مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 16

چەكلەنمىگەن پاراڭلار (Boss) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88424
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، قىرىنداشلار! بۈگۈن سىلەرگە بىرقانچە خەلىقئارالىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلماقچى، دىققىتىڭىزنى بەرگەيسىز!
1) يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ماباينىدە ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇنىڭ چىگرا مەسىلىسى قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى. ھىندىستان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە  تەخمىنەن بىر ئىزۋوت (30-50) كۆلەمدىكى جۇڭگۇ ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي كونتىرول دائىرىسىدىن ھىندىستان تەۋەلىكىگە 10كىلومىتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ چىدىر تىكىپ ئۇرۇنلاشقان. ئەمما، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھىندىستان كونتىروللۇقىدىكى رايۇنغا كىرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. مەنچە بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىككى نوقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن؛
بىرىنچى؛ ھىندىستان ئارمىيىسى <ئۇيۇن> ئوينىماقچى. قانداق ئۇيۇن؟ 2012-يىلى ھىندسىتان مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىدىغان خىراجەت تەمىناتىنى %5 ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ پىلان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيىدىن 126دانە كۆرەشچى ئايرۇپىلان، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 197دانە يىنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سېتىۋىلىش توختامىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە مەزكۇر جابدۇقلارنىڭ ئارمىيىگە سەپلىنىش سانى جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلمىدى دىگەندىمۇ سەپلىنىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىگە سەۋەپچى بۇلىدىغان بۇلۇپ، بۇ ئىنىقلا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگۇ ۋە پاكىستان ئارمىيىلىرى بىلەن بولغان قۇرال-جابدۇقنىڭ ئىلغارلىقى جەھەتتىكى پەرقنى چۇڭايتىۋىتىشى مۇمكىن.شۇنداقلا  ھىندسىتان ئارمىيىسىنىڭ بېسىمىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.  شىۋىتسىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە2011-يىلى ھىندىستاننىڭ ھەربىي خىراجىتى %3.9 تۈۋەنلىگەن.
ئەمما، 2005-يىلىدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى شىددەت بىلەن ئاشتى.  ئوخشاش چىقىمنىڭ ئېشىشى جەھەتتە جۇڭگۇ 10يىلدا بىرقاتلىغان بولسا ھىندىستاننىڭ 2-3يىلدا بىر قاتلىشىدەك سەۋىيە كۆرۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىنىڭ %5دىن ئېشىپ كەتتى. بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئىزچىل ئېشىپ بېرىشىغا قارىتا بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمنى ئازايتىپ جەمئىيەت پاراۋانلىقى خىراجىتىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندى. بۇ مۇقەررەر <قۇدرەتلىك ئارمىيە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى >دەپ قارايدىغان ھىندىستان گىنىراللىرىنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ. بەزى ھەربىي ئەمەلدارلار؛ ئارمىيىنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش جۇڭگۇنىڭ تەھدىتىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.
مەنچە ھىندىستان شۇنداق بىر ئۇيۇننى ئويناپ جۇڭگۇ تەھدىتىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئازايتىشىنى تۇسۇپ قالماقچى.
ئىككىنچىدىن؛ جۇڭگۇ ھە قىقەتەن قۇلاقنى يۇپۇرۇپ قوڭغۇراق چېلىش تاكتىكىسىنى سىناپ باقماقچى بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما،مەنچە بۇخىل ئىھتىماللىق ئالدىنقى سەۋەپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا نىسپەتەن كىچىك. نىمىشقا دىگەندە؛ 3-ئاينىڭ ئاخىرىBRICSدۆلەت باشلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇچرىرىشىدا ھىندسىتان باش مىنىستىرى شىجىنپىڭغا؛ ھىندىستاننىڭ باشقا دۆلەتلەر جۇڭگۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى قۇرالى بۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگۇ بىلەن ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بۇ تەكلىپنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك چىگرا ماجراسى بار جۇڭگۇنى ئۇنداق ئاسان ئىشەندۈرەلىشى ناتايىن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يىڭى دىھلىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئېغىر-بېسىقلىقىنى، ئۇچۇقراقى تاقىتىنىڭ چېكىنى بىلىپ بېقىشى، ھىندسىتان بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ دائىرىسىنى ئانالىز قىلىپ چىقىشى كىرەك.  مەنچە بۇ بىر ئىزۋوت ئەسكەر قۇماندانلىق شىتابى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ ئىزىپ كەتكەن بۇلۇپ چىقىشى ياكى يېپىق قازان يېپىق پېتى يېغىشتۇرۇلۇپ چىدىرلىرىنى يۈدۈپ غايىپ بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، بېيجىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەكلىپكە جاۋاپ قايتۇرۇشقا كىرەكلىك مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ.

2)ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى فرانسىيە-ئەنگلىيىنىڭ پاراشوتچى قىسىملىرى فرانسىيىدە <بىرلەشكەن ئەزىمەتلەر> نامىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزگەن. گەرچە بۇ ئادەتتىكى بىر ھەربىي مانىۋىر بولسىمۇ ئەمما، ئەھمىيىتى خېلى زور دىيىشكە بۇلىدۇ. ھەممەيلەنگە ئايانكى بۇ ئىككى دۆلەت ناتۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى. ھازىر ياۋرۇپا ئىقتىسادى كىرزىسى ئېغىرلىشىپ ناتۇغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى ئازايتىش ياكى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزمەسلىك ئەھۋالى كۆرىلىۋاتىدۇ. بۇ تەبىئىيلا ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيلىرىنىڭ قۇرال-جابدۇق، مەشىق قاتارلىق ئەسلىھە، تەلىم-تەربىيە قۇرۇلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنچە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھەربىي خىراجەتنى ئازايتقان شارائىتتا ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئارمىيىدە كۆرۈلگەن يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى. ئۇندىن باشقا مۇھىم سەۋەپنىڭ بىرى- ھازىر ياۋرۇپانىڭ تەھدىت مەنبەسى روسىيىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن باشقا قىتئەدىن كىلىدۇ،شۇنداقلا ئۇرۇش قىلىش مەيدانىمۇ ئىزچىل يىراق نىشانلارغا سۈرىلىۋاتىدۇ. بۇخىل ۋەزىيەتتە ياۋرۇپا، بۇلۇپمۇ غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ يىراق مۇساپىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەھدىتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئەۋزەللىك ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.

3) بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا جۇڭگۇ بىرلا ۋاقىتتا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىگە زىيارەت تەكلىنىپ نامىسى ئەۋەتكەن. گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىكتە جۇڭگۇغا كىلىپ ئوخشاش ۋاقىتتا زىيارەتتە بۇلۇش ئىھتىماللىقى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى يىڭى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. قانداق دىگەندە؛ بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق ئىزچىل ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش قاينىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىرقانچە مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ تەختتىن چۈشىشى بىلەن سىياسىي بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى بوشلۇق كىچىكلەپ ۋەزىيەت مۇقۇملىشىشقا يۈزلەندى. بەلكىم، سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى ئاندىن كۆرىنەرلىك بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇخىل تىنچلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى زىددىيەتنىڭ پەسىيىشى بولماي بەلكى ئاغدۇرىلىشى بۇلىشى كۇمكىن. يەنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئاساسىدا بىرلىك گەۋدىلىنىپ زىددىيەت ئىران بىلەن ئىسرائىلىيىگە مەركەزلىشىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ئىنىرگىيە تەمىناتى ۋە سودا ساھاسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇدىغان جۇڭگۇغا نىسپەتەن ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى-كۈچىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. پەلەستىن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قىرىندىشى، ئىسرائىلىيە بولسا جۇڭگۇنىڭ ھەربىي ۋە سودا ساھەسىدە خېلى مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە دۆلەت. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا؛ جۇڭگۇنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە ئەھمىيەت بىرىشى ئوتتۇرا شەرقتە ئىستىراتىگىيىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

مەنزىل-كەمىنە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .patrol. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 02:15 PM  


ئەسلەش شېرىن ، ئۇنتۇش قېيىن .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 847 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمرېكا، ياپون - چوڭگۇونىڭ گېپى يوقما .....

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95353
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىقلار كۆرۈشكەندە مۇناسىۋەتنى  ئانداق  ياخشىلايمىز  مانداق  ياخشىلايمىز
دەپ  قويۇپ  دۆلىتىگە  قايىتقاندا ئۆزىنىڭ  بىلگىنىنى  قىلىۋىرىدىكەن،ھىندىستان
ھەربىي  چىقىمنى  سەل  ئازايتىپ    كۆپرەك  ئوبۇرنى سىلىشقا  موھتاج.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگۇ دۆلەت ئىچىدىكى خاتا تەشۋىقاتنىڭ ھەمدە غەزەپلەنگەن خەلىقنىڭ بىسىمى ئاستىدا قالدى .دۆلەت سىرتىغا نىسبەتەن ‹‹مەن ساڭا مەبلەغ سالاي سەن ماڭا قارشى چىقما››دىسە ،دۆلەت ئىچىگە ‹‹بىز چوڭ دۆلەت بولۇش سۇپپىتىمىز بىلەن ئىشلارنى قائىدە -يوسۇن بىلەن بىجىرىمىز ،خەق بىر پاي ئوق  چىقارمىغۇچە خەلقئارا قانۇننى ھىمايە قىلىمىز››دەپ تەشۋىق قىلىپ  يۇزى قىلىن سىپايە بولۇش تاقتىكىسىنى ئوينىماقتا ...ھەمما يەنە يامان ئىغىش باركىن ئۇ بولسىمۇ بىر ئاۋياماتكىغا ئىىگە بولۇپ بولۇپ بىز ئامىرىكىدىن قالسا ئاكا  دەپ ئويلاپ قالغان جوڭگۇ پۇقرالىرى چەتئەلدە ھەددىندىن ئاشماقتا ...

