« ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز جازالاپ تۇرامسىز ؟ » بۇ سۆز ئھتىمال ئاڭلىماققا چۈشىنىكسىز مەنا بېرىشى ئېنىق. بەلكىم « ئۆزىنى ئۆزى جازالايدىغان مۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەم بولامدۇ » دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن بار. ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ يىغلايدىغانلارنى، دەرغەزەپتە ئۆزىنىڭ ساقىلىنى ئۆزى يۇلىدىغانلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. بۇنداق كۆرۈنۈشلەر دەل ئۆزىنى ئۆزى جازالايدىغانلارنىڭ تىپىك مىسالى دەپ ئويلىدىڭىز كۆڭلىڭىزدە. بۇ تېمىمىزدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىمىز دەل شۇ ئۆز ئۆزىنى جازالايدىغان كىشىلەر. لېكىن دىققەت قىلىپ قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ قاتارىدا سىزمۇ بار بولۇشىڭىز مۇمكىن…
« مەن ئۇنداقلارنىڭ قاتارىدا زادىلا يوق » دەمسىز؟ ئەمسە دىققەت قىلىڭ، ھېلىلا ئۇلارنىڭ قاتارىدىن ئۆزىڭىزنى تىپىۋالغاندا ھەيران قالىسىز.
بىر كۈنلۈك ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ « ئۇھ، ئەجەپمۇ چارچىدىم! » دەپ ئۆزىڭىزنى تولىمۇ ھارغىن ھېس قىلىسىز. ھازىرقى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك بېسىملار كىمنىلا بولسۇن مۇشۇنداق ئۇھ تارتقۇزۇپ چارچىتىدۇ. مەن تونۇيدىغان 60 ياشلار ئەتراپىدا ياشانغان بىر ئايال بار. ئۇنىڭ چېھرىدە ھەمىشە يېقىملىق كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بەختلىك ئادەم بولۇش، شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ناھايتى ئاسانمىش…
قانداق ئاسان؟…
بىرىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىمايدىكەنسىز؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارنى جازالىمايدىكەنسىز؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىمايدىكەنسىز. پەقەت مانا مۇشۇ ئۈچ نوقتىغا ئەمەل قىلسىڭىزلا، ھاياتتا ئۇنچە چارچاپ كەتمەيدىكەنسىز…
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ~ d' V; H, w1 d; m4 y
« ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ »
ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقى ئۆزىنى ئۆزى تەڭلىكتە قالدۇرۇش، ئۆزىدىن ئۆزى ھالقىپ ئۆتەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقتە كۇڭزى بوۋاي : « ئادەم ئەۋلىيا ئەمەس، شۇڭا ھەرقانداق ئادەم خاتالىقتىن خالى بولالمايدۇ » دىگەنىكەن. ئەگەر بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، كۈنبويى بېكىنىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ، زارلىنىپ، ھەسرەت چىكىپ يۈرسىڭىز، ھايات خۇددى تاگور ئېيتقاندەك « چىڭقىچۈشتىكى قوياشتىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، تۈن نىسبىدىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ مەھرۇم قاپتۇ » دېگەندەك بولمامدۇ؟… قانداق، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالامدىكەنسىز ؟؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- K3 D- [+ I1 u2 [« ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارنى جازالىماڭ »
بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ياخشى بىلسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كىتەلىشىڭىز ناتايىن. خاتالىق كىشى قەلبىگە ئۆچمەنلىك ۋە خاپىلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك رول ئويناپ، كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرىدۇ – دە، باشقىلارنى جازالاشقا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما ئاشۇ بىگۇناھ جازالانغۇچىمۇ جازانى كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پارتلايدۇ. دېمەك مۇشۇنداق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارنى جازالاپ ھاياتتا تېخىمۇ چارچايسىز… قانداق، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارنى جازالامدىكەنسىز ؟؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' J5 q% B8 e6 \) L& H& e; U
« باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ »
ئويلاپ بېقىڭ، بۇ دۇنيادا ياشىغانىكەنمىز، ھەممىلا ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ئاممىۋى ئاپتوبۇستا باشقىلار سىزنى ئېھتىياتسىزلىقتىن سوقۇۋەتسە، تەربىيە كۆرگەن كىشى بولسىغۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورىسىلا تۈگەيدۇ، ئەمما مىجەزى ئوسال بىرى بولسا، « مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك » دېگەندەك، « كۆزۈڭ قارىغۇ بولۇپ قالدىمۇ؟ » دەپ سەپرايىڭىزنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئاراڭلاردا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، يېنىك بولغاندا ئۆزئارا تىللىشىپ بولدى قىلىسىلەر، ئېغىر بولغاندا مۇشت – پەشۋا ئېتىشىپ بىر – بىرىڭلارنى يارىلاندۈرىسىلەر. ئائىلىدە ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن قىزىرىشىپ قالىسىز، بەزىدە ھەتتا تىللىشىپ، ئۇرۇشمىغۇچە بولدى قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ كانت: « ئاچچىقلىنىش – باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جازالىغانلىق » دىگەنىكەن. باشقىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن سىزنى سوقۇۋېتىپ كەچۈرۈم سورىمىسا نېمە بوپتۇ، ئۇنى زىغىرلاپ، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك بىر مۇنچە ئاچچىق يۇتۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە؟… قانداق، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالامدىكەنسىز ؟؟؟
ھەمىمىمىز بۇ دۇنيادا ئادەتتىكى ئىنسان، تۇرمۇشتا تۈرلۈك باش قېتىنچىلىقلاردىن خالىي بولالمايمىز. ئۇنىڭ بەزىلىرى خىزمەت بېسىمىدىن، بەزىلىرى ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزدىن كەلسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم باش قېتىنچىلىقى سىرتقى مۇھىتتىن، باشقىلاردىن كېلىدۇ. شەپقەتسىز دوستقا يولۇققاندا، ناچار ئادەم بىلەن دوست بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن ئاغرىنىمىز؛ مىجەزى چۇس، ئىچى تار رەھبەرگە يولۇقساق، خىزمىتىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنىمىز؛ ئەدەپسىز، تازلىققا رىئايە قىلمايدىغان بىرەر يولۇچى بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ قالساق، ئۆزىمىزنى تازىمۇ نەس باسقاندەك ھېس قىلىمىز؛ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىساق، جاھاننىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىمىز؛ ھەتتا نىكاھتىكى تەلەيسىزلىكىمىزنىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوبىيكىتنى خاتا تاللىشىمىزدىن كۆرۈپ ئاغرىنىمىز.
بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان ۋاقتىمىزدا، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەر ئىختىيارسىز ھالدا ئېسىمىزگە كېلىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك نوقسانلىرى، دوستىمىزغا ئاسىيلىق قىلغىنىمىز، كۆڭلىنى ئاغرىتقان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز خىيالىمىزغا كىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ خاتالىقى قەلبىمىزنى خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك جاراھەتلەندۈرۈپ، بىزنى كۈنبويى ئاغرىنىش، پەرىشانلىق، قاقشاش ئىچىدە ئۆتۈشكە مۇپتىلا قىلىدۇ.
ھايات شۇنداق گۈزەل تۇرۇقلۇق، قىممەتلىك ھاياتىمىزنى باشقىلاردىن رەنجىش ۋە ئۇلارغا نەپرەتلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، بىھۇدە ئىسراپ قىلۋېتىشىمىزگە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا پەرق بولغانلىقتىن، ھاياتقا قارىتا ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ باشقىلاردىن رەنجىپ يۈرگەندىن كۆرە ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان تولىمۇ ئەۋزەلدۇر. باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ، ئۆزىمىزنى، پىسخىكىلىق ھالىتىمىزنى، كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. ھەتتا كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتكۈزگەن ئىش ۋە ئادەملەرنى نەزەردىن ساقىت قىلالايمىز.
باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جازالاش ئەڭ ھاماقەتلىكتۇر. ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىڭىزدا بەزىدە ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بىرەر تەرىپى دىتىڭىزغا ياقمىسا ياكى بىرەر كەمچىللىكى كۆزىڭىزگە سىغمىسا شۇ ھامان قەلبىڭىزدە ئۇنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىغۇڭىز، ئۈگەنگۈڭىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالىسىىز. يىغىپ ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى جازالاپ ئۈگىنىشتىن ۋاز كىچىسىز. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىڭىز ئالىي مەكتەپتە نەچچە يىل ئوقۇغان، شۇنداقلا نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن ئۇ سىزدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭ سىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا سالاھىيىتى توشمامدىكەن؟ ئادەم ھەممىلا جەھەتتە مۇكەممەل بولمايدۇ، چۈنكى ئادەم ئەۋلىيا ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ خاتالىقتىن خالىي بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. كىشى ھامان ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى ئالغا بېسىشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزسە، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كىچىككىنە خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالاپ، بۇ خىل كەيپىياتنى تۇرمۇشىڭىزغا سۆرەپ كىرسىڭىز، ئاخىرىدا تۇرمۇش سۈپىتىڭىز بارغانچە ناچارلىشىدۇ، بۇ سىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن زور زىيان ئەلۋەتتە! ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا، بىز باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، باشقا نوقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسەك، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۇنتۇپ كەتسەك، تۇرمۇشتا پارلاق مەنزىلگە قاراپ قەدەم تاشلىغان بولمايمىزمۇ؟
ھاياتنىڭ تەپتىدىن قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، باشقىلارنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئۈگەنسەك ھەم زوقلانساق، كەمچىللىكلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، باشقىلاردىن ئاز ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى كۆپرەك ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەك، باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئامال قىلالمىغان، شۇنداقلا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا كىرىشۋالماسلىقنى تاللىساق، مانا بۇ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولماسمۇ؟
دېمەك، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى جازالىماي، پىسخىكىلىق ھالىتىڭىز ۋە ساغلاملىقىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ پۈرسەت ۋە بەخت ئاتا قىلالىغان بولىسىز. ئويلاپ بېقىڭ، بۇ دۇنيادا يەنە كىممۇ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك غەمخورلۇق قىلار؟…
… قانداق، باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى يەنە جازالامسىز ؟؟؟
مەنبە : تۇرمۇش خاتىرىسى تورى