مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3772|ئىنكاس: 22

11-ماي ؛ ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشىغا تەكلىپ. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94422
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:38:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  11-ماي ؛ ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشىغا تەكلىپ.

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا سىلەردەك مۇشۇنداق يول باشچى ئۇستازلىرىمىز كۈپلەپ چىقسا،خەلقىمىز نادانلىقتىن تىزراق قۇتۇلسا بەك ياخشى بولاتتى.  ھازىر خەلقىمىز ئىغىر كۈلپەتلىك يىللانى بىشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ دەلىلى شۇكى ؛ دۈۋلىتىمىز شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبى شىنجاڭدا نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆزىنىڭ تىرىلغۇ يىرىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشارغا سىلىنىۋاتىدۇ ،خوتەندە بولسا يىڭىلا زور ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ خەلىق تولىمۇ ئىغىر كۈندە قالدى، ھۆكۆمەت بولغان زىياننى سۈرۈشتە قىلىپ پۇخرالارنىڭ كۆيۈپ كەتكەن مال-مۈلكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ، ئىسپات بولىدىغان تالۇن ،بانكا كارتىسى ،نەخپۇل ،كىملىك ، قاتارلىقلارمۇ كۈيۈپ كەتكەن تۇرسا خەلىق بولغان زىينىنى ھۆكۈمەتكە قانداق ئىسپاتلايدۇ ،بىچارە قىرىنداشلىرىمىز نىمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى .مال مۈلۈك زىينىغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن،كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلىرىگىمۇ تۆلەم ئالالمايۋاتىدۇ .بىراق سىلەردەك ،مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكى بولغان داڭلىق زىيالىلىرىمىز، دوكتۇر، پەيلاسوپ .دىگەندەك جەمىيەت شۇناس ئەرباپلىرىمىز بولسا بۇنىڭدىن بىخەۋەر خاتىرجەم ھالدا 1200يۇەندىن بىلەت سىتىپ لىكسىيە سۈزلىمەكچى بولىۋىتىپسىلەر سىلەرنى قۇتلۇقلايمىز.ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن پۈتۈن خەلىقكە ۋاكالىتەن سىلەردىن يادەم سورىماقچى بىز .قولۇڭلاردىن كىلەرمۇ بىلمىدۇق؟ شۇنداقتىمۇ دەردىمىزنى تۈكۈپ باقايلى؛ جەنۇبى شىنجاڭدا نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۆز يەرلىرىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشاغا سىلىنىۋاتىدۇ، ئاغرىپ يىتىپ قالغانلاردىن ھاشار پۇلىسى يىغىىپ ،بۇ پۇلغا ئالاھىدە دىھقانلارنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بەزى كەنىتلەردە دىھقانلاردىن شەكلى ئۆزگەرگەن قوغداش ھەققى ۋە ھەرخىل ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئالۋاڭ ياساقلارنى يىغىۋاتىدۇ .بۇ ئەھۋال ھەممەيلەنگە ئايان. ئەلۋەتتە يۇرتىمىزدا باشقا زىيالىلار ۋە جەمىيەت ئەرباپلىرىمۇ بار لىكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەمدۇ ، ياكى سۆزقىلىش ئەركىنلىگى يوقمۇ ؟ بۇنى بىلمىدۇق،بىز دىھقان خەخ ،پەس گەپقىلساق ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۈنلۈكرەك گەپ قىلايلى دىسەك تىرورچى دەمدىكىن دەپ قوقىمىز.يۇرتىمىزدا ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز مۇ يوق ئەمەس، بىراق مەنسەپ تۇتقانلىرى بىزگە ياردەم بەرمەكتە يوق ،ئاجىز نادان دىھقانلارنى ئالدىغاچىقىرىپ قويۇپ ئۈزى كەينىگە يۇشۇرنىۋىلىپ خەلقىمىزنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئوغۇرلاپ يۈز ئابرۇي، نام ئاتاق، يۇقىرى مەنسەپ ،مال-دۇنيا تىپىش بىلەن ئالدىراش بوپكەتتى. شۇڭا سىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى، قۇرۇق پەلسەپە ،ئاتالمىش لىكسىيە سۈزلەيمەن دىمەي ئۆمرۈڭلاردا بىر قىتىم بولسىمۇ ئەمەلى ئىشقىلىپ  مۇشۇ قۇللۇق تۈزۈمدە ياشاۋاتقان ، يۈرىكى قان زەرداپقا توشۇپ كەتكەن نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولساڭلار بولاتتى ،قانۇنى يول بىلەن ، دۈۋلىتىمىزنىڭ ئار نۇمۇسىنى ئاقلاپ مۇشۇ قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بۇرۇنراق ئەمەلدىن قالدۇرىلىشغا كۈچ چىقارسا ڭلا دەيدىغان ئۈمۈدىمىز بارتى، بىراق بىلمىدۇق ،بۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا غەيرىتى بارمىدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا بۇقىتىمقى لىكسىيەنىڭ  ئاز ، بىر قىسىم  مەزمۇنىنى ھاشار توغۇرلۇق سۈزلىسەڭلارمۇ بىز ئۈچۈن  چوڭ بىر ياردەم قىلغان بولىسىلەر.
ناۋادا ئىختىزادى قىيىنچىلىقىڭلار بولسا  ئاز كەم  بىر مىليۇن دىھقان بار، بىرىمىز 10 يۇەن چىقارساقمۇ 10 مىليۇن دىگەن گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلىقنىڭ دۇئاسى تۈگىمەس بايلىق تۇر.
                                                               

پەزىلەتنېڭ سۈيىدە  ئاقالمىغان  ئەر ئەمەس
نادانلېقنىڭ تەختېنى چاقالمىغان ئەر ئەمەس
مۈشكۈللەرنى ئازاد قېپ ئەل كۆڭلىنى ئەيلەپ شاد
بېزەك قېلىپ ئالتۇننى تاقىيالمىغان ئەر ئەمەس


بولۇپ بوشاڭ ھەم ھەييار،نەخكەقىلىپ گال تەييار
ئۆز ھەققىگە ئادىل چوت ، سوقالمىغان ئەر ئەمەس
پاك مەردانە يول بىسىپ،  ئەل كۆڭلىنى ئىللىتىپ
مەشئەل قېلىپ  يۈرەكنى، ياقالمىغان ئەر ئەمەس


يىتىپ ئارزۇ تېلەككە ، مادار توپلاپ بېلەككە
بۈركۈت كەبى قوش قانات قاقالمىغان ئەر ئەمەس
ھەر بىر باسقان قەدەمدە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرۇپ
ئەلگە يورۇق يۈز بىلەن باقالمېغان ئەر ئەمەس




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 01:18 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
شاتمەن + 97 دەلىللەر يېتەرلىك
uqkun2008 + 39
kulpat + 99 ........................................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 235   باھا خاتىرىسى

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:35:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى ئوقۇپ گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدى،نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما،چۇقۇم نادىرلاش كېرەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95353
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:37:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدەمېنىڭمۇشۇنداق قاتناشقۇم بارئېدى بۇكاتتاسورۇنغا،بىلەت زاكاس قىلماق بولۇپ تېلفۇننى قولۇمغائالدىميۇ بىردىنلابۇخىيالىمدىن يالتىيپ قالدىم.چۈنكى شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدەمەن ئىشلەپ تاپقان ئازغىنەپۇلغاقاراشلىق قاراكۆزلەريادىمدىن كەچتى،دادامنىڭ ئۇچىسىغاكەيگەن رەڭگىلىرى ئۆڭۈپ ئۇيەربۇيەرلىرى ياماق چۈشكەن چاپان كۆزئالدىمغاكەلدى...........كۆزلىرىمگەياشلارئولاشتى،مەن 1200كوي خەجلەپ بۇلىكسىيەنى ئاڭلىسام ئەتىسىلائىشلىرىم ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن،ئەمما1200كوي پۇلنى دادامغابەرسەم ئالۋان ياساق يىغقىلى كەلگەن پوق قورساق يەرلىك خاقانلارنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن بىرنەچچە ئېغىزنى ئازراق ئاڭلىشى مۇمكىن .......
بەزىلەرگەنىسبەتەن بۇپۇل ھىچقانچە پۇل ئەمەس بەلكىم بىرۋاق تاماقنىڭ پۇلى،بەلكىم بىرتال كېيىمنىڭ پۇلى بولۇشى مۇمكىن شۇنداقلارغادەيدىغىنىم سىزچوقۇم كەمدىن كەم تېپىلىدىغان بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ،ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتنى ئۆزىمىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ؟ئەگەرقۇربىتىم يەتكەن بولساچوقۇمكى مەن بۇ سورۇنغاقاتنىشاتتىم.بىلەت باھاسىنى سەل مۇۋاپىقراق قىلغان بولسابىزدەك تۆكۋەن قاتلامداتۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلارمۇشۇنداق كاتتايىغىلىشقاقاتنىشىپ مەنىۋى ئوزۇقلاردىن بەھرىمان بولغان بەك ياخشى بولاتتى،بولسابىزدەكلەرنىمۇئويلىشىپ قويغان بولساڭلار

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4073
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:47:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولغاندا مۇشۇ تېمىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىتىپ قويايلى، مەنچە بۇ قېرىندىشىمىزمۇ خاتا سۆزلىمەپتۇ ياكى  بۇ يىغىلىشتىن قۇسۇر تاپماپتۇ، پەقەتلە مۇشۇ لىكسىيەدە ئازراق بولسىمۇ ئەتراپىمىزدىكى رىئاللىقنى سۆزلىسۇن دىمەكچى ئىكەن.
بۇ تېما شۇ لىكسىيە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالىسا تېخىمۇ قىممىتى بولغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19191
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:48:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بۇلار ئۆزىنڭ قاچىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشىدىن  ئەنسىرەپ  دىمەسلىكى  مۇمكىن

http://bbs.basbas.cn/read.php?tid=39669
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:34:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7432
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5990 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:40:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ 1200 سوم پۇل ھەجەپمۇ بېئارام قىپ كېتىۋاتىدۇ سىلەرنى. ئەتىدىن كەچ شۇ يىغىلىشقا قورساق كۆپۈرمەي سىلەرمۇ بېرىپ يىغىلىپ قولۇڭلاردىن كەلگىنىنى قىلىڭلار خەلقىڭلار ئۈچۈن. بىزدە شۇلاردىن باشقا خەلقسۆيەرلەر يوقمۇ، باي يوقمۇ ، ھۆنەرۋەن يوقمۇ ئاجىز-غېرىپنىڭ بېشىنى سىلىغۇدەك؟!  نەچچە مىليون نوپۇسلۇق خەلققۇ بىز!!
ئۇلار خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان نوپۇزلۇق پىكىر ئادەملىرى.   پىكىر قىلىش ھەرگىزمۇ قۇرۇق پەلسەپە سۆزلىگەنلىك ئەمەس.  خەلقىمىز بۇ كۈنلەرگە ئەقلى-پىكرىنىڭ چولتىلىقى ، ئېدىيىۋى ئېڭىنىڭ زەئىپلىگىدىن چۈشۈپ قالغان.  مەسچىد مەدىرىستە ياكى خالىغان دوقمۇشتا يىغىلىپ مىللەتنىڭ غېمىنى قىلىپ پىكىرلەشكىلى بولمىسا يا ، خەق شۇنداق خەيرىلىك ئىشنى ئويلاپ تۇتۇش قىلسا ئالقىشلىماق يوق ئەتىدىن كەچ غۇدۇراپلا يۈرسەك نېمە ھەل بولىدۇ..؟!
بىز ئەقىللىق ئادەملىرىمىز ،مۆھتىرەملىرىمىزدىن قانداق بىر پىكىر-خۇلاسىنىڭ چىقىدىغىنىغا تەشنا بىز، شۇلارنىڭ پۈتۈن ئەقلى ۋە ۋىجدانى مىللەتكە ئېگە چىقالايدىغىنىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئىشەنمەي، بىر بىرىمىزنى قوللىماي باشقا چىقىش يولىمىزمۇ يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:49:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغۇرلۇق  باغداش مۇنبىرىدىمۇ مۇنارىزە بولىۋاتىدۇ ، ئوخشاشلا ئۇ مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم تورداشلارمۇ  بۇنى بىرخىل سودا شەكلى ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەت دەپ ئىزاھلاپ ئۆتۈپتۇ .

دەرۋەقە بۇ پائالىيەتنىڭ ئالىي مىھمانلىرى ۋە ساھىپخان بولغۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىېرىدا ئىشلەيدىغانلار ھەم مائاش تەمىناتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرراق بولغان ئەرباپلار .
بىراق ئاشۇلارنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغۇسى ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئورتاقلاشقۇسى بارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ پائالىيەتنىڭ بىلەت باھاسىنى قىممەت كۆرۈپتۇ ، چۈنكى بىر قېتىملىق بىلەت باھاسى  بىر بالىسى بار ئائىلىنىڭ يېرىم ئايلىق تۇرمۇش چىقىمىغا ( ئاددىيراق ئائىلىدىكى ) دال بولالايدۇ .
ئۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقۇ ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرراق بولغان بىلەت باھاسى بولسىمۇ ئەرزىيدۇ ، بىراق شۇ يەنىلا كۆپ ساندىكى مىھمانلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇ باھانى قوبۇل كۆرەلمەپتۇ . بىزغۇ يىراق - يىراقلاردا بولغاندىن كىيىن ئۇ پائالىيەتلەرگە بارايلى دىسەكمۇ ئامال يوق ، يىقىندىكىلەر بولسىمۇ كۆپرەك قاتنىشىپ مەنىۋى زوق ئالسا ياخشى بولاتتى .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89695
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:58:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش