1.لىيۇ شىياۋ بو قانداق ئادەم
(چىن ۋىي سوڭ)
يېڭى خەۋەرلەر تورىدىن تەرجمە قىلغۇچى :ئالۋۇن
مەنبە:
http://news.china.com.cn/txt/2010-10/26/content_21202476.htm
2010-يىلى10-ئاينىڭ8-كۇنى ۋىينا نوبىل مۇكاپاتنى تارقىتىش كومىتتى بۇ يىللىق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنى جۇڭگۇنىڭ تۇرمىسىدە جازا مۇدىتىنى ئۆتەۋاتقان لىيۇ شىياۋ بوغا بىرىشى ،پۇتۇن دۇنيانىڭ:لىيۇشىياۋ بو قانداق ئادەم؟ئۇنىڭ قايسى ئەخلاقى پەزىلتى،قايسى قىلغنى نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش كومتىنىڭ كۆز تاشلىشىغا مۇيەسسەر قىلغاندۇ؟دىگەن گۇمانىي سۇئاللارنى سورىشىغا سەەۋب بولدى...
2.جۇڭگۇنىڭ مۇستەملكىگە ئايلىنىشىغا تەشنامەن:‹300يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ›
1955-يىلى تۇغۇلغان لىيۇ شىياۋ بو دەسلەپتە زىيالى ۋە ئىشچى بولغان.1984-يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغاندىن كىيىن بىيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.4يىلدىن كىيىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.نام چىقىرىش ئۇچۇن‹ ئادەم تىللاپ›نام چىقرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر يوللا نام چىقىرىپ ،باشلىنىشتىنلا ئۆزنىڭ رەزىل ئەبتى بەشىرسىنى ئاشكارلىغان.
1988-يىلى،ئەينى ۋاقىتتىكى شىياڭگاڭ‹ئازادلىق›ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى جىن جوڭ سەي لىيۇ شىياۋ بونى زىيارەت قىلغاندا:‹بەزىلەر جۇڭگۇ خەلقنىڭ مللىي خاراكتىرنى تەنقىد قىلدى،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟لىيۇ شىياۋ بو قىلچىمۇ يوشۇرماستىن:‹مەن ھەرگىزمۇ جۇڭگۇنىڭ ئارقىدا قىلىشنى بىرنەچچە ھاماقەت ھۆكۇمرانىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ھەربىر پۇقرا كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ قارىمايمەن ،چۇنكى تۇزۇمنى ئادەم تۇزىدۇ،جۇڭگۇنىڭ بارلىق پاجىئەسنى،ھەمنى جۇڭگۇلۇقلار ئۆزى يېزىپ،ئۆزى رىجىسورلۇق قىلپ،ئۆزى ئورۇنداپ ،ئۆزى ھوزۇرلىنىپ كەلگەن،بۇ ئىھتىمال تائىپە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.جىن جوڭ سەينىڭ قانداق شەرت ئاستىدا جۇڭگۇ تارىخى ئۆزگىرىش قىلالايدۇ دىگەن سۇئالىغا لىيۇ شىياۋ بو قىلچە ئىكىلەنمەي 300يىل مۇستەملىكە بولسا.شىياڭگاڭ 100يىل مۇستەملىكە بولۇپ بۇگۇنكىدەك تەرەققى قىلدى.جۇڭگۇ ناھايتى چوڭ شۇڭا بۇگۇنكى شىياڭگاڭدەك بولۇشقا 300يىلمۇ ئازلىق قىلامدىكىن.بۇيىل6-ئايدابىيجىڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكنىڭىز ھۆكىمەتنىڭ ئتىراپ قىلغىنىدىن دىرەك بىرەمدۇ دىگەن سۇئالغا ئۇ-مىنىڭچە مەڭگۇ بىلىمنىڭ ياخشى يامانلىقنى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بەلگىمەيدۇ،مەن كونكىرىت ئادەمگە قارايمەن،ئەگەر سەنلا بولساڭ،ھەرقانداق ئۇنۋاننى لازىم قىلمىساڭ بولىدۇ. لىكىن بۇنداقلا ناھايتى ئاز.شۇڭا مەن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرنىڭ95%،ماگىستىر ئاسپىرانىتلارنىڭ97%،دوكتۇرلارنىڭ99%تنى كىرەكسىز دەپ قارايمەن›.
بۇ بىر تەرەپلىمە ھاياجانلىق بايانلارغا ئاساسلانغاندا.ئۇ غەرىبلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ‹ئەدەبىيات ساھەسىدىكى قارا تۇلپار›.ئۇ غەربنىڭ سىياسى،ئىقدىسات،مەدىنىيتىنى،كۇچىنىڭ بارىچە كۆككە كۆتۇرپ ماختىدى.غەرىبنىڭ تەجىربىچىلىك پەلسەپەچىسى،ئىدىيالىستىك پەيلاسوپى،دىنى پەلسەپەچىسى،ئىرراتسونالىزىمچسى ۋە لوگىكىزمنى،ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە بار بولغان ئىجاتچانلىقنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرالايدۇ دەپ ماختىدى.ئۆزىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ۋەتىنگە بولسا ،ئۇ تەپتارتماي ۋەتەنپەرۋەرلىك،خائىنلىق مەن ئۇچۇن بەرىبىر. سىز منى خايىن دىسىڭىز مەن خايىن.دەپ /ئۆزىنىڭ ئاتا بوۋىسنىڭ يەرلىكنى كولايدىغان ۋاپاسىز ئىكڭەنلىكدىن پەخىرلەنگەن...
بىرجۇڭگۇلۇق بولغان لىيۇشىياۋ بوغا نىسبەتەن،ئۆزمىللىتى ۋە قىرىنداشلىرى ھىچنىمىگە ئەرزىمەستۇر .ئۇ"جۇڭگۇلۇقنىڭ تىنىدىن تارتىپ روھىغىچە پۇتۇنلەي ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايدۇ،جۇڭگۇلۇقلار ناھايتى ساپاسىز،ئىجادكارلىقى كام،بارلىق مەسىللەر تائىپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقلىرى ئوخشاش،پەقەت جۇڭگۇلۇقلار ئۇنى ئەڭ يۇقرى چەكتە تەرەققى قىلدۇردى"دەيدۇ،ئۇجۇڭگۇلۇق بولغانلىقىدىن نۇمۇس قىلدۇ،ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى چەتئەل تىلىنى بىلمىگەنلىكىدۇر.ئەگەر بىلگەن بولسا جۇڭگۇ جەمئتى بىلەن مۇناۋىسىتى قالمايتى.ئۇ"جۇڭگۇلۇق بولۇش نۇمۇس"دەيدۇ.ھەتتا‹جۇڭگۇ›دىگەن بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ.بۇ ئەينى ۋاقىتتا غەرپلىك مۇستەملىكچىلەرنڭ بىزنى‹شەرقى ئاسىيا كىسەل كۆرپىسى›،‹پەس مىللەت›دەپ مۇقام توۋلىغىنى بىىلەن ئوخشاش.ئۇ ئلگىرى كۆپ قىتىم ئوچۇق ئاشكارا‹تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى›،‹شىزاڭ مۇستەقىللىقنى›جار سالغان ھەتتا جۇڭگونى18گە پارچىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
3.كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ:"مەن خاتا قىلغانلىقىمنى بىلدىم"دېيىش.
1989-يىلى بېيجىڭدىكى سىياسىي بوران چاپقۇندىن كىيىن،ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان لىيۇ شىياۋ بۇ پۇرسەت كەلدى دەپ قاراپ دەرھال جۇڭگوغا قايتىپ‹6.4›قالايمىقانچىلىقنى ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولغاچقا،ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئىلىندى.ئەينى چاغدىكى خادىملارنىڭ ئەسلىشىگە ئاساسلانغاندا، بىرقىتىملىق سوراقتىن كىيىن ئۇ يەردە تىزلىنىپ خىزمەتچىلەرنىڭ پۇتنى قۇچاقلاپ،كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ:‹مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم ،مىنىڭ تۈرمىدە ياتىقىم يوق ماڭا ياردەم قىلىڭ›دەپ ئۆتۈنگەن .ئۆز قەلىمى بىلەن‹گۇناھىنى تونۇش خېتى›،‹توۋىنامە›يازغان ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ يىڭى باشتىن ئادەم بولۇپ دۆلەت،خەلق ئۇچۇن پايدىلىق ئادەم بولىمەن دەپ جار سالغان.ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ پۇشايمان يىشىنى تۆككەن .جىنايىتىنى تونۇغانلىقنى كۆزدە ھۆكۈمەت كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان .شۇنڭدىن كىيىن ئۇ مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.ئەمما ئۇچىن كۆڭلىدىن قايىل قىلماي،1991-يىلى ‹كونا كەسپى ›بىلەن قايتا شۇغۇلىنپ،ئۈزلۈكسىز‹مىللەتنىڭ تەقدىرى›ھەرىكىتىگە قاتناشقان،ھەمدە1995،1997-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغاچقا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 05:42 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-4 07:39 PM):
4."چەتئەللىكلەر مائاش بىرىدۇ،مەن پۇلدىن قىسىلمايمەن
لىيۇ شىياۋ بو 20ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن باشلاپ،ئامرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسنى ئارقا كۆرنۇش قىلغان ئامرىكا دۆۋلەتلىك دىمكىراتىيە فوندى مەبلەغ بىلەن تمىنلەيدىغان‹دىمكىراتىك جۇڭگۇ›شىركىتىنڭ قەرەللىك مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغان.بۇيىل10-ئايىنڭ12-كۇنى چىگىرا سىرتىدىكى ئاپولو خەۋەرلەر تورىدا‹ئاقسوڭەك جىنايەتچى لىيۇ شىياۋ بو نىڭ تۇرمىدە يىتىش ھەققى ئايلىقى قانچە›تىمىدكى بىر ماقالە ئىلان قىلندى،ئۇنىڭ يىللق مۇئاشى 23004ئامرىكا دوللىرى ئەينى ۋاقىتىكى پىرۋوت نىسبىتى بويىچە ھىسابلىغاندا157600يۇەن.ئۇجازا ئىجىرا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئايلىق ساپ كىرىمى13000يۇەن بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا،لىيۇ شىياۋ بو چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلرىدىن ماقالە يېزىپ جۇڭگۇ ھۆكىمتىنى تىلاش ئارقىلىق ھەققە ئىرىشكەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر ئايدا چەتئەل مىدىئالىرىنىڭ زىيارەت قىلشدىن كىرىم قىلغان،يەنە غەرىبنىڭ تۇرلۇك‹مۇكاپات›غا نايىل بولۇپ توققۇزى تەل تۇرمۇش كەچۇرگەن. چەتئەل مىدىئالىرى ئۇ تۇرىۋاتقان قورۇنىڭ تاملىرنىڭ ھەيۋەتىلك بولۇپلا قالماستىن قىممەت باھالىق ساپال كاھىشلار ئىشلىتىلگەنلىكنى بايقىغان.ئۇ شۇنداق ناھايتى بەتخەج.ئۇ تەلۋىلەرچە ئەسەبىيلىك بىلەن :‹مەن سىلەرگە ئوخشاش پۇلدىن قىسىلمايمەن،مەن بۇيەردە تۇرمىدە ياتسام چەتئەلىكلەر ماڭا پۇل بىرىدۇ دىگەن›