پادا
سەھەر...
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى بىلەن شۇنچلىك لەززەت،
شۇنچىلىك چەكلىمىسىز ھالدا تاغلىق يېزىدىكى بۇ پىنھان ئۆيدە ئورنۇمدىن تۇردۇم.
بۇ يەردە جان-جەھلى بىلەن جىرىڭلاپ مېنى ئويغىتىدىغان سائەت، ئالدىراپ چالا-
پۇلا ناشتا قىلىش، ئۇزۇن چاچلارنى شىددەت بىلەن تاراش، خىزمەتكە كېچىكىپ قېلىش...ماشىنادا ئولتۇرۇپ خىيال قىلىنىدىغان ھېلىقى چىرايلىق ئايال.يەنە.. بۇ يەردە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم سۈپسۈزۈك، مۇزدەك سۇلار شېرىلداپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭدىن دۈم يېتىپ تۇرۇپ لەززەت بىلەن سۇ ئىچتىم. نېمىدېگەن لەززەت!
ئاھ، پادا باقىدىغان بولدۇم!
35 نەپەر ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن بىر قوي پادىسىنى ئەگەشتۈرۈپ تاغلىق رايوننىڭ ئىچكىرسىگە يۈرۈپ كەتتىم، ئوڭ قولۇمدا نەي، سو قولۇمدا ئېغىز گارمونۇم، مەن ئۇلارنى شادىمانلىق بىلەن تەسۋىرلىگۈىسىز ئىشتىياق بىلەن چالىمەن. كۆپكۆك
ئاسمان، چەكسىز دالا، ياپيېشىل يايلاق، يىراقتىكى بەھەيۋەت ئورمانلار، قۇشلار، بۇلاق.. ئاھ، خۇدا! مەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بىھۇش بولدۇم.
زاغرا، بىر دانە زاغرىنى بۇلاق سۈيىگە چۆمۈرۈپ يىدىم، ئاندىن بىر پاقلاننىڭ
ياپيېشىل ئوتلارنى لەززەت بىلەن يىيىشلىرىگە قاراپ مەن بارلىق نەرسىلەرنى يەۋېتىمەن دەپ ۋاقىرىم،-دەە قولۇمدىكى زاغرىنى ئاچكۆزلىك بىلەن يىيىشكە باشلىدىم.
بۇ يەردە قايغۇغىمۇ، شادلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئازاپ يوق. بۇ يەردە
سۈپسۈزۈك زۇمرەتتەك ئېقىۋاتقان سۇلارغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ تۇرۇش ۋە روھىم بەكلا مەينەتلىشىپ كېتىپتۇ دەپ ۋاقىراپ سېلىش بار.
بۇ يەردە شەھەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭ، مەستىلىك، ساراڭلىق، كېسەللىك.. يەنە ئاللىقاندۇر زېرىكىشلىكنىڭ ھەسرەتلىك دەملىرى يوق. تەبىئەتنىڭ كىشى كۆڭلىنى مەسىتخۇش قىلىدىغان بېھىسساب شېرىنلىكى ۋە شادىمانلىقى بار.
بۇ يەردە، ئاھ، بۇ يەردە... مەن ئەسلى بۇ يەرگە مەنسۇپ ئىدىم...
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-5 04:10 PM