مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1482|ئىنكاس: 10

بىر ئانىنىڭ خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72453
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 07:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

816BF3CA9R5ASBCAEJ4LMRCAKCJEKUCALNZY6KCAYCL7C3CAD5UVM5CAX0TQGXCAQ4EL8HCAPHC8V6CA.jpg

.يانىۋار : كۈندىن كۈنىگە چوڭىيىۋاتقان قورسىقىمغا قاراپ جىمى مەۋجۇدات قول ئىلكىدە بولغان كەرەملىك رەببىمگە توختىماي ھەمدۇ-سانالار ئېيتاتتىم. قورسىقىمنى سىيلاپ تۇرۇپ تۇغۇلغۇسى بالام بىلەن غايىبانە مۇڭدىشاتتىم ، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى خىيال قىلاتتىم .

3.يانىۋار: بۈگۈن يولدىشىم كەلگۈچە ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ تۇرماقچى بولدۇم،ئەمما كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان قورسىقىم ،ھەركەت قىلىشىمغا سەل قۇلايسىز بولاتتى ،شۇنداقتىمۇ ئاۋايلاپ ئالدىرماي ھەركەت قىلاتتىم ، ئاي كۈنۈم يېقىنلاشقانسىرى يولدىشىم ھېچ ئىش قىلماي ئارام ئېلىشىمنى ،تاماقنى سىرتتىكى ئىشەنچىلىك ئاشخانىلاردىن ئۆزى ئەكىرىپ بېرىدىغانلىقىنى تاپىلاپ شۇ پىلانى بويىچە ئىش كۆرىۋاتاتتۇق ،ئەمما تۇغۇتۇمنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلمايمۇ بولمايدۇ دە، شۇڭا بۈگۈن جېمى ئەندىشە ۋە مۇداپىئەلەرنى قايرىپ قويۇپ ئاشخانىدا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتىم ،سەي-كۆكتاتلارنى ئادالاپ بولۇپ،ئورنۇمدىن تۇرىشىمغا ئاشخانا ئۆيدىكى سىيلىق چىنە خىش ئۈستىدە تېيىلىپ تىزىمچىلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم، شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم،ئۆزۈمدىن ئەمەس ، ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان بالامدىن ،جىددىيلەشكىنىمچە :«ۋاي جېنىم بالام سەن بىرنېمە بولمىغانسەن»دەپ ئېڭىشىپ قورسۇقۇمغا قاراپ گەپ قىلىپ كېتىپتىمەن .بۈگۈنكى بۇ كىچىككىنە بالا قازانى يولدىشىمغا دېمىدىم،پەقەتلا ئاللاھتىن بالىنىڭ ساق-سالامەت بولىشى تىلەپ دۇئا قىلدىم . ئەلھەمدۇلىللاھ ،ئاللاھۇتەئالا :«ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان)دا قىلدۇق. »(سۈرە مۇرسەلات21-ئايەت) دېگىنىدەك بۇ بىخەتەر ئارامگاھتا بالام ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان بولسا كېرەك، كېچىسى يېنىككىدە بىر قانچىنى تېپىپ :« ئاپا مەن ساق سالامەت ،ئەنسىرىمەڭ»دەپ بەلگە بەرگەندەك بولدى.

7.يانىۋار:بۈگۈن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى باردۇق ،دوختۇر بالىنىڭ ئوقىنىڭ بوينىغا يۆگىشىپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى ،كۆڭلۈم يېرىم بولدى،كۆز ئالدىمغا بوينى ئارغامچا بىلەن باغلانغان بىر بوۋاقنىڭ ھالىتى كېلىۋالدى ، ئاللاھتىن ئۆزى تۈگكەن بۇ تۈگۈننى يېشىۋىتىشىنى تىلەپ كۆپلەپ دۇئا قىلدىم ۋە ئۆيدە ئاستا -ئاستا ئۆمۈلەش ھەركىتى ئېلىپ باردىم.
ئۆمۈلەش توغرىسىدا گەپ چىقسا ئىچىم بىر خىل بولۇپ كېتىدۇ ،قايسىدۇر بىر شەھەردە بىر ئايالنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئوقى يۆگىشىپ قالغانىكەن ،دوختۇرلار ئۆمۈلەش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسۇن دېسە ،ئۇ ئايال ئۆيگە كېلىپ ئانىسىغا :« دوختۇر مېنى موللاق ئېتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ» دېدى دەپتۇ ،ئانىسى بىر ئاز ھەيران قالغان بولسىمۇ دوختۇرنىڭ دېگىنى بولغاندىكىن دەپ قىزىنى موللاق ئاتقۇزماقچى بوپتۇ ،تۇغۇلىشىغا ئازلا قالغان، شۇنداق يوغىناپ ئېغىرلاپ كەتكەن قورسىقى بار بىر ئايالنى موللاق ئاتقۇزۇش شۇنچە ئاسانمۇ دەيسىز، ئاچا-سىڭىللىرى ،ئانىسى ھەممىسى بىر بۆلاپ،قىزنى يۆلەپ تارتقۇشلاپ يۈرۈپ موللاق ئاتقۇزۇپتۇ،بۇ موللاق ئاجايىپ بىر موللاق بوپتۇكى ، قىز مۇشىت يىگەن چامباشچىلاردەك نەچچە قات كۆرپە ئۈستىگە شۇنداق قاتىىق يىقىلىپتۇ ۋە قورسىقىنىڭ ئاغرىقىدىن تىلى گەپكىمۇ كەلمەي قاپتۇ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بالىنى ساقلاپ قالالماپتۇ ، بۇ ھەقىقىي بولغان ۋەقە ئىكەن ،نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆمىلەش ھەرىكىتى ئىشلىگىنىمدە مۇشۇ ۋەقە ئېسىمگە كېلىۋىلىپ شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم،ئۆمىلەش ئۈچۈن ھەربىر ئالدىغا سۈرۈلگىنىمدە توختىماي ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلدىم.

12.يانىۋار: بالامنىڭ ھەركىتى نورمال ئەلھەمدۇلىللاھ ،ئاۋاز ياڭراتقۇدا قۇرئان تىلاۋىتىنى ھەر كۈنى قويۇپ قويىمەن ،ئاللاھ نېمىدىگەن قۇدرەتلىك ھە ، ئولتۇرۇپ ئىش قىلغانلىرىمدا قورسىقىم قاتلىشىپ بىئارام بولسا كېرەك،تىپىرلىغاندەك قىلىپ ،گوياكى ماڭا :«ئاپا قاتلىشىۋىلىپ ،مېنىمۇ قىينىۋەتتىڭىز،قوپۇپ كېتىڭە »دېگەندەك قىلىپ كۆپرەك تېپىپ قويىدۇ ،بەزىدە بۇ تېپىكنى يىگەندىن كېيىن «خاپا بولماڭ بالام» دەپ قويۇپ شۇ زامان قوپۇپ كېتىمەن،بەزىدە ئىشچانلىقىم تۇتۇپ كېتىپ قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىۋاتقان بولسام بۇ سىگىنالنى ئاڭلىماسقا سالىمەن دە ،بالامنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغاندەك ،قۇرئان تىلاۋىتىنى قويۇپ قويىمەن شۇنداق چاغدا بالا جىمىپ كېتىدۇ،خۇددى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئېيتىلىۋاتقاندا بىر تال تاشنى ئۇيان بۇيان يۆتكەشمۇ ئارتۇقچە بولغىنىدەك،ئۇمۇ مىدىرلاشنى ئارتۇقچە كۆرگەن بولسا كېرەك .

14-يانىۋار: ئاللاھنىڭ رەھمى ھىدايىتى بىلەن ساق -سالامەت كېتىۋاتىمىز ، بالىنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان،بىزنىڭ قولىمىزدا تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلايدىغان كۈنلىرىگە ئازلا ۋاقىت قالدى، بالامنىڭ چىرايىنى پەرەز قىلىشقا باشلىدىم ،ماڭا ئوخشىسا بولارمۇ ياكى دادىسىغىمۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى دادىسىغا ئوخشىسۇن،دادىسى قاڭشارلىق،قاش كۆزى بەكمۇ كېلىشكەن بىر يىگىت (ھەممە ئادەمگە ئۆزىنىڭ جۈپتى ھالالى شۇنداق چىرايلىق كۆرىنەمدىغاندۇ يا؟ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) ماڭا ئوخشىسا سەل چىرايلىق بولماي قالىدۇ ، بويۇممۇ پاكار،ئۆزۈممۇ سېمىزرەك ،تولا ۋاقىتلاردا سېمىز دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمەي ئۆزۈمنى بەزلەپ بۇدرۇققىنە مەن دەپ قويىمەن تېخى ، ھە بولدى،ئەمسە مۇشۇنداق بولسۇن ،دادىسىغا ئوخشىسۇن !
ئەستەغفۇرۇللا ،مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم ،ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :«ھەربىر (ھامىلدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى اﷲ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ- قىزمۇ، بىرمۇ- كۆپمۇ، چوڭمۇ- كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ- سەتمۇ، بەختلىكمۇ- بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ- قىسقىمۇ ھەممىسنى اﷲ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىك ياكى يوغناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلدىغانلىقىنى) (اﷲ)بىلىدۇ. اﷲنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر(سۈرە رەئىد 8-ئايەت). دېمىگەنمىدى ،مەن نېمىشقا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بالىنىڭ ھالىتىنى پىلانلاپ كەتكەندىمەن، ئىھ جانابىي ئاللاھ سىز بەكمۇ مېھرىبانسىز، تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇرسىز، سىياھ قۇرىمىغان ، دەپتەر يېپىلمىغان ،پەرىشتىلەر بۇ گۇناھىمنى خاتىرلەپ ئۈلگۈرمىگەن بۇ ئەھۋالدا ئۈشبۇ گۇناھىمدىن كەچكەيسىز ئامىين.

17.يانىۋار:دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندىم ،تۇغۇتنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن دەسلەپكى تولغاغ باشلانغاندىلا ماشىنىغا چىقماي ئاستا-ئاستا ئازراق يول ماڭدۇق ،بىردەمدىن كېيىن پەقەت چىدىمىدىم ، يولدىشىمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ :«مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن،تىز ماشىنا چاقىرىڭ » دېگەن گەپنى ئىنجىقلاپ تۇرۇپ ئاران دىيەلىدىم ، يولدىشىم مېن تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي گەپ قىلاتتى. :«قورقماڭ ، ئاللاھ بار ،ھەزرىتى مەريەم ،ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنى تۇغقاندىمۇ تولغاق ئازابىدىن شۇنداق ئازابلىنىپ ‹كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس )بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسامچۇ؟ سۈرە مەريەم 23-ئايەت› دەپ كېتىپتىكەن،سىزلا ئەمەس ،بارلىق ئانىلار مۇشۇ ئازابنى چەككەن ھەم چېكىۋاتىدۇ ،سەبىر قىلىڭ چىداڭ،ئاللاھ ئاسانلىق بېرىدۇ ،مۇشۇ چەككەن ئەرزىيەتلىرىڭىز ئۈچۈن گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلىۋىتىدۇ ئىنشائاللاھ » دېدى ، بۇ ئازاب دەملىرىدە ئۇ گەپلەر قۇلىقىمغا كىرەمدىغان ،ئەمما ئىچىمدە توختىماي «سۈرە فەلەق» بىلەن «سۈرە ناس»نى زىكىر قىلدىم ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ 2 سائەتتىن كېيىن بالا تۇغۇلدى .

18.يانىۋار: يولدىشىم بالىنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇرۇق-تۇغقان دوست بۇرادەرلەرگە خۇشخەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن مەشغۇل ، مەن پۇت-قولۇمدا جان قالمىغان ھالەتتە كۆزلىرىمنىمۇ ئاران تەستە ئېچىپ يېنىمدىكى كىچىك كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇلغان بالامغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم،قىز تۇغقانىدىم، دادىسىغا ئوخشاش قورقماس يىگىت تۇغۇلسۇن دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتكەنىدىم،دېمەك ئىنساننىڭ قولىدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيتتى ، ھەممە ھوقۇق ئاسمان ۋە زىمىنلارنىڭ خوجايىنى بولغان ھەق سۇبھانەۋەتەئالادا ئىدى.
مۇسۇلمان قېرىندىشىغا كەلگەن خۇشاللىقتىن تەڭ خۇشال بولۇش قېرىنداشلار ئوتتۇرسىدىكى بىر ئومۇمىي چۈشەنچىغۇ ھە ، بەرىكەتلىك دۇئالىڭلار بىلەن تەبرىكلەڭلار قېرىنداشلىرىم.سىزگە بېرىلگەن بۇ سوۋغاتقا مۇبارەك بولسۇن ،بۇ سوۋغاتنى ئاتا قىلغان رەببىمگە رەھمەت ئېيتىڭ ،ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ، بالىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ،سالىھ بەندىلەردىن بولىشىنى نېسىپ قىلسۇن دەپ خەيىرلىك دۇئا قىلىڭلار.
دادىسى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ئاڭلىغان تۇنجى سۆزى ئىسلام شۇئارى بولسۇن دەپ قۇلىقىغا يېنىك ئاۋازدا ئەزان ئېيتتى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ئۇنى خورما ۋە زەمزەم بىلەن ئېغىزلاندۇردۇق.
ئەمدىكى مەسىلە ئىسىم قويۇش ئىدى .


23-يانىۋار:بالا تۇغۇلغىنىغا 6 كۈن بولدى ،ئۇ تېخى ئىسىمسىز ،بۇ 6 كۈن جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى سۆزلىمەيلا قوياي ، دادىسى بىلەن بىر قانچە قېتىم جىدەللىشىپ قالدۇق «مەن مىڭبىر جاپادا ،مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ ئاران تۇغسام،5-6 كۈنگىچە ئىسىممۇ قويماي يۈرۈيسىزغۇ،ئۇنى نېمىدەپ چاقىرىمىز » دەپ خاپا بولدۇم، يولدىشىم يەنە بۇرۇنقىدەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن « شۇنداق،سىز تۇغدىڭىز ئەمما بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ،ئاتا ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى تۇنجى مەجبۇرىيىتى بولغان ياخشى مەنىلىك ،گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىمىزنى قانداقمۇ بۇنچە يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇنى ئويناۋاتقان يېرىدىن چاقىرغاندەك چاقىرمىغاندىكىن ،قىزىمىزمۇ ھە مانا مەن ئانا دىيەلمىگەندىكىن ،چاقىرماي تۇرۇپ تۇرمامسىز،بەك چاقىرغۇڭىز كېلىپ كەتسە ئابدۇللاھ دەپ چاقىرىپ تۇرارسىز »دەپ كۈلدى ،ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ماڭا مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ «ۋوي ،مېنىڭ قىز ياكى ئوغۇل تۇغقانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسىز » دەپ خاپا بولدۇم،يولدىشىم «ئالدى بىلەن ئۇ ئاللاھنىڭ قۇلى ،بەندىسى » شۇڭا بۇنداق دەپ چاقىرىپ تۇرۇشنىڭ نەرى خاتا ،مەن ئىسىم ئويلىشىۋاتىمەن ،پەيغەمبىرىمىز سەت ئىسىملارنى چىرايلىق ئىسىمغا ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپتىكەن ،بىلىپ بىلمەي سەت ئىسىملارنى ،مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملارنى قويۇپ سېلىپ بۇ قىلمىشىمىزدىن سوراققا تارتىلىپ يۈرمەيلى ،بالىمىزمۇ چوڭ بولغاندا ئەجەپ ياخشى ئىسىم قويۇپتىكەن ماڭا ئاتا ئانام دەپ قالسۇن ،شۇڭا ياخشىراق ئويلىنايلى يەنە بىر كۈن بولغاندىكىن » دېدى ،دېمىسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق ئىدى ،بايىقى ئورۇنسىز جىدەللىرىمدىن نۇمۇس قىلىپ بارامغا قاراپ جىممىدە يېتىۋالدىم.

24-يانىۋار : قىزىمىزغا زەھرا دەپ ئىسىم قويۇلدى ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەزرىتى خەدىچەدىن بولغان كىچىك قىزى ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەقىمى قىزىمىزغا ئىسىم بولدى . ئىنشائاللاھ قىزىممۇ ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك سالىھ ،مۆئمىن ئاياللاردىن بولالىسا ھە ، قىزىم زەھرا ، ئىسمىڭىزنى ياقتۇرشىڭىزنى ،چوڭ بولغاندا«ئانا مېنى بالىلار زورىخان دەپ چاقىرىۋاتىدۇ،ماڭا نېمانداق غەيرى ئىسىم قويغان » دەپ رەنجىپ قالماسسىز ھە ،ئىسمىڭىزغا لايىق چوڭ بولغايسىز قىزىم . ئىسىم ھەققىدە گەپ بولۇنسا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار چىقىشى مۇمكىن،بەزىلەر دەيدۇ ،قۇرئان ئەرەپچە نازىل بولغان، جەننەت ئەھلى ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدۇ شۇڭا ئرەرەپچە ئىسىم قويۇش كېرەك،بەزىلەر دەيدۇ ،ئۇيغۇر بولغانكەنمىز ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش كېرەك ، مەن دەيمەن ، مەيلى قايسى تىلدىكى ئىسىمنى قويۇڭ ، مەنىسى ياخشى ،يېقىملىق بولغان ئىسىمنى قويۇڭ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈئئىتى ۋە تەۋسىيەسى بويىچە ئاللاھنىڭ يالغۇز ئىلاھلىق سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئەستە تۇتۇش قولايلىق ، چاقىرىشقا ئەپلىك ئىسىملارنى قويۇڭ. ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى پەيغەمبەر ئەلەيھھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ :«بالىلىرىڭلارغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇڭلار،ئىسىملارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراھماندۇر،ئەڭ توغرا بولغان ئسىم ھارىس ۋە ھەمامدۇر ،ئەڭ يامان بولغىنى ھەرب ۋە مۇررە دېگەن ئىسىملاردۇر»
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىم قويۇش ئەھۋالىغا قارىساق ، بۇرۇنقىدەك بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئالدىغا نېمە ئۇچرىسا شۇنىڭ ئىسمىنى قويۇشتىن ،ئاتا ئانىلار بەكرەك ياخشى ئويلىنىپ ياخشى مەنىلىك ،گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشقا يۈزلىنىپتۇ ،يەنە قىسمەن ئاتا-ئانىلار بەزى ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بەزى غەيرى گەپ سۆزلەرگە كەينىگە قوشۇمچە ياكى باغلىغۇچىلارنى قوشۇپلا ئىسىم ياسىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ ،مەسىلەن ،رۇبىنا،رىدا دېگەندەك ،بۇ ئىسىملار قايسى تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ،نېمە مەنىدە ،بۇنى بىر ئاتا-ئانىسى بىلىدۇ ۋە ياكى بىلمەيدۇ ،ئىشقىلىپ مىسال ئېلىپ كەلسەك بۇنداق ئىسىملار ھەقىقەتەن كۆپ ،ھازىرچە كاللامغا كەلمەي قالدى .
چۈشتىن كېيىن : بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈردۇق ، بۇنى تۇغقانلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا چاچ دېگەندىن كۆرە ،سىرىق تۈك دېگەن بىرئاز ئەۋزالمىكى ،بەزى تۇغقانلار :« نېمە قىلسىلەر ،بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ بېشىنى زەخمىلەندۇرۇپ ئۇستۇرا سېلىپ ، چاچ دېگۈدەك چاچمۇ يوقكەن ئۇنىڭ بېشىدا ،قىرقى توشقاندا چۈشۈرسەڭلارمۇ بولار» دەپ رەدىيە بېرىشتى ،ئەمما يولدىشىم ئىككىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدە چىڭ تۇرۇش تەرەپدارى ئىدۇق.
ئىمام مالىك(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنىشىچە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن ۋە ھۈسەيىن،ئۇممۇگۈلسۈمنى تۇغقاندا ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرتۈپ،چاچنىڭ ئېغىرلىقى مىقدارىدا كۈمۈش سەدىقە قىلغان.‹ ئۇممۇ گۈلسۈمدىن ئىبارەت مۇشۇ گۈزەل ئىسىمنى نەقەدەر سەت ئاتايمىز ھە بىز ئۇيغۇرلار ،تولۇقسىزدا 2 ساۋاقدىشىمىز بار ئىدى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىسمى ئۇممۇ گۈلسۈم ئىدى ،ئەمما كۆپچىلىك ۋە ھەتتا ئۆزلىرىمۇ چاقىرىپ كۆنگەن ھالىتىدە ئىمىن گۇسۇڭ دەيتى ، دەسلەپ ئاڭلىغىنىمدا بۇ قانداق ئىسىمدۇ دەپ ھەيران بولغانىدىم،كېيىن ئۇممۇ گۈلسۈم دېگەن ئىسىمنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن تەلەپپۇزى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوقلىما دەپتىرىگە ئىسىم يازغاندا ئۇممۇ گۈلسۈم دەپ يېزىپ بەردىم،بۇ يەردە شۇنى ئاقسالىق بىلەن دەۋالايكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا 6 يىل ئۆگىنىش باشلىقلىق ۋەزىپسىنى ئۆتىگەنىدىم،گەرچە ئۆگىنىشتە ئانچە ياخشى بولمىساممۇ ھې ھې قېنى ماۋۇ قىزىرىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى ›خوش ،پونى ئازراق ئېتىپ گېپىمنى داۋام قىلاي ، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ قىممەتلىك ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ،جەننەت ياشلىرىنىڭ سەردارى بولغان نەۋرىلىرىنىڭ چېچىنى ،بېشى زەخمىلىنىپ قالار،دەپ ئەندىشە قىلماي چۈشۈرتۈپتۇيۇ ،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ زەخمىلىنىپ قالارمۇ ،تۇغقانلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن سۆزلەپ بەرگەن بولدۇق،قايىل بولغانلار بولدى ،بولمىغانلار ئىچىدە غودۇراپ قالدى ، چاچنى چۈشۈرۈپ تارازىغا سالساق ،ئالمىچى ،نەشپۈتچىنىڭ تارازىلىرىدا تارتقىلى بولامدىغان ئۇ «تۈكسىمان چاچنى» ،يولدىشىم زەرگەرچىلەردە جىڭلىتىپ شۇنىڭ ھېسابىدىكى پۇلنى ھېيتگاھ جامەسى ئەتراپىدا رەت-رەت تۇرۇپ كەتكەن ،بىرەر ياخشى نىيەتلىك كىشى نان ياكى تاماق ئېلىپ چىقىسا گۇررىدە يۈگىرەيدىغان شۇ غېرىپ مىسكىنلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ . بەزى ئاتا ئانىلار ،ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىزنىڭ قۇلىقىمىزدا ،بىلىكىمىزدە يوق ،ئۇنىڭ ھېسابىدىكى پۇلنى سەدىقە قىلامدۇق دەپ ئويلىشى مۇمكىن ، ئەنسىرىمەڭ ،پەيغەمبرىىمىز نېمىدىگەن ئالدىن كۆرەر ھە،ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇڭا ئالتۇن سەدىقە قىلىڭلار دېمەستىن ،ھەممىلا ئادەمنىڭ قۇربى يەتسۇن دەپ كۈمۈش سەدىقە قىلىڭلار دەپتۇ ،كۈمۈشنىڭ باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ھېچقانچە پۇل كەتمەيدۇ ، ئاۋارىچىلىق كۆرمەي ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپ ساۋاب ئالغۇڭىز يوقمۇ قېرىندىشىم.

