مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2297|ئىنكاس: 28

پۇتپۇلچىلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46499
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:34:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىق، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇڭ !




شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا چوقۇم دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاش كېرەك !

            1. شىنجاڭ جۇڭگو زىمىنىنىڭ 6/1 قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ ؛ جۇڭگودا چوڭ كىچىك بولۇپ 50 گە يېقىن كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى بار ، بۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشقان ، ھەتتاكى چىڭخەي ، شىزاڭ ۋە گەنسۇ قاتارلىق رايۇنلاردىمۇ بار ، لېكىن شىنجاڭدا يوق !!!
نىمە ئۈچۈن ؟ بەزىلەر " شىنجاڭ كەمبەغەل ، كەسپى كۇلۇب قۇرىدىغان پۇل يوق " دەيدۇ ....

      2. شىنجاڭ كەمبەغەلمۇ ؟ تەپسىلىيمۇ سۆزلەپ يۈرمەي پەقەت قارا ، ئاق ۋە سېرىق دىگەن مۇشۇ ئۈچ خىل رەڭنىلا سۆزلەپ ئۆتەي :  بىرىنچى ، نىفىت (قارا )  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ؛ ئىككىنچى ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ پاختا (ئاق ) بازىسى ؛ ئۈچىنچى ، تاغلىرى ئالتۇن (سېرىق ) ، تاشلىرى قاشتىشى .....قېنى بۇ جەھەتلەردىلا قايسى ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇن شىنجاڭدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ ........ شىنجاڭ كەمبەغەلمىكەن ؟!!

      3. شىنجاڭلىقلار پۇتبۇلنى سۆيىدۇ ، مەن بىر كونا مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئىيتىپ قوياي ، مەن مۇخبىرلىق قىلغىلى 20 يىلدىن ئاشتى بۇ جەرياندا جۇڭگو زىمىنىنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن يەرلىرىگە باردىم، ھىچقانداق بىر رايۇن ۋە ئۆلكە پۇتبۇلنى سۆيۈش جەھەتتە شىنجاڭغا يەتمەيدۇ !  شىنجاڭدا پۇتبۇل ھەركىتى ئاللىبۇرۇن مەيدانغا كەلگەن ئاددىيسى يېقىنقى يۈز يىل ئالدىدا شىنجاڭنىڭ ئىكساق كوماندىسى ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرىنى يەڭگەن تارىخلىرىمۇ بار .....پۇتبۇل تارىخى جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە رايۇننىڭ پۇتبۇل تارىخى شىنجاڭدىن ئۇزۇن ؟! ئاددىيسى بۇلتۇرقى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئەڭ مۇنەۋۋەر رايۇن ، مەستانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ رايۇن بولۇپ باھالانغان ، بىر مۇسابىقە پەسىلدە ھەر بىر مەيداندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2 تۈمەن ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 تۈمەن ئادەم مۇسابىقە كۆرگەن ، بۇ جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە شىنجاڭ بىلەن بەسلىشەلەيدۇ ؟

       4. شىنجاڭدا تالانتى بار پۇتبۇلچى يوقمۇ ؟  شىنجاڭلىق بالىلار ئايىقى چىقىپلا پۇتبۇل ئوينايدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ چۈنكى ئاتا ئانىلارمۇ پۇتبۇل مۇسابىقىىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ ھەم پۇتبۇلنى قوللايدۇ . مەيلى مەكتەپ مەھەللىدە بولسۇن ، مەيلى يايلاق ۋە يېزا قىشلاقلارغا بولسۇن پۇتبۇل ئويناش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ھەم  ھەممە جايدا ئۇچرىتالايسىز .....مەملىكەتلىك  ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل مۇسابىقىلەردە شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىلىرى داۋاملىق زەپەر قۇچىدۇ ، بىرىنچى ئىككىنچى دىگەن دائىملىق ئىش .... بۇ جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە شىنجاڭدىن  ياخشى ؟

نىمە ئۈچۈن شىنجاڭدا كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى يوق ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟  

     پۇل ، قىزغىنلىق ۋە مەنبەس مەسلىسى ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ بولدۇم ، دىمەك پەقەت بىر نەرسە كەمچىل ئۇ بولسىمۇ "ئىتىبار بېرىش  " !   
شىنجاڭدا نۇرغۇن ئادەم پۇتبۇلنى قوللايدۇ ، نۇرغۇن پۇتبۇلچى بار ، نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى پۇتبۇل ئوينىغىلى ، دۆلەت ۋە يۇرتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغىلى قويمايدۇ ؟  بەلكىم بەزىلەر " كىم سىلەرنى پۇتبۇل ئوينىغىلى قويماپتۇ " دىيىشىڭلار مۈمكىن ، قىززىققتە ، ياخشى سىياسەت ، ياخشى شارائىت بولمىسا نىمىنى ئوينايدۇ ؟ ئەڭ كۈلكىلىك يېرى ھازىر پۇتبۇلنى باشقۇرۋاتقان باشلىقنىڭ قايسى بىرى پۇتبۇلنى چۈشىنىدۇ، بىلىدۇ ؟
يەنە بەزىلەر كەسپى پۇتبۇل كۇلۇب دىگەننى كارخانىلار مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قۇرىدۇ ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالمايدۇ دىيىشىڭلار مۈمكىن ؟!    بولىدۇ ، بىزگە شۇ سىياسەتنى ۋە شارائىتنى بەر ، بىز ئۆزىمىز كۇلۇب قۇرايلى قانداق ؟  ماڭا كارخانلىرىڭنىڭ ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ كېرىكى يوق ماڭا كىرىكى ياخشى سىياسەت .... يېشىل چىراق !!!     شۇنداق سىياسەتنى بېرەلىسەڭ بىز پۇتبۇل فوند جەمئىيىتى قۇرىمىز ، ئىشىنىمەنكى يەرلىك كارخانلار ، كارخانچىلار ۋە ھەربىر پۇتبۇل سۆيەر خەلق بۇنىڭغا ئىئانە بېرىدۇ ۋە مەبلەغ سالىدۇ .....بىز بۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى بىر كىچىك كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرىمىز ھەمدە 5-10 يىلغىچە ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋاستىلەر بىلەن ( ئېلان ھەققى ، كۇلۇبنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىمى ، بىلەت كىرىمى ، پۇتبۇلچىلارنى سېتىش كىرىمى قاتارلىق نۇرغۇن ۋاستىلەر ) كۇلۇبىمىزنى مۇكەممەلەشتۇرىمىز ۋە زورايتىمىز  ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ب ، ئا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلارنىڭ بىرلەشمىلىرىگە بېسىپ كىرىمىز .

بىزگە كىرىكى يېشىل چىراق:

1. سىياسەت :  ياخشى سىياسەت بېرىلسە ھەم  پۇتبۇل فوند جەمئىيىتى قۇرىمىز ھەم چوڭ كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى ئىكىرەلەيمىز .
2. تەشۋىقات : ھەرقايسى ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىزنى تەشۋىق قىلىپ بەرسە بىزنى قوللايدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەيدۇ .
3. پۇتبۇل بىلمەيدىغان چۈشەنمەيدىغان پارخور خىيانەتچى باشلىقلارنى بىزگە باشلىق قىلىپ بىزگە چىتىپ  قويماسلىق كېرەك .

    يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلىپ بەرسەڭلارلا بىز كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرالايمىز ، بىزنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن مەستانلىرىمىز قوللىغۇچىلىرىمىز بار ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىلەت كىرىمىلا بۇ كۇلۇبىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر كىرىم چۈنكى مەستانلىرىمىز بىر مەيدان مۇسابىقىنى 100 سوم بولسىمۇ كۆرىدۇ چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ كۇلۇبىنى چىن دىلىدىن قوللايدۇ ....

ھەرقايسى باشلىقلىرىمىز دىققەت ئىتىبارەڭلارنى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىمىزغا قوزغاپ قۇيۇڭلار ، شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىلىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرگىمۇ قاتنىشالماسلىقى ھەم بىزنىڭ بىئارام قىلىدۇ ھەم شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن بىر ھاقارەت !
يېقىندىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پويىزدا ئۆر تۇرۇپ قايتىپ كىلىش ۋەقەسى ھېلىمۇ شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىگە نۇرغۇن ئارا نۇمۇسلارنى ئېلىپ كەلدى مەيلى قانداقلا چۈشەندۈرگەن بىلەن بەرىبىر پۈتۈن جۇڭگودا بۇ ئىش تارقىلىپ بولدى ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىشلارنى ۋەقەلەرنى يۈز بېرىشىنى ساقلىنايلى !  قېنى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇڭلار ، رەھمەت !
   مەنبە: ھۇررا مۇنبصرصى                                                                        

         ---- ئەنۋەر (ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى تەنتەربىيە مۇخبىرى)

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:35:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئوغامنى قايناتتى!!!ۋاي بۇ بەسەيلەر ئاشۇ يېگەن مومىسى بىلەن قانچىلىك توپ تېپەلەيتتى؟؟؟ ئۇيغۇرنىڭ پۇتبولچىلىقى ئالدىدا بۇ نېمىلەر تېخى «گۆدەك»!!! نېمىسىگە ئۇيغۇرنىڭ پۇتبولچىلىقىنى چەتكە قاقىدىكەن بۇ سۆڭىكى يوق دۇفۇلار!

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:33:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايناپلام قالدىم مەن!!!   ھەي مىنىڭ ئۇيغۇر پوتپولۇم!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8496
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:40:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلبولچىلىقى ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇتبولچىلىقىغا ئەزەلدىن دۆلەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھەممىسىنى شەخسلەر ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرغان.
جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقى شۇنچە ناچار بولۇشىنىڭ سەۋەبى دەل دۆلەت بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەنلىكىدە، ئەخمىقانە خىياللاردا بولماڭلار.
پۇتبول دېگەن شەخسنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ماھارىتى، قىزغىن سۆيىشى بىلەن تەرەققىي قىلىدىغان نەرسە، ئىشلارغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى ئۆگىنىۋالايلى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93137
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:06:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسەت بىرىلمىسە ھازىر ھىچ ئىش قىلغىلى بولماس بوپ كەتتى قالپاق يوغان بوپ كەتتى دەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:30:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز مۇخپىر بولسىڭىز ئازراق ۋىجدانىڭىزنى ئىشىلتىپ ئاخبارات ساھەسىگە ئىلان قىلمامسىز نوچى بولسىڭىز.توغرا شىنجاڭدىن نىفىت،ئالتۇن دىگەندەك تەبئىي بايلىقلار كۆپ چىقىدۇ،لىكىن قايسىنى خەلىق رايىغا ئىشىلتىدۇ.قاشتېشى بىلەن بېيىغان ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ كۈچ چىقىرۋاتىدىغۇ.سىز شىنجاڭدىن چىقىۋاتقان نىفىتنڭ 10 كۈنلۈك پۇلىنى ماڭا بەرسە،شىنجاڭ تەۋەسىدە بىرمۇ نامرات ئائىلىنى قويماي،ھەممىنى ھاللىق سەۋيەگە يەتكۈزۋىتەتتىم دىگەنكەن بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرىمىز. شىنجاڭ ھەقىقەتەن باي،لىكىن شىنجاڭدىن چىققان تەبئىي بايلىقلارنىڭ پۇلىنى،ئۆزىگە ئىشىلتىپ باقسۇنچۇ قېنى.قايسى ئۆلكىدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ.ئەسلى شىنجاڭ باشقا ئۆلكىلەرگە ياردەم بېرۋاتىدۇ.تېخى پالانى ئۆلكە شىنجاڭغا ياردەم بەردى دەپ،مۇخپىرلار زىيارەت قىپ كېتىدىكەنسىلە.جىق سۆزلىمەي بولا.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇنىڭ ھەممىسى بىزدىكى نامراتلىق،ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى سەۋەپ بولدى.بىز ئالدى بىلەن مىللىي ئىقتىسادىمىزنى يۇقىرى كۆتىرەيلى!ئىقتىسادقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى.مىللىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرماي تۇرۇپ باشقىدىن ئېغىز ئاچمايلى ھەم باشقىلاردىنمۇ كۆپ ئۈمىد كۈتۈشمۇ ئەخمەقلىق..

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95353
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 01:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4939
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 01:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluk2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 10:40 AM
پۇلبولچىلىقى ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ...

خو!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 01:55:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 01:16 PM
خو!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەگەشتىم.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش