مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6859|ئىنكاس: 56

ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 09:27:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئۇيغۇر لارنىڭ بەلگىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىللىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم بەلگىللىرىنىڭ بىرى دوپپىدۇر. ئەتە دوپپا بايرىمى. شۇمۇناسىۋەت بىلەن دوپپا ھەققىدىكى ماتىرياللارنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.
ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.  


دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.

    بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.

    ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.

    كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.

     بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.

    قوشۇش شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى- ھەر بىر قاتلاقتا + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ. كۆپرەك +، × ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوڭ سول تەرەپ سىممىتىرىك ھالەتتە كىلىدۇ. رەڭدار، كۆركەم تىكىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل ئارىلىقلىرى ناھايىتى ماسلاشقان تىكىش بىرلىككە كەلگەن. رەڭلىرى روشەن پەرقلىق بولۇپ بىر خىل خاس نۇسخا قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرگە ئىگە.

    شىنجاڭنىڭ يىرى كەڭ، ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۆرپ ئادەتلىرى ئۆزگىچە شۇڭلاشقا ھەر قايسى جايلارنىڭ دوپپىلىرى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

    خوتەن رايۇنىنىڭ دۇپپىلىرى رامكا شەكلىدە نۇسخىلىرى كۆپ بولۇپ ئايالچە نۇسخىلىرى خىلى داڭلىق. گىئۇمىتىرىك تىكىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭلىك يىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىلار كۆپ بولۇپ، سىزىقلرى زىچ گىرەلەشكەن، شەكلى تۈز ئاددىي، تۆت بۇرجىكى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار ياقتۇرىدۇ.

    قەشقەر رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك بولۇپ قاۋىسى چوڭ ئىغىزى كىچىكرەك  بولىدۇ. چۇچا ساڭگىلاپ تۇرغان بادام دوپپىسى ئەڭ داڭلىق. بۇ خىل دوپپىنى ئۇيغۇر خەلقى كەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئىنتايىن ياقتۇرىشىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زەر يىپتا تىكىلگەن ئايالچە دوپپىلار قەشقەر رايۇنىدا ئۆزگىچە بولۇپ خىلى كەڭ ئومۇملاشقان.

    كۇچا رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - مارجان دوپپىلىرىنىڭ ئايالچە نۇسخىسى ئۈستىگە كۆتىرىلگەن نۇسخىدا بولۇپ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ مارجانلىرى تەكشى تىزىلغان، كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ. رەڭگى كۆركەم ، چىرايلىق ، زىننەتلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، ھەر بىر دوپپا قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى بولۇپ ئادەمگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.

تۇرپان رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - ئۆزگىچە بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى گۈلى كەڭ، تەگلىكى تار ، ھەممە يىرى تەكشى تىكىلگەن، گىرۋەكلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. دوپپا ئاساسەن گۈل بىلەن ئورىلىپ تىكىلگەن بولۇپ گوياكى گۈل تاجىسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ. رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كىشىلەرگە باياشاتلىق ، تىتىكلىك، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

  ئىلى رايۇنلىرىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى دۆڭرەك ، يۇمىلاق كىلىدۇ. رەڭگى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. دوپپىلار نەپىس ئازادە.

  قۇمۇل رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئەمما رەڭلىرى چىرايلىق.

نىيە، كىرىيە، چىرىيە، چەرچەنلەردە كىپىنەك شەكىللىك دوپپىلارنى كىيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ساپ نەقىشتىن ئىشلەنگەن بولۇپ دىئامىتىرى 10 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار يىڭنە بىلەن تىكىپ چىقىدۇ. گوياكى بىشىغا قوندۇرۇۋالغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە دوپپىلارنىڭ گەرچە ئەمەلىي قىممىتى بولمىسىمۇ كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرىگە ئىگە. بۇ خىل دوپپىلارنى مۇشۇ رايندىن باشقا جايلاردا ئۇچراتماق تەس.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دىگەندەك پەرىقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا دوپپا تىكىدىغان ئۇستىلار ياشانغان ئاياللار ۋە ياش قىز جۇۋانلار بولۇپ ئۇلار ھەقىقىي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكەرلاردۇر. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىق ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولىغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنىپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق- شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىكىش نۇسخىلىرى كۆپرەك كەڭ تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، تىكىش سەنئىتى خىلمۇ خىل. ئۇلار دوپپا گۈللىرىنى تىكىشتە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستىتىك قارشى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ قويۇق سەھرا تۈسىگە ۋە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل دوپپا نۇسخىلىرىنى پەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.

    ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كىپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئۇمىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.

   ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت بىغىدىكى بىر دەستە گۈل دىيىشكە بولىدۇ.



                              ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى


            قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ.گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە،  ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستا  ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.
            توقۇلما گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق  بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك  شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى-  بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق  يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.

گۈللۈك مانچېستىر دوپپا— بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل،   مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.
            مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق  يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن  چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
            سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆكمەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز  گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان  تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇ خىل  دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش  كىيىمىدۇر.
            ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ،  تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق  ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ  گىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا  چېچىكى تىكىلىدۇ.
            چەكمە قىزىلگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ  تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا،  ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ.  گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن  ئاجرىتىلىپ دانە- دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ.  دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ  تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر. ئاق گۈل چىمەن دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرمۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى  ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن  ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.
       گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە  ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا  چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ  بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ  بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.
            گۈل دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار  تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق،  ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك  يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار  ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.



 ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن باش كىيىمىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ بۇ جەھەتتىن ئۆزىگە خاس باش كىيىم مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى ۋە تارىخىغا ئېگە،تۆۋەندە باش كىيىملىرىدىن دوپپىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز:

1>گۈل غۇنچە دوپپا-بۇ بالىلارغا خاس تۆت تالالىق دوپپا بولۇپ،گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ،يوپۇرماقلىرى سۇس يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىدۇ.

2>بادام مارجان دوپپا.چوكان ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس تۆت تالالىق، گۈللىرى پىستە بادام شەكىلدە يوغان-يوغان قىلىپ چېكىلىدۇ.ھەم يىپقا تىزىلغان ماجان بىلەن بىزىلىدۇ.

3>ئەرەنچە چىمەن دوپپا.ئەرلەرگە خاس ،ئىسمى جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ.دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يېپەك يىپ بىلەن ئاجىرلىپ تۇرىدۇ.دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ،گۈل غۇنچىلىرى قوشماق بادام بىلەن سىزىلىدۇ.

4>گۈلشەن چىمەن دوپپا.ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرگە خاس.تۆت تالالىق بولۇپ،گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يېپەكلەردىن تىكىلىدۇ.دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەخىتتىن بولۇپ،گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.

5>گۈل قىياق دوپپا.ئەرلەرگە خاس ،دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ،سۇس يېشىل رەڭلىك تەگلىككە ھەر خىل يىپلاردىن گۈل تىكىلىدۇ.گۈللىرى قارا يېپەك چېكىتلەر بىلەن تكت تەرەپكە ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

6>چىمەنگۈل دوپپا.تۆت تالالىق ئەرلەرگە خاس دوپپا بولۇپ،سۇس يېشىل ،مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر خىل گۈل غۇنچىلار چېكىلىدۇ.گۈللىرى جىيىكى ئاق ،قارا يىپلار بىلەن گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجىرلىپ سىزىلىدۇ.

7>قىزىل گۈل دوپپا.تۆت تالالىق،يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيىشكە بولىدۇ.توق يېشىل تەگلىك،ئاق، ساغۇچ يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ.

8>توقۇلما گۈللۈك دوپپا.تۆت تالالىق قۇمۇل ،تۇرپانلاردا كەڭ ئومۇملاشقان تۈر بولۇپ،گېلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ.

9>گۈللۈك مانچىستىر دوپپا.بۇخىل دوپپا ھەر خىقل رەڭدىكى مەخمەل مانچىستىرلار دىن تىكىلىدۇ.گۈللىرى قىزىل ،كۆك، ھال،يوپۇرماقلىرى يېشىل،غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن تىكىلىدۇ.

9>مارجانگۈل دوپپا.تۆت تالالىق،ئەرلەر ،قىزلارۋە چوكانلارغا خاس .تېگى ئاق رەخىتتىن بولۇپ،گۈللىرى يوغان -يوغان ،دانە-دانە قىلىپ چېكىلىدۇ.ئكزىگە خاس ئالاھىدىلىكى:پۈتۈن گۈل يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆرىدىلىپ بىر قاتاردىن تىكىلىدۇ.

10>سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا.دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ،قىزلارغا خاس.كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يېكەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن،يوغان سىزىلىپ،ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ.

11>ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا.دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ تېگى قېنىق بېغىررەڭ مەخمەلدىن،گۈللىرى توق سېرىق ئالتۇنر

ەڭ يىپتا ،ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ.

12>چەكمە قىزىلگۈل دوپپا.دۈگلەك شەكىلدە ،قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس.تو ق سېرىق زەر رەختكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ،يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرىلىدۇ.

13 >ئاق گۈلچىمەن دوپپا.تۆت تالالىق،ئەرلەرگە خاس.گۈللىرى ئاق گۈل-غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا،قالغان گۈل-غۇنچىلىرى ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ.

14>گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا.تۆت تالالىق ئەرلەرگە خاس بولۇپ،كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ.

15>گۈل دوپپا.تۆت تالالىق،ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاس دوپپا بولۇپ،كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ،ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ئەلبەتتە ،تەرەققىياتقا ئەگىشىپ نۇرغۇن دوپپىلارنىڭ پاسۇنى ئالاھىدىلىكىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ،زامانغا ماسلاشتۇرۇلسا،يەنە بىر قىسىملىرى سەپتىن چۈشۈپ قىلىۋاتىدۇ.

ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى ساقلاپ قىلىش بىز بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە شۇڭا بىز ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى قوغدىشىمىز،،ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.



مەنبە؛ تور دۇنياسى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 09:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە چۇقۇم قىزمغا گۈللۈك دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ بىرىمەن.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 09:44:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزەمنىڭ خوتەنلىك بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 09:51:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنلا دوپپا سېتىۋېلىپ كىيىپ يۈرىمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3496
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32334
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:10:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دوپپىلارنىڭ ئازلا نەچچە تۈرىنىلا بىلىدىكەنمەن ، بۇ دوپپىلارنىمۇ تۈرلىرى كۆپكەن ئەمەسمۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85858
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:12:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى مەزمۇننىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى ئىكەن .مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا بارلىق مىسرانىمدىكىلەرگە ۋاكالىتەن رەخمەت ئېيتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:16:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يوللاپسىز ، ئەھمىيەتلىك تېمىكەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:22:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەتە تويلۇق دوپپامنى كىيىمەن

سۆزلىرىم ئاشكارە
سىرلىرىم پىنھان
قەلبىمنى چۇشەنمەس
ھىچقانداق ئىنسان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78728
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:22:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاساسلىق تۈرلىرىدىن بادام دوپپىنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىزغۇ.

جەنۇپ تەرەپلەردە ئەرلەر قىشتا باش توڭىدۇ دەپ دوپپا كىيمەي تۇماق ۋە باشقىلارنى كىيىدۇ. شىمالدا قانداق بىلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87352
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:24:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-4 09:44 AM
مەن ئۆزەمنىڭ خوتەنلىك بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.

ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن پەخىرلىنىدۇ .....

ھالالدىن كەلمىگەن ئاش ئەمەس ،
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش-ياش ئەمەس .
بېشىم باردەپ غادىيىپ يۈرمە ،
سەجدىگە بارمىغان باش-باش ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش