|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! مۇنبىرىمىزگە تېخى بايىلا يوللانغان " شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسى 9-قانىلى سەرخىل بولماقتا" نامىدىكى تېما ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ،ئەينى ۋاقىتلاردا ئىشلەنگەن نۇرغۇن كىنو-فىلىملەرنىڭ ، چوڭلىرىمىزنىڭ ۋە ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدە تېخى "ئوتى" ئۆچۈپ قالمىغىنىنى ھېس قىلدىم. شۇ زاماندىكى پەن -تېخنىكا سەۋىيەسى،كىنو ئىشلەش تېخنىكىسى ھازىرقىغا يەتمىسمۇ ،ئەمما بۈگۈنگىچە كۆپىنچىمىزنىڭ قەلبىدىن تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتمەي،يەنە سېغىنىشلىق تەسىرات قالدۇرغىنىنى بىر ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ،ئەلۋەتتە... تېمىمىزنىڭ ئەسلى بۇ ھەقتە بولماسلىق سەۋەبى بىلەن بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ،گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم،مۇشۇ كەمدىن بېرى ھەرخىل سەھىپىدىكى تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ،بىزمۇ زېرىكمەي ئوقىۋاتىمىز.شۇنڭىدەك ئەينى ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلىنىپ ،ھازىرغىچىلىك قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالغان فىلىملەرنى ئەسلەپ ئۆتسەك،تاپالمىغانلار تېپىۋالسا،ئاڭلىمىغانلار ئاڭلىۋالسا،زۆرۈر دەپ قارىسا ئانچە-مۇنچە ئېزاھات ،چۈشۈنچە بېرىلسە،شۇ باھانىدا مۇڭدىشىۋالساق دېگەننى مەقسەت قىلدىم ھەمدە ئۆزۈم باش بۇلۇپ قىسمەن ماڭا تەسىر قىلغان نادېر فىلىملەرنىڭ ئىسمىنى يوللاپ قويدۇم. بولسا مۇنبەرداشلارمۇ چۈشۈپ قالغان ياكى ئۆزى ياقتۇرغانلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە قوشۇپ قويسا...
1. 5- باشقارما ھەركەتتە(ئامېرىكا,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)2.بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت (روسىيە،ھېكايە فىلىم) 3.قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر(ئامېرىكا,تېلىۋىزىيە تىياتىرى) 4.رەھىمسىز فىرونت(?)5.رازۋىتچىك خاممېر(?)6.جەننەتنىڭ قەھرى(ئامېرىكا,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)7.قىزىل راۋاقتىكى چۈش (جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)8.ئارزۇ (جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)9.ئاياللار ئاي ئەمەس(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)10.جۇجىياڭغا مۇھەببەت(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)11.ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھايات(سىنگاپور،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)12.تۈرمىدىكى غەزەپ(سىنگاپور،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)13. ئىنتىلىش (سىنگاپور،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)14.مىراسخور(پاكىستان،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)15.ۋاپادار ئايال(ياپۇنىيە،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)16.قوغلاپ تۇتۇش(ياپۇنىيە،ھېكايە فىلىم)17.ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدىكى سىرلىق ۋەقە (جوڭگۇ،كارتون فىلىم)18.تۇتاش قەلبلەر(مالايسىيە،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)18.شورپىشانىلەر(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)19.ئاپشاركا پۇشتىكى(ياپۇنىيە،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)20.تەقدىر(ياپۇنىيە،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)21.كۆۋرۈك (يۇگۇسلاۋىيە,ھېكايە فىلىم)22.غەربكە ساياھەت (جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)23.سۇ بويىدا(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)24.قىزىل راۋاقتىكى چۈش (جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)25.ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)26.غەلىتە ۋاڭ ھەققىدە قىسسە(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)27.ھالاكەت ئارخىپى(?)28.خاسپىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى(ئامېرىكا,كارتون فىلىم)29.مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە ھېكايە(ئامېرىكا,كارتون فىلىم)30.ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى(ياپۇنىيە،كارتون فىلىم)31.رامبو(ئامېرىكا,كارتون فىلىم)32.خىمەن(ئامېرىكا,كارتون فىلىم)33.قاراڭغۇ ئورماننىڭ سېرى(ئامېرىكا,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)34.ئالتۇن رەڭ ئەتىرگۈل غارى(?)35.يىلتىز(ئىتالىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)36.ئېرەم باغقا قايتىش(ئاۋىستىرالىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)37.تىكەن قۇش(ئاۋىستىرالىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)38.قېرى تۈلكە(گېرمانىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)39.بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا(كورىيە,كارتون فىلىم)40.باتۇر سانخىلو(ياپۇنىيە،كارتون فىلىم)41.سۇبات سەھنىسى(كورىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)42.شاپائەتچى جىگوڭ(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)43.ئادىل ئەمەلدار باۋگۇڭ(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)44.ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ(گېرىتسىيە،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)45.ياڭ سەنجىنىڭ ئەرىز قىلىشى(جوڭگۇ،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)46.تۆھمەت(مېكسىكا،تېلىۋىزىيە تىياتىرى)47.قىران بۈركۈتلەر(ئامېرىكا,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)48.دېدەك ئىزورا(بىرازىلىيە,تېلىۋىزىيە تىياتىرى)49.ئۆردەك بىلەن چاشقان(ئامېرىكا,كارتون فىلىم)50.نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى(جوڭگۇ,كارتون فىلىم)...
مەنبە:ئۆزۈم،قىسمەن ئىنكاسلار
|
|
|
|
|
|