|
|
|
|
« يايلاقتىكى مىلتىق ئاۋازى»فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1980-يىلى ئىشلىگەن.) سىنارىست-شاجىشىن، شىنكەي. رىژىسۇر-سوڭ جىي ئاساسلىق روللاردا: ئازات، قالۇنبەگ، مۇتەللىپ، پاتىخە قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: شىنجاڭ بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىگىرسىدىكى يېقىن ئەتراپتا بىر يايلاق بولۇپ، بىر كۈنى كىچىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىگىرسى ئىچىدىن بىر ئۇچقۇر ئات دۆۋلەت چىگرا سىزىقى ئۈستىدىكى تۆمۈر تورغا قاراپ، ئۇچقاندەك چېپىپ كېلىدۇ. كەينىدىن ئۇنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئاتنى مىنگەن يىگىت-ئاسىلبەگ تىز سۈرئەتتە توردىن ھالقىپ ئۆتۈپ،ئاخىرى ئۆز ۋەتىنى، ئۆز يۇرتى بولغان قارا سۇ يايالىقىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاسىلبەگ بىر قىتىملىق چىگرا رايۇندىكى يايلاقلارنى تەكشۈرىۋاتقان ۋاقىتتا سوۋىت تەرەپتىكى چىگرادىن ھالقىپ كىرگەن ئىشپىيۇنلار تەرىپىدىن باغلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئاسىلبەگ باغلاپ كېتىلگەندىن كىيىن ئۇ يەردە قاتتىق كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپ،نەچچە قىتىم ۋەتەنگە قايتىشنى ئويلايدۇ. بىراق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. بۇ قىتىم چىگرادىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈشىنىڭ سەۋىبى- سوۋىت تەرەپتىكىلەرنىڭ يايلاققا يوشۇرۇن ئىشپىيۇنلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مەخسەتلىق قويۇۋەتكەنلىگىدىن بولدى. قارا سۇ يايلىغىغا يوشۇرۇنغان سوۋىت تەرەپنىڭ ئىشپىيۇنى-سۇلتان يالغاندىن ئاكتىپ بولىۋىلىپ،تۈز كۆڭۈل ئاسىلبەگنىڭ دادىسى-خالى بىلەن ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرشىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسىلبەگنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىز دوستى-كەلىپە بىلەن توي قىلىۋالىدۇ. ئاسىلبەگ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سۇلتان سۈيىقەست پىلانلاپ، خالى قاتارلىق ئاقكۆڭۈل ۋەتەننى سۆيىدىغان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زومىگەرلىگىگە ئەشەددى ئۆچ بولغان پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يۇرۇتداشلارنى ئاسىلبەگكە قارىتا گۇمانلىق چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. كىيىن ناھيىلىك ھۆكىمەتنىڭ رەھبەرلىرلىگى ئاستىدا ئامما بارا-بارا ئويغىنىدۇ. سۇلتان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرسىنىڭ ئاشكارلىنىڭ قېلىۋاتقانلىغىنى بايقاپ،يايلاق ئالماشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،قارلىق تاغ ئېغىزىدىن قاچماقچى بولىدۇ. ئاسىلبەگ ئۇنىڭ بۇ سۈيىقەستىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان،بىراق ئۇ ئاممنى قايىل قىلالمايلا قالماستىن ئۆزىنىڭ ساددا دادىسىنىمۇ قايىل قىلالمايۋاتاتتى. ئاشۇ جىددى پەيىتتە ئۇ ئامالسىز قالىدۇ، بىراق باتۇر ئاسىلبەگ ئاخىرى قۇرۇق قول ھالدا قۇراللىق ئىشپىيۇن بىلەن بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق ئېلىشىدۇ. خائېن- سۇلتان چىگىردىن چىقىپ كېتىش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئاسىلبەگ تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. دۈشمەننىڭ سۈيىقەستى مەردانە چىگرا رايۇن خەلقىنىڭ ئالدىدا بىت-چىت بولىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى، بۇخلىچەم ئابلا.
|
|
|
|
|
|