|
|
|
|
ئۇزۇندىن بېرى ئۆزۈمدىن باشلاپ بارلىق تورداشلار روھلان تورىنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بولۇشىنى ، روھلاننى يانفۇندىمۇ نورمال زىيارەت قىلپ، ھەر جايدا روھلانداشلار بىلەن مۇڭدىشىشنى ، تېما ئىنكاس يېزىشىپ ئورتاق بەھىرلىنىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى، مانا بۈگۈن ئاخىرى android يانفۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇيدىغان 4.0 دىن يۇقىرى نەشىرلىرىدە نورمال كۆرۈنىدىغان (ھازىرچە 4.0 دىن تۆۋەن نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنمەيدۇ) يانفۇن ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن روھلاننىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى ئشىلەشكە كۈچ قوشقان لوست ئەپەندىگە بارلىق روھلانداشلار نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ كەڭ android يانفۇنى بار ھەۋەسكارلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتپ بېقىشىنى، قىممەلتىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى قزىغىن قارشى ئالىمىز.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://rohlan.com/rohlan.apk
سىغىمى: 1.83 مىگابايت
ئىككىلىك كود ئارقىلىق بىۋاستە يانفۇنغا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇنى رەسىمگە تارتىڭ.
روھلان تور بېكىتى2013-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
|
|
|
|
|
|