مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2589|ئىنكاس: 16

ئۇيغۇر دۇپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا مۇنداقمۇ سوۋغا بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:35:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەنىلا ئۆزىڭىزنى سېتىۋېلىڭ

1

بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزا مىڭيول كەنتىدە يېڭىدىن  قۇرۇلغان «مىڭيول تەبىئىي ئىچىملىك سۈيى» زاۋۇتىنى ئىكىسكورسىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپلىكىنىڭ ئارتۇق كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بۇ يەردىكى تەبىئىي بولاقلارنىڭ سۈيى شۇ قەدەر ساپ، مەنزىرە- مۇھىتى شۇ قەدەر گۈزەل، ھاۋالىق بولۇپ، ئادەمگە تەبىئەتنىڭ بەخت ھوزۇرىنى ھېس قىلدۇراتتى. ھالبۇكى، غۇجايىن مۇھەممەتتۇرسۇن روزىنىڭ تەپەككۇرىدا ھەم خىرس، ھەم ئۈمىدكە تولغان ئىستىقبال مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى شەكىللەنگەن نۇرغۇن چوڭ- كىچىك تەبىئىي بۇلاق بار، ئۇلاردىن يىل بويى سۈپسۈزۈك سۈ توختاۋسىز بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ ئاقىدۇ، بىز بۇنىڭدىن بۇتۇلكىلىك سۇ ئىشلەپ بازارغا سالماقچى بولىۋاتىمىز، ھالبۇكى، بۇ خىل يەرلىك مەھسۇلاتنىڭ بازار تاپمىقى بەك قىيىن ئىكەن. تەتقىق قىلىشىمچە، گەپ  يەرلىك مەھسۇلاتلارنى يەرلىك خەلقنىڭ قانداق ئىستېمال قىلىشىدا بولىدىكەن، يەرلىك خەلقنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ قوللىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشمۇ بەك مۇشكۈل ئىكەن، شۇڭا نۇرغۇن يەرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان مىللى كارخانىلار بىر قانچە يىلدىلا ۋەيران بولىدىكەن. لېكىن، ئالتۇن توپا ئاستىدا ياتسىمۇ پاقىرايدۇ. بىزنىڭ مىڭيول تەبىئىي ئىچىملىك سۈيى مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە خاسلىقى بىلەن كوزۇر مەھسۇلات بولۇپ يارىلىدۇ...

دېمەك بىزدە ئۆزلۈك ئېڭى ھەقىقەتەن كەمچىل. شۇڭا مەن ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنى سېتىۋېلىشنى بىلىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇ دېگىنىم بىر قارىماققا غەلىتە ئۇقۇمدەك  تۇيۇلىدۇ، ھالبۇكى، بىز بىر قەدەم ئىچكىرىلىسەك، بۇنىڭ غەلىتىلىك ئەمەس، ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلغانلىقى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە قىلىش، قانداق قىلىش زۈرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىشتىن مۇستەسنا بولالمايمىز. چۈنكى بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ ياشىساقمۇ، ئۇنىڭ قىممىتىگە، ماھايەتلىك تەرەپلىرىگە سەل قارايمىز ھەمدە بىزگە ئەڭ ئۈنۈمۈلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ماھايەتلىك تۈرتكىسىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرمەيمىز. بۇ يەدىكى تۈپ سەۋەب بىزنىڭ ئىتىبارسىز قارىشىمىز، پىسەنتىمىزگە ئالماسلىقىمىز، تەتقىق قىلماسلىقىمىز، تەدبىقلاپ يولغا قويۇشقا سەل قارىغانلىقىمىز بىلەن باغلىنىشلىق، يەنە بىر جەھەتتىن بىز ئۆزىمىزنىڭ يىراقنى كۆرمەسلىكىمىز، كۆز ئالدىمىزغا قاراش بىلەن كېلەچەكتىكى زور ئۈنۈم ۋە مەنپەتكە سەۋرىسىز مۇئامىلە قىلىشىمىز سەۋەبىدىن، ئەڭ مۇھىم باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشقا ۋاقىت، ئەقىل سەرپ قىلالمايمىز. ھەتتاكى بەزىدە بىز شۇنچىلىك ئۈزەمىزكى، كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە مەنپەت ئۈچۈن نەزەرىمىز شۇ يەردىلا بۇغۇلۇپ قالىدۇ، بۇ بىزدىكى قاششاقىلىق، بىلىمسىزلىك، شۇنداقلا بۇ ئۆزىمىزنى ئىزدەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىنۇرماللىقىمىزنىڭ مەسئۇلى، بۇ يەنە بىزدىكى ئەقىل- پاراسەت، روھىيەت ۋە ئادەتلىك مەنپەت ئوقۇمىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىلىنىشى بولغانلىقتىن، بىز كۆپ ھاللاردا تۆگە مىنىپ يۈرۈپ تۆگە ئىزدەيمىز.

2

قارايدىغان بولساق، خۇددى مۇتەپەككۈرلىرىمىز تەكرار ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئەتراپىمىزدا بىز بىلەن دائىم بىللە يۈرىيدىغان نۇرغۇن ماھايەتلىك مەنبەلەر بار، ھالبۇكى بىز ئۇلاردىن ئاز بىر قىسىمىنىلا بايقايمىز ۋە ئىتىراپ قىلىمىز، بەزىلىرىگە ھەقىقى نەزەر ئاغدۈرۇپ ئىتىبار بىلەن قارايمىز، يەنە نۇررغۇنلىرىنى بولسا سەزمەيمىز، سەزسەكمۇ ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلمايمىز، ئادەت، پائالىيەتلىرىمىزگە تەدبىقلىمايمىز، قولللىنىپ يولغا قويمايمىز، سىناپ ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان خاسلىقىنى ئايرىپ، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۇلۇق شۆھرەت، سۈپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمىز. لېكىن بۇ سەۋەب- ئامىللار مەڭگۈلۈك تۇسالغۇ ئەمەس، پەقەت بىز ئۇنىڭ بۇيۇنتۇرقىدىن قۇتۇلساق، ماھايەتلىك تەرەپلەردىن سۈپەت ئۆزگىرىشى ياساپ، ئۇنىڭدىن ھاياتىمىزغا ئۇزۇق ئالساق، شۆھرەت ئۇتۇقى، شۆھرەت مەنبەسىنى ئاچقىلى بولىدۇ. بۇنى بىز قايسى ئۇسۇل بىلەن ئاشۇ ھالغا كەلتۈرەلەيمىز؟ ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە يولى، ئۇسۇلى بار، ئەلبەتتە. ئۇنىڭ ئەڭ نىگىزلىك تەلىپى يەنىلا ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى سېتىۋېلىشتۇر!

