|
|
|
|
يولۋاس ئۆز كۈنىگە رازى بولماي،ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.ئادەملەر نىمە يەي دىسە يىيەلەيدىكەن،نىمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىكەن،نىمىدىگەن ئەركىن-ھە!مەنمۇ ئادەم بولۇپ قالغان بولسامچۇ...دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەمدەك ياشىغۇسى كېلىپ،ئادەملەر بىلەن دوسىتلاشماقچى بوپتۇ.ئۇ بىر مەھەللىگە كېلىپ ئۈچ ئۆينى كۆرۈپتۇ-دە،ھە،ئادەملەر بار يەرگە كېلىپتىمەن،دەپ بىر ئۆين ىڭ درىزىسى يېنىغا كېلىپ،ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى تېڭشاپتۇ:
-قاچانغىچە مۇشۇنداق ئوغۇرلۇقچە ئىش قىلىۋىرمىز؟بالدۇرراق توي قىلۋالايلىچۇ؟
-ۋاي ئالدىرمىسىڭىزچۇ،ئايالىم يەڭگىۋالسۇن...
-نىمە،سەن ئايالىم بار دىمىگەنتىڭغۇ؟ۋۇ نومۇسىىىسز!...
بۇخەقنىڭ گېپىنى چۈشەنمەك سەل قىيىن ئوخشىمامدۇ،دەپ ئويلىغان يولۋاس ئىككىنجى ئۆينىڭ يېنىغا كەپتۇ:
-ۋاي بولە ئاداش!ھېلى چايغا كېچىكىپ قالىمىز.
-سەل ساخلاپ تۇرۇڭلاچۇ،ئۆيدىكىلەرگە ئازراق نەرسە تەييارلاپ قوياي.
-ۋايجان،بىرەر ۋاق تاماق يىمىسە ھېچنىمە بولمايدۇ،مىنىڭمۇ ئىككى ياشلىق بالام قالدىغۇ!كىم قارايدۇ بالاڭغا؟
-بالا باققۇچى قارىمامدۇ؟
-ئېرىڭچۇ؟
-ئۇ ئۆزى تاماق قىلىپ يەۋىردۇ.
يولۋاس بۇلارنى ئاڭلاپ،مەن چېغىمدا بالامغا قىيالمايمەن،ماۋۇلارنىڭ باغرى نىمانداق قاتتىق،دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈچىنجى ئۆينىڭ يېنىغا كەپتۇ:
بولە ئاداش،خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى چىدىيالمىدىم.
-مەنمۇ بولالمىدىم،قانداق قىلىمىز؟
-ئازراقمۇ يوقما؟
-چىدىمىدىم،بۇ نىجىسنى نىمىشقا ئۆگىنىپ قالغاندىمەن؟بىزنىڭ كۈنىمىزدىن ھايۋاننىڭ كۈنى ياخشىراقتۇ....
ۋاي توۋۋا،نىمانچە بىچارە بۇلار؟
يەنىلا ھايۋان بولۇپ ئەركىن ياشاي،دەپ ئويلىغان يولۋاس ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن .........كېرەك.
مەنبە:شىنجاڭ قانونچىلىق گېزىتىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. 2011-يىلى19-ئاۋغۇسىت
|
|
|
|
|
|