مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2638|ئىنكاس: 0

( دولان ) مىللىي مۇناسىۋەتتىكى ئۆزگىرىش  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 03:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىللىي مۇناسىۋەتتىكى ئۆزگىرىش

( شىنجاڭدا توغۈلوپ چوڭ بولغان بىر خەنزۇنىڭ بايانى )

دولان تەرجىمىسى


كەمىنە قەلەم ئىگىسى توردىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈزبەرگەن « 23-ئاپرېل »ۋەقەسىنى كۆرىپ قاتتىق چۇچىدىم، چۈنكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭچوڭ يېزا بازىرى بولغان سېرىقبۇيا بازىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بۇندىن10 نەچچىيىل بورۇن يۇرتىم قاغىلىققا تېخى پويىز قاتنىمىغان بولۇپ، ئاپتۇۋۇز ئاساسلىق قاتناش قۇرالى ئىدى، كەمىنە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىمدا، ھەرتەتىلدە مۇشۇ بازاردىن ئۇتەتتىم، چۇنكى سېرىقبۇيا بازىرى يەكەن-مارالبېشى تاشيولىدىكى ئاۋات بازار ئىدى. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە يول ئۇستىدىكى يېزا-بازارلارغاسەلىشتۇرغاندا، سېرىقبۇيىنىڭ تاماقلىرى سەرخىل، باھاسى مۇۋاپپىق، تەمى ئۆزگىچەبولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى، كەمىنە شىنجاڭدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن يىلبولغان بولسىمۇ، بۇ بازار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئدى. ئاشۇنداق ئاۋاتبازاردا يۇزبەرگەن پاجىئەنى كۆرىپ، كىندىك قېنىم تۆكۇلگەن يۇرتىم قاغىلىقتا ئۆتكەن بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىمنى ئىختىيارسىز ئەسكە سالدى. قىسقىغىنا 30 يىلداشىنجاڭدا يۇزبەرگەن مىللىي مۇناسىۋەتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىش، مەندە ئىختىيارسىز بۇ گۈزەل تۇپراققا بولغان قايغۇمنى ۋە ئەندىشەمنى كۈچەيتىۋەتتى. مىنىڭ خاتىرەمدىكى شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرقىدەك ئۇنداق قاتمال ئەمەس ئىدى.سېرىقبۇيىدا يۇزبەرگەن بۇ ۋەقە، كىندىك قېنىم تۆكۇلگەن ئانا تۇپراقتا بالىلىق ۋەياشلىق چاغلىرىنى ئۆتكۇزگەن مەندەكبىر خەنزۇغا نىسبەتەن، ئاشۇ زىمىنغا بولغان بىرخىل مېھرى- مۇھەببەت ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى.

  ئاتا-ئانام70-يىللارنىڭ باشلىرىدا سىچۇەندىن شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۇەنگە كەلگەن ئىكەن، مەن قاغىلىقتا تۇغۇلغان، شۇنىڭ ئۇچۈن شىنجاڭ مىنىڭ قەلبىمدىكى يۇرتىم ھىساپلىنىدۇ، ئەينى يىللاردا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا خەنزۇلار ئازبولۇپ ئاساسەن بىربىرىبىلەن تونىشاتتى، دادام پائالىيەتچان كىشى بولغاچقا تونىش-بىلىشىمۇ كۆپبولۇپ، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتى، بىز تۇرىۋاتقان تۇەن-مەيداندا ئاساسەن خەنزۇلاربولۇپ، ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى، دادامنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلىشتەك ئالاھىدىلىكى دادامغا نۇرغۇن قۇلايلىقنى ئېلىپكەلگەن ئىدى.

  بىزتۇرىۋاتقان مەيدان قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا 5 كىلومېتىر كىلىدىغان بولۇپ، قاغىلىق،پوسكام، يەكەن، مەكىت، مارالبېشىدىن ئىبارەت بوستانلىقنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا توغراكىلەتتى، ئۆيىمىزدىن جەنۇپقا 500 مېتىر ماڭساق كۆزيەتكۇسىز چۆللىك ئىدى، بۇ چۆللىك قاراقۇرىم تاغباغرىغا تۇتىشاتتى، شىنجاڭ-تىبەت تاشيولى ئاشۇ تاغباغرىنى كېسىپ ئۆتەتتى،ئاشۇ كۆزيەتكۇسىز چۆلىكلەر مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

  قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كىرگۇچە بولغان 5 كىلومېتىرلىق ئارلىقتا، پۇتۇنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىسى جايلاشقان بوستانلىق بولۇپ، دادام مىنى ۋەلسىپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇيغۇر مەھەللىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ كېيىنىشى ۋە تىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان باشقابىر مىللەت ئىكەنلىكېنى تۇنجى قېتىم ھىسقىلغانئېدىم، ئۇيغۇرلار شۇنداق ئەدەپلىك بولۇپ ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئەدەپلىك سالامبىرەتتى. ماڭا ئىنتىايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇكى، كىچىك چاغلىرىمدا قوشناكەنىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بېغىدا پىشقان ئۇرىك، شاپتۇل، ئالما ۋە قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى ئېشەك ھارۋىسىدا بىزتۇرغان مەيدانغا ئاپىرىپ ساتاتتى، مەن تاكى ئوتتۇرا مەكتەپكەچىقىپ ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئاشۇ جاپاكەش ئۇيغۇرلار ئۆزقولىدا يېتىشتۈرگەن شىرنىلىك مىۋىلەرنى يەپ چوڭ بولغان ئىدىم. ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ خاتىرەمدە ساقلانغان ئۇيغۇر-خەنزۇ مۇناسىۋىتى ئىجىل-ئىناق مۇناسىۋەت بولۇپ، ھەركىم بىربىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆزتىرىكچىلىكىنى قىلاتتى.

  بىزنىڭ ئائىلە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلاتتى، مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان يېلى دادام ئۇيغۇرلار كەنىتنىڭ سۇ قۇرلىشى، مەكتەپ، كەنىت ئىشخانىسى قۇرلىشىنى ئىشلىدى، مەن بۇيەردە دادامنىڭ ئۇيغۇرچە بىلگەنلىكى دادامغا ئاشۇنداق تىجارەتپۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن دەپ قارايمەن، چۈنكى دادام ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشمىكى بەسىمۇشكىل ئىدى، شۇ سەۋەپتىن دادامنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى كوپئىدى. ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيىت ۋە رۇزى ھېىيت ۋاختىدا ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ باراتتى، مەن كىچىك ۋاختىمدا دادام بىرگە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ئۆيىگەئاپارغان ئىدى، دادام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە قوشقوللاپ كۆرىشەتتى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە مىھماننى بەك ئەتىۋارلايدۇ، ئاۋال كۆرىشىپ، قولىغا سۇبېرىپ تۆرگە باشلايدۇ، شۇ قېتىم ئۇيغۇر دوستنىڭ مىھمانخانىسىدا لىق مىھمان بولۇپ،دادام بىلەن مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى، شۇ قېتىمقى سورىن ئىنتايىن كۆڭىللىك بولغان بولۇپ، ساھىپخان دادامنىڭ پەتىلەپ كەلگەنلىكىدىن بەك خورسەن بولغان ئېدى. ئەلۋەتتە چاغان مەزگىلىدە دادامنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىمۇ پەتىلەپ كېلەتتى، دادام ئاتايىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن كاۋاپ، توخۇ گۈشىۋە ھەرخىل يىمەكلىكنى تەييارلايتى، بەزىدە پەتىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر دوسلىرى كۆپبولسا، ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلاتتى.

  يەنە بىر ئىش ئىسىمدىن چىقمايدۇ، مەن باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى چۈشتىن كېيىن،ئۇيغۇر مۇئەللىم ئوننەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئەگەشتۈرىپ، بۇرمۇنچە كۈچەت ئېكىلىپ،چۆلدىكى بۇ مەكتەپكە « دوستلىق كۇچىتى » تىكىش ئۇچىن كەپتۇ، ئالدىن خەۋەرقىلمىغاچقا مەكتىپىمىز دەرھال دەرىس توختىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتەقىزغىن كەيپىياتتا كۈچەت تىككەن ئىدۇق. 2006-يىلى مەن ئىككىنچى يۇرتىم قاغىلىققاتۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، ئانا مەكتىۋىمگە چىقسام گەرچە بۇ مەكتەپنى باشقائورۇنغا يۆتكەپكەتكەن بولسىمۇ بىراق ئېينى يىلى بىز تىككەن كۈچەت چوڭ دەرەخ بوپتۇ.يەنە بىر ئىش، بىر يىلى يازدا چاچ-ساقىلى ئاقارغان بىر ئۇيغۇر بۇۋاي ئېرىقتىن ئۆتەلمەي بەك تىتتىت بولغان ئىكەن، مەن دەرھال ھاپاشقېلىپ ئېرىقتىن ئۆتكىزىپ قويسام، بۇۋايمىنىڭ ئىككى قولۇمنى تۇتۇپ نۇرغۇن گەپ قىلدى، مەن گەرچە بۇۋاينىڭ گېپىنى چۇشەنمىسەممۇ لىكىن كۆڭلۈمدە بەكمۇ خوش بولغان ئېدىم.

  ئەلۋەتتەبەزى ئۇششاق زىددىيەتلەرمۇ بولغان، بىزنىڭ مەيداننىڭ شەرىقى-جەنۇبىدا بىرئورمانلىق بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى « ئورمان » دەپ ئاتايتى، بۇ جايدا بىرنەچچەئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتى مەكتەپكە بېرىش ئۈچۇن بىزنىڭ خەنزۇمەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۇتەتتى، مەكتىپىمىزدىكى بىرقانچە كەپسىز بالىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ ئەۋارە قىپتۇ، ئۇ ئۇيغۇر بالىلار ھەر كۇنى ئۇرىك قاتارلىق مېۋەئالغاچ كېلىپ كەپسىز بالىلارغا بەرسە ئاندىن يولدىن ئۆتكۈزەپتۇ، كېيىن بۇ ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار بولغان ئىشنى ئوقۇتقۇچىسىغا دېگەن ئىكەن، ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ مەكتەپكەكېلىپ ئەھۋالنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ مۇدىرىمىز ھېلىقى كەپسىز ئوقۇغۇچىنى قاتتىق جازالاپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇچىلارنى بۇزەك قىلماسلىقنى ئوقتۇرغاندىن كېيىن، بۇنداق ئىش ئىككىنجى يۇزبەرمىگەن ئىدى. بۇنداقئىش ئۇيغۇر مەكتەپتىمۇ يۈزبەرگەن ئىدى، بىزنىڭ خەنزۇ مەكتەپتىكى بىرقانچە بالىنىڭ ئۆيى ئۇيغۇرلار كەنتىدە بولۇپ، ئۇلار مەكتەپكە كەلگۇچە ئۇيغۇر مەكتەپتىن ئۆتەتتى،بىر كۇنى مەكتەپكە كەلگۇچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قېلىشىغا ئۇچراپتۇ، مۇئەللىم بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرىغا دىگەندىن كېيىن، ئاشۇ كەپسىز ئوقۇغۇچىنى جازالىغاندىن كېيىن بۇنداق ئىش ئىككىنچى يۈزبەرمىگەن ئىدى، مانىبۇ مەن باشلانغۇچتائوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئەڭچوڭ زىددىيەتئىدى.

  ئەينىيىللاردا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق بولۇپ، ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ياشايتتى، مەندىمۇ ھېچقانداق مىللەت قارىشى يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق، ئۆرىپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە بىزگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىلابىلەتتىم.

  مەن ئوتۇرامەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردىن باشلاپ مىللىي مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشكە باشلىغانئىدى.....


مەنبە:

http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_60f25ed70102eaa3


















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 03:55 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
owqi555 + 10 مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ .
wolf007 + 10 ئاخىرى قىنى؟
orkixi + 10 موشۇنىڭغىمۇ قۇلپا توۋ.
arki + 51 يەرلىك ھۈكۈمەت بىلەن .
diyarm + 10 تاقاش ھاجەتسز تىماكەن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 91   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش