يىراق يىقىندىكى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمايۋاتقان تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ، بۈيۈك ئۇيغۇر خانىدانلىقى - سەئىدىيە خانىدانلىق دەۋرىنىڭ ئالدى كەينىدە بىنا قىلىنغان بىر قىسىم ئىسلام بىناكارلىقى ئۇسلۇبىدىكى جامە ، قەبرىگاھلارنى رەسىمگە تارتىپ ئېلىپ كەلدىم .
شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر سەئىدىيە خانىدانلىقى ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتىتى ، بىراق شۇ دەۋىرلەردە بىنا قىلىنغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ھازىرغىچە ھېلىھەم يەكەن شەھەر ئىچىدە مەۋجۇت .
تۆۋەندىكىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ، شەھەر ئىچىدىكى ئۆزۈم بىلىدىغان تۆت قەدىمىي ، چوڭ جامە ۋە بىرقانچە قەبرىگاھلار بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىمارەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
1 - ئازنە مەسچىد
جايلاشقان ئورنى : كونا شەھەر ، تۆمۈر غوجا كۆل ئىجتىمائىي رايۇنى تەۋەلىكىدىكى چاسا ( ھازىرقى ئاتىلىشى )باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇدۇلىدا .
يەكەن ناھىيەسىدىكى جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ بىرى ،
يەكەن ئازنا مەسچىد شەرقى چاغاتاي خانلىقى (موغۇلىستان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ئەمىرلىرىدىن مۇھەممەت ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتىسى ) زامانىسىدا يەنى مىلادىيە 1466-يىلى
يەكەن كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن يەرگە ياسالغان ، بەزىلەر بۇ مەسچىدنى ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا ئابابەكرى ياساتقان دەيدۇ . ئەمەليەتتە مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاغىسى مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا مىلادىيە 1463-يىلىدىن 1480-يىلىغىچە
يەكەننى ۋە قەشقەرنى سۇيۇرغاللىق زىمىن سۈپىتىدە باشۇرۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيا بويچە داڭلىق بۇ مەسچىدنى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ياساتقان.
مەسچىد ياغاچ ئىشلەتمەي خىش ۋە لاينى ماتىرىيال قىلىپ ، 52 گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان بولۇپ ،كىچىك گۈمبەزلەرنىڭ ئىگىزلىكى 5.5مىتىر ، دىئامىتىرى 2.6مىتىر ، مەسچىدنىڭ شىمال تەرەپ ئوتتۇرا ھۇجرىسىغا ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئىگىزلىكى 15مىتىر ، دىئامىتىرى 7.9مىتىر كىلىدۇ . مەسچىد نوقۇل مەسچىد سۈپىتىدىلا ئەمەس ، يەنە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان مەدرىسە قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن ، ھەم كىيىنكى زامانلاردا ، ئاپاق غوجا مازىرىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان.
بۇندىن باشقا مەسچىد ئالدىدىكى مۇنار تۇۋى دىگەن يەرگە بىر مۇنار سىلىنغان بولۇپ ، پىشقەدەم موللا، ئالىملارنىڭ مەلۇماتلىرىدا <<بۇ مۇنارغا چىقىپ قارىسا ،
يەكەن دەرياسى كۆرۈنەتتى ، مۇنارغا چىقىپ چۈشكۈچىلەر، مۇنار ئۈستىدە قونۇپ قالاتتى >>دىيىلگەن . كىشىلەر ئاغزىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ساقلىنىپ قالغان . ئەپسۇس بۇ مۇنار كىيىنكى زامانلاردا ۋەيرەن قىلىۋىتىلگەن.
ئومومەن ئازنا مەسچىد ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ،خاس يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇر، تولىمۇ قىممەتلىك ئىمارەت بولۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك تارىخى مىراس . بىرلا ۋاقىتتا 5000كىشى ناماز ئوقۇيالايدىغان بۇ مەسچىدنىڭ سەئىدىيە سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ۋاقىتتا بىر قىتىم رىمۇنت قىلىنغانلىقىدىن باشقا ھازىرغىچە رىمۇنت قىلىنغانلىقى توغرىلۇق مەلۇمات يوق بولۇپ ، 550يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
1990-يىلى بۇ مەسچىد <<ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى >>دەپ ئىلان قىلىنغان .