوگىيە ، ئەركىنىلىك چۈشەنچىلىرى، سەنئەت ، دىن . مەدىنيەت ۋە ئۇچۇر –ئالاقىلىرىنىڭ ئالمىشىنشنى توسۇپ تۇرىۋاتقان<< نۇر ئۆتكۈزمەس تۆمۈر پەردە >>ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىنىمۇناھايىتى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن . چېرچىل نۇرغۇن نۇتۇقلىرىدا ئەركىن دىمىكىراتىيە مەۋجۇت بولىۋاتقان غەربى ياۋروپا ۋە ئاتالمىش كومىنىزىم يامراۋاتقان شەرىقى ياۋرپانى مەركۇز مىتافورائارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ، غەرىبىي ياۋرۇپادىكى يۇرۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قالغانشەرىقى ياۋروپاغا << تۆمۈر پەردە ئارقىلىق >> ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى . 1982 يىلى شۇ چاغدىكى ئامېركا زۇڭتۇڭى رونالد .ۋىلسون . رېگانسوۋىت ئىتىپاقىنى << قەبىھ ئىمپىريە>> دەپ سۈپەتلەپ غەرىبىي ياۋروپا ، جۈملىدىن غەربىي گىرمانىيەلىكلەرگە غايەت زور ئۈمۈت ئاتا قلىغان . دىمەك بۇ خىل تۈردىكى مىتافورالار قويۇق سىياسى ۋە سىموۋوللۇق تۈسكەئىگە بولۇپ ئىككىنچى چۈشەنچىدىكى گىئوپولىتىكىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.
شەخىسلەر ، ھۆكۈمەتسىزتەشكىلاتلار ، خۇسۇسىي كارخىنىلار ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپائىتىپاقىغا ئوخشاش رايۇن خارەكتىرلىك ۋە خەلىقىرالىق ئورگانلار شۇنداقلا ھەرخىل تېرورلۇق تەشكىلاتلار مۇ گىئوپولىتىكىنىڭ تەسۋىرلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ . يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان زامانىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ، ئېنتىرنىت تورى قاتارلىقلاريۇقارقىغا ئوخشاش دۆلەت رولىنى ئالالمايدىغان كۈچلەرنىڭ ئاۋازىىنى خەلىقراغا يەتكۈزۈپ بەلگىلىك تەسىرقوزغىيالايدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدا گىئوپولىتىكىنىڭ تەسىۋىرلەش ئوبىكتىگەجۇغراپىيىلىك ئامىل بولماستىن بەلكى ئىدولوگىيە ، دىن ،ئىقتىسادى-ئىجدىمائىي ھادىسلەر ۋە ھەرخىل مەدىنيەت فورماتسىيىلىرىنىڭ فۇنكىسىيىلىك ئالاھىدلىكلىرى كىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا گىئوپولىتىكا يالغۇز ئامېركىنىڭ دۆلەتبىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى سۈرلۈك سىياسونلارر ،قارا كۆزەينەكلىك جاسۇسلار ياكى موسادنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىلا ئىنىچكىلەپ تەتقىق قىلىپ شۇلارلا ئىشلەتسە بولىدىغانئىلىم ئەمەس . مەسىلەن ئامېركا زۇڭتۇڭىنى مىسالغا ئالساق ئۇ ھەريىلى يانۋارنىڭ بېشىدا پارلامىتنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ . ئۇ بۇ يىغىندا ھەرخىل گىئوپولىتىكىلق مىتافورا ، كودلار ئارقىلق ئامېركا بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىغا ئاساسەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇستەھكەمئىتىپاقداش ، ئىتىپاقداش ، ئىشەنچىلىك ، ئىشەنچىسىز ، خەتەرلىك ۋە دۈشمەن دۆلەت دىگەندەك تۈرلەرگە ئايرىپ پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقىگە سۆز قىلىدۇ . ئۇنىڭ بۇ نۇتۇقى تېلىۋزور، رادىئو ۋە ئىنتېرنىت تورى ۋاستىسى بىلەن كەڭ خەلىق ئامىسىغا تارقىلىپ كىشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . نەتىجىدە جەمىيەتتەمەلۇم بىر چەتئەل دۆلىتىگە ياكى ئۇلارنىڭ سىياسى –ئىجدىمائىي تۈزۈلمىسىگە نىسپەتەن جامائەت پىكىرى پەيدا بولىدۇ . مەسىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر قانچەئايدىن كىيىن يەنى 2002 يىلى يانۋاردا كىچىك بۇش پارلامىتنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدانۇتۇق سۆزلىگەندە ئىران ، ئىراق ۋەچاۋشەننى << رەزىللىك ئوق مەركىزى>> دىگەن گىئوپولىتىكىلق مىتافورابىلەن سۈپەتلىگەن ئىدى . نەتىجىدە بۇ گىئوپولىتىكىلق تېرمىن پۈتكۈل ئامېركا خەلقىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدادائىم ئىشلىتىدىغان سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.نۇرغۇنلىغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بولسا بۇخىل گىئوپولىتىكىق ئاتالغۇغا ناھايتى ئىھتىياتچان مۇئامىلىدە بولسا، ئىران. ئىراق ۋە چاۋشەن رەھبەرلەرى ئامېركىنى جاھانگىرلىكنىڭ مەنبەسى سۈپەتلەپ ئۆز خەلىقلىرىنىڭ ئامېركىغا قارشى كەيپىياتىنى ئۇلغايتقان ئىدى . 2003 يىلىدكى پارلامىتنىڭ بىرلەشمەيىغىندا بولسا ئالدىنقى قېتىمقى يىغىنغا ئوخشىمىغان ھالدا بۇش ئەپەندى پوزوتسىيىسىنى تېىخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇپ بۇ قېتىم سادام ھۈسەيىننى << ۋەھشىي دىكتاتۇر >>، << ئنسانىيەتتارىخدا مىسلى كۆرۈلمىگەن قانخور >>دەپ تەسۋىرلەپ مەركۇز نۇتىقىدا ئىراقنىڭ ئامېركىنىڭ گىئوپولىتىكىلق دۈشمىنى دىگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ھەم شۇ قېتىملىق نۇتىقىدا نۇرغۇنلىغان گىوپولىتىكىق مىتافورا ، تېرمىن ۋە كودلارنى ئىلشەتكەن ئىدى.
ئۇمۇلاشتۇرۇپ ئېيتقاندابۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قانداق دۆلەت ، مىللەت ۋە خەلىق ئۈچۈن گىئوپولىتىكا ئىلمىئىنتايىن مۇھىم . ئۇ بىزنىڭ دۇنيانىڭ مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيىتىنى چۈشۈنۈشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ .گىئوپولىتىكا ھەرخىل مىتافورا ، تېرمىن ، كود، بەلگە، خەرىتەقاتارلىق ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ قورراللارنىڭ ياردىمىدە بىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا يۈزبېرىۋاتقان ھەر خىل سىياسى ۋەقەلەر ، ئۇرۇش ۋە ئىجدىمائىي ھادىسلەرنى سېستىمىلىق ۋە نەزىريىۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ .سېستىمىلاشمىغان نەرسە مەيلى ئۇ قانچىلىك دەبدىبىلىك ۋە جەلىپ قىلارلىق بولسۇن ئۇ بىلىم ئەمەس . شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزبۈگۈنكى دۇنيادايۈز بەرگەن سىياسى-ئىجدىمائىي ۋەقەلەر توغرىسىدا ئۇ يەردىن بۇ يەردىن ھەرخل پارچە-پۇرات خەۋەرلەرنى ئاڭلىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان سەۋەپلەرنى ئۈستىدەسېستىمىلىق يۇسۇندا ئىزدەنمەي تۇرۇپ ھەر خىل مىللەت ، دۆلەت ۋە شەخسلەر ئۈستىدەئاغىزىمىزغا كەلگەننى سۆزلىسەك بولمايدۇ . چۈنكى بىزنىڭ بىلدىغانلىرىمىز ۋە دەۋاتقانلىرىمىز سېستىمىلق ئىزدىنىش ئاساسىدا تىكلەنگەن بىلىم ئەمەس . سىياسىنى چۈشىنىشىمىزدە گىئوپولىتىكا ناھايىتى مۇھىم پەن بولغاچقا ئۇنى چۈشىنىشىمىز بەكمۇ مۇھىم .
نۇرمۇھەممەت
2013 -يىل 5-ماي ، بوستون ( ئامېركا )
باشقۇرغۇچى ئەپەندىم مەركۇز تىمىنى يوللاشتىن بۇرۇن ئىملا ۋە قۇر خاتالىقىنى تەڭشەپ قويىشىڭىزنى سورايمەن .