گۈل مېھرى
سەن گۈللۈكنى ئايلىنىپ-ئايلىنىپ ،ئاخىرى يەنە پورەكلەپ ئېچىلغان ئاشۇ بىر تۈپ قىزىل ئەتتىرگۈل يېنىغا كېلىپ توختىدىڭ،چاراقلاپ يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ سەھەرنىڭ سۈپسۈزۈك شەبنىمى گويا ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان قىپقىزىل گۈل بەرگىلىرىگە تىكىلدى.سەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىڭ بىلەن گۈللەرنى بىر تال،يەنە بىر تالدىن ئۈزۈشكە باشلىۋېدىڭ، يۈرۈكىم گويا بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ كېتۋاتقاندەك ئېچىشىپ كەتتى.نەچچە تامچە ياش گۈل بەرگىدىن سېرىلىپ چۈشۈۋاتقان سۈپسۈزۈك شەبنەم تامچىلىرىدەك ،ئوتتەك يېنىپ تۇرغان مەڭزىمنى بويلاپ سېرغىپ چۈشتى.
-بولدى قىل!-دېدىم ئۆزۈمنى بېسۋالالماي-نېمە قىلىسەن شۇنچە كۆركەم ،چىرايلىق ئېچىلىپ گۈزەل تەبىئەتكە تېخىمۇ گۈزەللىك ئاتا قىلىپ ،ھۆسنىگە -ھۆسىن قوشۇپ تۇرغان نازۇك، بىغۇبار گۈللەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۈزۋېلىپ!
-گۈلگە قانچىلىك ئامراقلىقىمنى بىلىسەنغۇ،-دېدىڭ قولۇڭدىكى بىر دەستە گۈلنى بۇرنىڭغا يېقىن ئاپىرىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇرىغىنىڭچە،-ئۆيگە ئالغاچ بېرىپ جانان لوڭقامغا سېلىپ قويۇپ قانغىچە پۇرىۋالاي دەيمەن.
-ئېسىت،ئېسىت،ھاياتلىق مەنبەسىدىن ئايرىلغان گۈل قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟ قانچىلىك پۇراق چاچالايدۇ؟ئالتۇن لوڭقڭغا سېلىپ قويساڭمۇ بەرىبىر ئىككى كۈندىلا خازان بولۇپ سىلياۋ گۈلدىن پەرىقسىز بولۇپ قالمامدۇ؟ گۈلگە ئامراق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگىنىڭ ،ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ئاسىرمىغىنىڭ قىزىق!-مەن ئىچ -ئىچىمدىن ئەپسۇسلاندىم، ئېچىندىم.
ئانا تۇپراقتىن، يىلتىزىدىن ئايرىلغان گۈل ھەرگىزمۇ پورەكلەپ ئېچىلالمايدۇ، ئېچىلمىغان گۈلنىڭ خۇش پۇراق چېچىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ ،ئالتۇن لوڭقىغا سېلىپ قويساڭمۇ ماھىيەتتە ئۇ سېنىڭ گۈلگە ھەقىقى ئامراقلىقىڭ ئەمەس، بەلكى تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ،رەڭدار تاجىنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلغانلىقىڭ ئەمەسمۇ!!!
ئەگەر سەن تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل مەلىكىسىگە چىن دىلىڭدىن ئامراق بولساڭ، ئۇنىڭ خۇش پۇراقلىرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالاي دىسەڭ، ئۇنى رەھىمسىزلەرچە ئۈزۈپ ئېلىپ، ئېسىل لوڭقىلارغا سېلىپ قويماستىن، چىن ئەقىدەڭ بىلەن ئاسرا، پەرۋىش قىل، مېھنەت تەرلىرىڭ بىلەن پورەك ئاچقۇز! جاھان پورەكلەپ ئېچىلغان چىن ئەقىدە گۈللىرى بىلەن پۈركەنسۇن!!!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazakat888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 09:42 PM