28-يانىۋار : بۈگۈن زەھرانىڭ ئەقىقىسىنى قىلدۇق ، بۆشۈك تويىنى قىلدۇق دېمىدىم ،خاتا چۈشىنىۋىلىشقا ئالدىرماڭ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئەقىقە بالىغا ئىسىم قويۇلىدىغان يەتتىنچى كۈنى قىلىنىدۇ ،ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قوي ،قىز بالا ئۈچۈن بىر قوي سويۇلسۇن » دېگەنىكەن ،يەتتىنچى كۈنى ئۇ ئىشلارنى قىلىشقا شارائىت يار بەرمىدى ،شۇڭا سوزۇلۇپ كەتتى . بۇ يەردە ئەقىقە قىلىشنىڭ ھېكمەتلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتسەم :
1.بالىنىڭ نەسەبىنى ئىلان قىلىشتۇر ،يەنى مېنىڭ بالام بولدى دەپ ئىلان قىلىش ئارقىلىق ،سۆز-چۆچەك،پىتنىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.
2.بىخىللىقنى تاشلاپ ،سېخى بولۇشقا پايدىلىقتۇر.
3.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بالىسى ئىسمايىلنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلماقچى بولغىنىدا ئاللاھ ئۇنىڭ ساداقىتى ئۈچۈن بىر قوچقارنى مۇكاپات قىلىپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ ۋە شۇ قوچقار سويۇلىدۇ ،شۇ سەۋەب بالا تۇغۇلغاندا مال سويۇپ نەزىر بېرىلىدۇ شۇڭا بۇ ئىش ئارقىلىق بالىغا ئەجداتلاردىن قالغان ئەمەللەرنى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقتۇر.
4.بالا ئۈچۈن قىلىنغان بۇ قۇربانلىق كۆپچىلىكنىڭ ياخشى دۇئا ۋە تىلەكلىرىگە سەۋەب بولىدۇ،ۋە بالىنى مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇپ ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىۇر.
5.بالا گۆرەگە قويۇلۇشتىن ئازات بولىدۇ ،چۈنكى بالا تۇغۇلىشىغىلا ئەقىقىگە گۆرەگە قويۇلىدۇ ،يەنى قەرز بولىدۇ ،مەشھۇرلار بالىسى ئۈچۈن ئەقىقە قىلمىغان ئادەمگە بالىسىنىڭ شاپائىتى ھارام بولىدۇ دەيدۇ ، بالىنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن ،چوقۇم بۇ ئىشنى قىلىش كېرەككەن.
بۇ يەردە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى ،مال سوي دىگەنلىك ،سويۇپ ئەكىرىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن بالاڭنى قۇۋەتلىك باق دېگەنلىك ئەمەس جۇمۇ ، بلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرىغۇ ھەممىسى رەببىگە ئاشىق بولغان ، ھەق يولىغا قاراپ يۈگىرەۋاتقان ئەزىزلەردۇر ،شۇنداقتىمۇ قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن دەپ . بۇ يەردىكى مال سويۇش ،سەدىقە قىلىشتۇر.
شۇنداق قىلىپ يۇقىرقى ئىشلار بىلەن 10 نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ 10 نەچچە كۈندە قىلغان ئىشلارنى تىلغا ئالدىميۇ ، بىزنىڭ يېڭى مىھمىنىمىز زەھرا توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەپتىمەن ،بۇنى كېيىنكى خاتىرەمدە تىلغا ئېلىشقا رۇخسەت قىلساڭلار.

فىۋىرالنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى : بۈگۈن سىلەرگە قىزىمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ،قابىلىيەتلىرىنى بايان ئەيلىمەكچىمەن ، بىر ئايلىقمۇ بولمىغان بالىدا قانداق قابىلىيەت بولسۇن دەمسىز؟ ئەلھەمدۇلىللاھ، قىزىم يىغلاشقا شۇنچىلىك ئۇستىكى ، ئاي ھاي ،ئاۋازىنىڭ چىڭلىقىنى تەسۋىرلىمەيلا قوياي . بىردەممۇ يەردە ياتمايدۇ ،يەرگە قويدۇممۇ شۇ ھامان يىغلايدۇ ، كۆتۈرۈپلا يۈرسەك گەپ يوق ،قورساقتىكى ۋاقىتلىرىدەك قۇرئان ئاڭلاتساق توختاپ قالامدىكى دەپ قۇرئان ئاڭلاتساقمۇ بەزىدە كار قىلمايدۇ ،يەنە شۇ كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئاڭلاستاق جىم ،كۆزلىرىنى پارقىرتىپ يېتىپ ئاڭلايدۇ ، بەزىدە بىر قولۇمدا كۆتۈرۈپ بىر قولۇمدە كارتا ۋە بارماق سىكا قىستۇردىغان ئاۋاز ياڭراتقۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ بولالماي،مانا ئەمسە دەپ ياڭراتقۇنى بوينۇمغا ئىسىپ قويغۇم كېلىپ كېتىدۇ . بەلكىم بۇ بالىنىڭ بىرەر يېرى ئاغرىيدىغاندۇ ۋە ياكى مېنىڭ قوينۇمدا ياتسا بەكرەك بىخەتەر ھېس قىلىپ يەردە ياتقۇسى كەلمەيدىغاندۇ .

فىۋىرالنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى : بالا تۇغۇلدى ، ئالدىراشچىلىق قوينىغا كىرىپلا كەتتىم ،ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇپ بالا ئويغانغۇچە چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلىۋالمىسام ،ئويغىنىپلا قالسا ھېچ ئىش قىلالماي قالىدىكەنمەن ، ئەنە شۇنداق كېچىلىرى بۆشۈككە ئېسىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ ،ئەتىگىنى بەك سەھەر تۇرۇپ ئۇيقۇمغىمۇ قانمايتىم ، بەزىدە بالىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئەللەي ئەتكىنىمدە، ھەراست ،مەن ئەللەي ناخشىسى ئۇقمايدىكەنمەن ، ئۇخلاڭ بالام ،ئاي قىزىم،ماي قىزىم دەپ گەپلەرنى قوشاق شەكلىدە ئەللەي ئاھاڭىدا دەپمۇ بېرەلمەيدىكەنمەن ،شۇڭا ئاستا ئالدىرماي سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇپ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئەللەي ئەتسەم ئۇخلاپ قالىدۇ،ئەمما بۇ ئۇخلاپ قېلىشىغا كېتىدىغان جەريان بەكمۇ ئۇزۇن ،ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بېشىم ئۇنىڭ يۈزىگە ساڭگىلاپ تاس قالىمەن ،قىزىمنىڭ يۈزىگە بېشىمنى قويۇپلا ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغىلى .
ئاللاھ بارلىق ئانىلارغا سەبىر تاقەت ۋە ئەجىر بەرسۇن ئامىين،دەسلەپكى كۈنلەردە بۇ بالا نېمانداق يىغلايدىغاندۇ ، ئۇيقۇسى كەلسىمۇ يىغلىغان ، ئويغانسىمۇ يىغلىغان ،ئۇيقۇسى كەلسە بىركىم ئىشقا سالمىغاندىكىن ،جايىدا جىم يېتىپ ئۇخلاپ قالسا ،ئويغانسا گەپ قىلماي يېتىپ ئويۇنىنى ئوينىسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئانچە-مۇنچە قاقشاپ قوياتتىم.
ئەمما يەنە تىزلا ،بەلكىم كىچىك ۋاقتىمدا مەنمۇ شۇنداق قىلار بولغىيتىم ، يىغلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئوخشايدۇ ، يىغلىمىسا نېمانداق يىغلىمايدىغان بالا تۇغقاندىمەن بېرەر يېرى نورمال يېتىلمىدىمۇ يا دەپ ئەنسىرەپ يۈرەر بولغىيتىم ئەقىچان ،ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى دەيتىم .

مارت ئېيى : ھاۋا خېلى ئىللىپ قالدى ، كۈندۈزى سائەت 10 دىن 12 گىچە سىرت خېلى ئاپتاپ ، بۈگۈن قىزىمنى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئېلىپ چقتىم ، ئاپتاپنىڭ دەستىدىن كۆزىنى ئاچالماي قالمىسن دەپ نىپىزرەك بىر ياغلىقنى يۈزىگە يېپىپ قويدۇم ،بۈگۈن ئۇ تۇنجى قېتىم قۇياشنىڭ ھارارىتىنى بىۋاستە ھېس قىلدى ،سىرت ئاپتاپ دەپ نېپىزرەك لۆڭگىسىمان ئەدىيالغىلا يۆگەپ ئېلىپ چىقىپتىكەنمەن ،شامالمۇ ئازراق تەگكەن بولسا كېرەك ،ئۆيگە كىرىپ بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ ،كېچىسى يۆتۈلىپ چىقتى ،ئەتىسى ساقىيىپ قالار دەپ ئارتۇقچە غەم ئەندىشە قىلىپمۇ كەتمىدىم ،بۇرنىدىن سۇ ئېقىش توختىدى ئەمما يۆتەل توختىمىدى ،بۇنچە كىچىك بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارساق ، ئاسما ئوكۇل ئاسىمىز ،ئۆپكىسى شامالداپتۇ دېگەندەك بىر قاتار دىئاگىنوزلار بىلەن نەچچە كۈن ھايال قىلىشى ئېنىق ئىدى ، يەرلىك رىتسىپلاردىن پايدىلىناي دەپ نەشپۈتنىڭ ئىچىنى كولاپ ئىچىگە ئازراق ناۋات سېلىپ قاينتىپ سۈيىنى ئىچكۈزدۈم ، ئىككى ۋاخ شۇنداق قىلغاندىن كېيىن ،ئاللاھ شىپا بېرىپ ساقىيىپ كەتتى .
قىزىمنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى گۆشسىمان ،كۆزلىرىمۇ تۈزۈك ئېچىلمىغان ،تۈزۈك ئەت قونمىغان ،قىزىل يۈزلۈك ھالىتى خېلى ئۇزاققىچە داۋاملاشقانىدى ، ئەمما مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم دېگەن تېمىدا تىلغا ئېلىنغان بالىدەك بالىلارنىڭمۇ تۇغۇلىدىغانلىقى ،شۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭمۇ ۋايسىماي باققانلىقى ئېسىمگە كېلىپ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئېيتاتتىم ،قىزىم ئەمدىلەتىن چىرايلىرى ئېچىلىپ ،گۆش قونۇپ ، سەل چىرايلىق بولۇپ قالدى ، قارىسام قاڭشارلىق ،قاش كۆزى يوغان ۋە قارا بولغان دادىسىغا ئوخشىماي ،تۈزۈك قېشىمۇ يوق ،يالاڭ قاپاقراق ماڭا ئوخشىغاندەك قىلاتتى ،ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى باشقىچە بولاتتى ،دادىسى سىزىپ قالغاندەك :«ۋوي تاتلىق قىزىم،ئوماق قىزىم،ماڭىلا ئوخشىغان قىزىم ، فۇيىن قىلىپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ ھە قاش كۆزلىرى ماڭا » دەپ ئۇ سەل قاملاشمىغان چىراينى ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى . ھې ھې بوپتۇلا ، ئىمان ،ئەخلاقلىق ،ھىدايەت تاپقان بىر قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسىلا بولمىدىمۇ ،شۇنداقمۇ ؟

ئاپرىل : بۇ قىزىم ھاياتنى بەك قىزغىن سۆيىدىغان قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ ، ئۇخلىغىلى ئۇنىمايدۇ ،ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئويغاق ھالىتىدىكى پائالىيەتلەر ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئويناتسام ،ياتقۇزۇپ قويۇپ قورساقلىرىغا سۆيۈپ ئەركىلەتسەم بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل تاللاش.ھە راست ئۇ ئۆزىنىڭ تېپىچەكلەش ،توختىماي مەشىق قىلىپ قىمىرلاشلىرى بەدىلىگە ياتقان يېرىدىن ئۆرۈلەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى ،ياتقۇزغان ھامان ،مىتىلداپ ،قاتلىشىپ يۈرۈپ دۈم بولىدۇ ،ئەمما بېشى سەل ئېغىرمۇ قانداق ،گۈپپىدە بېشىنى كۆرپىگە چاپلاپ يېتىپ قالىدۇ ،بۇنداق چاغلاردا يەنە ھېلىقى يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاش كارامىتىنى ئىشقا سىلىپ چىقرقىراپ يىغلاپ ،مېنى قورقۇتۇپ ،قۇتقۇزۇش سىگىنالى بېرىدۇ .

ماي : كەچۈرگەيسىلەر سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرىم ، خاتىرىنى خۇددى ئايلىق خۇلاسە يازغاندەك ئاتلاپ ،باپلاپ يېزىپ سېلىۋاتىمەن ، مەن نەمۇنىلىك ئانا ، ۋاپادار ئايال ، ياخشى كېلىن بولۇش يولىدا تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمەن . بۇ ئايلىق خۇلاسىدە بىزنىڭ زەھراقىزنىڭ يېڭى ھۈنەر ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىمەن.
زەھرا ئۆمىلىدى ، ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىش جەريانىنى مەن ھېس قىلمىدىممۇ بىلمەيلا قالدىم ، ياتقان يېرىدىن ئۆرۈلۈپ قۇرتتەك مىتىلداپ يۈرەتتى ،شۇنداق قىلىپ بۇ ھەرىكىتى تەرەققى قىلىپ ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىۋاپتۇ ،ئولتۇرغانلىقىنى مانا جاكارلايمەن ،ئەينا جاكارلايمەن دەپ بولغۇچە مانا ئۇ باسقۇچلۇق كۇرۇسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئۆمىلەشنى ئۆگىنىۋاپتۇ ،بەك ئۆلچەملىك ھالەتتە 4 پۇتلۇق بولۇپ ئۆمىلىدى ،تىزلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ 2-3 قەدەم نېرىغا بارالايدۇ ئىشقىلىپ ،ئۇنىڭ بۇ مۇۋاپىقىيىتىنى بىر تەبرىكلىۋەتمەمسىلەر؟

ئىيۇن : ھاۋا بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ، زەھرا ھەر كۈنى ھارۋىسىدا ئاقسا يېتىپ سىرتقا چىقىىپ ئايلىنىپ كىرىدۇ ،ئەلۋەتتە ئۆزى چىقمايدۇ ،ئۇنىڭ كەينىدە ئەلۋەتتە ،بالىنى كۆتۈرۈپ ،ھېلىقى ئېغىر ھارۋىسىنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن چۈشىدىغان، يەنە بىر خالتىدا زاكا ، چاي ،قاتارلىقلارنى توشۇپ يۈرىدىغان ،زەھرا قىزنى ھاردىم تالدىم دېمەي ئىتتىرىدىغان مەن ئانىسى ئۇممۇ زەھرا خانىم باردە ،ئۇف ،سىرتقا چىققاندىن كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى دەپ كەلسەم بىر رومان چىقىدۇ ،رومان چىقمىسىمۇ پوۋىست چىقىدۇ.
نەۋرىلىرىنى بېقىپ يۈرگەن قېرى خەنزۇ ئاياللار بولسۇن ۋە ياكى پەستىكى گۈللۈك ئالدىدا گەپلىشىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئاياللار بولسۇن ھەممىسىنىڭ كۈندىلا سورايدىغان ،جاۋابىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە كۈندە زېرىكمەي سورايدىغان بىر يۈرۈش سۇئاللىرى بار .
-ئوغلىڭىز قانچلىك بولدى؟
-ئوغۇل ئەمەس قىز ،6 ئايلىق بولاي دېدى ئەلھەمدۇلىللاھ
-ھە پەقەتلا چېچى يوقكەن،شۇڭا ئوغۇلبالىمىكى دەپتىمەن
-ھې ھې كېيىنچە ئۇمۇ بوپ قالار
-بۇنچە ئىسسىقتا قاپقارا كىيىنىۋىلىپ ئىسسىمامسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا بىلەن بۇنچە ئۇزۇن كىيىمدە پۇتلىشىپمۇ كېتىدىغانسىز
-دوزاختىكى ئوتنىڭ ھارارىتى ئالدىدا بۇنچىلىك ئىسسىق نېمىتى دەيلا ئاچا ، بىسمىللاھ دەپ ماڭسام پۇتلىشىپمۇ كەتمەسمەن ئىنشائاللاھ
-يامانمۇ بى چوكانكەنلا ،كۈندە ئۆيدىلا ئولتۇرىۋەرمەي ،ما پەسلەرگە چۈشۈپ ، ئانچى مۇنچى بالىنى ئاپتاپقا سالغاچ مۇڭدىشىپ چىكەتسىلە
مانا مۇشۇنداق تەرىقىدىكى دىئالوگلار تولا داۋاملىشىدۇ ،بەلكىم زەھرا گەپ قىلالىسا ئىدى ،بۇ گەپلەرنى يادىلاپ بېرەر بولغىيتى ياكى «ۋوي ،قانچە قېتىم دەيدۇ ،مەن دېگەن قىزبالا ،ئوغۇلبالا ئەمەس» دەپ ئۆزىلا رەدىيە بېرەر بولغىيتى .
سىرتتىكى ساياھەتتىن كېيىن زەھرا گۈل ( سىلەر زەھرا دەپ ئاتاڭلار ھە ، مەن ئوينىشىپ بالام بىلەن قەستەن قېرىشقاندەك ،زەھرا قىز،زەھرا گۈل ،زەھرا ئاي دەپ قويىمەن ،ئۇمۇ ئىسمىنى تونۇپ بولدى ،زاھرا دەپ بولغۇچە لاپپىدە قاراپ بولىدۇ) ئۆي ئىچىدىكى ساياھىتىنى باشلايدۇ ،ئۆتكەن ئايدا سىلەرگە ئۇنىڭ ئۆمىلىگەنلىكىنى ئېيتقانىدىم،ھازىر ئۆمىلەشكە بەك ئۇستا بولۇپ كەتتى ،قېلىنراق ئىشتان كىيگۈزۈپ قويمىسام،گىلەم ياكى پولنىڭ ئۈستىدە تىزلىرى ئاغرىپ كەتكۈدەك ،پولنى يېرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە كۈچ بىلەن دوك دوك دوك قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئۆمىلەيدۇ ، ئاشخانىنىڭ ئىشكىنى ئېتىپ قويىدىغان بولدۇم ، دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇدۇل ئۆمىلەپ ئاشخانىغا كىرىپ بىرنەرسىلەرنى ئۆرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى ،ئۇنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى بىر ئىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ،تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ، ئۆمىلەپ كېتىۋىتىپ يەردە بىرەر تال ناننىڭ ئۇۋىقى ۋە ياكى باشقا قىلدەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسىمۇ ،توختاپ ،شۇ نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ كىچىككىنە ،ئانىسىنى دورىغان بۇدرۇق قوللىرى بىلەن شۇنى چىمدىپ ئېلىپ ئوڭ سول،ئاستى-ئۈستىگە سىنچىلاپ قاراش ،ئۇندىن كېيىن مەسىلە يوقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئاغزىغا كاپپىدە سېلىش ،بۇ خۇي تولىمۇ قاملاشمىغان خۇي ئىكەنكى ،بۇ قىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ،گىلەملەرنى سۈپۈرگىدىمۇ ئەمەس،چوتكىدا بىرقانچە قېتىم تازىلاپ ،ھېچنىمە قالدۇرمايدىغان بولدۇم ، يەردىن نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن ،يەنە باشقا ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ تارتما ۋە ئىشكاپلارنى ئېچىپ ،ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى بىرنى قالدۇرماي يەرگە تۆكۈش …
مەن ئۇ نەرسىلەرنى رەتلەپ بولالماي كايىپ كەتسەم دادىسى خىيالىدا يوق كۈلۈپ :«قىزىم ئارخىلوگ بولامدۇ نېمە؟» دەپ قويىدۇ .كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق بۇ كىچىك بۇزغۇنچى چاچقان نەرسىلەرنى يۇغۇشتۇرۇش بىلەن ئۆتمەكتە.

ئىيۇل : ئاللاھۇتەئالا قىزنىڭ ئوتىنى دادىغا، ئوغۇلنىڭ ئوتىنى ئانىغا سالىدۇ دەپ قويىدىكەن كونىلار ،مەن يېقىندىن بۇيان بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئېشىنىۋاتىمەن ،قىزىم بىر كۈنىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى مەن بىلەن ئۆتكۈزىدۇ ،دادىسىنى كۆرىدىغان ۋاقتى بەكمۇ ئاز ، ئەمما ئانا دەپ ئەمەس دادا دەپ تىلى چىقتى ،داد داد داد داد دەپ يۈرىدۇ ، ئانا دىيەلمىىسڭىز ئان ئان ئان ئان دېسىڭىزمۇ بولىدۇ قىزىم دەپ شۇنچە كەڭچىللىك قىلساممۇ ئېزىپ تېزىپ ئۇنداق دەپ باقمىدى ، ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن ،بۇ بالىنىڭ ھەممە تەرەققىياتى بەك بۇرۇن باشلاندى ھەم تىز تەرەققى قىلدى ،ئەمما تا ھازىرغىچە بىرەر تالمۇ چىشى يوق .شۇڭا تاۋۇش چىقرىىش ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان چىشى بولمىغاندىكىن دىيەلمەيۋاتقاندۇ دەپ توغرا چۈشىنىپ ،كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋەتتىم ئۇنىڭ بۇ ‹يۈزسىزلىكى›نى ھې ھې ئەمما بۈگۈن ھېس قىلدىمكى ،مەن كۈندە ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇپ قىزىمغا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجراتماپتىمەن،مەسىلەن تاماق يىگۈزۈش،ئەمگۈزۈش ،ئۇخلىتىش قاتارلىقلاردىن باشقىلىرىدا،ئۆمۈلەشنى ئۆگەنگەندىن بۇيان ئەركىن قويۇپ بېرىپ كارىم بولماي ئۆز ئىشىمنى قىلىپ يۈرىدىكەنمەن، دادىسى ئىشتىن كەلسە ئۇنىڭغا تاشلاپ بېرىپ يەنە ئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەنمەن ،دادىسى بولسا ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ كەلدىم دېمەي بالىسى بىلەن تەڭ ئۆمىلەپ يۈرۈپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ ئۇنى كۈلدۈرىدىكەن ،شۇنداق قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغان بولسا كىرەك ، مەن بىز ئاياللارنىڭ بالا بىر ياشقا كىرگۈچە بولغان بۇ جەرياندا بالا ئۇخلىسىلا ھېرىپ كېتىپ تەڭ ئۇخلىۋالىدىغان ،ياكى قىلالمىغان ئۆي ئىشىلىرىنى قىلىۋالىدىغان ، بالىغا قارايدىغان بىرەر ئادەم بولسا خاتىرجەم بولۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى بىلىمەن ، بالىسى بىلەن بۇ جەرياندا تەڭ ئوينىشىپ بېرىدىغان ئانىلار بەك ئازغۇ دەيمەن. ( ياق بار،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ ،مانا مەن تەڭ ئوينايمەن دەپ كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىدىغان ئانىلار بولسا ،ئۇنداقتا ئەي ئانا سىزنى تەبرىكلەيمەن ،سىز بەكمۇ سەۋىرچان ئىكەنسىز)
ھېس قىلغانلىرىم،يازماقچى بولغانلىرىم بەكمۇ كۆپ ئىدى ،ۋاقىت مۇناسىۋى بىلەن ھەم بەزى ئىشلارنىڭ دەماللىققا كاللامغا كەلمەسلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ خاتىرە مۇشۇ يەرگىچە يېزىلسۇن ،سىلەرنىڭ ھەم ئانا بولغاندىن كېيىنكى مىنۇتلاردىكى ئويلىرىڭلارنى خاتىرلەپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

http://www.aybalam.com/



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 09:29:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت.بۇ ئانىنىڭ سۆزلىرى ئەجەپ ياقتى ماڭا.جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 10:32:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەھرا قىز سالىھە بىر قىز بولسۇن ئامىن،ئۇممۇ زھراغا ھەم ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن.بۇ خاتىرنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز،مىنىڭمۇ 2 ياشقا كىرگەن  بىر ئۇكام بار ،ئۇخلاپ ئويغانسا يىغلىماي ئاللاھ بار دەپ ياتىدۇ،ئاپىسنىڭ مەسلىكى كېلىپ يۈگرەپ كىرىپ قۇچقىغا ئالىدۇ

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 11:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇممۇ زەھرا غا ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن . زەھرا سالىھ ،مۇسلىمە بولۇپ يىتىلىپ چىقسۇن ، ئامىن

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9274
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:53:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بارلىق ئانىلارغا رەھىم شەپقەت قىلسۇن ،گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن ! امىن
ئانىلارنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەن بەك ئېغىر ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90467
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 03:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت! كىچىك قىزىمىزغا ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24009
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6183
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2013-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر مۇسۇلمان كۆپەيگەنلىكىگە خۇشالمەن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 08:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ قىزىقىپ ئوقۇدۇم دىسە............چۈنكى مەنمۇ ھامىلدار ئىدىماللە رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 08:34:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغ،قىزىڭىزنى شۇنداق تەربىيلەۋاتقىنىڭىزغا ئاپىرىن،ئاللاھ ئىگەم ياخشىلىقلارنى يار قىلغاي

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش