مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4868|ئىنكاس: 49

تۆۋەن كاپالەت پۇلى پۇل پاخاللىقى ۋە ھورۇنلۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 08:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىز تەرەققى قىلىپ 2002-يىلى مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كىيىن مەركەزدە ئىژتىمائى پاراۋانلىق توغرۇلۇق يىغىن ئىچىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ شۇنىڭدىن كىيىنكى ئىژتىمائى پاراۋانلىق ئىشلىرى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى پۇقرالار تۇرمۇشىغا ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش ئىژتىمائى كاپالەت سىستىمىسى بەرپا قىلىشقا ئاساس سىلىندى.2003-يىلى يىڭى بىرنۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كىيىن يولداش رەئىس خۇجىنتاۋ ،زۇڭلى ۋىنجىياباۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى شەھەرلەردىكى ۋە كىيىنكى قەدەمدىكى شەھەر يىزىلاردىكى ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى .زۇڭلى ۋىنجىياباۋ زۇڭلى مۇشۇ خەيرىلىك قۇتلۇق ئىشنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ياخشى قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە مۇتەخەسىسلەر يىغىنىنىنى كۆپ قىتىم ئىچىپ ئالىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدى ۋە شۇيىلى شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى پۇقرالارنىڭ قولىغا تەگدى .ئامما زور ئىللىقلىق ھىس قىلدى ئاپىرىن ئوقۇدى .بۇ پۇل ھەقىقەتەنمۇ ئاقساق چولاق مىيىپ تۇل خوتۇن يىتىم يەسىرىلەرگە قارىغۇچىسى يوق ئاجىز ئاممىغا ھەقىقەتەنمۇ زەمزەم كەبى تامچە بولغان ئىدى.چۈنكى بۇ پۇل شۇلارغا بىرىلىشكە ھەقلىق ئىدى.مانا ئارىدىن 10يىل ئۆتۈپ كەتتى بۇجەرياندا بىرىلىدىغان پۇلنىڭ سوممىسى يىلمۇ يىل ئۆسۈپ باردى(ئەلۋەتتە مال باھا ئۆسۈش سەۋىيەسىنىڭ يەنىلا ئارقىدا) بۇ پۇلنى ئالىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلمۇ يىل ھەتتا بەزىدە ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپ باردى .بۇنى پارتىيە مەركىزى كومتىتنىڭ تىخمۇ كۆپ ئاجىز ئاممىنى يۆلەش دائىرسىگە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تۆۋەندىكى چىرىكلىك مەسىلسىنىڭ بۇ ئىشتا ئىجابى تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەس، چۈنكى كۆز ئالدىمىزدا خىلى پۇلى بار يۈز ئابرويلۇقلارنىڭمۇ پۇت قولى ھەممە ئەزايى ساپساق قىران يىگىتلەرنىڭمۇ  كىرەكلىك تاشنىڭ ئىغىرى يوق ئازراق يول ماڭسام ھەل بوپ قالدى دەپ ئىلىپ يۈرۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. ئەسلىدە ھەقىقى ئاجىزلارغا بىرىلىشى ھازىرقىدىنمۇ سوممىسى كۆپرەك بىرىلىشى كىرەك ئىدى.بىراق ھازىر قارا قويۇق بىرىلىۋاتىدۇ.شۇ سەۋەبتىنمىكىن قەشقەر شەھرىمىزدە ئەمگەك كۈچى يىتىشمەيۋاتسىمۇ(1ئەمگەك كۈچى كۈنلۈكى 130يۈەن) مەھەللە ۋە باغچىلاردا قىرىت ئويناۋاتقانلار يىلسىرى كۆپەيمەكتە ئىچكىرىگە بارغانلاردىن ئاڭلىسام بۇ ئەھۋال ئىچكىرىدىمۇ ئوخشاش ئىكەن مەن يەنە تىجارەت مۇناسىۋتى بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى يىزىلارغىمۇ بىرىپ قالدىم كۆرگىنىم بولسا دىخانلار يەرنى ئىجارە بىرىۋىتىپ يەر تىرىمايدىغان ئەھۋاللارنىڭمۇ باش كۆتىرىپ قالغىنى بولدى ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار دىخانلار يەر تىرىمىسا ھۈنەرۋەنلەر ھۈنەرقىلمىسا تىجارەتچىلەر تەسكەن دەپ تىجارەت قىلمىسا بۇ نىمە بوپ كەتتى ئەمدى پۇل ئۈچۈن ئادەم چوڭقۇر كانلارغا كىرىپ ئىشلەيدۇ پۇل ئۈچۈن جاپا چىكىشكە رازى بولىدۇ پۇل ئۈچۈن تومۇز ئاپتاپتا قىلىشقا زىمىستانغا كۆنۈشكە رازى بولىدۇ .مۇشۇنىڭ بىلەنلا كەتسە مەيلىدىغۇ بىراق بۇ ئەھۋال تەييار تاپلارنى كۆپەيتىۋەتتى يەنە بىر جەھەتتىن پۇلنى پاخاللاشتۇرۇپ يىمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن شەيىخ سەئىدى شىرازىنىڭ، ھەركىشى ئۆز ئەجرىدىن قىلسا مىھنەت، بىراۋنىڭ شەپقىتىگە يوق ھاجەت ،دىگەن ھىكمەتلىك شىئىرى ئىسىمگە كەلدى.مىنىڭچە ھۆكۈمەت ئەگەر بۇ ئىشلارغا كارى بولماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولسا جوڭگو بويىچە ئاپەت خاراكتىرلىك، ئەمگەك قىلغانلار بىلەن ئەمگەك قىلمىغانلارنىڭ پەرقى رۇشەن بولماسلىق سەۋەبىدىن جەمىيەتكە زور بىر تۈركۈم ھورۇنلارنى تەربىلەپ بىرىشى 30يىللىق ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە زور زىيان يىتىشى مۇمكىن مۇمكىن. قالغىننى تورداشلار مۇلاھىزە قىلىپ باقسا؟..........................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 08:33:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىشىمچە چەتئەللەردە بولۇپمۇ ئامرىكىدا تۆۋەن كاپالەت پۇلى مىيىپ قىرى ياشانغان كىشىلەرگە سىجىل بىرىلگەندىن باشقا ياشلارغا بىرىشتە ئىشسىزلارغا توختاملىق يەنى پالانى يىلنىڭ مانچىنچى كۈنىدىن پالانى يىلنىڭ مانچىنچى كۈنىگىچە ئۆز ھال ئەھۋالىنى ياخشىلىغۇچە دىگەننى ئالدىنقى شەرت قىلىپ بىرىدىكەن سوممىسىمۇ خىلى يۇقىرى ئىكەن .بىر قىتىم بۇ پۇلغا ئىلتىماس قىلىش بىلەن يەنە بىرقىتىم ئىلتىماس قىلىش ئارلىقىدا مۇئەييەن يىل چەكلىمىسى بار ئىكەن ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق تەييارتاپلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم كۆپ ئاجىز ئاممىنى مەنپەتلەندۈردىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 08:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھ ھارۇن رەشىد يۇرتقا كاتتا سورۇن ھازىرلاپ پۈتۈن يۇرت ئەھلىگە 40كالا 40قوي 40تۆگە سويۇپ داستىخان ھازىرلاش مۇناسىۋتى بىلەن ئۆزىنىڭ قوشنا ۋىلايەتتىكى ئۆلىما دوستىغا ئۆز قولى بىلەن باغاق يىزىپ ئىلىپ كىتىۋاتسا  شۇنداق بىر چۆل جەزىرىدە بىر بوۋاينىڭ ئوتۇن تىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ . پادىشاھ ھارۇن رەشىد ئاتتىن چۈشۈپ بوۋايغا    پادىشاھ ھارۇن رەشىد ئەتە يۇرتقا كاتتا داستىخان سالماقچى بۇيەردە جاپا تاتقۇچە بىرىپ شۇنى يىسىڭىز بولمامدۇ دىگەندە بوۋاي  ھەركىشى ئۆز ئەجرىدىن قىلسا مىھنەت ھاتەمنىڭ شەپقىتىگە يوق ھاجەت دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ  (ئەجداتلار نەسىھىتى دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى)

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:22:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە مەركەز خەلققە ئىنتايىن پايدىلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىدۇ. ئەمما يەرلىكتە ئەمەلىيلەشمەيدۇ. مانا بۇ جۇڭگو.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7098
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:22:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە 3 تېما يوللىسام بىرسىمۇ تەستىقلانماپتۇغۇ؟باشقۇرغۇچىلار نېمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟ مەندە ئۆچۈڭلار بارمىتتى؟!

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:08:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش پۇلنى كادىرلار ئالدۇ، ئۇلار ئۆزئىسمدا تىزىملاتسا چاتاق چىقىشتىن ئەنسرەپ خوتۇننىڭ ، بالسنىڭ ، ئۆلەپ كەتكەن تۇغقانلىرنىڭ ، ۋەباشقا قارغۇچىسى يوق ئۆلۈپ كەتكەن كىشلەرنىڭ نامدا تىزىملىتىپ پۇلنى ئىلپ خەجلەيدۇ، تۇرمۇشتا قىينچىلق بارلار بىربولسا ھاشاردا،يەنەبىربولسا ئىش ھۆددە ئىلپ تۇرمۇشنى قامدايدۇ، ئاساسلق بۇپۇلنى ھاراقكەشلەر بەكرەك ئالامدىكى دەيمەن ، بىزنىڭ يىزىدا تۆۋەن تۇرۇمۇش پۇلى بەزلەرگە ئايلق مائاش بولوپ قالدى ، بىزنىڭ دۇكانغا كىرسمۇ نىسگە مال ئىلپ پۇلسنى مائاشم چىققاندا بىرەي دەيدۇ،سىز خىزمەت قىلمسڭىز دىسەك -ھۆكۈمەت بىردىغان بىكالق پۇل، دەپ كۈلۈپ كىتدۇ، ئۆتكەن يىل بىزنىڭ سابق كەنىت باشلقمۇ شۇسەۋەپتىن چۈشۈپ كەتتى ، يىزدىن كەنتكە بىرىلگەن سان 400، ئەمما دىھقانلارغا300دەپ ئۇقتۇرۇپ ،قالدى 100كىشنىڭ پۇلنى يىزدىكى خەلق ئىشلار كادىرى بىلەن بۆلشىپ ئاپتكەن ، بىزنىڭ دىھقانلار بىلپ قىلپ ئەرىزقىلپ ئەملىدىن چۈشۈرۋەتتى ،      مىنىڭ ھۆكۈمەتكە مۇنداق پىكىرىم بار-------------ياشانغانلارغا بىرىلدىغان پۇلنى كۆپەيتسە، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلنى بەرمسە بولاتتى ، بەرسمۇ بەربىر نامراتلارغا تەگمىگەندىكىن ھۆكۆمىتىمىز باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسسە، دىمەكچى

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:18:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىردە مەلۇم بىر باي(بەك بايمۇ ئەمەس) يىراق تاغلىق كەنتتىكى بىر نامرات ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا 400 يۈەن پۇل ئىۋەرتىپ بەرگەن. بۇ ياردەم ئۇ ئوقۇغۇچى تولۇقسىزدىن ئۆرلەپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگنچە داۋاملاشقان. بۇ ئوقۇغۇچى كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ھېلىقى ساخاۋەتلىك كىشى ئۇ ئوقۇغۇچىنى يوقلاپ بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەر ئايدا 400 يۈەن ئەمەس 40 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23733
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:26:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى بايلار كۆپرەك ئالىدۇ . بىرىلگەن ئۆيلەرمۇ بايلارغا كۆپرەك بىرىلىدىكەن . ئاھالە كومتىتىدىكى خىزمەتچىلەر بېيىپ كەتتى ھازىر ، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلارغا 3000كوي بەرسە ، كومتىتتىن چىقىشىغىلا ، بىز تىزىملىتىپ ئەپ بەرگەن پۇل دەپ ھارامدىن قورقمايدىغان خىزمەتچىلەر 2000نى ئېلىۋالىدىكەن ، قايسى كۈنى شۇنداق ئاڭلىدىم .تۇۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنىمۇ 20 ، 30 مىڭ كوي پارە بەرسە ھەممە ئادەم ئالالايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھۆكىمەت خىزمەتچىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئۆيلەرنى ئېلىپ ، باشقىلارغا ئىجارە بەرمەكتە .نامرات، پۇلى يوقلار نىڭ بۇ ئۆيگە ئېرىشىشى بەك تەس . چىرىكلىككە قارشى ھەركەت دىگەنلەر ئىشىنى قىلسۇن ھازىر . دەپ كەلسە ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ كىتىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqakkiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 02:31 PM  


بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:44:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلدىغان بولدۇم.خاپا بولماي باشقۇرغۇچى دوسلار،مېنىڭ تۈنۈگۈن يوللىغان ،ئامرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات رۇزى دىگەن تىمامنىڭ،نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەرسەڭلار.نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەنلىكى  ئەسكەرتىلمەپتۇ.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:06:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىنى بايلار،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلار ئېلىۋاتىدۇ.ئەمەلى قىيىنچىلىقى بارلارغا تەگمەيۋاتىدۇ .
جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش