بۈگۈن مەن يۈردۈم يالاڭباش
ئوبامامۇ ئىكەن يالاڭباش،
ئىنىشتىيىن ئىكەن چاڭگا چاش،
راھىبنىڭ كۆر بېشى تاقىرباش،
دورىغاچقا دوست-يارۇ-ئاداش،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
ئەتىگەندە ئويغىنىپ كېتىپ،
بايراملىقىنى ھەم ئەسكە ئېلىپ،
ئۇيغۇرغا خاس دوپپا دەپ بىلىپ،
قولغا ئالدىم،قويدۇم شۈكلىنىپ،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
نېمىشقا دەپ سورىماڭ مەندىن،
راس گەپ چىقار يۇمشاق تىلىمدىن.
كېيىشنىغۇ ئويلىغان دىلدىن،
ھىتىرقامدىم بىلىمىدىم كىمدىن،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
رەتلىك چېچىم بۇزۇلارمۇ دەپ،
مەتۇ چىراي كۆرۈنەرمۇ دەپ،
مۇسىبەتتەك بىلىنەرمۇ دەپ،
شۇ ئىشلاردىن تولىلا غەم يەپ،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
ئاساسىمنى ئاڭلىسىڭىز سىز،
ئۆتكەن نۇرغۇن ئالىم دوپپىسىز،
كېيەر ئۇنى قالاق، بىلىمسىز،
مەن مەدەنىي قاراڭ بىلسىڭىز،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
مىللىتىمنىڭ ئەنئەنىسى دەيدۇ،
دوپپا ئەخلاق بەلگىسى دەيدۇ،
ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى دەيدۇ،
<دوختۇر> مېنى پاڭ قۇلاق دەيدۇ،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
قىياپىتىم ئەلا غورۇردىن ،
مەيلى بولسام ھەتتا تۇزكوردىن،
ئىلغار كىشى دېسە ئەتراپتىن،
قۇلاق پاڭدۇر بارچە گەپتىن،
شۇڭا بۈگۈن يۈردۈم يالاڭباش.
مەنبە: ئەلتېكىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-5 11:01 AM