   ئادەملەرنىڭ  ئۆزىنى ئۆزى  سېتىۋېلىشى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق بولىدۇ؟ بۇ يەردىكى ئۆزىنى سېتىۋېلىش ئۆزلۈكنى سېتىۋىلىش دېگەنلىكتۇر. يىلتىزىنى ئىزدەش، ئۆزلۈكىنى تېپىىش ۋە ئۇنى قوغداش دۇنياۋىي ئومۇمىيلىق. يېقىنقى زامان مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتى داۋامىدا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەر، مىللەتلەر يىلتىزىنى ئىزدەش، ئۆزلۈكىنى تېپىش بىلەن شۇغۇللاندى، دۇنياۋىي قىزغىنلىققا ئىگە بۇ ئىش  نۇرغۇن ئەللەر، مىللەتلەرنىڭ يىلتىزىنى قىزىش ئارقىلىق ئۆزلۈكىنى تېپىشقا تۈرۈتكە بولدى. ئۇلار نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟ تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلەرگە ئۆزىنى ئىزدەش پۇرسىتى بىرىش بىلەن بىر چاغدا، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۆز ساپاسىنىڭ نىگىزلىك مەنبەسىنى ئېچىشقا ئىمكان ياراتتى، تەرەققىيات بىلەن بېكىنمىچىلىك، بۇغۇلۇپ قېلىش بىلەن پاسسىپ روھى، جىسمانىي تۇرغۇنلۇقنىڭ توساقلىرىنى يىمىرىپ،تەرەققىي قىلىش  مەنبەسىگە ۋاسىتە ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئاشۇ مەنبەنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي شەخسىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ، پۇتكۈل مىللەتلەرنىڭ،كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە يۈزلەندۈردى، ئۇنى يەنە بىرلىك ھاسىل قىلىدىغان، ئۆم، ئىناق، ساغلام، تېنچ ياشايدىغان ئومۇمىيلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتەك خاسلىق ئۈستىگە قويۇپ، يەككە ئەۋزەللىكنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئومۇمغا خىزمەت قىلىدىغان كوللېكتىپ مەنپەئەتكە تۆكمە قىلىدى. يەنى يىلتىزىنى ئىزدەش، ئۆزلۈكىنى تېپىش  جەريانىدا خاس مەدەنىيەت، خاس ئۆرپ – ئادەت، خاس ئەۋزەللىك، خاس ئارتۇقچىلىقنى توپلاپ، ئۇنىڭدىن نادىر، جەۋھەر تۈرلەرنى تاللاپ، ياخشى يۈزلىنىشكە تەۋە مەنبەلەرنى، ماھايەتلىك پۇرسەت يارىتالايدىغان تەدبىر، ئۇسۇللارنى تېپىپ، قوبۇل قىلىش ئارقىلىق قايتىدىن جانلاندۈرۈپ،ئۇنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىيات بىلەن بېرىكتۇرۇپ،ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىشىنى مەنبە بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئىنسانىيەت دۇنياسى تار مىللەتچىلىك، بېكىنمىچىلىك، بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن بۇغۇلۇپ قالىدىغان تار گۈمبەز ئەمەس. بەلكى،چەكسىز كەتكەن تەبىئەت، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بىرلىك قىلغان مەدەىيەت، ئاڭ ئۇقۇمىنىڭ ئېكىنزارلىقى. بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، كىم بولسۇن، قايسى مىللەت بولسۇن، ئۆزىدىكى خاسلىقىنى ئېچىش، تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ماڭالىسا، ئېنىقكى، ئۆزىگە ئۇلۇقلىق مۇقامىنى يار قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت جەمئىتىيىتى ئۈچۈن شان- شەرەپ ئۇتۇقى بەرگەن ھېسابلىنىدۇ. بىلىش كېرەككى ئىسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرىقى نىشانىمۇ دەل شۇنداق بولۇشقا مۇختاج ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك، يەر شارى دۆلەت، مىللەت تەۋەلىكى سەۋەبلىك بۆلەكلەرگە ئايرىلغان بولسىمۇ، ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۈلكى، يەر شارى – تەبىئەت دۇنياسى قىسمەنلىك نۇقتىسىدىن پايدىلىنىش چەكلىمىسىگە دۇچ كەلسىمۇ، ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن ھەر بىر ئادەمنىڭ  پايدىلىنىش ھۇقۇقى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئومۇمىيلىقى بولغانلىقتىن، تارىختا ئۆتكەن ئىمپىراتۇرلار كەڭ زېمىنلارنى زور كۈچ ۋە بېسىم بىلەن ئىگىلەپ،ئىنسانىي ئۈستۈلۈك، تەرەققىيات پۇرسىتى، ئىمتىيازدىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن دەۋر سۈرگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىكى خاسلىق بىلەن ئىمتىياز، پاراسەت بىلەن ئىقتىداردىكى ئايرىم كەمتۈكلۈك، زىيادە شەخسىيەتچلىك، تار مەنبەلىك بېكىنمىچىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەبەدىي پايدىلىنىش ھۇقۇقىنى پارچىلىۋەتكەن...

3

   ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، ئۆزىمىزنى سېتىۋېلىشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئاخىرىقى ئۇتۇقى ئېنىقلا ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تىگىشلىك مەجبۇريەتنى ئادا قىلىشقا تۈتكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇتۇقى، قىممەتلىك تەرىپىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. ئۆزىنى سېتىلۋېش  ماھايەتتە ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەرنى ھەقىقىي يۇسۇندا ئۆزىگە بېقىندۇرۇش بولۇپ، قانداقتۇر ئۆزىنى ئۆزىگە سېتىش، سېتىۋېلىش ئەمەس. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەتراپىدا، ئوقۇمىدا، تەپەككۇرىدا نۇرغۇن نەرسە بار، مەسىلەن، بارلىق مۈلكى، ئەتراپىدىكى بايلىقى، ئۆزۈمگە تەۋە دەپ قارىغان بارلىق ئىستېماللىق بويۇملار، يەر- زېمىن ۋە مەدەن... قاتارلىقلار. مانا مۇشۇلارنى ئىستېمال نۇقتىسىدىن تەدبىقلىساق، ئۆزىنىڭ ئەتراپدىكى بارلىق تۇرمۇش پاراغىتى ۋاسىتىلىرىنى ئۆزىنىڭ خۇن- باغرىدىن سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ئادەملەر ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقدارى بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا چىن يۈرىكىدىن، چىن ئەقىدە ۋە سولماس قەتئىيلىك بىلەن ئىگىدارلىققا تەۋە قىلالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىدىكى مەنبەلەرنى ئىگىدارلىققا تەۋە قىلىش قەتئىيلىكىگە ئىگە بولالمىغان ئادەم ئاشۇ نەرسىلەرنى ھەقىقى سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولالمايدۇ، بۇ ھالدا ئاشۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىسىنى ئۇنتۇلىدۇ، ئۇ نەرسىلەردىن چەتنەيدۇ، باشقىلارغا تارتۇرۇپ قويىدۇ ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن خالىي غايىپلىق گىردابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ. چۈنكى ئۆزىنى سېتىۋېلىشنى بىلمىگەن ۋە ئادەتلەنمىگەن ئادەم ئۆزىنى يارىتالمايدۇ، ئۆزلۈكىنى تاپالمايدۇ،يەنى ئادەم ئۆزىنى سېتىۋالغاندىلا ئۆزلۈكىنى تاپالايدۇ، ئۆزلۈكىنى تاپالىغاندىلا تەەققىي قىلىش يولىغا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش شارائىتى، ياشاش ئادىتى، ياشاش مۇھىتى بولىدۇ، مانا بۇ ئامىللار ئادەمنىڭ ئاڭ ۋە ھەرىكەت بىرلىكىگە، ئۇقۇمىغا سىڭىدۇ... ئادەم تۇغۇلۇپ ئادەملىك سالايىھەتكە سازاۋەر بولغانغا قەدەر ئاشۇ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ  مۇھىت ۋە مەنبەلەر ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە مۇناسىپ خاسلىقىنى يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزلىشىشىگە ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ناھايىتى كۆپ كۈچ كېتىدۇ، ئادەم بۇنى دەمال ھېس قىلمايدۇ، تەتقىق قىلىپمۇ ئولتۇرمايدۇ. لېكىن ئۇ نەرسىلەر  ئادەمدە ئادەتلىك بىېرىكىشنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەتلىك بېرىكىش مەڭگۈلۈك ھەمراھ سۈپىتىدە ئادەمنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە  ھەمدەمچى بولۇپ ماڭىدۇ، ئادەمنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە، ئىش- ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ياشاش پۇرسەتلىرىنىڭ ھازىرلىنىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا  ئادەم ئەتراپىدىكى ئۆزى بىلىدىغان، چۈشۈنىدىغان ۋە ئىتىراپ بىلەن ئىستېمال قىلىدىغان  ۋاسىتىلەردىن مۇناسىپ پايدىلىنىشنى بىلمىسە ياكى ئۇنىڭدىن چەتنىسە، ئېنىقكى ھاياتتا، تۇرمۇشتا چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىر ئىزىدا توختاپ قالىدۇ، تەرەققى قىلالمايدۇ، كىمىكى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشۇ مەنبەلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، تەرەققى قىلىش يولىنى ئاچسا، ئۆزلۈكىنى تاپقان بولىدۇ. ئۆزلۈكىنى تاپالمىغان ئادەم ئىش- ھەرىكىتىدە ئۆزىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۆزىنى بىلەلمەي ئۆتىدۇ، يەنە بىر نەرسە ئايانكى، ئادەم ئۆز  ئەتراپىدىكى خاسلىقىنى بايقىمىسا، ئەكسىنچە ئىككىنچى بىر خىل  ئىككىلەمچى خاسلىققا كۆچسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ناھايىتى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق، بىچارىلىق پەيدا بولىدۇ، چۈنكى بىر خىل خاسلىقتىن يەنە بىر خىل خاسلىققا كۆچۈش ئۈچۈن جەريان ۋە ناھايىتى نۇرغۇن كۈچ، ئېنىرگىيە، پۇرسەت كېتىدۇ، ئۇنى ھەقىقى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىش ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا دۇنيا مۇتەپەككۇرلىرى ھەر كىمنىڭ ئۆزلۈكىنى تېپىش، يىلتىزىنى  ئىزدەشتىن ئىبارەت ئۇقۇم ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ خاس ئارتۇقچىلىقى، ئەۋزەللىكىنى جارىى قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دېگەندەك، ئادەمگە كىچىكىدىن باشلاپ كىرگەن خۇي، ئادەت، خاسلىق پەقەت ئادەم ئۆلگەندىلا غايىپ بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىغان مەڭگۈ جەۋلان  قىلىدۇ، بۇنداق خۇينىڭ ھاياتى كۈچى ھەرقانداق زامانىۋىي كۈچتىن، ھەر قانداق ئۇلۇقلۇقتىن يۈكسەك، جانلىق، توختاۋسىز بولىدۇ.

4

    خۇش، بىز ئەمدى تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ماھايەتلىك خاسلىقىغا قاراپ باقايلى: يېقىنقى زاماندا ياپۇنىيىلىكلەر ئۆزىنىڭ گىنىدىكى تىرىشچانلىق ۋە خاسلىق ئارقىلىق سانائەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى، ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئۆزىدىكى خاسلىقنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەسمايە قىلغان، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزىدىكى بايلىقنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەنبەسىگە ئايلاندۇرغان، ئۆزىدىكى خاسلىقنى دۇنيا مەدەنىيەت خاسلىقى بىلەن بېرىكتۇرۇپ، كىشىلەر تەپەككۇرىدا بولۇشقا تېگىشلىك، ئەمما بىخلىنىپ بولالمىغان ئجاد- ئىختىرالارنى ياراتقان. بۇ ئارقىلىق خاسلىقىنى ئارتۇقچىلىققا، مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ئېستېمالغا يۈزلەندۈرۈپ، بازار ئېچىپ،  باشقىلارنىڭ تۇرمۇش، ياشاش، پاررۋانلىق مۇھىتى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان. دېمەك خاسلىقتىن قىممەت ياراتقان. يەھۇدىلار ئۆزلۈكىنى تېپىشقا ناھايىتى بۇرۇنلا قەدەم قويغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى، ئۇلار ئۆزىنى سېتىۋېلىشنى بارلىقىنى يارىتىشىنىڭ  دەسمايىسى قىلغان. مەسىلەن، بارلىق ئىستېمال بويۇملىرىغا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەم شۇنداق قىلىشنى ئومۇملاشتۇرغان، ئۆزىنىڭ بولمىغان ئەھۋالدىمۇ باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتمىگەن ياكى ئىجاد قىلىپ ئىشلەتكەن، سېتىۋالغان، قوللانغان. دېمەك، ئۇلار ئۆزلۈكنى ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قازغان. ئالايلۇق، ئۇلار دۇنيانىڭ ماددىي دۇنيا ئىكەنلىكى، ماددى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە بۇ قانۇنىيەتكە ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، قىممەت يارىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭدىكى كىچىك بىرلىكلەرنى ئاختۇرساق، ئۇلار پۇل تېپىش، بايلىق توپلاش، بايلىق يارىتىشىنى ھاياتلىقنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى قىلغان، شۇنداقلا پۇل تېپىشتا تىجارەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، چۈنكى تىجارەت سەنئىتى كىشىلىك ھاياتتىكى ناھايىتى مۇھىم سەنئەت، ھاياتلىق دۇنياسى ئۈچۈن تىجارەت چەكسىزلىك ئىچىدە داۋاملىشىدۇ، ھەرقانداق توسقۇنلۇقلاردىن غالىپ كېلىدۇ، سەۋەبى ئۇنىڭ مەنبەسى ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە، مەھكەم باغلانغان، شۇڭا ئادەملا بولىدىكەن، ئۇنىڭ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئۇ مەيلى سىياسىنىڭ چەكلەش كۈچى ئاستىدا قالسۇن، مەيلى غەيرى روھىيەت تۇمانلىرى ئاسىتىدا كۆمۈلۈپ ياتسۇن، ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق رەۋىشتە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ داۋاملىشىدۇ، ھەرقانداق چەكلىمىلەردىن غالىپ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ھەر بىر دەقىقىدە ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. يەھۇدىلار مانا مۇشۇ قانۇنىيەتنى ناھايىتى چىڭ تۇتقان. چۈنكى بۇ مىللەت دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا سىياسىي كاززابلىق سەۋەبىدىن قىرىلىپ، يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ئۇلار مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەۋجۇتلۇق ئۇتۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل تېپىش، بايلىق يارىتىش، بايلىق توپلاشنى بىردىن بىر چىقىش يولى قىلىپ تاللىغان، ئويلايدىغان بولساق، بۇ تۈر، بۇ يول راستىنلا ھاياتلىق دۇنياسىدا بىردىن بىر ئۈزۈلمەس يول، يىمىرىلمەش تۈر، پۇل، بايلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بېرىكمە ھاياتىدىكى بىردىن بىر ئالماستۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانى، ئادەملەرنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر بىرسىگە چېتىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ مۇھىم تۈردە يەھۇدىلار تىجارەتتىن ئىبارەت ھەر كىم قوللانسا بولىدىغان كەسىپنى تۇتۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۆزلۈكنى ناھايىتى گەۋدىلىك نامايان قىلغان. مەسىلەن، ئۇلار دۇكان ئاچسۇن ياكى باشقىچە ۋاسىتە بىلەن پۇل تېپىش يولغا ماڭسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆزى سېتىۋېلىش، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى بازارلاشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئۆزى بەھىر ئېلىش، ئۆزىنىڭ بويۇملىرىدىن ئۆزى مەھسۇلات يارىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. دېمەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنقۇلاتلىرى ئارقىلىقمۇ بارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيانى سۈيۈندۈرۈش، پاراغەتتىن ئىنسانىيەتكە نىسىۋە بېرىش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۆزى ئىجاد- ئىختىرا قىلغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ناھايىتى ئۇزاق ئىپتىدائى دەۋرلەردىن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھادىسە ۋە نەرسىلەر ئادەملەرگە ھەمدەم بولۇپ كەلگەن، دەۋرلەر قاينىمىدا تەرەققىي قىلغان. كېيىنكىلىرى بولسا، ھەر خىل سۇنئىيلىك ۋە ئۇچۇرلاشقان دۇنيا مەنقۇلاتلىرى بىلەن ئەبجەشلىشىپ پەيدا بولغان. ھەممىزگە مەلۇمكى، كىم بولسۇن، ئۆزىنىڭ بويۇملىرىنى، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى، ئۆزىنىڭ سالاپەت- سالايىھىتىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، باشقا ھەرقانداق ئادەم قەدىرلىمەيدۇ ياكى قەدىرلەشتە ئىتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ، سەۋەبى شۇكى، بۇ باشقىلار ئۈچۈن يات نەرسە ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بىر ئادەمدە ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى، قەدىرلەش ئادىتى بولغاندىلا، شۇ نەرسنىڭ ھاياتى كۈچى بولىدۇ، ئاشۇ ھاياتى كۈچلا باشقىلارنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى يارىتىدۇ، بۇ ئىقتىدار باشقىلارنىڭ ئېڭىغا- روھىغا سىڭىدۇ  ھەم ئۇ تەدرىجى قوبۇل قىلىش، ئادەتلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ ئاڭ- تۇيغۇ، روھ- ھەرىكىتىگە سىڭىپ، كېڭىيىش،  تەرەققى قىلىش، ئومۇملىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. يەھۇدىلار دەل مانا مۇشۇنداق خاسلىقنى ئۆزىنى، ئۆزلۈكىنى  تېپىش، ئۆزىنى يارىتىشنىڭ بىر تۈرلۈك يولى قىلغان. ئۇلار ھەتتاكى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالماسلىقنى ئۆزىگە ئاھانەت ۋە ئاقارەت دەپ قارىغان، ئۆزىنىڭ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى، باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى بولسا، ئۆزىنى بوغۇزلاش دەپ قاراپ، ئۆزگىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى سېتىۋالماسلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. يەھۇدىلار تىجارەت تۈردىلا ئەمەس،باشقا نۇرغۇن تۈرلەردىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقى ئارقىلىق ئۆزلۈكىنى ياراتقان، مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئۆزىنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى  ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇنۇپۇل قىلىشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان، كۆزۇر مەھسۇلاتلارنى ۋە ئىلغار چارە، ئۇسۇللارنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتكە پايدىلىلىق تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ پارلاق كېلەچكىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

       ئۆزىنى سېتىۋېلىشنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ. ئۇ مۇرەككەپ سېستىمىغا ئوخشايدىغان، كۆپ مەنبەگە تۇتىشىدىغان جەريان ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ يىغىندىسىدۈر. ئۆزىنى سېتىۋېلىش- ماھايىتىدىن ئۆزلۈكىنى سېتۋىلىش بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردە ئۇدۇلىغا تەدبىقلىساق، سەن كىم بول ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئىتىراپ قىل، ئۆزۈڭنىڭ نەرسىلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ قەدىرلە، ئۆزۈڭنىڭ نەرسىلىرىنى ئالدى بىلەن  ئۆزۈڭ سېتۋال دېگەنلىك بولىدۇ، ئۆزىنى سېتىۋېلىشىنىڭ يەنە بىر كەڭ مەنىسى ئۆزۈڭنىڭ  قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىشقا تەۋە بولۇش بولۇپ، ئاڭ جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭكىنى سېتىۋالىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھەممىدىن ئەۋزەل دەيدىغان روھى پاكىزلىك ۋە شۇنىڭغا ماس ھەرىكەت بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئادەتلىنىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دۇپپىسىسىنى قەتئيلىك بىلەن قەدىرلەش ھەرىكتىدىن دۇپپا قىزغىنلىقى دۇنياۋىي قىزغىنلىق بولۇپ شەكىللەندى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دۇپپىسىنى ھەممە ئادەم كېيىش قىزغىنلىقى ۋە ئۇنى قەدىرلەش پائالىيەتلىرىدىن بىز ماھايەتلىك ئومۇمىيلىقىنى ھىس قىلىدۇق، تونىدۇق. دېمەك، ئۆزىنى سېتىۋېلىش دەل بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزنى تېپىش، ئۆزلۈك ئارقىلىق خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش نىشانىمىزغا دەسمايە ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر دۇپپىسىنى قەدىرلەش پائالىيەتلىرىمىزدىكى بارلىق سەمىمىيىتىمىزنى ئۆزىمىزنى سېتىۋېلىشىمىزدىكى تىپىك مىسال دەپ ئاتاشقا بولىدۇ: ئۇيغۇر دۇپپىسى تۇرمۇش ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت ھادىسىسى، شۇنداقلا ئۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت مەنبەسى. بىراق ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە قىممىتى بولسىمۇ، ئۇنى بىز يېقىنقى زاماندىكى بىسىپ كىرگەن تاشقى مەدەنىيەت بۆھرانلىرى قاينىمىدا، باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش كىرزىسى ئىچىدە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ خاسلىقى، قىممىتىنى يوققا چىقىرىشقا سۆرەپ باردۇق، ھازىر كىشىلەر تونۇپ يەتكەندەك، ئۇ تېگىدىن ئالغاندا ئىلغارلىق ئامىلى. ئەمدىكى گەپ ئۇنى قانداق قىلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتا. مانا بۈگۈن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دۇپپىسىنى ھەم ھېسسى جەھەتتىن سېتىۋالدى، ھەم ئەمەلىيى ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللاپ مەبلەغ سېلىش بىلەن ئىستىقبال يولىغا باشلاپ ماڭدى. بىلىشىمىز كېرەككى، تەرەققىياتنى زاغرا تىل بىلەن ئىزاھلىساق، ئەسلىدىكىدىن ئۆرلەش، يۈكسىلىشكە يۈزلىنىش دېگەنلىكتۇر، يۈكسىلىشنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىل سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ يۈكسىلىش بولمايدۇ، يۈكسىلىشتە  پەقەت ئاشۇ خىل خاسلىق بولغاندىلا، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت نىشانغا يېتەلەيدۇ. بولمىسا ئۇنى تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بەزى تۈرلەردىكى بىز تەرەققىيات دەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن تەرەققىيات بولۇشى ۋە تەرەققىياتقا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن. نۇرغۇن نەرسىلەر دەل شۇنداق ۋەكىللىك قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، بىز ئۇنى نۇقۇل تۇيغۇ بىلەن قۇبۇل قىلىپ، تەرەققىيات ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۆزلەشتۈرىمىز، بۇنداق ئۆزلەشتۈرۈش بىزگە نىسبەتەن يېڭى ئۇقۇم، يېڭى مەھسۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تەرەققىياتنىڭ مەسئۇلى دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە بولسا، بىز ئۇنىڭغا چۇڭقۇرلىساق، ھەقىقىي تەرەققىيات مەھسۇلاتى، تەرەققىيات نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. شۇنداق بولسىمۇ قوبۇل قىلىش تۇيغۇمىزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇنى تەرەقىىيات دەپ ئىتىراپ قىلىپ مۇئەيەنلەشتۈرۈپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ ئومۇملاشتۇرالىمىز. دېمەك بۇ يەدىكى گەپ بىزنىڭ نېمى قانداق قوبۇل قىلىشىمىز شۇ نەرسىنىڭ دەرىجىسى، قىممىتىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىماي قالمايدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى،بۈگۈنكى  كۈندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ چەك –چېگىرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە ئىلغارلىقتۇر، ئىلغارلىق - ئىلمىيلىك بولۇپ، ئۇ ئۈنۈمدارلىق ۋە سۈپەتتىكى جەلىبكارلىقنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق نەرسىگە نىسبەتەن ئىلغارلىقنى قوللىنىش، ئىلغارلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس، نەرسىلەر ھەقىقىي يۇسۇندا ئىلغارلىققا تەدبىقلانسا، تۈر ۋە مەھسۇلات، ئوقۇم ۋە تەدبىر، چارە ۋە ئۇسۇل يەكۈنلەنسىمۇ، ئۇنى قوللىنىپ يولغا قويۇش ۋە ئىتىراپ قىلىدۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس. پەقەت ئۇنى ماھايىتىدىن قوبۇل قىلىش- سېتىۋېلىش شەكىللەنگەندىلا، ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىلغارلىقى ئېىغىزدىلا قالىدۇ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىمۇ يوققا چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى سېتىۋېلىش كۈچى ئارقىلىق دائىملىق يۈلەشكە، ئىلغارلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ ئىتىراپ قىلىش، سېتىۋېلىش كۈچىمىزنىڭ قانداقلىقى ئىلغارلىقنىڭ دەرىجىسىنى، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى بىرىنچى ئامىل بولىدۇ.

5

بىز يۇقىرىدا ئۇيغۇر دۇپپىسىنى سېتىۋېلىش جەھەتتىكى خاسلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز بۇ يەردە تەكىتلەيدىغان ئومۇمىيلىق ئۆزۈڭگە تەۋە بارلىق نەرسىلەرنى، ھەتتاكى  روھىڭنى، تەپەككۇرىڭنى، ئىتقادىڭنى، ئەقىدەڭنىمۇ ئۆزىڭگە تەرۋە قىلىپ سېتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىش. بەزىلەر نېمە ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ نەسىسىنى ئۆزى سېتىۋالىدۇ، بۇ قانداق گەپ؟ دەپ سۇئال قويۇشى مۇمكىن. بۇ دەل بىزنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكىنى بىلدۇرىدىغان سۇئال، مانا  بۇ ئۆزلۈكىنى تېپىش، ئۆزلۈكىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇقۇمى بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. بىلىش كېرەككى، ئادەمدە ئۆزىگە تەۋە جىسمانىي بەدەن بولغاندىن تاشقىرى شۇ بەدەندە  يەنە ئادەمنى ئادەمدەك ياشاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ناھايىتى مول، ئاجايىپ قۇدرەتلىك، سېھىرلىك روھ بولىدۇ، ئۇ روھ تەن جۇدا بولغاندا جۇدا بولىدۇ، ئەمما تەن مەۋجۇتلۇقى داۋاملاشقان مەزگىلدە تەننىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، تەن يەنە  ئەتراپىدىكى ماددى مەۋجۇدىيەت ۋە ئىېستمال ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكى، مەدەركارلىقى بىلەن كۈچ – قۇۋۋەتكە تولىدۇ. بۇنداق ئىچىكى – تاشقى بىردەكلىك ئادەمنىڭ سالاپەت، سۈپەتتىكى ئۆزگىچىلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ مانا بۇنداق يېتەكچىلىك رولى ئادەم ھاياتلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن پائالىيەتلىرىگە  ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، دېمەك، ئادەم روھ يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ماددى ۋاسىتىلەر بىرلەشكەن ھەرىكەت  قاينىمىدا ياشايدۇ. ب يەردە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، ھاياتلىق جەريانىغا تۈرلۈك جىسمانى ھەرىكەت، ئامىل، ئۇقۇم، ئادەت، خۇي- پەزىلەت سىڭگەن بولىدۇ. روھتىكى ئاشۇ مەنبە، بىرلىكەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش يۈكسەك تەپەككۇر ۋە پاراسەتنىڭ ۋاستىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مۇبادا ئادەم ئاشۇ ۋاسىتىلەرنى بايقاپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مۇناسىپ رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە تەدبىقلا بىلمىسە، تەرەققىي قىلدۇرمىسا، ئۇنىڭ قىممەتلىك خاسلىقى تاشلىنىپ قالىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىپ دائىملىق سېتىۋېلىش مەۋجۇتلىقىغا ئىگە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىچىكى- تاشقى تەرەققىيات مۇھىتىدا ئەكىس ئېتىپ، ئۇنىڭ خاسلىقىدا ئۆزىگە تەۋە  مونۇپۇللۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، خاسلىقنىڭ مونۇپۇللۇقى باشقا نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پارۋارانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرنى سېتىلىۋىش تۇيغۇسى، سېتىۋېلىش ئىقتىدارى ئېنىقكى مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىدۇ ۋە ئۇنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرنى ئۆزۈڭ سېتۋېلىش- ماھىيەتتە قوبۇل قىلىش، ئىتىراپ قىلىش، يولغا قويۇشقا دەسمايە قىلىش بولۇپ، قانداقتۇر بازاردىكى ماددىي نەرسىلەرنى سېتۋىلىشقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بىر قېتملىق چاي ئولتۇرۇشىدا ئارىمىزدىكى بىر ئەمەلپۇرۇچ كىشى ئۆزىنى سېتۋېلىش توغرىسىدا بولۇنغان گەپكە لوقما سېلىپ، نېمە گەپ بۇ ئۆزىنى سېتېۋىلىش دېگەن، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن؟ ئادەم ئۆزىنى ئۆزى سېتىۋالسا قولغا ئايلىنىپ قالمامدۇ، كىم ياشاشنى بىلسە شۇ نۇچى، ئادەم زامانغا بېقىپ ياشاشنىڭ يولىنى تاللىشى كېرەك، ئادەم سېتىۋالىدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ ياخشى ياشاش، دېدى. بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدىكى ئۇقۇم ئەمەلدارلىق سالايىھىتىنى ساقلاش، ئەمەل ئورۇندۇقىنى سېتىۋېلىش بەدىلىگە ياشاشنىڭ ئىمتىياز خۇرۇچىنى ئۆزىگە ھامى قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ماقۇل بىز روھىمىزنىمۇ سېتىۋالايلى، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىمۇ سېتىۋالايلى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ سېتىۋالغىدەك نېمىمىز بار؟ نېمىنى سېتىۋېلىپ، نېمىنى تەرەققى قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز؟ مۇمكىم ئەمەسكى، بىز ھەرقانچە سېتىۋالساقمۇ، ھېچكىم ، ھېچ نەرسە تەرەققىي قىلمايدۇ...

6

  مانا شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،بىزنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. قاراڭ بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوقمۇ؟ دۇنياۋىي مەدەنىيەتلەردىن بولغان «تۈركى تىللا دېۋانى»، «قۇتاتغۇبېلىك»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»نى قويۇپ تۇرايلى، دۇنيانى مەھلىيا قىلغان ئەدەپ- ئەخلاقىمىز، قول  ھۈنەر- سەنئەت بويۇملىرىمىز، ئۆڭمەس مەدەنىيەت يادكارلىقلىرىمىز، مول تەبىئىي بايلىقلىرىمىزمۇ مەھسۇلات ئەمەسمۇ؟ بىلىش كېرەككى، «تۈركى تىللا دېۋانى»، «قۇتاتغۇبېلىك»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» قاتارلىقلار بىزنىڭ خاس ئارتۇقچىلىقىمىز بولۇپ، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزلۈكىمىزنىڭ نامايان قىلىنىشىدىن ئاپىرىدە بولغان بايلىقىمىز، ئۇنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز پىشىقلىغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ دۇنيا مەدەىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ شەكىللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئورتاق پايدىلىنىدىغان مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا بىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاسلىق، خاس ئەۋزەللىككە تۇيۇنغان نۇرغۇن مەھسۇلات، مەنبە مەۋجۇت، گەپ ئۇنى بىزنىڭ ئۆزلۈك بىردەكلىكى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىييىاتى ئۈچۈن دەسمايە ھازىرلاپ بېرىشىمىزدە. بىر نەرسەى ئېنىقكى، پەقەت بىز ئاشۇ مەھسۇلاتلىرىمىزىنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز سېتۋېلىش، ئۆزىمىز ئىستېمال قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرالىساق، ئاندىن باشقىلار بىزنىڭ ئاشۇنداق روھىمىز، ئادەتلىرىمىزگە قىزىقىپ، ئۇنىڭدىن بەھىر ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان بولىدۇ، ئۆزىمىز ئىستېمال قىلىمىغان نەرسىنى باشقىلارغا تاڭىدىكەنمىز، زەربە ئوبېيكىتىغا ئايلىنىپ قالىمىز.

بىر قېتىملىق داڭلىق كارخانىچىلار يىغىلىشىدا ماڭا مۇنداق بىر گەپ ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى:« ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى ئۆزىمىز قەدىرلىسەك، ئۇنى ئۆزلۈكىمىز دەپ بىلسەك، بىزنىڭ كۆپ تەرەپلىمە خاسلىقىمىز نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك نۇر چاچىدۇ، لېكىن، بىزنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇمىز سۇس بولغاچقا، يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويدى، ئايلايلۇق، بىزنىڭ يېپەكتىن تىكىلگەن كېيىم- كېچەكلىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىگەن، ئۆزىمىز ئۆزلۈك تۇيغۇسى، ئۆزلۈك ئىپتىخار بىلەن سېتىۋېلىشىنى ئادەتكە ئايلااندۇرغان بولسا، ئۇنىڭ ئىستېمال دۇنيانى قاپلىغان بولاتتى. ئۇ چاغدا يېپەك مەھسۇلاتىمىز دۇنيانىڭ كوزۈر، مۇدا مەھسۇلاتىغا ئايلىناتتى. سانسىز كىشى ئىشقا ئورۇنلىشاتتى، سانسىز زاۋۇت-كارخانىغا قۇرۇلاتتى.

      بۇنىسى راست، مانا بۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بايقاش، شۇنداقلا بىز ئىتىراپ قىلىشىمىز زوۈرۈر بولغان ئۇقۇم. نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى مانا مۇشۇنداق تولىقى بىلەن قۇبۇل قىلساق ھەم ھەرىكىتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالىساق،ئۇ چاغدا بىزنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى ئورنىمىزنىڭ قايسى دەرىجىگە كۆتۈرۈلىشىنى پەراز قىلىش تەس ئەمەس. بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئىتىراپ قىلىش زۈرۈركى،ئوكان ئاتلاپ، چېگرا ئاتلاپ كەلگەن بارلىق تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بىردىنلا ئاشۇنداق شۆھرەت بىلەن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ئەزەلدىنلا شۇنداق شۆھرەتلىكمۇ ئەمەس، بىز ئاشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تارىخىنى ئاختۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ قايسى مەملىكەت، قايسى رايۇنغا تەۋەلىكىدىن قەتئىنەزەر شۇ تەۋەلىكتىكى ئۆزلۈك كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئاشۇنداق دۇنياۋى سەھنىگە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلىمىز. بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ناھايىتى نۇرغۇن ئىسىل مەھسۇلاتلىرىمىز ئۆزلۈك تۇيغىمىزنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالدى ياكى يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ بەكمۇ ئېچىنارلىق ئاقىۋەت، دۇنياۋى مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزگە بىر نەرسىنى ھېس قىلدۇردىكى، ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئومۇملۇق، بىرلىك، ئۆملۈك شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ ھازىرلاپ، مەبلەغ توپلاپ، تەرەققىيات پۇرسىتى، تەرەققىيات مەنبەسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

7

ئۆزىنى سېتىۋېلىش ماھايەتتىن مىللىي روھنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن دەسمايە توپلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەسمايە خاسلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ھەسسە قوشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ بىز تولۇق ئىتىراپ قىلمىساق ۋە قوبۇل قىلىپ ئادەتكە ئايلاندۈرمىساق بولمايدىغان بىر مۇھىم تەرەپ، چۈنكى ئىنساننىڭ دۇنيادا ياشاشتىن مەقسىدى ئول زاماندا ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ياشاش ئۈچۈن بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش، ئىز قالدۇرۇش، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا نەمۇنە قالدۇرۇشتەك بۇرۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن يىتۈكلىرىمىز جاپالىق ئەمگەك، ئەجىرى بىلەن ئاشۇنداق مەدەنىيەت خاسلىقىنى مۇستەھكەملەپ ھاياتلىق ئالىمىگە تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت يولغا قەدەم قويغان. بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، ئۆزىنى سېتىۋېلىش ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چەتكە قاقمايدۇ، چۈنكى كەڭ كۆلۈملىك ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى كىشىنىڭ سېتۋېلىش، تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. ئۆزلۈكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ساۋاق، تەجرىبە توپلاپ بېرىدۇ، شۇڭا ئۆزلگىلەرنىڭ ئۆزلۈكىنى مۇناسىپ يۇسۇندا سېتىۋېلىشمۇ بىر ھېسابتا خاتا بولمايدۇ، چۈنكى  بەزىدە باشقىلارنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ ئىستىقبال ئېلىپ كېلىدۇ، باشقىلارنىڭكىگە زىيادا بېرىلىپ كېتىش، ئۆزىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، خاسلىقىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن مەھرۇم قالىمىز، ھېچ نەرسىمىز يۇق، ئۆزىنى يوقاتقان، يوقالغانلار قاتارىغا كىرىپ قالىمىز. ئۇ چاغدا مەۋجۇتلىقىمىز دۇنياغا يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئادەملىك ۋە خاسلىق سالايىھىتىمىز خورلۇققا دۇچار بولىدۇ، بۇنى يالغۇز بىزلا ئەمەس، ھەر قانداق بىر خەلق خالىمايدۇ. شۇڭا ھە دېگەندە ئۆزىمىزنى ئېيىپلىمەسلىكىمىز، بېقىنىش ۋە تېۋىنىش، شەرمەنچىلىك، پەسكەشلىك، بىچارىلىقتىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىكى خاسلىق ۋە ئەۋزەللىكىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بىلەن بىر چاغدا ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىممىتىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا بىز ئۆزلۈك ھۇقۇقىمىزنىڭ شان – شۆھرىتىنى تېپىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەجبۇريىتىمىزنى، پەزىلىتىمىزنى نامايان قىلىشتىن يىراقتا قالمايمىز.

X     X    X

قىسقىسى، ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى ياراتمىسا، ئۆزىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلمىسا ھەمدە بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازىنالمىسا، ئۆزىنى ئېيىپكار ئورۇنغا قويسا بولىدۇ، ئۆزلۈكىنى تاپالمىغان ئادەم ھەممە ئىشتا چېكىنگەن، بېكىنىپ قالغان، گاڭگىراپ يۈرىيدىغان، ھەقىقى يولىنى تاپالمىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئەڭ كۈچلۈق ئەقىدە، ئىتىقاد بىلەن قەدىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئادەم ئۆزلۈكتىكى ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرنى سۈزەلەيدىغان، ئىنسانىيەتكە بايلىق تەقدىم قىلالايدىغان ئادەمدۇر. ئۆزۈڭنى، خاسلىقىڭنى بايقا، ئۆزىڭنى سۆي، ئۆزىنىڭ مۈلكىڭ، خاسلىقىڭ، ئەۋزەللىكىڭنى قوغدا، تەرەققى قىلدۇر، بۇ ئەيىپ ئەمەس، بەلكى شەرەپ، شانلىق ئۇتۇق. بىز ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزلۈك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشتىن مۇستەسنا قالمايلى.

2013-5-5-كۈنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 12:40 PM  


شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى ياراتمىسا، ئۆزىنى ئۆزى ئىتىراپ قىلمىسا ھەمدە بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازىنالمىسا، ئۆزىنى ئېيىپكار ئورۇنغا قويسا بولىدۇ، ئۆزلۈكىنى تاپالمىغان ئادەم ھەممە ئىشتا چېكىنگەن، بېكىنىپ قالغان، گاڭگىراپ يۈرىيدىغان، ھەقىقى يولىنى تاپالمىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئەڭ كۈچلۈق ئەقىدە، ئىتىقاد بىلەن قەدىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئادەم ئۆزلۈكتىكى ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرنى سۈزەلەيدىغان، ئىنسانىيەتكە بايلىق تەقدىم قىلالايدىغان ئادەمدۇر. ئۆزۈڭنى، خاسلىقىڭنى بايقا، ئۆزىڭنى سۆي، ئۆزىنىڭ مۈلكىڭ، خاسلىقىڭ، ئەۋزەللىكىڭنى قوغدا، تەرەققى قىلدۇر، بۇ ئەيىپ ئەمەس، بەلكى شەرەپ، شانلىق ئۇتۇق. بىز ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزلۈك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشتىن مۇستەسنا قالمايلى.



ھەقىقەتەن ياخشى ئىيتىلغان سۆزلەر ئىكەن . مەنمۇ بۈگۈن دوپپا كىيىپ ئۆزۈمنى يەنە بىر قىتىم تونۇغاندەك بولدۇم .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزىمىزنىڭ زاۋۇتىدا ئۈزىمىزنىڭ قۇلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئەلۋەتتە تالىشىپ سېتىۋالىمىز ،  بولسا ھەممە كارخانىچىلىرىمىز ئىقتىسادى يار بەرسە مەھسۇلاتلارنى ئۈزىنىڭ زاۋۇتىدا ھەقىقى مۇسۇلمانچە قىلىپ ئىشلەپچىقارسا دەيمەن ، بەزىبىر پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان  ئاچكۆز كارخانىچىلارغا دەيدىغىنىم نادان خەلقىمىزنى ئالدىماڭلار باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئىمانىڭلاردىن ئايرىلىپ قالماڭلار .

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:19:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە مىللى كارخانچىللىرمىزنى بىز قوللىمىساق يەنە كىممۇ قوللار؟

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنسو زاۋۇتلىرىدا ھالال-ھاراملىقى، شۈبھىلىكى ئوچۇقلا تۇرغان مەھسۇلاتلارغا ئۇيغۇرچە ماركىنى قويۇپلا ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ ساتىدىغان نومۇسسىز، ئىمان سېتىپ پۇل تاپىدىغان بىر قىسىم نائەھلىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئالدىنىپ قالماستىن بەلكى مۇشۇنداق ھەقىقى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەلۋەتتە بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىمىز!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئاچچىقىم كېلىدىغان يېرى، ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ بەزىلەر نىمە ئۈچۈن يىمەكلىك مەسىلىسىدە دىققەت قىلمايدۇ!؟ دىققەت قىلماي ئۆزى يېسىمۇ نىمە دەي، نىمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان، سانسىزلىغان خەلقىمىزنى ئالداپ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى بۇلغايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  بۇ ئىشنى ئويلىسام ..... ئاللاھتىن شۇلارغا ئىنساپ-ھىدايەت تىلەيمەن!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا农夫山泉مېنىرال سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئائىلىلەردىكى تۇربا سۈينىڭ سۈپىتىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان،شۇڭا تۇربا سۈيى ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ بوتۇلكىلىق سۇلارنى ئىچىدىغانلار دىققەت قىلسا بولغۇدەك،ئەلۋەتتە ئۆز كارخانىلىرىمىز تەبىئي بۇلاق سۈيىنى مەھسۇلات قىلىپ ئىشلىسە بۇ بەلكىم نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولۇشى مۇمكىن

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
honzade يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 02:28 PM
خەنسو زاۋۇتلىرىدا ھالال-ھاراملىقى، شۈبھىلىكى ئوچۇقلا  ...

بىزگەئوخشىغان نۇرغۇن كىشىلەر دەل مۇشۇ سەۋەپتىن چەتنىڭ ئىشىەنچلىك دەپ قارىغان مەھسۇلاتلىىرنى ئىستىمال قىلۋاتىمىز.
ئەگەر ئەشۇنداق سودىگەرلەر مەھسۇلاتلىرىغا (يىمەك-ئىچمەكلەرگە)شۈبھىلىك نەرسىلەرنى يېقىن كەلتۈمىسە بىز نەچچە ھەسسە قىممەت بولسىمۇ سېتىۋالار ئىدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:14:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 02:04 PM
ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى ياراتمىسا، ئۆزىنى ئۆزى ئىتىراپ قىل ...

بىزكۈن كىيىپلا تونۇپ بولدىڭىزما؟

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
urann يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 02:50 PM
يېقىندا农夫山泉مېنىرال سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئائىلىلەردىك ...

توغرا دەيسىز ھازىر بازاردا مۇسۇلمانچە دەپ يېزىقلىق خەنزۇ نىڭ نىمىلىرى بەك كۆپ .

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش