دوپپىمىز
ھۆسىن قوشار ھۆسىنگە بىزنىڭ بادام دوپپىمىز،
چىمەن دوپپا،مانچېستېر،ئەتلەس،مارجان دوپپىمىز.
ئۆزگىچىدۇر رەڭلىرى باغدا گۈلزار نە قالسۇن،
بېغىشلايدۇ سالاپەت ھەتتا سىدام دوپپىمىز.
دوپپا دىگەن ئەزەلدىن ئويغۇرلۇقنىڭ بەلگۈسى،
ئۇدۇم قالغان ئەجداتتىن،ھۈنەر سەنئەت مىۋىسى.
گۈل كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز بېشىمىزدا ئاشۇنداق،
كۆرۈنمەككە ئاجايىپ كۆركەم گېلەم دوپپىمىز.
چاھار باغنىڭ گۈللىرى،دوپپىمىزدا مۇجەسسەم،
كەڭ جاھاننى ئىزدىسەم مۇنداق گۈزەل كەمدىن-كەم.
جىلۋە قىلۇر رەڭمۇ-رەڭ گۈل-چېچەكلەر ئۇنىڭدا،
مەڭگۈ لايىق ئاسراشقا ھەرخىل يارام دوپپىمىز.
شۇ دوپپىدىن كۆرىمىز تەبىئەتنىڭ كۆركىنى،
خۇشبۇي ھىدى تارقىغان نەۋ باھارنىڭ ھۆسنىنى.
قۇلى چېۋەر دوپپىچى ئۇستا ئويغۇر قىزىنىڭ،
ھۈنىرىنى جاھانغا قىلدى ئايان دوپپىمىز.
******
مەنبە:ئۆزقەلىمىم (ئابدۇۋەلى راخمان )ھەققانىي