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاترولكا ئالدى بىلەن سىزگە رەخمەت،ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن....    ھازىر ياپونىيە باش ۋەزىرى روسىيەنى زىيارەت قىلۋاتىدۇ ،،،ئاساسلىق سۆھبەت نىشانى بولسائىككى دۆلەت ئىقتىسادى ھەمكارلىغىنى ئاشۇرۇش ھەم شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىىسى ئوخشايدۇ . (يەنە ياپونىيەنىڭ بېلىق تۇتۇش ئارىلى مەسىلىسىدە روسىيەنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرش مەقسىدىما باردەك قىلىدۇ )،،،،،،، پاترولكا ياپونىيە باش ۋەزىرى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كۆزلىگەن مەقسىدىگە يىتەلەمۇ ؟

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3530
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش دىگەننىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ!
ئېلىمىز ئاۋىئاماتكا ئۇچقۇچىلىرىنى فرانسىيە بىلەن تۈركىيە تەربىيەلىگەن. ئۇيغۇر ئەسكەر قىزلىرىمىز جىنگاڭشەن جەڭ پاراخوتلىرىدا،ئاۋىئاماتكىلاردا...
ئارمىيە دىگەن ھاكىمىيەت قۇرۇلمىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھالبۇكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئايرىلالمايدۇ.
شىمالىي كورىيەمۇ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىپ، ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەي چەكچىيىپ قالدى ئەنە...

ئاللاھتىن كەلمىسە بىكا!

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3530
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاڭخەيدە بىر پوتپولكوۋنىك بىزگە دەرس سۆزلىگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىئاماتكا ياساشتىكى دۈچكەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق ئاۋىئاماتكا پالوبىسىنى ياساشتا دىگىنى ئېسىمدە...
بىر ئاۋىئاماتكىنى ياساشتىن كۆرە ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، نۇرمال يۈرگۈزۈشىگە كىتىدىغان چىقىمى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ياسىلىش قىممىتىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى!
كۈندىلىك ئېنىرگىيە، ئۇپراش ھەققى قاتارلىقلار ئۇنداق ئاددىي چىقىم ئەمەس، شۇڭا ئامرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى توختىماي جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ئاۋىئاماتكا دىمەك تاجاۋۇز تۈسىنى ئالغان قورال. رەڭمۇ ياكى جەڭمۇ، سۇغۇققانلىق بىلەن كۈزىتىمىز... ئۇيغۇردا بىرگەپ بارغۇ «ئاتمۇ ئېشەكمۇ، مىنىپ باقساڭ بىلىسەن»

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 556
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ھازىر ئىچكىردە تۇرىۋېرىپ خەنزۇچە خەۋەر بولسىلا ئىشەنمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم!!!بۇ خەق ئۈزىنىڭ مەنپەتىگە ئازراقلا تەسىر كۆرسىتىدىغانلا بولسا خەۋەرنى ئۆزگەرتمەي قالمايدۇ.شۇڭا ھازىر جۇڭگودا ئۈلۈش ۋەقەسى بولسىلا ئۆلگەنلا سانىنى 3 كە كۆپەيتىمەن.

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

بارچە  كۈڭۈللەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2530
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8759
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-6-12
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 04:40 PM
باشلىقلار كۆرۈشكەندە مۇناسىۋەتنى  ئانداق  ياخشىلايمىز ...

نىمە   دىگەن  پاساھەتلىك    مۇنازىرە  قىلىش  بۇ     بەكا  كۈلەۈم   كەلدى    بۇگەپكە

ئىنسان  دۇنياغا  بىرلا  قېتىم  كىلىدۇ  ھاياتىنى  شات-خۇراملىق  بىلەن  ئۆتكۈزىشى  كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياساۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 04:40 PM
باشلىقلار كۆرۈشكەندە مۇناسىۋەتنى  ئانداق  ياخشىلايمىز ...

خەق گەجگىسىگە دەسسەيمەن دىۋاتسا،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش