ئانا تىلىم ئۇ ئانامنىڭ ئەمچىكى، تۇنجى ئوغۇز سۈتى بىلەن قەلبىمگە سىڭىپ كىرگەندە مەن ئانا دەپ توۋلىغان، قاچانلاردىن سوسكا ئېمىشنى ئۆگەندىم ، ئانام بىلەن بولغان ئارلىقىم يىراقلاشتى ، تىللىرىمىز كالۋالاشتى ، شۇندىمۇ ئانام ماڭا -بالام مانا ئەمچەك دەپ كۆكسىنى تەڭلىگەن، لېكىن مەن ئىمدى ئىمىزگىگە مەجبۇرلاندىم ، ئەمدىميۇ ، ئۇنىڭغا بېرىلىپ قالدىم ، ئانامنىڭ تىلى ئەمدى ماڭا قاراڭغۇ ، ئانام يەنە بىر قېتىم بالام...دېدى، مەن يەنىلا ئىمىزگە بىلەن سوسكىغا ئاشنا بولدۇم ، ئانام يىغلىدى ، كىلەر دېگەن بولغىيتى ، ئانا يىغلىسا پۈتكۈل
دۇنيا تەۋرەيدۇ دەپ ، مانا ئەمدى دۇنيا زىل-زىلگە كېلىدۇ ...
ئەمچەك ۋە ئىمىزگە
ئانامنىڭ ئەمچىكى شۇنچىلىك تاتلىق ،
قاچاندىن ئاغزىمغا سالدىم ئىمىزگە .
يۈرۈكۈم ھەسرەتتە تولغاندى ئاچچىق،
قوش ئەمچەك بەخشەندە بولمىدى بىزگە.
تۇنجى رەت ئانامنى ئەمگەن چېغىمدا ،
چىشلىگەن ئەمچەكنى بار كۈچۈم بىلەن.
ئاناممۇ ۋايۋايلاپ ئىسىت دەپ قالغان ،
دىلىنى داغ قىلغان مەندىكى تىكەن .
چىشلىدىم ئارلاشتى ئوغۇز سۈتىگە ،
قۇشۇلدى قان بىلەن جانلاندى تۇمۇر.
خام سۈتنى ئەمسەمغۇ مەيلى دەيتىمغۇ،
خام قاننى ئىچىپلا كېسىلدى غۇرۇر .
شۇنچىلىك ئىزتىراپ ئىچىدە ئۇنى ،
تۈكۈردۈم بولمىغاچ ساپ ئۇغۇز سۈتى.
قارىسام يېنىمدا بىر تال ئىمىزگە،
پەيدا بوپ قالغاندۇ قايسى بىر كۈنى .
قارىماي ، ئەمچەككە تەلپۈندۈم شۇئان،
ئېمىزگە ئاغزىمغا سېلىندى توۋا .
ئەمگەنچە زۇۋاندىن تۇتۇلۇپ قالدىم ،
پەسلەندى ئەمچەك دەپ قىلىنغان غەۋغا.
قارىسام ئانامنىڭ كۆزلىرىدە نەم ،
كۆكسىنى تۇتقانچە تۇرۇپتۇ كۈلۈپ،
رازىكەن ھامان ئۇ بەرگەن سۈتىگە،
يۈگۈردۈم ئالدىغا يېشىمنى سۈرتۈپ.
توساتتىن ئالدىمنى توستىغۇ سوسكا ،
ئىچىدە ئاجايىپ غەلىتە شەربەت .
قىزىقىش ئىچىدە گۈپۈلدەپ ئىچتىم ،
شۇئانلا ئۇيقۇغا كەتتىمغۇ راھەت .
قانچىلىك ئۇخلىدىم بىلەيمەن ئۇنى ،
ھۆ!بولۇپ قۇسقانچە ئويغىنىپ كەتتىم .
قارىسام ئانامنىڭ قارىسىمۇ يوق ،
شۇندىلا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم .
جان بالام دەيدىكەن ئانام قاماقتا ،
كۆكسىنى ھېلى ھەم تەڭلەپتۇ ماڭا .
تىرىشتىم ئالدىمدا بولغاچقا بىر ھاڭ،
سوسكىنى ئەمگەنچە قالدىمغۇ يانا...
يىغلىدىم ، ئاغزىمغا كەپلەندى سوسكا،
ئامالسىز شەربەتنى ئىچتىم غۇيۇلداپ .
كۈن ئۆتتى كۆنۈپمۇ قالغان ئوخشايمەن،
ئىچمەستىن تۇرالماي بىر كۈنمۇ چىداپ .
بۈگۈنمۇ ئىچەي دەپ تەڭلەپ ئاغزىمغا،
نە شەربەت قارىسام قۇرۇق ئىمىزگە .
يۇلقۇندۇم ،قەغىشلىك قىلىپ يىغلىدىم ،
ياققانچە باغرىمنى كەڭرى ئېڭىزگە .
ئاھىمغا ھىچكىممۇ قىلمىدى پەرۋا،
ئامالىسىز ئىمىشكە باشلىدىم قىيداپ،
شۇنچىلىك شەربەتكە تەلپۈنگەن دىلنى ،
ئانامنىڭ كۆكسى ۋە ئىشەنچتە بەزلەپ.
توۋا دەپ ياقامنى چىشلىدىم مۇڭدا ،
ئاجايىپ تەتۈرمۇ تەغدىرى قىسمەت.
ئانامنىڭ كۆكسىدىن ئايرىلدىم ئەمدى،
يوق بولدى ئۇغۇزغا ئارلاشقان شەربەت.
ئانامنىڭ قېشىغا كەلدىم بۈگۈنمۇ ،
كۆكسىنى يۇشۇرۇپ يۈرۈيدۇ مەندىن.
ئازاپتا ، تولغىنىپ دېدى ئاشۇنداق ،
بەرگەن شۇ سۈتۈمگە نارازى سەندىن.
ئانا دەپ قولۇمنى ئۇزارتىپ قالدىم ،
لېكىن ئۇ چۈشەنمەس مېنىڭ دىلىمنى ،
ئاغزىمدا ئىمىزگە تۈكۈرەي دېسەم،
ئامالى بىلمىدى كۆيدۈردى دىلنى .
ئانامنىڭ قارىسى ئۇچتى كۆزۈمدىن ،
تىلىمدىن ئىمىزگە بوشىدى ئەمدى .
ئانا دەپ توۋلىغان بولساممۇ بىراق ،
گېپىمنى چۈشەنمەس ئانام ئەبەدى .
يىغلىدىم زىمىنغا ئاھىمنى تۆكتۈم،
مىليونلاپ بالاڭنى ئەمدۈرگەن ئەمچەك.
سۈتىنى قىسىپتۇ ئەمدى مېنىڭدىن ،
بەختلىك بول ئانا تىلەيمەن تېلەك .
شۇندىلا ئانامنىڭ سىماسى ئايان ،
ئەمچەكنى بىر بالا سىلاپ تۇرغىدەك.
بىر قولدا ئىمىزگە بىر قولدا سوسكا ،
تۇتقانچە بىر كىشى كۈلۈپ تۇرغىدەك.
قارىسام بالىدا مېنىڭ سىمايىم ،
ئەمچەكنى ئىمىشكە بولمىدى ئىمكان .
ئېلىپلا سوسكىنى ئالدىم ئاغزىمغا ،
كۆتۈردى مىليونلاپ بالىلار ئىسيان .
ھەيۋېدىن قورققانچە يىغىلاپ كەتتىم،
شۇندىلا ئىمىزگە چۈشتى ئاغزىمغا .
بىلمىدىم ئۇلارنىڭ تىلىنى ئەمدى ،
كىممۇ كۆز ئالايتتى بۇ ئاۋازىمغا .
كۈن ئۆتتى ئىمىزگە ئالدى كۆڭلۈمنى ،
بىلمەيلا ئۇنىڭغا بوپتىمەن ئاشنا .
ئەمدىلىك ئۇنىڭدىن ئايرىلماس بولدۇم،
كۆزۈمگە ئاجايىپ بىلىنگەن باشتا .
جىقايدى ئىمىزگە سالغانلار مانا ،
بەزىلەر سوسكىنى ئېمىپتۇ تېخى .
بىر ئانا كوچىدا يىغلاپ تۇرغىدەك ،
يۈرىكىم قارت قىلدى ئۇ ئىكەن ئەسلى...
قېرىپتۇ ، ئەمچىكى قورىلىپ قاپتۇ ،
ئەممەپتۇ ، ھىچكىممۇ بولمىغاچ سۈتى.
ھار كەپتۇ ئانىغا ۋارقىراپ دەپتۇ ،
غەزەپتىن پۈتۈپتۇ ئانىنىڭ ئۈنى .
(مىڭ لەنەت سېنىڭدەك بالام بولغانلار ،
ئەمچەكنى ئۈنۈتتۇڭ، سوسكىنى بىلدىڭ.
كوندۈردى ئاقىۋەت شۇ ئىمىزگىگە ،
ئالدىمدا ئىمىمپلا باغرىمنى تىلدىڭ .
چىشلىدىڭ شۇندىمۇ رازى ئىدىم مەن ،
بەرگەن ئاق سۈتۈمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن.
قەدرىمنى بىر قىلىپ قويساڭ بولاتتى ،
شىكەستە ئەيلەيسەن قەلبىمنى نىچۈن .
بولدىلا ، باللىرىم ئۆزەڭگە قىلدىڭ ،
ئىمىزگە سوسكىنى ئېمىپ قېلىڭلار .
مەيلى دەي ، نائامال قىسمەت ئوخشايدۇ،
مەن يالغۇز قالايچۇ سېلەر كېتىڭلار .)
ھەممىسى تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرغان ،
چۈشەندى ئانىنىڭ گېپىنى كىملەر ،
ئىمىزگە يات تىلغا كۆندۈرگەن بىزنى ،
شۇڭلاشقا بالىلار ھاڭۋېقىپ جىملا .
ئۇف دېدى ئۇ ئانا ئېغىر خۇرسىنىپ،
گەپ قىلماي تېتىپلا قالدى يىراققا .
ئىمىزگە ئەمگەنلەر كارى يوق تۇرار،
پەقەتلا بىر بالا قەلبى پىراقتا .
مەنبەسى:ئەپچىلەم